مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 599|ئىنكاس: 14

تەقدىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80611
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 06:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         J[JJEF4XGFV2RST[5N]33.jpg
                                                                                                                               مۇقەددىمە ئورنىدا


      كىتىۋاتىمەن ، كاللام قۇپقۇرۇق ، ھەتتا پۇت – قۇلۇممۇ ئۆز كونتىرولىقىنى يۇقاتقان .نەگە بېرىپ  نەدە توختىشىنمۇ بىلمەيمەن ...ئەگەر ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ، مىنى ئازىراق قۇدىرىتى بىلەن ئۇچالىغىدەك قىلىپ  ياراتىپ قويغان  بولسا ئىدى . قانات ياساپ يىراق –يىراقلارغا ، مىنى ھېچقانداق بىر ئىنسان تۇنۇمايدىغان يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتسەم ، مۇشۇ داۋالغۇپ قالغان كۆڭلۈم ئازىرق بولسىمۇ ئەمىن تاپقان بۇلار  ئىدى ...
خىياللار بىلەن بۇيەرگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . ئەتىراپقا قارىسام ھەممە ئادەملەر ئۆز ھەلەكچىلىكىدە . بەزىلەر قارىماققا شۇنداق  بەخىتلىك ،بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇلۇپ سۈرەتكە چۈشۋېتىپتۇ . يەنە بەزىلەر قايسىدۇر بىر مەنزىلنى  كۆزلەپ ماڭغان بولسا كىرەك ، ھېچ ئىش بىلەن پەرۋايى يوق ئالدىراش – ئالدىراش كىتىۋېتىپتۇ . يەنە بۇ يەردە ماڭا ئوخشاش خىيال بىلەن ئولتۇرغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى
تۇرۇپلا كۆزۈم  قول تۇتۇشۇپ ، كىپىىنەكلەردەك قوغلىشىپ يۇرگەن  بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇققا چۈشۈپ قېلىپ ،خىيالىم بىردىنلا بۇلارغا يۆتكەلدى.بۇلارچە ھازىر ئۇلار ئەڭ بەخىتلىك  كىشىلەر ... مۇشۇنداق  بەخىتنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتقان گۈزەل پەيتىلەردە  بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇقنىڭ خىيالىغا ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ بۇ ئادەمنىڭ جېنى ئالدىغان ئايرىلىش ئازابى ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ خۇددى شۇلارغا ئۇخشاش يۇرگەنلىرىمدە ئۇنى مىنىڭ بارلىقىم ، مىنىڭ خۇشالىقىم ، مىنىڭ ھاياتىم دەپ كىچە – كۈندۇز ئۇنىڭ خىيالى  بىلەنلا يۇرگەن. كىم بىلىدى ، ئاقىۋەتتە مۇھابىتىمنىڭ بۇنداق ئاچچق يىغا بىلەن ئاخىرلىشىشنى ؟ شۇنداق بۇلارنى بىلگەن بولسام ئىدىم كاشكى ، ھەرگىزمۇ بۇ مۇھاببەت دىگەن كىچىىككە كەچمىگەن بۇلار ئىدىم . تاس قالدىم مۇشۇ كىچىككە پېتىپ قېلىپ چىقالماي قالغىلى !


                                                                         (1)
ــمۇرات ، ئەگەر مىنى راستىنلا ياخشى كۆرسەڭ ،ماڭا ئاۋۇ گۈلىنى ئۈزۈپ ئەكەپ بەر !
ــ بۇ  باغچا رايۇنىدىكى گۈلنى ئۈزسەم بولمايدۇ جنىم ، يۇر مەن ساڭا بازاردىن گۈل ئەپ بىرەي ،قارا  ئاۋۇ يەردە قوغدىغۇچىلار بار ئىكەن ، ئۇلار كۇرۇپ قالسا ھەرگىز بوش قۇيۋەتمەيدۇ مىنى .
ــ ياق ،بولمايدۇ .ماڭا ئاشۇ گۈل لازىم .مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن ؟ ھې ، ئەمدى ساڭا قارىمايمەن ....
ــ بولدى ، بولدى ،خاپا بولما ھە قوزام ، پەقەت سەنلا خۇشال بولساڭ مەن ئوت-دېڭىزغىمۇ كىرىشكە رازى .نىمە دەپ سەن ئۇچۈن ئۇنچىلىك ئىشنى قىلالمىغۇدەكمەن ؟
ــ بۇ گەپلىرىڭ راسمۇ مۇرات ؟ مەن ئۈچۈن راستىنلا شۇنداق قۇربانلىقلارنى بىرىشكە رازىمۇ سەن ؟ مىنى شۇنداق قىلىشڭغا ئەرزىيدۇ دەپ قارامسەن ؟
ـــ ئەخمەق قىز ، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ؟ ئەلۋەتتە ئەرزىيسەن ، بىلىسەنغۇ سىنى قانچىلىك دەرىجدە ياخشى كۇرىدىغىنىمنى . ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ جېنىم ! ..
ئۇلارنىڭ شۇنداق دەپ بىر – بىرىنىڭ بۇيۇنلىرىغا گىرە سېلىشلىرىدىنلا بىرخىل خىىجىلىق ھېس قىلىپ كۆزلىرىمنى ئېپ قېچىپ باشقا ياققا تىكتىم .قۇپقۇرۇق بوپ قالغان كالللامغا بىلمىدىم نەدىن  كەلگەن گادىرماچ خىياللار .تۇرۇپ  ئۇلارنىڭ شۇ تاتلىق سۆزلىرىدىن مەنمۇ خىيالەن مەستخۇش بولسام يەنە  بىر تۇرۇپ ئىچىمنى بىر خىل ئۆزۈممىۇ چۈشىنىپ بۇلالمايدىغان ئاچچىق ھېسلار  ئۆرتمەكتە ئىدى . مەجىبۇرى ھالدا قەدەملىرىمنى باشقا ياققا يۆتكىدىم ، ئۇلارنىڭ يىنىدىن كەتمەكچى بۇلىۋاتقان بولساممۇ نىمە ئۈچۈندۇر بىر خىل كۈچ مىنى  تۇسۇپ، ئۇ قىز تەرەپكە سۆرەيتى ، سەۋەبى ئېنىقكى مەن ئۇ قىزنىڭمۇ ياق ئۇ قىزلا ئەمەس بەلكى  بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ  خۇددى ماڭا ئوخشاش ئاشۇنداق شىرىن سۆزلەرگە  ئەسىر بۇلۇپ ، كىيىن ئازاپ چىكىپ قان-ياش تۈكىشىنى ھەرگىز خالىمايتىم . ئىلگىرى  ئالدىمدا «قىزلار ئاجىز بۇلىدۇ »دىيىلسە پەقەت تەن ئالغۇم كەلمەيتى ،« نىمە ئۈچۈن بىز قىزلار ئاجىز كىلىدىكەنمىز ،ئاللاھ بىزنى پەقەت جىنىس جەھەتتىلا پەرىقلىق ياراتتى ، باشقا ئىشلاردا بىزنىڭمۇ ئوغۇلللارغا يەتمەيدىغان نەرىمىز بار ،گەرچە مەن قىز بالا بولساممۇ  خۇدا خالىسا ئوغۇللاردەك مەردانە ياشايمەن »دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەمەننا قۇيۇپ كەلگەن قەيسەر قىز ئىدىم . بىراق كىيىنچۇ؟   10يىللىق دادامدىن ئايرىلىش ئازابىغىمۇ چىداپ كەلگەن قەيسەر قىز ھازىر ۋاپاسىز يىگىتىمنىڭ  ماڭا ئاتا قىلغان قىسقا ۋاقىتلىق خۇشالىق، مىھىر –مۇھابىتىگە قىيالماي كۈندە كۆز-يېشى قۇرۇمايدىغان يېغلاڭغۇغا، ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل چىچەن –چاققان قىز ھېچ ئىش خۇشياقمايدىغان تىرىك –تاپقا ، ھەممە ئىشقا ئىشەنچ- جاسارەت بىلەن قارايدىغان ئۈمۈدۋار قىز ھازىر ھېچ كىشىگە ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان مانا مۇشۇنداق ئاجىز بەكمۇ ئاجىز بىر قىزغا  ئايلىنىپ قالدىم .شۇڭا قارىماققا شۇنچىلىك سەبى ئۇماق كۈرۈنىدىغان ئۇ قىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇنىڭ شىرىن –شىكەر گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ ، كۆز ياشلىرىنى ئەرزىمەس ئادەملەر  ئۈچۈن بىھۇدە  ئاققۇزىشىنى خالىمىدىم .ئەگەر مەندە پۇرسەت بولسا ئىدى ، بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمىنى ئېيتاتىم ، بىر ئاچىلىق( گەرچە ئۇنىڭ ئۆز ئاچىسى بولمىساممۇ مىللەت نوقتىسىدىن ئېلپ ئېيتقاندا ئۇنىڭغا ئاچا بۇلىشقا سالاھىتىم تۇشىدۇ ) سالاھىيىتى بىلەن تەربىيە قىلغان بۇلاتتىم . ھەي ،ئەمما شۇ  يىگىتىنىڭ  تاتلىق گەپلىرى ئۇنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىنى ئىرىتىپ تۇرغاندا مەن بېرىپ ئۇنىڭغا «سىڭلىم ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، ئۇ سىزنى ئالداۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئېيقانلىرنىڭ ھەممىسى سىزنى كەلتۇرۇشتىكى ۋاستە ، سىزنى ياخشى كۇرىمەن دىگەنلىرى ۋاقىتلىق ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنى مەڭگۈ دىگىنىدەك سۇيەلمەيدۇ ، بۇلار مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ، سۆزلىرىمدىن ئىبىرەت ئېلىڭ ، ماڭا ئوخشاش ياخشى كۇرۇشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۇرۇپ قېلىپ .ئۇنتالماي ئازاپتا قالماڭ »دەپ ئېيتىسام گەپلىرىمگە ئىشىنەرمۇ ؟ تىخى مىنى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي شۇنىڭ دەردىدە ساراڭ بۇلۇپ  قالغان ئوخشايدۇ دىمىسىدى ! ئەمەليەتتەغۇ ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، بەلكىم ئۇ يىگىتكە بەرگەن باھايىم خاتادۇر ...ئۇمۇ ئوغۇل بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغىمۇ شۇخىل نەزەردە قاراپ قالغاندىمەن ...
مانا  مۇشۇ خىياللار بىلەنلا بۇلۇپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن . ئۆز-ئۆزۈمگە غەيرىتلىك بۇلۇش، ئەسلىمنى تېپىۋىلىپ مەردۇ-مەدانە ياشاش توغۇرلۇق كۆپ ئىلھاملارنى بىرىمەن يۇ – نىمە ئۈچۈندۇر بۇ ئەسلىمىلەر قوينىدىن پەقەت چىقالمايۋاتىمەن ، ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت كىرەك ، چۇقۇم ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ  كىتىدۇ ...ئەمدى  بىر غەيرەتكە كىلىپ قايتىپ كىتەي دەپ تۇراتىم ئالدىمدا بىرسىنىڭ تىلفۇندا دىگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،قارىسام ھېلىق يىگىت . ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپلا گىپىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم   
ــ دىدىمغۇ ساڭا،مەن ھازىر دادام بىلەن بىللە،ئۇ تەرەپلەرگە بارالمايمەن .مەن ساڭا ئەتە تىلفۇن قىلاي ھە!
قارىشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكى ، نىمە دەۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى ، قارىشى تەرەپنىڭ بىر قىزبالا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرمەك تەس ئەمەس  ئىدى.
ــ ماقۇل، ماقۇل ،يېغلىما ھە قوزام ، دادامنى ئۆيگە يولغا سېلۋىتىپ يېنىڭغا  ھازىرلا باراي . كىم دەيدۇ مىنى ساڭا ئۆچ بۇلۇپ قالدى دەپ . ئەمدى ئۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قىلما ، شۇ سەن بەك ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسەن ...
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۇرۇكۇم قايتىدىن ئېچىشىشقا  باشلىدى . مانا مەن دىمىدىممۇ، ئوغۇللارنىڭ ھەمىسى ئوخشاش . ئاق بۆرە، قارا بۆرە، كۈلرەڭ بۆرە ھەممىسى ئوخشاش بۆرە،ـ ئادەم يەيدۇ ... يىگىتنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئېنىقكى  ئۇ كىتىدۇ ، ئەمدى گەپ ئۇ قىزنى قانداق يولغا سېلىش، بۇ ئىشقا تېخىمۇ بەك قىزىقىپ سومكامدىن تىلفۇننى ئالدىم دە يالغاندىن تىلفۇن سۆزلەشكەن بۇلۇپ ئۇلارغا يىقىنلاپ بېرىپ بىر ياندا توختاپ  قالدىم.
ــ جېنىم  ، ھازىر دادام تىلفۇن قىپتۇ ،مىنى ھەدەمنىڭ ئۆيگە  بىر نەرسە بار ، ئاپىرپ بىرىپ كەل دەيدۇ . مەن قايتمىسام بولمايدىكەن ، يۇر قايتايلى ، ئەسلى سىنى ئاپىرىپ قويسام  ياخشى بۇلاتتى ، ئەمما دادام بەك  ئالدىراپ  كەتتى ، مەن سىنى ماشىنىغا سېپ قۇياي . ئەتە كۇرۇشەيلى ھە قوزام ، مەن ئەتە ساڭا تىلفۇن قىلاي ،تىلفۇنۇمنى ساقلا .
ـــ مۇشۇنداقلا كىتەمسەن ؟ لىكىن مىنىڭ سەندىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق . تىخى ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم تۇگىمىدى . بىردەمدىن كىيىن ماڭغىن بۇلامدۇ ؟ ساڭا كۇزۇم قىيمايدىكەن ...
ــ مىنىڭمۇ شۇ قوزام، سەندىن بۇنداقلا ئايرىلىشقا مىنىڭمۇ كۇزۇم قىيمايدۇ . ئەمما ئامال يوق ، مەن ماڭمىسام بولمايدۇ .يۇر قايتايلى .
شۇ تاپ ۋۇجۇدۇمدا ئۇلغۇيۋاتقان نەپىرەتنى پەقەت بىر ئۆزۈملا بىلىمەن ، ھەي بىچارە سىڭلىم ، سىز نىمانداق ئەخمەق ، ئۇنىڭ شۇ ھىيلىگەر سۆزلىرىگە ئىىشنىپ كىتىپ بارىسىز . ئۇ سىزنى  تاشلاپ «دادىسى»نىڭ ئەمەس يەنە بىر «قوزىسى»نىڭ  قىشىغا كىتىپ بارىدۇ ، ئەمما سىز ساددىلق بىلەن يەنە ئۇنىڭغا يېپىشۋاتىسىز . ئۇنى قۇيۋىتىڭ سىڭلىم ، ئۇ سىز تۇتۇپ قالىدىغان بەخىت ئەمەس ، قۇيۋىتىڭ ! تاس قالدىم ئىچمدە شۇلارنى دەۋىتىپ ۋاقىرىۋەتكىلى .نىمىشقىدۇر بىلمىدىم ، ئۇ قىزغا ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل  مىھىر يېغىپلا تۇراتتى ، ئەگەر كىچىككىنە بىر  پۇرسەت بولسا ھەممىنى ئېيتالمىساممۇ ، ئۇنى ئازىراقلا بولسىمۇ بىر ئەسەرتىپ قۇيالىغان بولسام . ..
ئاھ،خۇدا ـ! ئۆزۈڭ شۇنچىلىك مىھرىبان ،كۇيۇمچان ، لىكىن بۇلارمۇ سەن ياراتقان ئىنسانلارغۇ ؟ قىنى شۇ  بەندىلىرىڭدىكى ئىنساپ ، قىنى شۇ بەندىلىرڭدىكى سەمىمىيلىك ؟  سەن بەندىلىرڭىنى ھەرگىز بۇنداق رەزىللىك ، پەسكەشلكى بىلەن ياراتمىغان .ئەمما ھەي بۇ ئادەم دىگەننى قارا  ! تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس،يەنە تىخى  نىمىدىگەن تاتلىق ئېيتىلغان رەزىل سۆزلەر ئۇ ! پەقەت ماڭا ئوخشاش مۇھاببەتنىڭ ئاچچىقنىى تېتىغان ئادەملەر ئويلاپ يىتەلىگەن بىلەن بۇ سۆزلەرگە ،ئەمما ئۇ سىڭلچاققا ئوخشاش مۇھاببەت بۇشۈكىدە ئەلەيلىنۋاتقان « قوزىلار» ھەرگىزمۇ بۇ ساختا مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى چۇشنەلمەيدۇ . ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق بولغان ، ئۇمۇ ئاشۇ يىگىتكە ئوخشاش بىر تىلفۇن بىلەن قايتىپ كىتەر بولسا ئۇنىڭ يولىرىغا ئامانلىق تىلەپ كىتەتىم . ئۇنىڭ باشقىلار  بىلەن تىلفۇن سۆزلىشىپ توختاپ قالسا ، تىجەشلىك بىلەن يىغىپ قويغان پۇلىرىمنى ئۇنىڭغا تىلفۇنىغا قاچىلايتىم . ئشقىلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققاننىڭ ھەممىسى راسىت، مىنى ھەرگىز ئالدىمايدۇ دەپ بىلگەن ئىكەنمەن ، ھەتتا يېرىم كىچىدە ئۇنىڭ تىلفۇننى بىرسى ئېلىپ مىنى ھاقارەتلەپ ، مەن ئۇنىڭ« خۇتۇنى «دىگەندىمۇ ،ئۇنىڭ « جېنىم ، خاپا بولما ، تىلفۇننى ئالغان مىنىڭ سىڭلىم ،  ئۇ سىنى نىمە دەيدۇ دەپ شۇنداق دەپ قويدى »دىگەندىمۇ گەپلىرىنى راست دەپ بىلىپ ، ئۇنىڭدىن ھېچ بىر گۇمانلانمىغان ئىكەنمەن . ئۇ ماڭا شۇ شىرىن مۇھاببەت ئاتا قىلغان كەڭ قورساقلىق ئىكەن ،ئەمدى ئويلاپ باقسام نىمە دىگەن ئەخمەقلىق ئۇ، ئىسىت ئۇنى دەپ قىلىپ  كەتكەنلىرىم ، ئۇنى دەپ بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەن ۋاقىتلىرىم ...
ــ ۋەي ،تىچلىقمۇ ھەدە، قانداق ئەھۋالىڭ ؟ مەن شۇ باغچا دەريا بۇيىدا ،بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشۋاتقان ، ھازىر قايتاي دەپ تۇرىمەن .
ـــ ...........
ـــ شۇنداقمۇ ؟ بۇلىدۇ ، ئەمسە مەن سىنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي ، سال تۇرۇپ كۇرۇشەيلى.خوش.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ پۇت –قوللۇرۇمغا بۆلەكچىلا جان كىرگەندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا  پۇرسەت چقىدىغان بولدى .نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئىشقىلىپ  كۆڭلۈمدىكىنى ئۇنىڭغا  بىر ئېيتىۋالسام ، بۇ مەن ئۈچۈن ھازىرقى چوڭ بىر خۇشاللىق .
ئۇ قىز يىگىتگە ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئاچىسىنىڭ بۇيەرگە كىلىدىغىنى، ئۇنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرىدىغىنى ئېيتىپ يولغا سېلىپ  قۇيۇپ يالغۇز قالدى . قارىسام-قارىسام قارىغۇم كىلىپلا تۇرىدۇ ، ئىچ-تېشىدىن بىر خىللا مۇھاببەت يېغىپ تۇرىدۇ ، قارىماققا شۇنچىلىك سەبى ،شۇنچىلىك  ئۇماق ،ئىچىمنى كۆيدۈرۈپلا تۇراتتى . خۇددى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلاپ تۇرۋاتقان بىر نەرسە باردەكلا ...لىكىن نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا شۇنچە تەررەدۇت قىلساممۇ ،ۋۇجۇدۇمدا يەنە بىر خىل جىدىيچىلىك .ئاخىر ئۈمۈدكە كىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم .ئەمەليەتتە ئۇ قىزمۇ خېلىدىن بىرى مىنىڭ بۇ يەردە يالغۇر ئايلىنىپ يۇرگىنىمگە دىققەت قىلغان ئىكەن .ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قۇر سالاملىشىپ بولغاندىن كيىن ھەممنى ئەسلىمىلىرىمدىن باشلىدىم .


                                                                   (2)
ــ «ئاپا ، پەقەت سىزگە بۇنىڭ گەپلىرىلا گەپ ، بىزنىڭ گەپلىرىمىز بىلەن خۇشىڭىز يوق ،ئۇنىڭ ئېغىزىدىن نىمە چىقسا بۇ ئۆيدە شۇ بۇلىدۇ ، بىزمۇ سىزنى ئويلاپ شۇنداق دەۋاتىمىز. ھېلىمۇ دادام يوق شۇنداق يىللاردىن بىرى بۇ ئۆيدە ھەم دادا ھەم ئاپا بۇلۇپ بالام –بالام دەپلا ياشاپ كەلدىڭىز ، تارتقان جاپالىرىڭىز ئەمدى يىتىپ ئاشار. بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ ئارزۇ –ئارمانلىرىنى يوققا چىقارغۇمىز يوق ، ئەمما ئۇنى يەنە ئۇقۇتىمەن دىسىڭىز بارلىق جاپا كىمگە بۇلىدۇ؟ سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا ، داۋالىنامسىز ياكى ئۇنى ئۇقىتامسىز ؟ئۇقۇتسىڭىزمۇ نەدىكى پۇلغا ئۇقۇتىسىز ؟ سىزدە نەچچە يىللاردىكىدەك يەر تېرىغۇدەك ماغدۇر  يەنە بارمۇ؟ ھازىر سىزنىڭ ئۇنى ئەمەس ،ئۇنىڭ سىزنى ئويلايدىغان ۋاقتى كەلدى ، ئەگەر سزگە ئىچى ئاغىرسا ئارزۇ- ئارمان دىگەننى تاشلاپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ سىزگە ۋاپادارلىقىنى كۆرسەتسۇن» !...
يان ئۆيدە ئولتۇرۇپ چوڭ ھەدەمنىڭ زەردە بىلەن ئاپامغا دەۋاتقان گەپلىرىنى ناھايتى ئېنىق ئاڭلاپ تۇرۋاتىمەن . يۇقىرلاپ ئۇقۇش ئارزۇيۇم شۇنچىلىك كۈچلۇك بولسىمۇ تۇرۇپلا ھەدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، يۇرۇكۇم ئېچىشىپ يېغلاپ كەتتىم . دىمىسىمۇ مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەن ۋاقىتلىرىم مۇستەقىل ھالدا ئاپامنىڭ ھالدىن گەپ يوق خەۋەر ئېلىپ كىتەلەيتىم . ئەمما ئويلاپ باقسام ،دىمىسىمۇ شەخسىيەتچىلىك قىلىپ پەقەت ئۆۈمنىلا ئويلاپ يۇقىرلاپ ئۇقۇيمەن دىگەن پىكىرىمدە چىڭ تۇرۋاپتىمەن .يەنە كىلىپ  ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ماڭا بەش قولدەك ئايان تۇرسا ،شۇ جاپاكەش ئاپامنىڭ بىر يۈلەنچۇكسىز ، ئەركىشىسىز،كىسەلچان ھالەتتە بىر  ئۆينى  مۇشۇنچىلىك شارائىتقا ئىگە قىلمىغىمۇ ئاسان بولمىدى ، تۆتىنچى ھەدەممۇ مىنى كىچىك، مەكتەپتە ئۇقۇۋاتدۇ . ئاپام كىسەلچان دەپ كەلگەن چاقىرقىنى باشقىلارغا ئۇتۇنۇپ بىرىپ نەچە يىل  مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگىچە ياخشى ئۇقۇشۇم ئۈچۈن ماڭا شارائىت ھازىرلاپ ،ئائىلىدە ئاپامنىڭ قۇلىغا قول،پۇتىغا پۇت بۇلۇپ ئۆينىڭ جاپاسىنى تەڭ تارتتى .ھەتتا تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنمۇ يەنە ئاپامغا ئىزچىل تۈردە ۋاپادارلىقىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۋاتقان يەنە بىر «ئاپام»مۇ دەل شۇ .مەنچۇ  
ئاپامغا ھېچ نەرسە قىلىپ بىرەلمىدىم ، ئەمدى بولسىمۇ ئاپامنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالاي ، بۇ ياشتا ئۇنى يەنە ئېتىز-ئېرىقتا ئىشلەتسەم بولمايدۇ ...مەن چۇقۇم ۋاپادار بالا بۇلىمەن ...
   كۆز ياشلىرىمنى سۇرتىۋىتىپ ئاپامغا ئۇقۇمايدىغانلىقىمنى ئېيتىش ئۈچۈن ئۆيدىن چقىپ يەنە  توختاپ قالدىم .
ـــ «بىلىمەن ،سىلەرمۇ مىنى ئويلاپ شۇنداق دەۋەتىسىلەر . ئەمما مىنىڭ كۆڭلىمنى سىلەر ھەرگىز چۈشەنمەيسىلەر،  بىز ئانا ئۈچۈن ، پەرزەتنتلىرىنىڭ خۇشالىقىنى كۇرۇشتىن ئارتۇق بەخىت يوق ، ھېلىمۇ شۇنچە يىللاردىن بىرى پەقەت سىلەرنىڭ خۇشالىقىڭلار ، كۇلكەڭلارلا مىنىڭ ياشىشىمشا زور ئۈمۈد ئاتا قىلىپ كەلدى. مەن تارتقان جاپايىمنى ئەمەس ئولتۇرسام قوپسام پەقەت سىلەر بەش قىزلىرىمنىڭ،بەش گۆھىرىمنىڭ بەختىنىلا ئويلايمەن .سىلەر چوڭ ئۈچۈڭلار رەھمەتلىك داداڭلارنىڭ بارىدا قىلىمەن دىگىنىڭلارنى قىلىپ ، ئالىمەن دىگىنىڭلارنى ئېلىپ شادىمان ياشىۋالدىڭلار . كىچىك ئىككىسىچۇ ؟ سىلەرمۇ ئۇلارنى ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار. داداڭلار تۇگەپ كەتكەندە ئۇلار نەچچە ياش ؟ داداڭلار بار شۇنداق ياخشى شارائىتتا زورلاپ ئۇقۇتىمەن دىسە ياق دەپ يېغلاپ يېتىۋالغان سىلەر شۇ .ئەمدى ئۇلار بىز ئۇقۇيتۇق دىگەندە قىنى شۇ داداڭلار ؟ رىسالاتنىمۇ ئۇقۇشىدىن قۇيۇپ بەك بىئارام بولغان ئىدىم . ئۇ چاغلار سالامەتلىكىم  بەك ناچار ، مەندە قايتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى ئۇقۇتقۇدەك شارائىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇقۇتالمىدىم . مانا ئۇمۇ ھازىر ئائىلە ئايالى بۇلۇپ ،خەققە ئىشلەپ يۇرۇيدۇ ، شۇ ئىشلارنى ئويلىسەملا يۇرۇكۇم قان يېغلايدۇ . ئەمدى كىچىكىگە كەلسەم ، بۇ گەپنى ئېغىزمدىن چىقاردىم ،خۇدا خالىسا جېنىم تىنىمدىلا بولسا چۇقۇم قىلىمەن . ئازۇسى بۇيچە ئۇنى قانچىلىك ئۇقۇتالىسام شۇنچىلىك ئۇقۇتىمەن . ئۇنىڭغا دادسى يوق شۇڭا ئۇقۇيالماي قالغىنى ھەرگىز ھېس قىلدۇرمايمەن . ئۇنىڭ دىلى سۇنۇق ،ئەمدى ئۇنىڭ يەنە يېغلىغىنى كۆرگۈم يوق ، ئۇ يېغلىسىلا مىنىڭ يۇرۇكۇم تەڭ يېغلايدۇ . يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئۈنى تېشىغا چىقمىغان بىلەن بەك ئاچچى يېغلايدۇ.  بىلەمسىلەر ، داداڭلار تۇگەپ كەتكەندە ئۇ ئالتە ياشقا ئەمدى كىرگەن . داداڭلارنىڭ نامىزى بولغان كۈنى ئالدىمغا كىلىپ «ئاپا،بىزنىڭ ئويدە توي بولدىما ؟ توي بولسا مۇشۇنداق جېق ئادەم كىلىدۇ ھە-!»دەپ سورىغان .تىخى دادىسىنىڭ مىھر –مۇھابىتىگە قانماستىلا دادىىسدىن ئايرىلدى بىچارە قىزىم .كىچىكلىكىدە  بىلىنمىگەن بىلەن چوڭ بولغانسىرى ئۇنىڭغا دادا قەدىرى خېلى بەكلا ئۈتۇلدى . ئۇ چاغلاردا سىلەرچۇ ؟ داداڭلار خىيالىڭلارغا كىرسە كىرىدۇ بولمىسا يوق . ئۇنىڭ ئازابىنى پەقەت مەنلا بىلىمەن ،مەنلا چۇشىنىمەن ،چوڭ بولغانسىرى دائىم ئۇنىڭ يالغۇر ئولتۇرۇپ يېغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدىغان قېتىم سانىم كۇپۇيۇپ قالدى ،شۇ چاغلاردا مىنىڭ قانچىلىك بىئارام بۇلىدىغىنىمنى بىلەمسلەر ؟ سىلەر، سىز ھەمىدىن بەك شۇنىڭغا ئامراق بىزگە كۇيۇنمەيسىز دەيسىلەر ، قانداقمۇ مەن سىلەرگە كۇيۇنمەي؟ بۇدۇنيادا پەرزەنتىگە كۇيۇنمەيدىغان ئاتا –ئانا يوق ، پەقەت ھەر بالىنىڭ ئوتى بىر –بىرىگە ئوخشىمايدۇ شۇ »...ئاپام شۇلارنى دەۋىتىپ قاتتىق يېغلاپ كەتتى . مىنڭمۇ يۇرۇكۇم خۇددى پارتىلاپ  كىتىدىغاندەك ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئۆرتىمەكتە .قاتتىق سالماق تۇرغان ھەدىلىرممۇ بىلمىدىم ،بىردەمدە يېغلاپ ئېقىپ كەتتى ، خۇددى ئۈيىمىزدە بىرسىگە ھازا ئېچىۋاتقاندەك ،يىغا ئاۋازى ئۆي ئىچىنى  بىر ئالدى ...
  بىر قانچە كۇندىن  كىيىن ياتاق ئۈيۇمدە كىتاپ  كۇرۇپ ئولتۇرسام چوڭ ھەدەم  قۇلىدا بىر بولاقنى كۇتۇرۇپ كىرىپ  كەلدى ، ئۇ ماڭا خاتا قىلغانلىقىنى ، مىنى مەكتەپتە ئۇقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇشۇم توغۇرلۇق كۆپ تەربىيەلەرنى قىلىپ ،قۇلىدىكى بولاقنى ماڭا سۇندى ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىنىڭ بىر يىللىق ئۇقۇش پۇلۇم بار ئىدى . يەنە ئۇ ئاخىردا مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كۇنى ئۆزىنىڭ ،مەن بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ چىقىپ  كىتىشى بىلەن قۇلىدىمدىكى پۇلغا قاراپ يەنە يېغلاشقا باشلىدىم ، بەزىدە ئاچچىق –ئاچچىق گەپلەرنى قىلۋالغان بىلەن  يەنىلا قېرىنداش ئەمەسمۇ بىز ! ( ئۇلۇغ ئاللاھ بەرگەن كۇنلىرىڭىزگە مىڭ شۈكرى ، مەن چۇقۇم ياخشى ئۇقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى چۇقۇم قايتۇرىمەن )!
مانا مۇشۇ ئۈمۈد بىلەن ئۇقۇشقا كىرشىپ كەتتىم . ھەر قېتىم قۇلۇمغا بىر كىتاپ ئالسام ئاپامنىڭ شۇ قېتىمقى مەن ئۈچۈن ئېيتقانلىرى ۋە كۆز يازشلىرى يادىمغا كىلىدۇ .مەكتەپتىكى ئۇقۇشۇممۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ . دۇئالىرىمنى خۇدا قۇبۇل كۆرگەندەك ھەر نىمە بولسا ئاپامنىڭ سالامەتلكىدە زور ياخشىلىنىش بولمىسمۇ ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى ياخشى . يەر دەسسەپ تىمەن يۇرۇيدۇ . ھەر يىلى مەكتەپتە مۇنەۋۋەر ئەلاچى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ باھالانسام ئاپامغا يەنە  بىر جان كىرىدۇ . ئۇقۇشمنىڭ بىرىنچى يىلىنى ئوڭۇشلۇق تۇگىتۋالغاندىن كىيىن ، ئاپامنىڭ پۇلىغىلا قاراپ تۇرماي بىر تەرەپتىن ئىشلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدۇم ، قىز  بالا چوڭ بولغانسىرى چقىممۇ كۇپۇيىدىكەن .دەسلەپ كۇنەلمەي ھارغىنلىق ھېس قىلىپ  قالغان بولساممۇ ۋاقت ئۇزارغانسىرى  ھەممە ئىش ماڭا نۇرمال بىلنىدىغان بولدى .ئەمما ئۇقۇشۇمنى تۇگەتكۇچە بۇ ئىشلاردىن ئاپامنى خەۋەردار قىلمىدىم ، بولمىسا ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك ئازاپلىنىدىغىنى ماڭا ئايان .
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭغا قارىسام كۆز چاناقلىرىدا ياشلاپ ئەگىپ كىتىپتۇ . ئۇنىڭ تۇرقىدىن مەن ئۈچۈن قاتتىق بىئارام بۇلۋاتقانلىقىنى ، باغرىنىڭ قانچىلىك يۇمشاقلىقىنى كۆرۋالماق تەس ئەمەس.گەپ بىلەن  بۇلۇپ كىتىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي ئوتۇرۇۋىرىپتۇق . بىز بۇ يەردە ئولتۇرغانغا ئاللىقاچان 2 سائەتتىن ئېشىپ كىتىپتۇ .  قىزىق ئىش ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسىمۇ خۇددى بىزنى پاراڭلىشۋالسۇن دىگەندەك شۇنچە ۋاقىتن بىرى كەلمىدى  . مەن ئۆزۈمنى ئەمەس ئۇنى ئويلاپ  قالدىم . ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، ئۇ قايتىپ  كىتىشى كىرەك .ئۇ ئەمدى قايتمىسا ئۆيدىكىلىرى چۇقۇم خاپا بۇلىدۇ . ئەمما ئۇنىڭغا دەيدىغانلىرىم تىخى تۇگىمىگەن تۇرسا ، يا بولمىسا ئۇنى باشقا ۋاقىتتا يەنە ئىزدەي .ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى دەپتىم، ئۇ بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ بىر خىل مەيۇس ھالەتتە تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ قويدى . ۋاھ ، قاراڭە بۇنىڭ ئۇماقلىقىنى ، ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۇرۇپ ! نىمانداق ئامراقلىقىم كىپلا تۇرىدىغاندۇ بۇ جىنتەككە مىنڭ ! بەلكىم نەۋرە ئاچىسىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئاران يادىغا يەتكەن بولسا كىرەك، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىۋىدى،تىلفۇنى ئىتىك چىقتى .ئەمدى بىزمۇ ئايرىلىشىمىز كىرەك ، ئەمما مىنىڭمۇ ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى . ا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۈيۇمنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ قالدى . مەن ئۇنىڭغا ئۈيۇمنىڭ بۇيەردە ئەمەسلىكىنى ،ھازىر شىركەتنىڭ ياتىقىدا تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم . ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭاپلا چىرايىغا كۈلكە يۇگۇرتۇپ « ھەدە ، مىنىڭ سىز بىلەن ئاخىرغىچە پاراڭلاشقۇم بار ،گەرچە بىز تۇنۇشقىلى پەقەت بىر قانچە سائەت بولغان بولسىمۇ سزىنى خۇددى ئۆزھەدەمدەكلا كۇرۇپ قالدىم  ، ماڭا ئاخىرغىچە ھەدە بۇلۇڭچۇ ؟ مەنمۇ سىزدەك بىر ئاچىغا مۇھتاج ئىدىم ، بىزنى تەقدىر ئۇچىراشتۇردى ، بۇ دىگەن تەقدىر ...» دىدى . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ شۇنداق مەنمۇن بولدۇم . بايا ئۆزۈم يالغۇز كەلگەن چاغدىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىياتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى . ناھايتى  تىزلا ئۇنىڭغا ئاچا بۇلۇشنى خالايدىغىنىمنى ئېيتىپ ماقۇل بولدۇم . ئۇ چاققانلىق بىلەن بوينۇمغا گىرە سېلىپ مىنى قۇچاقلىۋالدى ، دەسلەپ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق چىڭ قۇچاقلاشلىرىدىن ئەندىككەن بولساممۇ ، كىيىن ۋۇجۇدۇمغا ناھايتى ئىللىق  بىر خىل سىزىمنىڭ تارالغانلىقىنى   بىلىپ خاتىرجەم بۇلدۇم . بەك يامان، ئەقىللىق جۇمۇ  ئۇ! بىردەمدىلا گەپ ئېغىزىمدىن چىقىپ  بولغۇچە كۆڭلىدە پىلانمۇ تۇزۇپ بوپتۇ .
ــ ئاچا ، ناھايتى ئاددى بىر شەرتىم  بار ، ماقۇل دەڭ.
مەن ئۇنىڭچىلكمۇ ئەقىللىق ئەمەسمۇ ياكى ھاياجاندا شۇنداق بولدىمۇ ،  نىمە دەيدىغىنى بىلمەيلا ماقۇل دەۋەتتىم .ئۇ ماقۇل جاۋابىمنى ئالغاندىن كىيىنلا پىشىمگە مەھكەم ئېسىلدى .ئۇ مىنىڭ يامان يىرىمىدن تۇتىۋالغان ئىدى.
ــ ئاچا . بۇگۇن بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلى ،دادام-ئاپاملار ئۆيدە يوق . بولغان بولسىمۇ ھېچقىسى يوق ،شۇ دىمەكچى سىز خىجل بولغۇدەك ئادەممۇ يوق ئۆيدە . يەنە كىلىپ قايتىسىڭىزمۇ ياتاققا قايىتىپ كىتىدىكەنسىز ،ماقۇل دەڭە ئۇماق ئاچا ، ئاچام بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئۆيگە قايتايلى ،يەنە كىلىپ سىز ماڭا ماقۇلمۇ دەپ بولدىڭىز...شى شى شى شى ....
بىز تۇنۇشقىلى بىر قانچە سائەت بۇلا –بولمايلا ئۇنىڭ ئۈيىگە بارسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن ، بىراق كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام مىنى ئۇنىڭغا باغلاپ تۇرۋاتقان بىر نەرسە بار ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم  يوق ، قارىڭە ئۇنىڭ تاتلىقلىقىنى  تېخى مىنى ئۇماق دەۋاتىدۇ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا نىمانداق ئۇستا...  شۇنداق ئۇماق تۇرسا ئۇ، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىچى كۆيمەي تۇرسۇن ئادەمنىڭ! بەلكىم ئۇنىڭ يىگىتىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئۇماقلىقىغا راست كۆيگەندۇ ياكى يالغاندۇ .ياق يالغان ، چۇنكى مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغان تۇرسام .ئويلاپ باقسام مەن تىخى ئۇ توغۇرلۇق ھېچ نەرسە دىمەپتىمەن ، بۇنداقلا قايتىپ كەتسەم بولمىغۇدەك ، كىيىن پۇرسەت بارمۇ يوقمۇ بۇنى بىر خۇدا ئۈزى بىلىدۇ ...
ھەي ، ئۆيدە ئاتا- ئانىىسى بولمىسا نەچچە كۇندىن يالغۇز تۇرغان بولغۇيمىتى بۇ قىز ئۇيدە ،تۇرۇپ سورىغۇم كىپ قالدى :
ـــ چوڭلار كەتكىلى قانچە كۇن بولدى ىسڭلىم ؟
ـــ بۇگۇن ئالتىنچى كۈنى .
ـــ قاچان قايتىپ كىلىدۇ ؟
ــــ ئۇلار شىمالى شىجاڭغا ئۇرۇق تۇققان يوقلىغاچ ساياھەت قىلغىلى كەتتى ، يەنە نەچچە  كۇندە تۇگەيدۇ ساياھىتى بۇنى بىلمەيمەن .
ـــ ھە، ئالتە كۈندىن بىرى يالغۇز تۇردىڭىزما ؟ قورقمىدىڭىزمۇ ؟ مەنمۇ ھەتتا تا ھازىرغىچە ئۆيدە  يالغۇز قېلىشتىن قورقىمەن ، سىز بەك يۇرەكلىك ئىكەنسىز جۇمۇ «سەت» جىنتەك؟
ــ ھې ھې ھې، مەن شۇنداق يامان،قاراڭغۇدىنمۇ قورقامدۇ كىشى ! تىخى بىلمەيسىز ، ئىچىم سىقىلىپ قالسا جىن –شەيتانلار بىلەن ئېلىشىپ چىقمەن ....
گەپلىرى ئاڭلاپ مىنى بىرخىل تىترەك بېىسپ كەتتى ، ئۆزىمۇ سەل ئاشۇرۋەتكىنىنى ھېس قىلغان بولسا كىرەك ئۇ شەيتان ،ئاخىرىغا قۇشۇپلا :
ـــچاقچاق قىپ قويدۇم ئاچا، ئويدە مەندىن باشقا يەنە  بىر ئاكام بار ،لىكىن خاتىرجەم بۇلۇڭ ، ئۇ بەرىبىر بۇگۇن كەچتە قايتىپ كەلمەيدۇـــ دىدى.
ئۇنىڭ ئۇيىدە ئاكىسى بارلىقىنى ئاڭلاپلا قەدەملىرىم مېڭىشتىن توختاپ قالدى.تۇرۇپلا تىنىمنى  بىر خىل جىدىيچىلىك قاپلاپ،  يۇرۇكۇمنىڭ سۇقۇشى تىزلەپ ،غەلىتە بوپ قالدىم . باياتىن بىرى كېچىچە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمدىكىنى ئېيىتىش خۇشالىقىدا بولسام ،ئەمدى ئۆزىممۇ چۈشەنمەيدىغان  بىر خىل كۈچ مىنى بۇ يولدىن توسۋاتاتتى .ئەمما ئۇنىڭغا ۋەدىنى بىرىپ قويدۇ ، قانداق چۇشەندۇرەرمەن ؟ تۇرۇپلا گىپىمنى ئۆزگەرتىۋالسام تۇنجى قېتىم ئاچا ئوبرازىمغا تەسىر يىتىدىغان بولدى .قانداق  قىلىش كىرەك ؟
ـــ سىڭلىم . ئويلاپ باقسام يەنىلا ىسلەرنىڭ ئۆيگە  بارسام مۇۋاپىق بولمىغۇدەك .باشقا كۈنى ۋاقىت چقىرىپ پاراڭلىشايلى بۇلامدۇ ؟
ئۇ ھېچ نىمە دىمەيلا مەيۇس ھالەتتە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپتى ، ئىچىم بىر قىسملا بوپ قالدى .ئەسلى ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كىرەك ئىدى ، لىكىن...
ــ ئاچا ، بايا مەن سىزگە چاقچاق قىپ  قويسام راسىت دەپ قاپسىز ھە ! مەنمۇ يالغۇرلۇقتىن قورقىمەن .بۇگۇن ئاكام راسلا كەلمەيدۇ ، ئەگەر سىزمۇ بارمىسىڭىز مەن قورقىمەن ، مىنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭە بۇلامدۇ ؟
گەرچە بارغۇم كەلمەيۋاتسىمۇ لىكىن يەنىلا يالۋۇرۇپ ئيتقان سۆزلىرنى رەت قىلالماي ئۇنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدۇق ...
ئۆي ئىىچى مىللى پاسۇندا ناھايتى ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ، قارىماققا ئۇلارنىڭ كادىر ئائىلسى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتىتى . تۇرۇپ كۇزۇم مىھمانخانا تېمىغا ئېسىلىق تۇرغان چوڭ جازىغا ئېلىنغان بىر ئائىلە كىشىلىرى خاتىرە سۇرىتىگە چۇشۇپ  قالدى . تىخى بايىلا ئۇماڭا بىر ئاكام بار دىگەن. ئەمما بۇسۈرەتتە ئۇنىڭ ئاكىسى يوق ، ئۇ  ماڭا يالغان ئېيتىپ قويغانمىدۇ ياكى ...مەن بۇلارنى خىيال  قىلىپ بولغۇچە ئۇ ئالىقاچان خىيالىمنىڭ تىگىگە يىتىپ بولغان گەپ ، خىيالىمنى بۈلۈپلا دىدى:
ــ ئاكامنى ئويلاۋاتىسىز ھەر قاچان . بۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دادم-ئاپالارنىڭ توي خاتىرە كۇنى چۇشكەن سۇرەت .ئۇ چاغلاردا  ئاكام بولمىغاچقا ئۇ ئايرىلىپ قالغان ، بىزمۇ ئۇنى ساقلاپ تۇرمىدۇق  شۇ .يەنە كىلىپ ئاكام مۇشۇ سۇرەت دىگەنلەرگە دىگەندەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ ، ئۈچىمىزنىڭ سۇرىتى تامدا ئېسىقلىق تۇرسىمۇ ئاراڭلاردا مەن يوق دەپ مەيۇسلىنىپمۇ قويمايدۇ .ئۇنىڭ بۇ چۈشەندۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم .
قاراڭ ،ما ئۇنتۇغاقلىقىمىزنى ،ئاچا – سىڭلىم دىييىشىپ بىر –بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ سوراشماپتۇق .
ـــ ھە راسىت سىڭلىم ، تېخىچە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلمەيمەنغۇ مەن .
ـــ ئىسمىم مۇيەسسەر، ئاتا ئىمسىم مۇختەر .ئاپامنىڭ ئىسمى ماينۇر ، ئاكامنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر.
ــ ۋاي ۋۇي ئىسمىڭىزنى سوراپ قويسام بەكلا ئەستايىدىل تۇنۇشتۇرۋەتتىڭىزغۇ؟
ئولتۇرۇپ  ئۇنى بۇنى دىيىشكەچ قۇرساقنى توقلاپمۇ بولدۇق . سائەت ئالىقاچان 11بوپتۇ .كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس . ئۇغۇ ئەسلا ، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئاغزىمدىكى گەپكە تەلمۈرۈپلا ئولتۇرۇپتۇ . بىزمۇ ياندىشىپ يېتىپ گىپىمنى باشلىدىم ...

                                      

                                                                        (3)
ــ كىچىكمدىن مەن بىلەن تەڭ يىتىلگەن بىر ئادىتىم ، مەن پۇرسەتنى قەدىرلەشنى بىلىمەن ، تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپلا كەلگەن بولساممۇ گەرچە بۇ مەكتىپىمگە ، شۇندىن باشلاپ مىنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى . ئاران كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئىجتىھات بىلەن ئۈگەندىم .قۇلىقىمغا ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ گىپى كىرىپمۇ قويمايتى ، ئەلۋەتتە دەسلەپ ساۋاقداش دوستلىرىمنىڭ «ياۋايى ، ئادەمگە ئارلاشمايدۇ ، ئۇيۇن ئويناشنى ،كۈلۈشنى بىلمەيدۇ »دىگەندەك گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم ئەمەس . ئەمما كىيىن ئۈزۈمگە ، سىنىپىمغا ، فاكۇلتىتىمغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىم ئۇلارنى قايىل قىلىپ ، بۇ خىل كۆز قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى .مەنمۇ ياخشى نەتىجىلىرىم بىلەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدىم .بايا ئېيتقاندەك ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم .كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىق بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى ، ئالى مەكتەپ ھاياىتىدا ئوغۇللارنىڭ گەپ سۆزلىرى قۇلاققا كىرمەيدۇ دىسە يالغان بۇلىدۇ ، بەزى يىگىتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىزدىن ، ئۆۈزىدىن بولمىسا دوستلىرىنىڭ ، دوستلىرىمنىڭ ئېغىزىدىن ئۇبۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . ئەمما بۇ گەپلەر قۇلىقىمغا تەسىر قىلغان بىلەن يۇرۇكۇمگە تەسىر قىلغان ئەمەس . ئەنە شۇنداق قەتئىيلىك بىلەن ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرجەم ئۇزاتتىم .ئەسلى ئەقلىم  بىلەن ئىش كۆرگەن بولسام بۇ ئازاپلارمۇ يوق ماڭا ،لىكىن 4يىلى بىلەن تەڭ ، نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغىرقى كۆڭلۈمگە ئىز بېسىپ كەلدى .
   بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن سىنىپ مەسئۇلۇم ماڭا تىلفۇن قىلىپ بىزنىڭ گۈزەل –سەنئەت ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئالماشقالىقىنى ، بۇگۇن كەچتىكى سىنىپ يىغىنىغا ئۈزى  بىلەن بىللە ئېلىپ كىرىدىغانلىقى ، سىنىپ خاتىرىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى ياخشى تەييارلاپ قۇيۇشۇمنى ئېيتىپ تىلفۇننى قۇيۋەتتى .مەنمۇ تىلفۇننى قۇيۇپلا جىددى تۈردە تىخى تەييارلاپ بۇلالمىغا سىنىپ يىغىن خۇلاسە خاتىرەم دىگەندەك نەرسىلىرىم بىلەن بۇلۇپ كەتتىم .ھەر ھەپتە يەكشەنبە كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدە ھەپتىلىك سىنىپ خۇلاسسە يىغىنى ئېچىلاتتى ، ئادەتتىمۇ  مۇشۇ ئشلار ئۈچۈن خېلى ۋاقىت چىقىراتتىم . ئەمما بۇگۇن خېلى بەكلا كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلدىم ،بۇگۈن  تېخىمۇ ياخشى جانىلىق بۇلىشى كىرەك ، چۈنكى سىنىپىمىزدا يەنە بىر مۇئەللىم بار ئەمەسمۇ ؟
  ۋاقىت  تۇشۇپ مۇزاكىرە باشلىندىغانغا يەنە 15 مىنۇتلاچە قاپتۇ ، مەنمۇ ئاغزىم قىچىشقاندەك نەدىن دىدىم سىنىپتىكى باللارغا گۈزەل-سەنئەەت ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئالماشقانلىقىنى ، بۈگۈن كەچتە سىنىپ يىغىنىمزغا قاتنىشىدىغانلىقىنى .بىردەمنىڭ ئىچىدە تىخى كەلمىگەن يىڭى مۇئەللىم ھەققىدە بەس مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى . مەنمۇ ئادەتتە قاتتىق تەلەپچان سىنىپ باشلىقى نىمە بولدۇم ، ئۇلارغا ئوخشاش يىڭى مۇئەللىمنىڭ خەۋىرىنى  ئاڭلاپ ئازىراق ھاياجانلىنىپ قالدىممۇ قانداق سىنىپ تەشكىلەشنى ئۇنتۇپ ئۈزۈمنىڭ پارىڭى بىلەن بۇلۇپ كىتىپتىمەن ،
ــ ئاداش ، ئۇ مۇئەللىم ئەرمىكەن ،ئايالمىكەن ؟
ــ قېرىمىكەن ياشمىكەن ؟
يەنە كىمدۇر  بىرسىنىڭ مازلاشتۇرۇپ ئېيتقان :
ــ ئەگەر ياشراق ئەر مۇئەللىم بۇلۇپ قالسا سىنىڭ دەستىڭدىن كۈنى تەس بۇلىدىغان بولدى ئۇنىڭ . يەنە كىلىپ سىنىڭمۇ ئىقتىسادىڭ تىجىلىپ قالىدىغان بولدى ، چۈنكى چىرايلىق ئادەمنى بىر كۆرسەڭ نەچچە كۈنگىچە تاماق يىمەس بۇلۇپ قالىسەن ئەمەسمۇ ،شۇنداقمۇ گۈلنۇر؟ـ دەپ ئېيتقان سۆزى بىلەن ھەممەيلەن ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ كۈلۈپ  سىنىپ ئىچىنى بېشىغا كەيگەن ئىدى . بىرسى قارا دىگەندەك شۇنداق ئالدىمغا قاراپ چۈچۈپ كەتتىم ، سىنىپ مەسئۇلىمىز  ئىشىك ئالدىدا كۆزلىرىنى چەكچەيىتىپ ماڭا قارارپ تۇرغان ئىكەن .ئوقۇتقۇچۇمنى كۈرۈپلا پۇت-  قوللىرىم تىتىرەپ جان دەيدىغان نەرسە قالمىدى . ئالە ما ئىشنى ! ئەمدى تازا سەتلىشىدىغان بولدۇم ، ئۈزى كىچك بولغان بەك ئاچچىقى يامان ،بەزى يەردە بەك يۇزسىز ، ئادەم با ر يوق دىمەيدۇ بۇ خۇتۇن . ..
   قىززىق ، سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئېھتىمال بۇگۇن يىڭى مۇئەللىم ئالدىدا ۋارقىراپ-جاقىراپ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارلىغۇسى كەلمىدىمۇ قانداق ناھايتى سالماق قىياپەتتە سىنىپ ئىنتىزامنى رەتكە سېلۋەتكەندىن كىيىن ماڭا چەكچىيىپ قاراپ قۇيۇپ سنىپ يىغىنىنى باشلاپ كەتتى .بۇ قارىغىنى ماڭا ئىكىكىمىز كىيىن ھېسابلىشۋالىمىز دىگىنى ئىدى ، مەن چۈشىنىپ تۇراتتىم .يىڭى مۇئەللىم بولسا بىرسى كۆرسىتىپ قويغاندەك ئۇتتۇر كىلىپلا مىنىڭ يىنىمدىن ئۇرۇن ئالدى . سىنپىمىزدا بىر قانچە كىشلىك ئورۇن بىكار ئىدى ، ئەمما مىنىڭ ئەڭ ئاخىردا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كىلىپ  ئولتۇرغان بولسا كىرەك .سىنىپ يىغىنىمىز بۇگۇن باشقا ۋاقىتىنكىدىنمۇ بەكرەك كەسكىن جىددى ئېلىپ بېرىلىپ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، سىنىپ مەسئۇلىمىز يىڭى  مۇئەللىمنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى :
ــ بۇياق سىلەرنىڭ يىڭى كەلگەن گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىڭلار بۇلىدۇ، ئىسمى مۇزەپپەر .بۇگۇن  بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىشىمدىكى سەۋەب دەرىس ئۇقۇتقۇچىلىقىدىن باشقا يەنە ۋاقتىنچە سىنىپمىزنىڭ قۇشۇمچە سىنىپ مەسئۇلى بۇلىدۇ ، شۇڭا بۇگۇن سىنىپىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى كۆرگەچ سىلەر بىلەن ئوبدان تۇنۇشۋالسۇن دەپ باشلاپ  كىردىم .ـدىدى .
مۇشۇلارنى دەۋىتىپ قاتتىق ئۇھسنىپ توختاپ قالدىم . يېغلاڭغۇلىقىم يەنە تۇتۇپ ، ئىچ ئىچمدىن يىغا ئۈكسۈيتى .ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا قارىسام  بۇلاقتەك كۆزلىرىىنى مۆلدۈرلىتىپ يېتىپتۇ ، ئۇ  ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك يۇمشاق يۇمران  قولىرى بىلەن قوللۇرۇمنى چىڭ سىقىتى يۇ ، خاتا گەپ قىلىپ كۆڭلۈمنى ئاغىرتىپ قۇيۇشتىن قورققان بولسا كىرەك ،ھېچ نەرسە دىمەي ئاغزىنى ئۈمەلىىتىپ توختاپ قالدى.ھەر ئىككىلىمىز بىردەمدە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەتتۇق . ئارىىمىزدىكى جىمجىتلىقنى يەنە ئۇ بۇزۇپ :
ــ ھەدە ، سىزنىڭ ھازىرقى ئازاپلىرىڭىزنىڭ سەۋەبچىسى شۇمۇ ؟-دەپ سورىدى .ئۆزۈمنى شۇنداق تۇتۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ ،  لىكىن يەنە بەرداشلىق بىرەلمەي قاتتىق يېېغلاپ سالدىم  . ...بىر ھازادىن يېغىدىن  كىيىن ئۆزۈمنى  ئاران توختۇتۇپ ، يەنە ئەسلىمىلىرىم قوينىغا كىرىپ كەتتىم ....
    شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتىمىز باشلىنىپ كەتتى ، ئۇ گەرچە  ياش بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بىلىىمىگە قابىلىيىتىگە ھەممىز قول قويماي تۇرالمايتۇق،ئىشقىپ نىمە دىسەم بۇلار ، سىنىپىمىزدىكى بەزى دەرىس خۇش ياقمايدىغان قىزلار سىىپقا شۇ مۇئەللىمنى دەپمۇ كىرەتتى ، گەپ ئاڭلىمايدىغان بەزى ئەخلاقسىزلارمۇ  شۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدىلا ناھايىتى ئاكتىپ ، مۇلايىم ، بۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولغىنى ، شۇ مۇئەللىم سەۋەبىدىنمۇ سىنىپىمىز بۇرۇنقى ھالەتتىن كۆپ ياخشىلانغان ئىدى .سىنىپىمىزدىلا ئەمەس ، فاكۇلتىتىمىزدىمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە ئۇ مۇئەلىمنىڭ قاملاشقان ، ياش ، ئىقتىدارلىقى نۇرغۇن قىزلارنىڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان ، قىزىقىدىغان قىزىق نوقىتىغا ئايلىنىپ قالدى ، ھەتتا يۇشۇرۇن شۇ مۇئەلىمگە كۇيۇپ يۇرگەنلەر بىزنىڭ سىنىپىمىزدىمۇ يوق ئەمەس ئىدى . ئەمدى مەن بولسام بەزىدە ساۋاقداش ياتاقداشلىرىمنىڭ گەپلىرىگە گەپ قىستۇرۇپ ، ئۇ مۇئەللىم توغۇرلۇق گەپ قىلمىدىم دىسەم يالغان گەپ قىلغان بۇلىمەن .بەزىدە مەنمۇ چاقچاق  ئارلاشتۇرۇپ ئۇنى – بۇنى دەپ قۇياتىم . ...مەن سىنىپ باشلىقى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ مۇئەلىمنىڭ  باشقىلارغا قارىغاندا ماڭا يىقىنلىقى راس ، ئۇ دائىم مىنى ئۇبۇ –ئىشلارغا بەك بۇيرۇيتى ، ھەم سىنىپتا ماڭا ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قۇياتتى ، مەن بۇنى مەن سىنىپ باشلىقى بولغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا شۇنداق قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ دەپلا چۇشىنەتتىم . بىر چاغلاردا مەن ھېچ ئىشتىن خەۋىرىم يوق ، ئۈزۈمنىڭ ئۈگىنىشىنى قىلىپ يۇرىۋىرىپتىمەن . ئەمما مەن بىلەن ئۇ ئوقۇتقۇچىمىز توغۇرلۇق گەپلەر سىنىپقا تارقىىلپ ، خېلى غۇلغۇلا قوزغاپتۇ ،نەگىلا بارسا  ھەممىنىڭ ئېغىزىدا « مۇئەللىم سىنىپ باشلىقىغا كۇيۇپ قاپتىمۇ ياكى سىنىپ باشلىقى مۇئللىمگىمۇ ؟ » دىگەندەك پىتنە-باسات گەپلەر ...
شۇندىن كىيىن مەيلى سىنىپتا بۇلاي ياكى مەكتەپ ئىچىدە بۇلاي مۇئەللىمگە  بۇرۇنقىدەك كۆپ ئارلاشماس بوپ قالدىم .ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يۇرۇپ ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۈتۈپ كەتتى .بىر كۇنى مىجەزىم يوق دەرىسكە چىقالمىدىم ، ياتاقتا ئارام ئېپ ياتسام ناتۇنۇش  بىر نۇمۇردىن تىلفۇن كەلدى ، ئۇنىڭ مۇزەپپەر مۇئەللىم ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم ، شۇ كۇنى چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ دەرىسى بار ئىدى ، ئۇ مىنىڭ ئاغىرىپ قېلىپ دەرىسكە چىقالماي قالغانلىقىمنى ئاڭلاپ ۋاقىتنىڭ تۇشىشىنىمۇ ساقلىماي سىرتقا چىقىپ ماڭا  تىلفۇن قىپتۇ . ئۇ ماڭا : «نىمە بولدى سىزگە ، نەرىڭىز ئاغىرۋاتىدۇ ؟ نىمىشقا دوختۇرخانىغا بارماي ياتاققا بىكىنۋالدىڭىز ؟ بۇنداق ياتقانغا كىسەل ساقىيامتى ؟ يا بولمىسا مەن ئاپىرايمۇ دوختۇرخانىغا ؟»دىدى . ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق كۆڭۈل بۈلۈشلىرىدىن شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ، تىلفۇننى قويغاندىن كىيىنكى خۇشالىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن ،خۇشالىقتىن يۇرۇكۇم كۆرەك قەپىسىمگە سىغمايۋاتاتىتى . ئەمما بۇ كۆڭۈل بۈلۈشنىڭ ماھىيىتى ماڭا ئايان . مەن ئۇنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا كۆڭۈل بۈلۈشى نورمال ئىش .يەنە كىلىپ مەن ئاغىرىپ قالدىم ، شۇڭا ماڭا ھېسداشلىق قىلۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ....
  مانا بىزنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ، بۇ مەكتەپتىن ئايرىلدىغىنىمىزغىمۇ ناھايتى ئازلا ۋاقىت قالدى ، ھايتت- ھۇيىت دەپ بولغۇچە بۇ كۇنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ . دەل مۇشۇ چاغدا مۇئەللىم ئىككىمىز توغۇرلۇق بۇلۇنغان گەپنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم . سىنىپىمىزدىكى بىر ئوغۇل بالىدىن مۇئەللىم مەن توغۇرلۇق بەزى  بىر گەپلەرنى سورىغان ئىكەن ، شۇڭا ئۇ بۇنى مۇئەللىم سىنىپ باشلىقىمىزغا قىزىقىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ چۇشىنىپ ئەتىراپىدىكى بالىلارغا ئېيتىسا ، ھېلىقى مەندى قۇسۇر تاپالماي ئاران يۇرگەنلەر نىمە دەپتۇ دىسىڭىز ،گەپنى ماھىيەتتن ئۆزگەرتىپ «سنىپ باشلىقىمىز مۇئەللىمگە كۇيۇپ قاپتۇ »دەپ تارقىتىپ يۇرۇپتۇ  ، مەن تىخى  بۇلۇنغان بۇ گەپلەردىن مۇئەللىمنىڭ خەۋىرى يوق دەپ  يۇرۇپتىمەن ، ئەمەليەتتە ئۇ مەنىدن بۇرۇن خەۋەر تاپقان ئىكەن ...
كۈنلەر بىر- بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ناھايتى تېز ئۆتمەكتە،بىزنىڭ ئالى  مەكتەپ ھاياتى بىلەن  خوشلىشىدىغىنىمىزغا ئازلا ۋاقىت قالدى . ساناپ كەلسە قىزىقىپ ئۈگىندىغان ئادەم ناھايتى ئاز ، قىز- ئوغۇللار ھەممىى ناھايتى قىزغىن مۇھەببەتنى باشلىۋەتكەن . شۇ كۈنلەردە تۇرۇپلا مىنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ داۋالغۇش بوپ قالدى . شىرىن ھەم ئازاپلىق كۈنلىرىم ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى دىسەممۇ بۇلىدۇ ...
   ئەسلى شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلكىقىمنى تۇنۇپ يىتىشىم كىرەك ئىدى . ئەمما مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ دىگندەك ، مىنىڭمۇ كۆزلىرىم قارغۇ بۇلۇپ ، ھەممى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن . قىنى مەنىدىكى ئىگىلمەس – سۇلماس جاسارەت ؟ قىنى ئىزچىل تۈردە مىنىڭ خاسلىقىمنى ساقلاپ كىلۋاتقان تەمەننالىرىم ؟ قىنى مەندىكى يۇزى تۆۋەنلىك ؟ ...ھەممىسى شۇ ساختا مۇھەببەتنىڭ شىرىن مۇڭلىرىغا سىڭىپ كەتكەن . ..
   بىر دەم ئېلىش كۇنى شۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بىر ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ   ئالدىم . ئۇچۇردا ئۇ مىنى مەلۇم بىر تورتخانىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى ، دىمىسە بولمايدىغان مۇھىم  بىر گەپ بارلىقىنى ، مىنىڭ دەرھال شۇ يەرگە بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ . مۇئەللىم ماڭا ئېيتقاننىڭ ھەممىسى بۇيرۇق، ئۇ يەرگە چۇقۇم بېرىشىم كىرەك . ناھايتى تىزلا جابدۇنۇپ ياتاقتىن چقىتىم . ...
   كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۇرۇپ بەكلا ھەيران قالدىم ، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى  ،خۇددى چۈش كۇرىۋاتقاندەك ... ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ ئىيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن بىرسى قۇلۇقۇمغا كىرىدۇ يا كىرمەيدۇ ، ئىشقىلىپ مەندىكى  بۇ خىجىللىق ، قۇرۇنۇش ھېسىياتى مىنى بەكلا بىئارامسىزلاندۇرۋاتاتتى ...
  ياتىقىمغا قايتىپ كىلىپمۇ خېلى كۈنگىچە پەقەت ئەسلىمگە كىلەلمىدىم ، ئولتۇرسام قوپسام ئۇنىڭ «مەن سىنپىڭلارغا تۇنجى كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپلا سىزگە قىزىقىپ قالغان ، ئەمما مەن سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىز بولغانلىقىم ئۈچۈنلا شۇنچە ۋاقىتىن بىرى ھېسىياتىمنى پىنھاندا يۇشۇرۇپ كەلدىم . بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلغانسىز ، سىنىپىڭلارغا كىرسەم بىرىنچى بۇلۇپ كۆزلىرىم سىزنى ئىزدەيدۇ . ئىزچىل تۈردە سىزگە ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ كەلدىم .....»دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمىدە جاراڭلايدۇ . مانا مۇشۇ شىرىن گەپلەر تۇنجى بۇلۇپ مىنىڭ قەلىب تارەمنى چەككەن ئىدى . ئەمما ئۇ چاغلاردا مەن دەماللىقىقا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قۇبۇل  قىلالمايتىم .كاللامدا« كىشىلەر ئاڭلىسا نىمە دەيدۇ بىزنى ؟ يەنە كىلىپ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ ئۇ دىگەن بەرىبىر مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم»دىگەندەك خىياللار ھۈكۈمران ئىدى. مۇشۇ گەپلەر بۇلۇنۇپ ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۈتۈپ كەتتى ، شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ دەرىسىنىڭ ماڭا تۈزۈك دەرىس بولغىنىنى بىلمەيمەن .ئۇ شۇنداق سىنىپقا كىردىمۇ بولدى .يەرگە بىر قاراپ ئولتۇرسام دەرىس ۋاقتى تۇشۇپ بولغۇچە ،تاس قالىمەن ،گەجگەم بېسىلىپ پارتامنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكىلى . مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ پەقەت شۇلا چۈشىندۇ. ..كۆڭۈل دىگەن بەك شەيتان ئىكەن .ھېسىياتىمنى شۇنداق بېسىپ تۇرساممۇ . بىر يامغۇر ياققان كۈنىدىن باشلاپ  ئىخىتىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ قىز دوستى بۇلۇپ قالدىم .شۇ كۈنى ياققان يامغۇر مىنىڭ ھازىرقى ئازاپلىق «كۆزياش»ىم بولۇپ قالدى . ھەي تەقدىر ، بەندىلىرڭىنى نىمانداق كولدۇرلىتىدىغانسەن ؟ قىلغان چاقچىقىڭ گاھ ئادەمنى كۈلدۇرۇپ تېلىقدۇرسا گاھ ئادەمنى يېغلىتىپ تاس قالدۇ يۇرەكنى يارغىلى ...سىنڭ بىزنى ئۇچىراشتۇرغىنىڭ ، ئوتتۇرىمىزغا شۇنداق بىر مىھىر-  مۇھاببەتنى سالغىنىڭ، ئاشۇ يامغۇر ياققان كۈنىمۇ بىزنى تار كۇچىدا ئۇچىراشتۇرغىنىڭ تەقدىر بولدى ، ئەجىىبا بىزنى ئايرىپ مىنى شۇنداق ھىجراندا قويغىنىڭنىمۇ تەقدىر دەپ چۈشىنەيمۇ ئەمدى ؟...
  تا ھازىرغىچە يامغۇر ياققان ھەر  بىر كۈن مىنىڭ ئازاپلىق ئۆتمۈشۈمنى يادىمغا سېلىپ يۇرۇكۇمنى ئۆرتەيدۇ .بۇ دۇنيادا ۋىجىدان ، سەممى يۇرەكنى پۇلغا سېتۋالغىلى بولغان بولسا يەنە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ ئۈچۈن  بەدەل تۈلەپ شۇلارنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بۇلاتتىم .ئىلگرى تىنماي قۇلاق تۈۋىمدە «جېنىم ،سىنى سۈيىمەن ،بىر ئۆمۈر سۈيىمەن ، سەن مىنىڭ بارلىقىم ،ھاياتىم ، ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ، سەن منىڭ بەختىم »دەپ پىچىرلايدىغان ئۇ قىنى ؟ سوغوقنى سوغوق ، ئىسىقنى ئىسىق دىمەي ساقلايدىغان ئۇ قىنى ؟ مىنى باشقا ئوغۇللارغا ئوخشاتما، مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. سىنى چۇقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىزغا ئايلاندۇرىمەن دەپ مىنى كۈلدۈرگەن ئۇ قىنى ؟ تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇشۇمنى داۋالغۇتۇپ،يۇرۇكۇمگە بارچە ئوتنى سېلىپ قۇيۇپ، مىنى مۇھاببەت ئازابىدا قۇيۇپ قۇيۇپ باشقا بىرسىنىڭ كەينىدىن مىنى يالغۇز تاشلاپ قېچىپ كەتتى...ئەجەببا مەن ئۇ كۈتكەننى بىرەلمەي قالدىممۇ ؟ ئۇنىڭغا پاك سەممى  مۇھابىتىمنى بەردىمغۇ ؟ ئۇنىڭ قىز دوستى دىيىلگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ كۆڭلىنىلا ئىزدەپ ، بىرەر ئېغىز گەپنىڭ خاتا كىتىپ رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ئاۋايلاپ دىگەندەك يۇرمىدىممۇ ؟ مىجەزىم يوق دىسە ، مەكتەپتە ئەلاچى مۇنەۋۋەر ھېسابلىنىدىغان قىز،دەرىس تاشلاپ ئەتىراپىىدا پاي –پىتتەك بۇلۇپ ، كىچىك بالىغا قارىغاندەك ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىممۇ ؟ شۇ سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچۇمدىن نۇرغۇن خاپىلىقلارنى ئاڭلىمىدممۇ ؟ ئىككىمىزنىڭ ئىشى مەكتەپكە تارقاپ كىتىپ ئوقۇتقۇچۇم مىنى سوراق قىلغاندا شۇنداق ھاقارەت ھېس قىلساممۇ ،ئۇنىڭ ئابىرويىڭغا تەسىر يەتمەسلىك ئۈچۈن بارچە گەپنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئۇ «ئاق» مەن «قارا»ھېسابلىنىپ ، تاس قالمىدىممۇ مەكتەپتىن ھەيدەلگىلى ؟ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ماڭا ھۆرمەت كۆزدە قارايدىغانلارنىڭ قارىىشى تۈپتىن ئۆزگىرپ «ئوقۇتقۇچىسىغا كۇيۇپ قاپتۇ...»دىگەندەك گەپلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ بارچە ھاقارەتكە پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا چىداپ كەلمىدممۇ ؟ ئەگەر شۇلا يىنىمدا بولغان بولسا مەيلى ئىدى چىدىسام ، ئەمما ئاخىردا شۇنچە ھاقارەتكە مىنى تاشلاپ قۇيۇپ كىىتپ قالدى . ...شۇنچە كىشىلەر ئالدىدا ماڭا  نە ئەلەم ، نە ئازاپ .نە نۇمۇس .....شۇ چاغلار ماڭا بۇ ئالەم شۇنچە قاراڭغۇ ، شۇنچە رەھىمىز بىلىنىپ تاس قالدىم ئۆزۈمىنى يۇقىتىپ قويغىلى ...ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە ماڭا كۆرسىتىپ بەرگۈدەك باھانىسى يوق . پەقەت ماڭا دەيدىغىنى«كەچۇر، مەن ساڭا يۇز كىلەلمەيمەن»...
ئايرىلغاندىن كىيىنكى بىر ئاينى قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگىنمىنى بىلمەيمەن . خۇددى روھى چقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئىلگىركى چىچەنلىكىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ،بىر كۇن ساق يۇرسەم ھەپتە ئاغىرىپ يېتىپ قېلىپ دىگەندەك بىر ئاينىمۇ تۇگىتىپ مەكتەپتىن ئايرىلدۇق ، شۇ ئايرىلغانچە ئايرىلىپلا كەتتۇق...ئاھ خۇدا ،نىمە ئۈچۈن سالغان بولغۇيتۇڭ بۇ ئىشىق دىگەننى بەندەڭنىڭ كۆڭلىگە؟ سالساڭمۇ قىز –ئوغۇللار ئوتتۇرىسىغا ئەمەس ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىغا سالساڭ بولماسمىدى؟
شۇ كۈنلەردە بىر دوستۇمنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنىڭ سىرتتا باشقا بىر قىز بىلەن يىتلىشىپ يۇرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم ، ئىچىىمدە قان يېغلىساممۇ تېشىمغا چىقارمىدىم . ئەمما پەقەت ئۇخلىيالماس بوپ قېلىپ ئۆزۈمگە ئۇخلىتىدىغان دورا ئېلىپ ماڭغان بىر كۈنى كۇچىدا بىر قىز بىلەن ئاپپاق-چاپپاق بۇلۇپ كىتىپ بارغان ھالىتىنى كۇرۇپ ،قايتىپ كىلىپ ئۇيقۇ دورىسىنى قانچىلىك يىگىنىمنى بىلمەيمەن . ئىسىت ۋىجدانسز ،ئۇنى چوڭ بىلىپ كەتكەنلىرىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن مەن باشقا ئوغۇللارغا تىكىلىپ قاراش ئەمەس ، ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ تىنىم شۈركىنىدىغان بوپ قالدىم ، ئەمما ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنى – بۇنى قولتۇقلاپ يۇرەلەيدىكەن . كۆزلىرىمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن ، ئاپام ، ئاچىلىرىم بېشىمدا قاراپ يېغلىشىپ تۇرۇپتۇ . ئاپامنىڭ كۆز يېشىنى كۇرۇپ شۇنچىلىك خىجىل بولدۇم ، دەرھال كاللامغا ئاپامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېغلاپ تۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرى كەلدى ، بىر مىھرىبان مەن ئۈچۈن يېغلاۋاتسا ،مەن ۋاپاسىز ئەخمەق، ئەرزىمەس بىرسى ئۈچۈن كۆز يېشى قىپتىمەن ....كەچۇرۇڭ ئاپا ، مەن ۋاپاسىز ،كەم ئەقىل قىزىڭىزنى كەچۇرۇڭ.....
دوختۇرخاندىن چىققاندىن كىيىن ئىشلەتكەن تىلفۇن كارتامدىن تارتىپ ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم . ئەمدى ئۇنى  يەنە قايتا ئۇچىرتىشنى خالىمايتىم .تۇرمۇشۇمنى قايىتىدىن ئۈمۈد بىلەن باشلىماقچى بولدۇم ، ئەمما چېقىلغان نەرسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن بىلەن  ھامان دېزى قالىدىكەن ، مۇھاببەتتىن قاتتىق ئازار يىگەن كۆڭلۈم تا ھازىرغىچە ئەمىن تاپقىنى يوق . ئوغۇللارنىڭ گىپىغۇ ئەسلا ، مەيلى ياخشى گەپ بولسۇن ياكى يامان گەپ بولسۇن ئىشقىلىپ ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ...دىگەندەك ئۇنى قايتا ئۇچىراتمىدىم . ھەم ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم . بىز ئايرىلغىلىمۇ ئالاھەزەل بىر يىلچە بولدى  ....مۇشۇلارنى دەۋىتىپ يەنە تېخىمۇ بەك ئۆسۈپ –ئۆسۈپ يېغلاپ كەتىتىم ، بۇ كۆز يېشىمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقىسى بۇلۇپ قېلىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم . ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈكۈلگەن كۆز يېشىم ھېلىمۇ ئاز ئەمەس مىنىڭ !
  مۇيەسەرغۇ بولدى ، ئۇ ئاللىقاچان يېغلاپ ئېقىپ كىتپتۇ . ئۇنىڭ كۆز ياشلىرنى سۈرتۈپ باغرىمغا باستىم .مىنىڭ شۇنچە كۆپ سۆزلىشىمنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەل بۇ ئۇماق سىڭلىمنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى . ئەمدى نۆۋەت ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا كەلدى ، ئاۋال ئاڭلاپ بۇلۇپ تەربىيە بەرسەممۇ ئاندىن بىرەي . ....
مەن تىخى  ئۇنىڭ ۋىجىك ئۇماق تۇرقىدىن مەندىن خىلى كىچىكمىكىن دەپ قاپتىمەن ، ئەمەليەتتە ئىككىمىز پەقەت 2 ياشلا پەرىقلىنىدىكەنمىز ، ئەمما سىرتقى قىياپەتتە پەرىق خېلىلا چوڭ . مىنىڭ بۇيۇم ئىگىز ،ھەم خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئادەتتە چوڭ سۈپەتراق ياسىنىپ يۇريمەن ، بىراق ئۇ ئۇرۇق پاكا ، ئەمما شۇنداق ئۇماق . بىردەم ئۇنى – بۇنى دىيىشىپ، گەپلىرىنى بىرەر قۇر ئاڭلاپ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن يەنە سۆزلىرمنى باشلاپ كەتتىم :
ــ سىڭلىم ، دىمىسمىمۇ بىز تۇنۇشقىلى گەرچە بىر كۇنمۇ بولمىغان بولسىمۇ ئەمما بىر بىرىمىزگە بولغان مىھىر- مۇھاببەت ۋە ھېسىياتىنى ئۆزلىرىمىز بىلىشىمىز . مەن ئۈچۈن شۇنچە  كۆپ ۋاقىت چىقىرپ زەن سېلىپ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ئەمدى سىزنىڭ مەسلىڭىزگە كەلسەم ئۇماق سىڭلىم ، سىنزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئازاپتا قېلىپ ، بىھۇدە كۆز يېشى قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن . ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۇرىدىغىنىڭزنى مەن  بىلمەيمەن ، ئەمما سىزگە ئېيتسام ئۇ سىزنىڭ ياخشى كۇرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ ، ئۇ ھەرگىز سىزنىڭ بەختىڭىز ئەمەس . مەنمۇ ئاساسسىز گەپ قىلمىدىم ، باغىچىدا سىلەرگە خېىلى ئۇزۇن دىقەت قىلىپ سزنىڭ مەسىلىڭىز توغۇرلۇق كۆپ ئويلىنىش قىلىپ بەلكىم مەن  ئۇ يىگىتكە خاتا باھا بىرىپ قويغاندىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم . بىراق ئاخىردا ئۇنىڭ تىلفۇندا باشقا بىرسىگە ئېيتقان سۆزلىرى مىنى بەكلا غەزەپلەندۇردى ، بىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ يىنىڭزدىن ئايرىلىپ  دادىسىنىڭ ئەمەس بەلكى يەنە بىر «قوزىسى» نىڭ يېنىغا ماڭدى ...
توۋا، مەن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ، ئۇ بەكلا قەيسەر ئىكەن ھەم مەندىن كۆپ ئەقىللىق ئىكەن ، كىملەر ئۈچۈن يېغلاپ ،،كىملەر ئۈچۈن يېغلىماسلىقنى بىلىدىكەن ، كۆزلىرىنى مىت قىپ قويماي ئولتۇرىدۇ ، مەن تىخى مىنىڭ گەپلىرىمگە شۇنچە يېغلىغان ئادەم ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسا يېغلاپ نىمە بوپ كىتەر دەپ ئويلىغان ئىدىم ، نەدىكىنى  ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس بەلكى غەزەپ  ئوتىنڭ چاقناۋاتقانىلىقىنى كۆردۇم . بوپتۇ ، بۇمۇ ياخشى بولغىنى ، ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ نىمە قىلىدۇ ؟
ــ ھە بىلدىم ، بىز بىللە تۇرساق دائىم ئۇنىڭ «دادىسى» دىن تىلفۇن كەپ قالاتتى ، يەنە كىلىپ ئۇ مىنى سىرتقا ئېلىپ چىققان بىلەن بىر تىلفۇن بىلەنلا دادامنىڭ بەك ئاچچىق يامان، قايتمىسام بولمايدۇ دەپ مىنى بەزلەپ قۇيۇپ قايتىپ كىتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋبىنى ئەمدى چۈشەندىم ، ئۇ مىنى ئالداپتۇ . ئالدىنقى بىر قېتىم خېلى كەچلەردە تىلفۇن قىلسام بىر قىزبالا ئېلىشى بىلەنلا تىلفۇن قۇيۇلۇپ كەتتى ، ياندۇرۇپ ئۇرسام ئىتىك ، ئەتىسى سورىسام ئاچام دىگەن . ئەمەليەتتە ئۇ كىچىدە ئاچىسى توي قىلىپ بولغان تۇرسا ، ئىرىنىڭ ئۈيىدە بولماي ئۇنىڭ ياتاق ئۈيىدە نىمىە ئىش قىلىدۇ ؟
ــ ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق بولغان ، بىز يۇرۋاتقان چاغلار ، بىركىچىىسى قار بېسىپ قېلىپ چۈشىمدىن ئويغۇنۇپلا تىلفۇن قىلسام بىر قىز ئېلىپ مىنىڭ كىملىكىنى سوراپلا كەتتى . مەن سوراپتىم ، ۋاي توۋا ،نىمە دەيدۇ دەڭ « مەن ئۇنىڭ خۇتۇنى »دەيدۇ. ئەجەبا مەن بىر توي قىلىپ بولغان خۇتۇنى بار ئادەم بىلەن يۇرۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . ئەتىسى سورىسام ئۇماڭا سىڭلىم ، سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدى دىگەن ، گەرچە كۇرۇپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ بىر كەپسىز ئۇماق سىڭلىىسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان بولغاچقا ئارتۇق گۇمانلىنىپمۇ يۇرمەپتىمەن . ..
ھەر نىمە بولسا ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ چۇشەندى . ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىپ قانداق يول تۇتۇش ئۇنىڭ ئەقلىگە باغلىق . مەنمۇ ئىچىمدە ساقلاپ يۇرگەن دەرتلىرىمنى ئۇنىڭغا تۈكۈۋېلىپ ئىچىم خېلى بەكلا بۇشاپ قالدى. ئەمدى بۇنداق ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئازاپلاپ يۇرمەيمەن . ئەتە تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ ، ئاللاھ خالىسا چۇقۇم بۇرۇنقى ئەسلىمگە قايتىپ ، ياخشى ياشايمەن ...
........


                                                                    (4)
گەرچە كۆپ ئۇخلىيالمىغان بولساممۇ ئەمما بۇگۈن ئورنۇمدىن  ناھايتى ياخشى تۇرۇپتىمەن . سائەتكە قارىسام ئىشقا بارىدىغىنىمغا يەنە كەڭچە  بىر سائەت بارئىكەن . قارىسام مۇيەسسەر شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كىتىپتۇ ، بەلكىم چۈشىدە كۇلۋاتقان بولسا كىرەك ، مىيىقىدا كۇلكە ...ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا چىقتىم . قارىسام تاماققا ھەممە نەرسە تۇلۇق ئىكەن ، شۇڭا بىكار ئولتۇغۇم كەلمەي ، سۇيۇقئاش ئىتىپ ئۆزۈممۇ غىزالىنىپ بۇلۇپ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قۇيۇپ  ئىشقا كىتىۋەردىم . بۇ چاغدا ئۇ ھەدەپ شىرىن ئۇيقۇدا قالغان ئىدى . ئىشكتىن چىقىۋىتىپ يەنە بىر جۇپ ئەركىشىنىڭ ئايىغىنىڭ كۇپۇيۇپ قالغىنى كۇرۇپ ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۇم .دىمەك ئۇنىڭ ئاكىسىمۇ تۈن كىچىدىن ئاشقاندا كەلگەن ئىكەن ....
مانا بىزنىڭ ئاچا- سىڭىللىق مۇناسىۋىتىمزمۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ . مىنىڭمۇ ھەممە ئىشلىرىم خېلىلا رەتكە چۇشۇپ قالدى، كۈنلىرىم  بىكار بولساملا ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلىنىپ ، سىردىشىپ مۇڭدىشىپ دىگەندەك ئۆتمەكتە . بىر كۇنى ئۇ تۇرۇپلا ئۆيدىكىلەرنىڭ  گىپىنى قىلىپ قالدى :
ـــ ھەدە ، بىرەر كۇنى ۋاقىت چىقىرپ بىزنىڭ  ئۆيگە بېرىپ  دادام – ئاپاملار بىلەن كۇرۇشۇپ كەلىسڭىز بۇلاتتى ، سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئۇلارغا كۆپ قلىپ بەرگەن ، سىزنى بەك كۆرگۈسى باركەن .ئەمدى ئۇلار بىلەنمۇ  تۇنۇشۇپ قۇيىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى . قاچان ۋاقتىڭىز بار بىللە بارايلى .
دىمىسىمۇ مەن ۋاقىت چىقىرپ  ئۇلارنى يوقلاپ  كىلىشىم كىرەك ئىدى . بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بېرىپ كىلەي بولمىسا ، دەم ئېلىش كۇنۇمدە بېرىۋالمىسام ، يەنە قاچان ۋاقتىم چىقىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق كىلىشىپ ئۇنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدۇق . ئاتا – ئاتا قانداق بولسا بالىسىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ . ماينۇر ھەدەملەر بىلەن مۇختەر ئاكاملارمۇ مىنى كۇرۇپ شۇنداق قىزغىن قارىشى ئالدى . ئۇلارمۇ شۇنداق خۇشچاقچاق ،مىھماندوسىت  ياخشى ئادەملەركەن ،بۇلۇپمۇ مۇيەسسەرنىڭ مىجەزى دەل مۇختەر ئاكامنىلا تارتقان ئىكەن.مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۈيىدە ئولتۇرغاندەك ئەركىن ئولتۇردۇم ، لىكىن يەنە ئۆيدە ئۇنىڭ ئاكىسى كۇرۇنمەيتى .مۇختەر ئاكام كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغاندەكلا« سىلەرنىڭ كىلىدىغىنىڭلارنى ئاڭلاپ مۇزەپپەرمۇ سىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى ، بىراق بىردوستىدىن جىددى تىلفۇن كىلىپ قېلىپ تېخى بايىلا چىقىپ كەتكەن»  دىدى .توۋا ، ئالدىنقى قېتىم مۇيەسسەردىن ئاكىسى مۇزەپپەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ، ئىسمى ئۇ ۋاپاسىزغا ئوخشايدىكەن دەپلا چۇشەنگەن ئىدىم . ئەمما بۇ قېتىم دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان مۇزەپپەر دىگەن بۇ ئىسىم ئۇتتۇر بېرىپلا مىڭەمگە تەسىر قىلىپ ، پىررىدە بېشىم قايغاندەك بىر خىللا بوپ قالدىم .تۇرۇپلا يۇرۇكۇم سىقىلىپ كەتتى...
ئۆيدىن ئۇزاپ چىقىتىم .ئەمما يۇريۇكۇمنىڭ قات –قېتىدا بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق بىلەن  قايتىپ كىتىۋاتىمەن . .. ئەمدى ئۇ ئۆتمۈشنى ھەرگىز ئويلىمايمەن دىگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ ، يۇلۇمنى خىرەلەشتۇرۋاتاتتى .ياتاققا قايىتپ كىلپلا ئۇنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن بالدۇرلا ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلاپ ياتتىم ....
ئىشقا بېرىپ – ئىشتىن كىلىپ ، بىكار بولسام مۇيەسسەر بىلەن بىللە يۇرۇپ دىگەندەك ئارىدىن نەچچە ئاي ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى . شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنىڭ ئۈيىگە خېلى كۆپ بارغان بولساممۇ ئاكىسىنى بىرەر قېىممۇ ئۇچىرتىپ باقمىدىم . بۇگۇن يەنە سوۋغاتلىقلىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈيىگە كىتىۋاتىمەن ، ئەمما ئاكىسىنىڭ ئۆيدە بار يوقلىقى ماڭا نامەلۇم ، شۇ خىيالدا كىتۋاتسام ئاپامدىن تىلفۇن كەلدى ، نىمە دەيتى يەنە شۇ توي ئىشى . ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش «جېنىىم قىزىم ، مىنى خاتىرجەم قىلىسىڭىز بۇلاتتى ، باشقا قىزلىرممۇ ئۆي –ئوچاقلىق بوپ بولدى ، پەقەت سىزلا قالدىڭىز ، شۇ كۈزۈم يۇمۇلغۇچە سىزنىمۇ بىرەرسىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزسام  دەيمەن. تاپقىنىڭىز بارمۇ دىسەم ياق دەيسىز ، شۇنداق بولغاندىن كىيىن ، ئالدىنقى قېتىم ئايشەم ھەدىڭىز دىگەن بالىنى ئويلىشىپ بېقىڭ ، ھەر ئىكىلەڭلارنىڭ خىزمىتى بار ، ئىككىلەڭلار ئوقۇغان بالا بولغاندىن كىيىن چۇشىنىشەلمىگۈدەك ئىشمۇ يوق ، كۇرۇشۇپ بېقىپ ماڭا خەۋرىنى بىرىڭ »دەيدۇ .ئۇ ئىشلارنىغۇ مىنىڭ پەقەت ئويلاشقۇم يوق ، ئەمما ئاپامنىڭ ئويلىغانلىرىنڭمۇ خاتاسى يوق .شۇ خىيال بىلەن ئۆيگە كىلىپ قاپتىمەن . ئىشىكنى مۇختەر ئاكام ئاچتى ، ئۇ بۇگۇن بەكلا خۇشال كۇرۇندى . ئشىكىتن كىرىشمگىلا ھەممىسى كۇرۇپ باقمىغان ئەزىز مىھمىنىنى كۇتىۋالغاندەك ناھايتى قىزغىن قارىشى ئالدى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن كۇرۇشۇپ بۇلۇپ تۆرىدىن ئورۇن ئالدىم  . ئۇنى – بۇنى يىگەچ ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، تۇرۇپلا گەپ مۇختەر ئاكامدا توختاپ قالدى . ئۇ بىردەم سالماق تۇرۋەتكەندىن كىيىن « قىزىم ، سىز بىلەن تۇنۇشۇپ  مۇشۇنداق بىر داستىخاندا ئولتۇرىشىمىزمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ،سىزمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندىڭىز ، بىزمۇ سىزنى چۈشەندۇق ، ئۈزىڭىز ئاقكۆڭۈل ، سادا ، ئەقللىق ، تىرىشچان ، ئىشچان قىز ، ئادەمنىڭ تەقدىر ئوخشاش بولمايدۇ قىزىم ، دادىڭىزنىڭ بولمىغانلىقىدىن مەيۇسلىنىپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، خالىىسڭىز سزگە  مەن دادا بۇلاي »دىدى . ئۇنىڭ گەپلىرى تۇگىشى بىلەنلا گەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۇنىڭغا باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم . كۆزلىرمدە مۆلدۈر –مۆلدۈر ياش .بىر نەرسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم بىر دادىنىڭ باغرىدا ئەلەيلىنىشىم ، نىمىدىگەن ئىللىق . نىمىدىگەن راھەت ! شۇ تاپ ئۆزۈمىنى شۇنداق بەختىلىك ھېس قىلۋاتىمەن . ماڭا بۇ بەخىت مەڭگۈ نىسىپ بۇلارمۇ ياكى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ،مىنى بەزلەپ قۇيۇپ ، كۇلدۇرۇپ قۇيۇپ يەنە قېچىپ كىتەرمۇ ؟...مىنىڭ قايتىپ كىتىدىغان ۋاقتىممۇبولدى ، ئەمدى قايتىپ كىتىشكە تەييارلىنىپ تۇراتتىم مۇختەر دادام ئالدىمنى تۇسۇپ تۇرۇپ« يەنە بىر گەپ قىزىم ، سىزگە قانداق دەرمەن دىگەن ئىدىم ، بىزمۇ ئۆز بۇلۇپ قالدۇق ، ئۇتتۇرلا دەۋىرەي، ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ ياتىقىىدن كۈچۈپ كىلىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇڭ ،ئائىلىمىزدە ئەزادىن يەنە بىرسى كۇپەيسۇن ! مۇشۇ كۈپەيگەنچە كۇپۇيۇپلا كەتسۇن بولسا»دىدى. دەمالىققا بىر نەرسە دىيەلمەي ئۆيدىن چىقتىم .ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ كەينىدە مۇزەپپەرمۇ بار ئىدى . ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئالدىراپ جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ . يەنە كىلىپ ، مەن تىخى ئۇنى شۇنچە ۋاقىتتىن بىرەر قېتىممۇ كۇرۇپ باقمىغان تۇرسام .....
ئالدىراش قەدەملەر بىلەن كىتىۋىتىپ ، كۈزۈمگە تۇنۇش بىرسى چېلىققاندەك قىلىپ قالدى ، دەرھال ئۆرۈلۈپ قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم . ئۇ ...  ئۇ ... ئۇ  ... ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش تۇرغان جايىدا ماڭا ئىپادىسزلا قاراپ تۇراتتى . شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ ئۇنى كۆرمىگىلى . بەك چوڭ ئۆزگىرشمۇ يوق ، ئەمما بىر نەرسسىنى كۆزلىرم ئارقىلق ئىزدەپ تاپالمدىم ، ئۇ بولسىمۇ ئۇماقلىق . بەلكىم ئۇ ئەسلى ئۇماق ئەمەس ، ئەمما ئىلگىرى ماڭا شۇنداق ئۇماق كۇرىنىدىغان بولسا كىرەك .... خىيالدىن بۇلقىنىپ چىقىپ ئۇنىڭغا قانچە تىز ئۆرۈلۈپ قارىغان بولسام يەنە شۇنداق تىز ئۆرۇلۇپ  يۇلۇمغا مېڭىۋەردىم . ئەمما قايسى قەدەملەر كىتىۋاتىمەن ،مەنزىلىم قايان ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .پەقەت كالامدا پەيدا بولغىنى « ئۇنىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇ تەرەپتە ئوخشايدۇ»دىگەنلا بولدى  ....
تەقدىر ، ھەي تەقدىر ! ماڭا نىمانداق چاقچاق قىلىدىغانسەن ؟ كۆڭۈلۈم ئاران بىر ئەمىن تېپىپ ، خۇشال كۈنلىرىمىنى مىڭ بىر تەستە باشلىغاندا بۈگۈن ئۇنى ماڭا يەنە ئۇچىراشتۇردۇڭ . مانا كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار . ...كاللامدا يەنە ئالامچە مىڭ بىر خىياللار ......
كىىچىچە ئۇ مىنى ئويلاپ قالدىمۇ قانداق بىر كىچە شۇنى چۈشەكەپ چىقىپتىمەن . ئەمما چۈش دىگەن چۈش ، ئۇنى رىئاللىق بىلەن ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . ئۆتمۈش دىگەن ھامان ئۆتمۈش ، ئۇنىمۇ بۇگۇن بىلەن تەڭ  قىلغىلى بولمايدۇ ، نىمە قىلىمەن ئەمدى بولغاندا ئۇلارنى ئويلاپ ؟ مۇيەسەرمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىپ بىر تال پايپاقنى سېپ تاشلىپ قويغاندەك بىغەم يۇرمەمدۇ ئەينە ؟ مىنىڭ شۇ سىڭلىمچىلىكمۇ جاسارىتىم يوقمۇ ؟ ھازىر مەن ئويلايدىغان مەسىلە ئايشەم ھەدەم  بىلەن مۇختەر دادمغا قانداق جاۋاپ بىرىش . خىزمەتنىڭ ئالدىراشچلىقىدا مانا ،بۈگۈن ، ئەتە دەپ  مۇختەر ئاكاملارنىڭ ئۈيىگە بارمىغىلىمۇ ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قاپتۇ .بۇگۇن بېرىپ كىلىش ئۈچۈن تەرەدۇتلاندىم ، لىكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بىر  قىسمىلا ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم چۇشىنىپ چۇشەنمەي دىگۈدەك ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . ئادەتتە ئەركىن كىرىپ چىىقىدىغان بۇ ئۆي بۇگۇن ماڭا باشقىچە سۈرلۈك بىلىنىپ كەتتى . ماڭاي  دەيمەن يۇ ، قەدەملىرم ئېغىرلىشىپ ، نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ تۇرۇپ قالدىم ، ...لىكىن كەلدىممۇ كىرەي . بۇ يەردە تۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى ، ئۆز- ئۆزۈمنى بەزلەپ ئىشكننىڭ  قوڭقۇرىقىنى  باستىم .قوللىرىممۇ ئىختىيارسىز تىتىرەۋاتاتتى . مۇيەسەر يەنە شۇ ئۇماق ھالىتى بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ مىنى كۇرۇپلا ئۆزىنى ئاتتى .مەنمۇ  ئۇنى كۇرۇپ بەك خۇشال بولدۇم .ئۆيگە كىرىپ چوڭلار بىلەن سالاملىشىپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشۇمغا مۇختەر دادام مۇيەسسەرگە :« بۇلۇڭ ، كىرىپ ئاكىڭىزنى چاقىرىڭ ، بۇياققا چىقىپ بىز بىلەن  بىللە ئولتۇرسۇن . ‹ئاچام›كەلدى دەڭ»دىدى . مۇختەر ئاكامنىڭ ھەر قېتىم مۇشۇنداق دىيىشلىرى مەقسەتلىك ئىدى . يۇزلىرىم ۋىللىدە قىزىرىپ گەپ –سۆز قىلماي ئولتۇردۇم . مۇيەسسەر كىرىپ كىتىپ ھايال بولمايلا « كىيىملىرىمنى كىيىپ ھازىر چىقاي دەيدۇ» دىدى . شۇ ئارىدا يەنە مۇختەر ئاكام  گەپ باشلىدى . ئەمدى بۇ قېتىمقى  تېما مۇزەپپەر بولدى .
ـــ ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنى ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . قىزبالىنىڭ ئوغۇل بالىغا قارىغاندا مەرى ئىسىق بوپلا قالماي يەنە قۇلىقى يۇمشاق . ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بۇلىدۇ . لىكىن ئوغۇل بالا كىچىك ۋاقتىدا بالا ، شۇنداق چوڭ بولدىمۇ ، ئۇ بالا ئەمەس «بالا» بۇلىدىكەن . مۇزەپپەرنى بىرلا ئوغلۇم دەپ كۇزىگە قاراپ يامان ئۈگىتىپ قۇيۇپتۇق . چوڭ بولغانسىرى گەپلىرىمىزنى پەرۋايىغا ئىلمايدىغان بۇلۇپ قالدى ، بەزىدە ھەپتىدە ئاران تاپىدۇ ئۆينى .بىر ئوبدان خىزمىتىنىمۇ تاشلاپ جاھاننى بىر چۆگلەپ كىلىپ ، مانا ھازىر بىكار ، بىر قانچە تاپتىن  چىققان ئاغىينىلىرى بىلەن نەمۇ-نە يۇرۇيدۇ. شۇڭا بۇنىڭ بېشىنى باغلاپ قۇيايمىكىن دەيمەن .سىزگە ئوخشاش ئەقللىق ، ۋاپادار قىز بولسىلا بۇمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتەتتى . ئاپىسى ئىككىمىزمۇ شۇندىلا خاتىرجەم بۇلاتتۇق .
بۇنىڭغا يەنە بىر نەرسە دىيەلمەي خىجىللىقتىن ئاناردەك قىزىرىپ بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتىتىم . مۇزەپپەر ياتاق ئۈيىدىن چىقىپ كەلدى .شۇنداق بېشىمنى كۇتۇرۇپ ئورنۇمدىن قۇپۇشقا تەمشەلگەن ئادەم ئۇنى كۇرۇپلا يەرگە قېقىپ قويغاندەك مىدىر-سىدىر قىلالماي تۇرۇپلا قالدىم ...ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن  ، ئخىتىيارسىز ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ چۈشتى . ..
ئاھ خۇدا ، ئەمدى نىمە دەيمەن ؟ بۇ زادى نىمە ئىش ؟ زادى نىمە ئىش ؟ نىمىشقا تەقدىر مەن بىلەنلا ئوينىشىدىغاندۇ ؟ئىلگىرى  ئۇ ماڭا بۇ تەقدىر ، بىزنى تەقىدر ئۇچىراشتۇردى دىگەن . بىر يېرىم يىلدىن كىيىن بىزنى يەنە ئۇنىڭ ئۈيىدە ئۇچىراشتۇرىدى .ئەجىبا جاھان شۇنداق تارمىدۇ ؟ بىر جاھانغا بىز سىغمىغاندەك نىمە دەپ ئۇنىڭ ئۈيىدە ئۇچىرىشىپ قالىمىز ؟ قۇدىرتىڭ شۇنچىلىك ئۇلۇغدۇر ئاللاھ ، ماڭا بۇلارنى چۇشەندۈرۈرپ بەرگىن بۇلامدۇ ؟ سەندىن خۇش بۇلاي ئۇلۇغ ئاللاھ ،ماڭا بۇنىڭ جاۋابى كىرەك .؟؟؟
مۇيەسسەرنىڭ ئىسمىمنى ئۈنلۈك توۋلاشلىرىدىن ئاران تاپتىم ئېسىمنى . تۇنجى قېتىم مۇزەپپەرنىڭ كۆز يېشى قىلغىنىنى كۇرۋاتىمەن ، كىم ئۈچۈن يېغلاۋاتىسەن ؟ ماڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقىڭغا خىجىل بۇلۇپ يېغلاۋاتامسەن ياكى ماڭا ئوخشاش تەقدىرنىڭ قىلغان چاقچىقىغىمۇ ؟؟؟
ھېچ نەرسە دېمەي ئۇلارنىڭ توۋلاپ يۇلۇمنى توسقىنىغا قارىماي ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم ...بۇرۇنقى پەدەم بۇيچە يەنە خۇددى ساراڭلاردەك كىتىپ بارىمەن . ئەمما نەگە بېرىپ نەدە توختىشىمنىمۇ بىلمەيمەن . كىتۋاتىمەن ، كىتۋاتىمەن ، كۆزلىرىمدە لىق  ياش ...



                                                                     خاتىمە ئورنىدا

ئىلگىركى ۋاقىتلىرىمدا تەقدىر دىگەننى ھەممە ئادەم ئۆزى يارىتىدۇ . ھەممە ئادەم ئۆز تەقدرىنىڭ تۈمۈرچىسى دەپ چۇشىنەتتىم . ئەمما ھازىر تۈپتىن ئۇنداق ئەمەس ،بۇ تەقدىر دىگەننى بىز ئەمەس ، بىزنىڭ بۈگۈن ،  ئەتە ۋە ئۆگۈنىمىزنى تەقدىر بەلگىلەيدىكەن ، ھەم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن . ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ ئاخىرلىشىپ بولغۇچە تەقدىرىم مىنى كۆپ قېتىم يېغلاتتى ، ماڭا نۇرغۇن چاقچاقلارنى قىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئەگىرى –توققايلىرىدا سىنىدى .مانا ئارىدىن ئالاھەزەل 2 يىلچە ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەن بۇگۇنكى كۈندە يەنە ماڭا چاقچاق قىلغۇسى كىلۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشاش تاتلىق گەپلىرى، مەندىن ئايرىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ، چۈشەندۈرۈشلىرى  يەنە قايتىدىن قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدىغان بولدى .ئەمما مەن ئەمدى بۇلارنى قۇبۇل قىلالمايتىم . ... كىيىن بۇ ئىشلار مۇيەسسەر ئارقىلىق مۇختەر ئاكام ۋە ماينۇر ھەدەملەرنىڭمۇ قۇلىقىغا يىتىپتۇ . ئۇلارمۇ ۋاپاسىز ئوغلىنىڭ قىلغانلىرىدىن خىجىلچىلىق تارتىپ ماڭا ئارتۇق گەپ قىلماس بولدى . ئەمما بۇ ئىشلار مەن مۇيەسسەر ۋە مۇختەر ئاكاملارنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى ، ھېلى ھەم ئۇلارنىڭ ئۈيىگە ئەركىن بېرىپ يۇرۇيمەن ، ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆزۈم يالغۇز ئەمەس ئايشەم ھەدەملەر ماڭا تۇنۇشتۇرغان ھېلىقى يىگىت بىلەن .....مانا بۇلارمۇ شۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى !








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   白雪~公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 06:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7410
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1731 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84971
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-9-11
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 06:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80611
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:00:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:21:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2898
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30638
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6715 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:21:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80611
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 09:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 07:57:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1427
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9736
تۆھپە نۇمۇرى: 583
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
خاتالاشسا
                               قايتىپ كەلمەيدۇ،
              سەن بولساڭلا
                                       مەن رازى بولاتتىم........

كىيىنكى پۇشمان ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3573
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 965 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
دۇئا _ رەخمەت ئىشىكلىرىنىڭ ئاچقۇچى،مۆمىنىنىڭ قۇرالى،دىننىڭ تۆۋرۈكىدۇر.
دۇئا _ ئىبادەتتۇر،ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش