مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 17

تەقدىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80611
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كىتىۋاتىمەن ، كاللام قۇپقۇرۇق ، ھەتتا پۇت – قۇلۇممۇ ئۆز كونتىرولىقىنى يۇقاتقان .نەگە بېرىپ  نەدە توختىشىنمۇ بىلمەيمەن ...ئەگەر ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ، مىنى ئازىراق قۇدىرىتى بىلەن ئۇچالىغىدەك قىلىپ  ياراتىپ قويغان  بولسا ئىدى . قانات ياساپ يىراق –يىراقلارغا ، مىنى ھېچقانداق بىر ئىنسان تۇنۇمايدىغان يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتسەم ، مۇشۇ داۋالغۇپ قالغان كۆڭلۈم ئازىرق بولسىمۇ ئەمىن تاپقان بۇلار  ئىدى ...
   توۋا ،ما  ئادەملەرنى ! نېمانداق مۇرەككەپ چۈشىىكسىز ياراتقان بولغۇيتى ئاللاھ بۇ ئادەم دىگەننى ؟ قاراپ –قارارپ، ئويلاپ-ئويلاپ پەقەت چۇشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن . قاراڭ ، قول تۇتۇشۇپ ، كىپىىنەكلەردەك قوغلىشىپ يۇرگەن  ئاۋۇ بىر جۈپلەرنى ! مۇشۇنداق  بەخىتنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتقان گۈزەل پەيتىلەردە  بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇقنىڭ خىيالىغا قانداقمۇ كەلسۇن بۇ ئادەمنىڭ جېنى ئالدىغان ئايرىلىش ئازابى ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ خۇددى شۇلارغا ئۇخشاش يۇرگەنلىرىمدە ئۇنى مىنىڭ بارلىقىم ، مىنىڭ خۇشالىقىم ، مىنىڭ ھاياتىم دەپ كىچە – كۈندۇز ئۇنىڭ خىيالى  بىلەنلا يۇرمىگەنمىدىم ؟ كىم بىلىدى ، ئاقىۋەتتە مۇھابىتىمنىڭ بۇنداق ئاچچق يىغا بىلەن ئاخىرلىشىشنى ؟ شۇنداق بۇلارنى بىلگەن بولسام ئىدىم كاشكى ، ھەرگىزمۇ بۇ مۇھاببەت دىگەن كىچىىككە كەچمىگەن بۇلار ئىدىم . تاس قالدىم مۇشۇ كىچىككە پېتىپ قېلىپ چىقالماي قالغىلى !

ــمۇرات ، ئەگەر مىنى راستىنلا ياخشى كۆرسەڭ ،ماڭا ئاۋۇ گۈلىنى ئۈزۈپ ئەكەپ بەر !
ــ بۇ  باغچا رايۇنىدىكى گۈلنى ئۈزسەم بولمايدۇ جنىم ، يۇر مەن ساڭا بازاردىن گۈل ئەپ بىرەي ،قارا  ئاۋۇ يەردە قوغدىغۇچىلار بار ئىكەن ، ئۇلار كۇرۇپ قالسا ھەرگىز بوش قۇيۋەتمەيدۇ مىنى .
ــ ياق ،بولمايدۇ .ماڭا ئاشۇ گۈل لازىم .مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن ؟ ھې ، ئەمدى ساڭا قارىمايمەن ....
ــ بولدى ، بولدى ،خاپا بولما ھە قوزام ، پەقەت سەنلا خۇشال بولساڭ مەن ئوت-دېڭىزغىمۇ كىرىشكە رازى .نىمە دەپ سەن ئۇچۈن ئۇنچىلىك ئىشنى قىلالمىغۇدەكمەن ؟
ــ بۇ گەپلىرىڭ راسمۇ مۇرات ؟ مەن ئۈچۈن راستىنلا شۇنداق قۇربانلىقلارنى بىرىشكە رازىمۇ سەن ؟ مىنى شۇنداق قىلىشڭغا ئەرزىيدۇ دەپ قارامسەن ؟
ـــ ئەخمەق قىز ، نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ؟ ئەلۋەتتە ئەرزىيسەن ، بىلىسەنغۇ سىنى قانچىلىك دەرىجدە ياخشى كۇرىدىغىنىمنى . ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ جېنىم ! ..
ئۇلارنىڭ شۇنداق دەپ بىر – بىرىنىڭ بۇيۇنلىرىغا گىرە سېلىشلىرىدىنلا بىرخىل خىىجىلىق ھېس قىلىپ كۆزلىرىمنى ئېپ قېچىپ باشقا ياققا تىكتىم .قۇپقۇرۇق بوپ قالغان كالللامغا بىلمىدىم نەدىن  كەلگەن گادىرماچ خىياللار .تۇرۇپ  ئۇلارنىڭ شۇ تاتلىق سۆزلىرىدىن مەنمۇ خىيالەن مەستخۇش بولسام يەنە  بىر تۇرۇپ ئىچىمنى بىر خىل ئۆزۈممىۇ چۈشىنىپ بۇلالمايدىغان ئاچچىق ھېسلار  ئۆرتمەكتە ئىدى . مەجىبۇرى ھالدا قەدەملىرىمنى باشقا ياققا يۆتكىدىم ، ئۇلارنىڭ يىنىدىن كەتمەكچى بۇلىۋاتقان بولساممۇ نىمە ئۈچۈندۇر بىر خىل كۈچ مىنى  تۇسۇپ، ئۇ قىز تەرەپكە سۆرەيتى ، سەۋەبى ئېنىقكى مەن ئۇ قىزنىڭمۇ ياق ئۇ قىزلا ئەمەس بەلكى  بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ  خۇددى ماڭا ئوخشاش ئاشۇنداق شىرىن سۆزلەرگە  ئەسىر بۇلۇپ ، كىيىن ئازاپ چىكىپ قان-ياش تۈكىشىنى ھەرگىز خالىمايتىم . ئىلگىرى  ئالدىمدا «قىزلار ئاجىز بۇلىدۇ »دىيىلسە پەقەت تەن ئالغۇم كەلمەيتى ،« نىمە ئۈچۈن بىز قىزلار ئاجىز كىلىدىكەنمىز ،ئاللاھ بىزنى پەقەت جىنىس جەھەتتىلا پەرىقلىق ياراتتى ، باشقا ئىشلاردا بىزنىڭمۇ ئوغۇلللارغا يەتمەيدىغان نەرىمىز بار ،گەرچە مەن قىز بالا بولساممۇ  خۇدا خالىسا ئوغۇللاردەك مەردانە ياشايمەن »دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەمەننا قۇيۇپ كەلگەن قەيسەر قىز ئىدىم . مانا ھازىرچۇ ؟ 10يىللىق دادامدىن ئايرىلىش ئازابىغىمۇ چىداپ كەلگەن قەيسەر قىز ھازىر ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان قىسقا ۋاقىتلىق خۇشالىق، مىھىر –مۇھابىتىگە قىيالماي كۈندە كۆز-يېشى قۇرۇمايدىغان يېغلاڭغۇغا، ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل چىچەن –چاققان قىز ھېچ ئىش خۇشياقمايدىغان تىرىك –تاپقا ، ھەممە ئىشقا ئىشەنچ- جاسارەت بىلەن قارايدىغان ئۈمۈدۋار قىز ھازىر ھېچ كىشىگە ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان مانا مۇشۇنداق ئاجىز بەكمۇ ئاجىز بىر قىزغا  ئايلىنىپ قالدىم .شۇڭا قارىماققا شۇنچىلىك سەبى ئۇماق كۈرۈنىدىغان ئۇ قىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇنىڭ شىرىن –شىكەر گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ ، كۆز ياشلىرىنى ئەرزىمەس ئادەملەر  ئۈچۈن بىھۇدە  ئاققۇزىشىنى خالىمىدىم .ئەگەر مەندە پۇرسەت بولسا ئىدى ، بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمىنى ئېيتاتىم ، بىر ئاچىلىق( گەرچە ئۇنىڭ ئۆز ئاچىسى بولمىساممۇ مىللەت نوقتىسىدىن ئېلپ ئېيتقاندا ئۇنىڭغا ئاچا بۇلىشقا سالاھىتىم تۇشىدۇ ) سالاھىيىتى بىلەن تەربىيە قىلغان بۇلاتتىم . ھەي ،ئەمما شۇ  يىگىتىنىڭ  تاتلىق گەپلىرى ئۇنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىنى ئىرىتىپ تۇرغاندا مەن بېرىپ ئۇنىڭغا «سىڭلىم ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، ئۇ سىزنى ئالداۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئېيقانلىرنىڭ ھەممىسى سىزنى كەلتۇرۇشتىكى ۋاستە ، سىزنى ياخشى كۇرىمەن دىگەنلىرى ۋاقىتلىق ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنى مەڭگۈ دىگىنىدەك سۇيەلمەيدۇ ، بۇلار مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ، سۆزلىرىمدىن ئىبىرەت ئېلىڭ ، ماڭا ئوخشاش ياخشى كۇرۇشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۇرۇپ قېلىپ .ئۇنتالماي ئازاپتا قالماڭ »دەپ ئېيتىسام گەپلىرىمگە ئىشىنەرمۇ ؟ تىخى مىنى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي شۇنىڭ دەردىدە ساراڭ بوپ قالغان ئوخشايدۇ دىمىسىدى ! ئەمەليەتتەغۇ ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، بەلكىم ئۇ يىگىتكە بەرگەن باھايىم خاتادۇر ...ئۇمۇ ئوغۇل بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغىمۇ شۇخىل نەزەردە قاراپ قالغاندىمەن ...
مانا  مۇشۇ خىياللار بىلەنلا بۇلۇپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن . ئۆز-ئۆزۈمگە غەيرىتلىك بۇلۇش، ئەسلىمنى تېپىۋىلىپ مەردۇ-مەدانە ياشاش توغۇرلۇق كۆپ ئىلھاملارنى بىرىمەن يۇ – نىمە ئۈچۈندۇر بۇ ئەسلىمىلەر قوينىدىن پەقەت چىقالمايۋاتىمەن ، ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت كىرەك ، چۇقۇم ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ  كىتىدۇ ...ئەمدى  بىر غەيرەتكە كىلىپ قايتىپ كىتەي دەپ تۇراتىم ئالدىمدا بىرسىنىڭ تىلفۇندا دىگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،قارىسام ھېلىق يىگىت . ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپلا گىپىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم   
ــ دىدىمغۇ ساڭا،مەن ھازىر دادام بىلەن بىللە،ئۇ تەرەپلەرگە بارالمايمەن .مەن ساڭا ئەتە تىلفۇن قىلاي ھە!
قارىشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكى ، نىمە دەۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى ، قارىشى تەرەپنىڭ بىر قىزبالا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرمەك تەس ئەمەس  ئىدى.
ــ ماقۇل، ماقۇل ،يېغلىما ھە قوزام ، دادامنى ئۆيگە يولغا سېلۋىتىپ يېنىڭغا  ھازىرلا باراي . كىم دەيدۇ مىنى ساڭا ئۆچ بۇلۇپ قالدى دەپ . ئەمدى ئۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قىلما ، شۇ سەن بەك ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسەن ...
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۇرۇكۇم قايتىدىن ئېچىشىشقا  باشلىدى . مانا مەن دىمىدىممۇ، ئوغۇللارنىڭ ھەمىسى ئوخشاش . ئاق بۆرە، قارا بۆرە، كۈلرەڭ بۆرە ھەممىسى ئوخشاش بۆرە،ـ ئادەم يەيدۇ ... يىگىتنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئېنىقكى  ئۇ كىتىدۇ ، ئەمدى گەپ ئۇ قىزنى قانداق يولغا سېلىش، بۇ ئىشقا تېخىمۇ بەك قىزىقىپ سومكامدىن تىلفۇننى ئالدىم دە يالغاندىن تىلفۇن سۆزلەشكەن بۇلۇپ ئۇلارغا يىقىنلاپ بېرىپ بىر ياندا توختاپ  قالدىم.
ــ جېنىم  ، ھازىر دادام تىلفۇن قىپتۇ ،مىنى ھەدەمنىڭ ئۆيگە  بىر نەرسە بار ، ئاپىرپ بىرىپ كەل دەيدۇ . مەن قايتمىسام بولمايدىكەن ، يۇر قايتايلى ، ئەسلى سىنى ئاپىرىپ قويسام  ياخشى بۇلاتتى ، ئەمما دادام بەك  ئالدىراپ  كەتتى ، مەن سىنى ماشىنىغا سېپ قۇياي . ئەتە كۇرۇشەيلى ھە قوزام ، مەن ئەتە ساڭا تىلفۇن قىلاي ،تىلفۇنۇمنى ساقلا .
ـــ مۇشۇنداقلا كىتەمسەن ؟ لىكىن مىنىڭ سەندىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق . تىخى ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم تۇگىمىدى . بىردەمدىن كىيىن ماڭغىن بۇلامدۇ ؟ ساڭا كۇزۇم قىيمايدىكەن ...
ــ مىنىڭمۇ شۇ قوزام، سەندىن بۇنداقلا ئايرىلىشقا مىنىڭمۇ كۇزۇم قىيمايدۇ . ئەمما ئامال يوق ، مەن ماڭمىسام بولمايدۇ .يۇر قايتايلى .
شۇ تاپ ۋۇجۇدۇمدا ئۇلغۇيۋاتقان نەپىرەتنى پەقەت بىر ئۆزۈملا بىلىمەن ، ھەي بىچارە سىڭلىم ، سىز نىمانداق ئەخمەق ، ئۇنىڭ شۇ ھىيلىگەر سۆزلىرىگە ئىىشنىپ كىتىپ بارىسىز . ئۇ سىزنى  تاشلاپ «دادىسى»نىڭ ئەمەس يەنە بىر «قوزىسى»نىڭ  قىشىغا كىتىپ بارىدۇ ، ئەمما سىز ساددىلق بىلەن يەنە ئۇنىڭغا يېپىشۋاتىسىز . ئۇنى قۇيۋىتىڭ سىڭلىم ، ئۇ سىز تۇتۇپ قالىدىغان بەخىت ئەمەس ، قۇيۋىتىڭ ! تاس قالدىم ئىچمدە شۇلارنى دەۋىتىپ ۋاقىرىۋەتكىلى .نىمىشقىدۇر بىلمىدىم ، ئۇ قىزغا ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل  مىھىر يېغىپلا تۇراتتى ، ئەگەر كىچىككىنە بىر  پۇرسەت بولسا ھەممىنى ئېيتالمىساممۇ ، ئۇنى ئازىراقلا بولسىمۇ بىر ئەسەرتىپ قۇيالىغان بولسام .
ئاھ،خۇدا ـ! ئۆزۈڭ شۇنچىلىك مىھرىبان ،كۇيۇمچان ، لىكىن بۇلارمۇ سەن ياراتقان ئىنسانلارغۇ ؟ قىنى شۇ  بەندىلىرىڭدىكى ئىنساپ ، قىنى شۇ بەندىلىرڭدىكى سەمىمىيلىك ؟  سەن بەندىلىرڭىنى ھەرگىز بۇنداق رەزىللىك ، پەسكەشلكى بىلەن ياراتمىغان .ئەمما ھەي بۇ ئادەم دىگەننى قارا  ! تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس،يەنە تىخى  نىمىدىگەن تاتلىق ئېيتىلغان رەزىل سۆزلەر ئۇ ! پەقەت ماڭا ئوخشاش مۇھاببەتنىڭ ئاچچىقنىى تېتىغان ئادەملەر ئويلاپ يىتەلىگەن بىلەن بۇ سۆزلەرگە ،ئەمما ئۇ سىڭلچاققا ئوخشاش مۇھاببەت بۇشۈكىدە ئەلەيلىنۋاتقان « قوزىلار» ھەرگىزمۇ بۇ ساختا مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى چۇشنەلمەيدۇ . ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق بولغان ، ئۇمۇ ئاشۇ يىگىتكە ئوخشاش بىر تىلفۇن بىلەن قايتىپ كىتەر بولسا ئۇنىڭ يولىرىغا ئامانلىق تىلەپ كىتەتىم . ئۇنىڭ باشقىلار  بىلەن تىلفۇن سۆزلىشىپ توختاپ قالسا ، تىجەشلىك بىلەن يىغىپ قويغان پۇلىرىمنى ئۇنىڭغا تىلفۇنىغا قاچىلايتىم . ئشقىلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققاننىڭ ھەممىسى راسىت، مىنى ھەرگىز ئالدىمايدۇ دەپ بىلگەن ئىكەنمەن ، ھەتتا يېرىم كىچىدە ئۇنىڭ تىلفۇننى بىرسى ئېلىپ مىنى ھاقارەتلەپ ، مەن ئۇنىڭ« خۇتۇنى «دىگەندىمۇ ،ئۇنىڭ « جېنىم ، خاپا بولما ، تىلفۇننى ئالغان مىنىڭ سىڭلىم ،  ئۇ سىنى نىمە دەيدۇ دەپ شۇنداق دەپ قويدى »دىگەندىمۇ گەپلىرىنى راست دەپ بىلىپ ، ئۇنىڭدىن ھېچ بىر گۇمانلانمىغان ئىكەنمەن . ئۇ ماڭا شۇ شىرىن مۇھاببەت ئاتا قىلغان كەڭ قورساقلىق ئىكەن ،ئەمدى ئويلاپ باقسام نىمە دىگەن ئەخمەقلىق ئۇ، ئىسىت ئۇنى دەپ قىلىپ  كەتكەنلىرىم ، ئۇنى دەپ بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەن ۋاقىتلىرىم ...
ــ ۋەي ،تىچلىقمۇ ھەدە، قانداق ئەھۋالىڭ ؟ مەن شۇ باغچا دەريا بۇيىدا ،بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشۋاتقان ، ھازىر قايتاي دەپ تۇرىمەن .
ـــ ...........
ـــ شۇنداقمۇ ؟ بۇلىدۇ ، ئەمسە مەن سىنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي ، سال تۇرۇپ كۇرۇشەيلى.خوش.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ پۇت –قوللۇرۇمغا بۆلەكچىلا جان كىرگەندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا  پۇرسەت چقىدىغان بولدى .نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئىشقىلىپ  كۆڭلۈمدىكىنى ئۇنىڭغا  بىر ئېيتىۋالسام ، بۇ مەن ئۈچۈن ھازىرقى چوڭ بىر خۇشاللىق .
ئۇ قىز يىگىتگە ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئاچىسىنىڭ بۇيەرگە كىلىدىغىنى، ئۇنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرىدىغىنى ئېيتىپ يولغا سېلىپ  قۇيۇپ يالغۇز قالدى . قارىسام-قارىسام قارىغۇم كىلىپلا تۇرىدۇ ، ئىچ-تېشىدىن بىر خىللا مۇھاببەت يېغىپ تۇرىدۇ ، قارىماققا شۇنچىلىك سەبى ،شۇنچىلىك  ئۇماق ،ئىچىمنى كۆيدۈرۈپلا تۇراتتى . خۇددى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلاپ تۇرۋاتقان بىر نەرسە باردەكلا ...لىكىن نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا شۇنچە تەررەدۇت قىلساممۇ ،ۋۇجۇدۇمدا يەنە بىر خىل جىدىيچىلىك .ئاخىر ئۈمۈدكە كىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم .پارىڭىمىز ئەنە شۇنداق قىزغىن باشلىنىپ كەتتى ...

ۋاقىت مۇناسىۋىتى شۇنچىلىك يازالىدىم .داۋامى بار .مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   白雪~公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 07:03 PM  


دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز  ئاشىقلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز



  ئاخىرغا تەشنامەن

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:21:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىمۇ بۇ ؟ ئەسەر يازغاندا ژانىرىنى بىر دەپ قويۇڭلار . ئادەم نىم ئوقۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالىدىكەن .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

سىز ۋە بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2555
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان نەسىھەت قىلىڭ جۇمۇ ، ئاخىرىنى ساقلاي.

بولاي دىسەڭ جەننىتى ئاتا-ئاناڭنى رازى قىل .

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:28:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىىمسىمۇ راست ئوغۇللار  قىزلارنى كەلتۈرۋىلىپ  يەنە نۇمۇسسىزلارچە باشقا ئاتالمىش قوزا ئىزدەيدۇ چىن مۇھەببەت ساختىلققا ئايلىنىدۇ

بىرسىدىن شۇنداق ئاڭلىغانتىىم

مۇھەببەت
مۇھاببەت
مۇخەببەت
مەبەت
مابەت
ۋاختى توشتى تاشلىۋەت
دەپ  شۇنداق ئىشلامۇ كۆپ

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8796
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچام بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كىتىپتۇ !!ئامال بار تىزراق يوللاڭ جۇۇمۇ !!

        ھـــــــــــــــــــــار مىغــــــــــــــــــــــــــــايسىز!!

بەختىمنى ئۇلۇغ  اللادىن تىلەيمە ، اللا ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ساقلايمەن ئەمىسە

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯚرﺗﻪﻧﺴﯘن ﺋﻪﮔﻪر ﻏﻪﻳﺮﯨﻐﻪ ﭘﻪرۋا ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ،
ﮬﻪر ﻛﯚﯕﯜل ﮬﻪﻣﻜﯩﻢﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪۋﻗﯩﯖﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﮬﻪر ﻛﯩﺸﻰ ۋەﺳﻠﯩﻦ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪم ﻧﻪۋﻣﯩﺪ ﺋﯚﻟﻪي،
ﮬﻪر ﻛﯚﯕﯜل ﮬﻪﻣﻜﯩﻢﺳﯧﻨﯩﯔ ۋەﺳﻠﯩﯔ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪسەن
. ﺋﯚزﮔﻪﻟﻪر ﮬﯚﺳﻨﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪم، ﭼﯩﻘﺴﯘن ﻛﯚزۈم،
ﺋﯚزﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚز ﮬﻪﻣﻜﻰﮬﯚﺳﻨﯜﯕﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.                                                               ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ زﯨﻜﺮﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﻗﯩﻠﺴﺎ لال ﺋﯚﻟﺴﯘن ﺗﯩﻠﯩﻢ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞﮬﻪﻣﻜﻰ زﯨﻜﺮﯨﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
. رەﺷﻜﯩﺪﯨﻦﺟﺎﻧﯩﻤﻐﻪ ﮬﻪرﻧﻪرﮔﯩﺲ ﻛﯚزى ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺋﻠﻪدۇر،
ﺑﺎغ ﺋﺎرا ﻧﺎﮔﺎھ ﺧﯩﺮام ﺋﻮل ﺳﻪرۋ رەﺋﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 09:54 PM  


ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5944
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1110 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئاشۇنداق گۇزەل ئەمما ئېچىنىشلىق كۈنلىرى بولدىغان  ئوخشايدۇ ، مەنلا ئاشۇنداق ئوخشايمەن دېسەم قارغاندا باشقا قىزلامۇ شۇنداق ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقلىقىنى دەپ ئارلاشقان كىيىنغۇ ماڭا يامانلىق قىلمىدى مېنى چېن دىلىدىن ھۆرمەتلەپ ئەقىل ئۆگۇتۇپ كەلگەن ئەمما مەنمۇ ساددىلارچە ئۇنىڭغا ئېشىنەتتىم ، خىزمەت سەۋەبى بىلەن قەشقەرنىڭ بىر ناھىسىدە ئېشلەۋاتىدۇ،ئەمما يېقىندا كەچ سائەن10دىن كىيىن تېلغۇن ئالدىراش مەنمۇ ئالدانغان ئوخشايمەن ،ئۇغۇ خىزمەتىشىم پاراڭلاشتى دەيدۇ لىكىن ئەمدى ئېشەنمەيمەن ، چۇنكى كۇندە ئوخشاش ۋاقىت ئالدىراش بولىۋەرمەيدۇ........... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tatlek~626 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 10:28 PM  


پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۈتەيلى ئەمسە

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش