كۇندۇزى جۇرئەت قىلالماسلىق
ئايالى:سىز تۈنۈگۈن كىچە چۈشىڭىزدە نېمە دېگەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئېرى:بىلميمەن. نىمە دىدىم؟ ئايالى:سىز مىنى تىللىغاندەك قىلدىڭىز. ئېرى: بۇ خىل ئىھتىماللىقمۇ بار.چۈنكى مەن سىزنى كۈندۈزى تىللاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن!
چاۋاك ئاۋازى
دوستى لاۋجاۋدىن سوراپتۇ:_ سەن نىمىشقا تېخىچە توي قىلمايسەن؟ لاۋجاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ: بىر قولىدا چاۋاك چالغىلى بولامدۇ.مەن بىر ئادەم ئالدىرىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ كىيىن لاۋجاۋ توي قىپتۇ، دوستى ئۇنىڭدىن قانداق تۇرىۋاتقانلىقىنى سورىغانىكەن،قوشنىسى ئاۋۋال جاۋاپ بىرىپ :_ ھەر كۈنى چاۋاك ئاۋازىنى ئاڭلايمىز،. دەپتۇ
سەمرىشىنى كۈتۈش
ھايۋاناتلار باغچىسىدا بىر ئايال پاكار،ئورۇق بىر شىر كۆندۈرگۈچىگە دەپتۇ:_سىز ھەم پاكار ھەم ئورۇق ئىكەنسىز، شىرمۇ سىزگە خەتەر يەتكۈزمەيدىكەن .شىر كۆندۈرگۈچى ئەدەپ بىلەن دەپتۇ:_ شىر مىنىڭ سەمرىشىمنى كۈتىۋاتسا كىرەك.
جاھان كەزدىلەرنىڭ سۆزى
2 كەسپى ئوغرى مەرۋايىت كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەن ئىكەن،پۇكەي ئىچىدىكى بەر چوڭ ئالماس ئۇلارنى جەلىپ قىلىۋاپتۇ.ئۇلاردىن بىرى پەس ئاۋازدا يەنە بىرىدىن سوراپتۇ:_كۆردۈڭمۇ،بۇ ئالماس نەچچە پۇلغا يارار؟ يەنە بىرى: _ بۇنىڭدا سوتچىنىڭ پىكىرىگە قاراش كىرەك،مېنىڭچە 7-8 يىل كېسىلىشكا يارۇغۇدەك دەپتۇ.
ھەقسىز مەسلىھەت سورىماق
بىر پىخسىق ئانچە تونۇش بولمىغان بىر دوختۇر بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەقسىز كېسە كۆرسىتىشنى ئويلاپ دوختۇرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: _دوختۇر،سىز زۇكام بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟_دەپ سوراپتۇ. دوختۇر كەسكىنلىك بىلەن ئاددىيلا قىلىپ:_چۈشكۈرىمەن،_دەپتۇ.
تېز خاتىرلەش ماھارىتى
دىرىكتور جاۋاپ خەت يېزىش ۋاقتىنى تىجەش ئۈچۈن ئايال كاتىپىنى تېز خاتىرلەشكە چاقىردى. ئۇ دىمەكچى بولغانلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن،سورىدى:_جاۋاپ خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىنىق بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ _ ھەئە ، ھەممىسىنى بىلىۋالدىم. بىراق سىز <<ياخشىمۇ سىز>> بىلەن<<خەير خوش>>نىڭ ئارلىقىدىكى مەزمۇنلارنى يەنە بىر قىتىم ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 08:28 PM