تىلەمچى قىز
-سىز..
-شۇنداق مەن.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە تىز تىز قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزاققىچە قاراپ كەتتىم.ئۇ بۇ يەردە نىمىش قىلىدۇ.ئۇ كەلمىگەن ئەمدى مەكتەپ قالدىمۇ؟ياق ياق..ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇنداقتەك ئەمەس.
بىر بىرىگە زىت،گىرماش سۇئاللار بىلەن كاللام قېيىپلا كەتتى.ئىشخانىغا كىردىم.ئىشخانىدىكىلەرنىڭ نىمە ديىشىۋاتقانلىقى خىيالىغما كىرىپمۇ قويمىدى.نىمىشقا ؟زادى نىمە ئۈچۈن؟شۇنداق ئىللىق بىز قىز قانداق بۇلۇپ تىلەمچىلىكتەك بىر ئىشنى تاللايدۇ،ھىچ بولمىسا بىرەر ئاشخانىنىڭ قاچىسىنى يۇيسىمۇ بۇ قىلمىشىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ئىللىق،نىمىشقا ئىللىق دىدىم.كىم بىلىدۇ ئاچ،پۇلسىز قالغىنىدا باشقىچە ياسىنىپ كىشىلەرنى ئالداپ يەنە قىڭغىر كوچىلاردا ئويناپ يۈرۈيدىغان نىقاپلىق «پەرى»مۇ تېخى،بىچارە ئاپام،كۆڭۈلچەك ئاپام،ئۇزىتىپ چىقىپ كەينىدىن يىغلاپ كەتكەنتى.ئۇ نىمىلەرنى دەپ كىشىلەرنى ئالداپ يۈرگەندۇ؟بۇپتۇ باشقا يەرغۇ مەيلى،ئۇنىڭ مەكتەپكە كەلگىنى نىمىسى مەينەت قەدەملىرى بىلەن...بىردىنلا ئوي خىياللىرىم ئۇنى شۇ كوچىغا مۇقۇملاشتۇرۇپ باشتىكى نىمە ئۈچۈندىن بىراقلا نەپرەت ھەم سەسكىنىشگە ئۆتۈپ كەتتى.
-ئەدھەم سېنىڭچە قانداق؟
خىزمەتدىشىم ياسىننىڭ بۇ گېپىدىن ئارانلا ئىسىمگە كەلدىم.
-نىمە قانداق؟ياندۇرۇپ ئۇنىڭغا سۇئال قويدۇم.
-توۋا،ئابايتىن بېرى بىز نىمە دىيىشىۋاتىمىز..
-دىققەت قىلماپتىمەن.
راست،باياتىن بېرى خىيالىم ھېلىقى قىزدا بولغاچ بۇلارنىڭ ئىشخانىدىكى ھىچقانداق پارىڭى قۇلىقىمغا كىرمىگەن ئىدى.
-بولدى باشقا ئىشنى قۇيۇپ ئالدىنقى كۈنى دىگەن سىنىپىڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىدىن ئىككىنىڭ تىزىمىنى بەر،مۇدىر سوراۋاتىدۇ.
-ھە..ئۇ ساخاۋەتچىمىز يەنە كەپتۇما؟
- ۋوي راست ،سەن تېخى كۆرمىدىڭ ھە..بىر ئاز بۇرۇن كىرگەن بولساڭ كۆرەتتىڭ،بۈگۈن ئۆزى كەپتىكەن.
-باياتىن كىرىۋېتىپ كۆرگەندۇ،شۇڭا خىيالغا پېتىپ كەتتىمىكىن دەيمىنا،-دىدى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىۋاتقان ئاتىكەم ھەدەم بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن.
-نىمە؟باياتىن بېرى چىقىپ كېتىۋاتقان قىزما؟ئابايقى تىلەمچى قىز؟؟؟
-كاللاڭ جايىدىمۇ ھەي،نەدىكى تىلەمچى،نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان قىز ئۇ.نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ..
توۋا...بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كەتتى.تېخى ئالدىنقى كۈنىلا بىزنىڭ مەھەلىدە تىلەمچىلىك قىلىپ ئۆي ،ئۆيلەرگە تەلمۈرگەن قىزنى ماۋۇلار بىر نەچچە يىلدىن بېرى ساخاۋەتچىلىك قىلۋاتىدۇ دەيدۇ.
نەرسىللىرىمنى ئالدىراپ يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە يۈگۈردۈم،نىمە بولغاننى بىلمىگەن ياسىن كەينىمدىن توۋلىغىنىچە قالدى.توغرا،ياسىن نىمىنى بىلەتتى،مەن چېغىمدىمۇ ھىچنىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.بۇ زادى نىمە ئىش،ئۇنى ئىشخانىدىكىلەر ساخاۋەتچى دەيدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئۆي ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى چەككەنلىكىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام.نەچچە ئىشىكنىڭ ئۇنىڭغا زەردە بىلەن يېپىلغىنى كۆرگەنمەن.ھەتتا بىزنىڭ ئۆيگىمۇ كىرگەن تۇرسا،چاندۇرماي يىغلاپ ئاپامنىمۇ ئالدىغان تۇرسا تېخى.ئەگەر ئۇنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بولسا ئۇ نىمىشقا توغرا بىر يولنى تاللىمايدۇ. ئاھ خۇدا...بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كەتتى،ئادەملەرچۇ؟
مانا شۇنداق گادىرماش خىياللار بىلەن ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدىم.تەلىيىمگە ئاپاممۇ باركەن.
-ئەدھەم بالام كەلدىڭمۇ،بۇنى ساڭا..ئاپام شۇنداق دىگىنىچە بىر كونىۋېرتنى ماڭا تەڭلىدى.مەن ئۇنى ئالغاچ ئاپامغا قايناپ كەتتىم.
-ئاپا،جېنىم ئاپا.بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كەتتى.ماڭا راستنى دىگىنە،ھېلىقى تىلەمچى شۇ كۈنى ساڭا نىمە دىدى؟
-قايسى تىلەمچى بالام،-ئاپام تېڭىرقىغىنىچە ماڭا ياندۇرۇپ سۇئال قويدى.
-ۋاي ھېلىقىچۇ ئاپا،ئالدىنقى ھەپتە تىلەمچىلىك قىلىپ بىزنىڭ ئۆيگە تىلەپ كىرگە ھېلىقى قىز.مەن ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىشىتىن بۇرۇن مەھەللىدە نەچچە ئۆيگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.
-تىلەمچى؟-ئاپام ھەم سۇئال،ھەم يەنە قانداقتۇر ئېغىر بىر تىنقتا بۇ گەپنى تەكرارلىدى.
-تىلەمچى،شۇنداق ئۇ بىر «تىلەمچى»
-ئاپا دىگىنە ئۇ زادى نىمە دىگەن ،تىز بولە،كاللام شۇ تاپ پارتلاپ كېتەيلا دىدى.
-شۇنداق بالام ئۇ بىر «تىلەمچى»،-ئاپامنىڭ كۆزلىرىدى ياش لىغىرلىدى.مەن تېخىمۇ قايمۇقۇشقا باشلىدىم.
-بولدى ئاپا بولدى،ئۇ بىر ئالدامچىكەن،باشقىلارنى ئالداپ پۇلىنى ئېلىپ...
-ياق،ئاغزىڭنىڭ يۇم...-ئاپامنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن چۆچۈپ كەتتىم.ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ۋارقىرىمايتى.-شۇنداق ئۇ بىر «تىلەمچى»،مەن ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەردىم.ئۇ مەندىن ئانىسنىڭ ئورنىدا ئانىلىق مىھىر،ھەدىسىنىڭ ئورنىدا قېرىنداشلىق مىھىر،ئايال بولماقلىقىم بىلەن دوستلۇق مىھىر بېرىپ بىر قېتىم باغرىمغا بېسىپ قۇيۇشۇمنى تىلىدى.مەن بەردىم بالام،
-ھە؟؟؟
-ئۇ تېخى بايىلا بىر كېلىپ كەتتى.بۇنى ساڭا بېرىپ قۇيۇشۇمنى ئېيتتى.
خىلمۇ خىل سۇئال،نىمە ئۈچۈنلەر بېشىمنى قاتۇرىۋەتتى.ئالدىراپ كونۋېرتنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم~!
ياخشىمۇسىز.ئىسمىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكنى بىلمەيمەن.ئەمما مەكتەپتىكى كىچىككىنە ۋاقىت ئىچىدىكى خىلمۇ خىل ھېس تۇيغۇلار ئىچىدىكى ھالىتىڭىزنى مېنى بۇ خەتنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى.بەلكىم ھېلىقى بىزنىڭ مەھىلىدە يۈرگەن تىلەمچى بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىدىغاندۇ دەپ ئويلىدىڭىز.شۇنداق.شۇنداق ئويلاشقا تامامەن ھەقلىقسىز.چۈنكى مەن دەل سىزنىڭ ئۆيىڭىزگىمۇ كىرگەن.ئۇ ھالدا مېنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم شۇنداق ئويلايدۇ.بەلكىم نىمە كاراىم دەپ ئۆتۈپ كەتسەممۇ بولار ئىدى.لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم.مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ماڭا خاتا نەزەردە بولىشىنى خالىمايمەن.بەلكىم شۇ سەۋەپمۇ شۇ كۈندىكى تىلەمچىگىمۇ ئايلانغاندىمەن.
شۇنداق،مەن بىر تىلەمچى.پۇل-مال،كىيىم كېچەكتە،ئورۇن،مۇناسىۋەتتە كىشىلەرگە ساخاۋەت قولىنى ئاچقان سېخىي بىر بەندىمەن.ئەمما مىھىر-مۇھەببەت،ساداقەت-ۋاپا جەھەتتە شۇنچىكى مۇساپىر.خار.تىلەمچىمەنكى كىشلىك ئالىمىمدە بىر ئۆزۈم يالغۇز.يالغۇز ياشاۋاتىمەن.تاپقىنىمنى تەڭ بېرىپ بالىلىق ۋاپايىمنى يەتكۈزەي دىسەم مېنى ئىللىق باغرىدا ئەللەيلىتىدىغان دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانام يوق.سىڭللىق،قېرىنداشلىق مېھرىم بىلەن باغاشلاي دىسەم پىشانەمگە سۈيۈپ قويىدىغان ئاكا-ئىنى،ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىم يوق.ئىچ باغرىمنى تۆكۈپ،سىرلىمنى بايان قىلىپ شات كۈلەي دىسەم جان جىگەر دوست-ئاداشلىرىم يوق.بارلىق مۇھەببىتىمنى بېرىپ چىن دىلىمدىن سۈيۈپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلاي دىسەم ماڭا ھەقىقى سۈيگۈ بېرىدىغان ساداقەتمەن ھەمراھىم يوق.
ئىسىمنى بىلسەم ئاتا-ئانام ئاللا بۇرۇن ئاكام ئىككىمىزنى تاشلاپ باقىيغا سەپەر قىپتۇ.ئاتا-ئانا مھېرىنىڭ،باغرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.ئەمما قايسى كۈنى ئائىشە ئاپامنىڭ باغرىنى شۇنچىلىك ئىللىق ھېس قىلدىمكى كۆۈزۈمنى يۇمۇپ تۇرغان مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇ ئىللىق قۇچاقتا ئەركىن ئويناپ،باغاشلىنىپ چوڭ بولغان سىزگە ھەسەت قىلىپ ئۈلگۈردۈم.ئاكام ئىككىمىز تاغامنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بىلەن ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ چوڭ بولدۇق.ھېلىھەم ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم ھەم تەشەككۈرۈم بار،گەرچە ئۇ ئايالىنىڭ ئالدىدا بىزگە تەڭ تۇرۇپ،ئۇنىڭ بىزگە قىلغان مۇئامىلىلىرى ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئەل جامائەت ئالدىدا بىزنى ئېتىراپ قىلىپ سىرتتا قالدۇرۇپ قويماي قانىتى ئاستىغا ئالدى.پەرىقلىق مۇئامىلىلەر ئالدىدا بارا بارا چوڭ بولدۇق.ئاكام بىر ئوغۇل بالا بولغاچ چوڭ بولغانسىرى ئۆيدىكى تەڭسىز مۇئامىلىگە چىدىيالماي كىچىك ئاپام بىلەن جىدەللىشىپ قەھىرىتان قىشنىڭ بىر كۈنى ئۆيدىن ھەيدەلدى.مانا شۇ كۈنى مەن ھاياتلىقىمدىكى بىردىن بىر قېرىندىشىم،قاندىشىم بولغان ئاكامدىن ئايرىلدىم.بىر چىقىپ كەتتى،كىيىن خەۋىرى بولمىدى.خېلى كۈنلەردىن كىيىن تاغام ھەم كىچىك ئاپامنىڭ كۇسۇرپاراڭلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.بىر كۈنلەردە كېلىپ مېنى ئەكىتىدۇ دەپ ئۈمۈت بىلەن ئولتۇرغان مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەرداشلىق بېرەلمىدىم.ئۈمۈت يىپىم ئۈزۈلدى،گۇيا ھايات شامىم ئۆچكەندەك بۇ دۇنيالىقتىن ۋاز كەچتىم.تالاي ئۆلىۋالماقچىمۇ بولدۇم.ئەمما بەندىچىلىككە يات بۇ ئىشقا قۇلۇم بارمىدى.ئويلا ئويلا بۇ غەم قايغۇ،دەرت ئەلەمدىن پەقەت مەلۇم بىر ئىشقا ئۆزۈمنى بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلالايدىغىنىمنى ھېس قىلدىم دە ئۆزۈم قىزىقىدىغان كىيىم-كېچەك لاھىيە كەسپىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم.راست ئېيتقان كونىلار،قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە دىگەندەك بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىدى.ئاخىر ئۇتۇق قازاندىم.بۇ ئىشقا تۇتۇغ قىلىش جەريانىدا كىچىك ئاپام تاپقان ھېلىقى ئەرگە تەگمەي ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرغانلىقىم سەۋەپلىك تۇزكور،ۋاپسىزسانالدىم ھەتتا ئۆزۈمگە بىر تال يات چىۋىننى قوندۇرمىغان مەن بىر قانداق ئىشلىرىمنىڭ ئاشكارلىنىشىدىن قورقۇپ بۇ تويغا قۇشۇلمىغان سانىلىپ ئېقىپ كەتتىم تۆھمەت دەرياسىدا،بۇ ئۆيدە يەنە قانداق تۇرالاي.ئۆز كۆڭۈل ئازادىلىكمنى ئىزدەپ بېشىمنى ئېلىپ چىقتىم.بەلكىم بىلىسىز ياكى بىلمەيسىز ئۆيدىن ئايرىلغان مۇساپىرنىڭ ھالىنى،يەنە كېلىپ بىر قىز بالىنىڭ...ئەمما يىغلاپ قاقشاپ يۈرۈپ بۇ كۈنلەرنىمۇ ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈمنىڭ مىللىي كىيىم كېچەك ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مانا بۇ شىېركىتىمنى قۇرىۋالدىم.بۇ جەرياندا نۇرغۇنلار بىلەن دوست بۇلۇشتۇم.مېھرىمنى بەردى،ئەمما ئالىدىغاننى ئېلىپلا قاچىدىغانلار كۆپ بولدى.لىكىن ئۆز ئىشىمغا پۇختا بۇلۇپ ئۇلارغا مەيۈسلەنمىدىم.چۈنكى مېنى چوڭ قىلغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمدىن كەلگەن ۋاپا ئالدىدا بۇلارنىڭ نىمە ئىدى.سەۋىر قىلدىم.ئىككى يىل بۇرۇن بىرى كۆڭۈل خانەمنى چىكىپ كىردى،يالغۇزلۇقۇمغا كۈچ بېرىپ غەيرەت ئاتا قىلدى.مۇھەببەتلىك قەلبى بىلەن مەن ئۈمۈت ئۈزگەن كىشىلەر توپى ئىچىگە ئېلىپ كىردى.ئادەم بىلەن ئادەم دىگەندەك كىشىلەر ئىچىدىكى بەختىيارلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىك ھاياتىمنى خوشال خۇرام باشلىدىم.ھەممىنى ئۇنتۇدۇم،چىرايىمغا قايتىدىن كۈلكە يۈگۈردى،خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان قونچىقىنى تاپقان كىچىك قىزدەك.ھەي..پەلەك.كىم بىلسۇن.مەن بەختىم ھېساپلىغان بۇ كىشىم يېقىنقى يىللاردىن مېنىڭ سىردىشىم،دىلكىشىم .مەسلەھدىشىم ھاياتىم سانىلىپ يۈرگەن ئەڭ يېقىن دوستۇم بىلەن تېپىشىپ مەندىن يۇشۇرۇن شىېرىن مۇھەببەت كۈيلىرىنى چېلىپ يۈرۈپتۇ.بۇنى بىلگىنىمدە قانداق بۇلۇپ كەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئۆزۈمگە بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى مەجبۇر ئەسلىتىپ قانچە تەسەللى بەرسەممۇ ئەمما قىلچە ئۈنىمى بولمىدى،گۇيا ئالدىمدا بىر قارا قۇيۇن مېنى يۈتىۋېلىۋاتقاندەك.بارلىق ئاچچىقىمنى خىزمەتتىن ئالماقچى بۇلۇپ ئۆزۈمنى خىزمەتكە ئۇردۇم.كىم بىلسۇن نەچچە يىللىك ھەمكارلاشقۇچى شىرىكىم مەندىن يۈز ئۆرۈپ بىر كۈندىلا كۆزدىن غايىپ بولدى.
نىمىسىنى دەي،شۇنچىلىك قىينالدىم.ۋۇجۇدۇمنى قىيناۋاتقىنىڭ ئازاپ ياكى پۇشايمان،قايغۇ ياكى نەپرەت،ئاچچىق ياكى ئەلەم ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلىۋېلىشنى خىيالىمنى قايتا ئويلىمىدىم ئەمەس.ئەمما يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدىم.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك غېرىپ،مىسكىن،يالغۇز ھېس قىلدىم.ئىككى ئادەمنىڭ بىر يەردە تۇرغىنى كۆرگىنىمدە ئىچىمدىكىنىڭ ھەۋەسمۇ ياكى ھەسەت ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرنىڭ مىدىرلاشلىرىنى كۆرۈپ بىر تالاي يالغانچىلىق ئىچىدە ئۆز ئارا بىر بىرىنى ئالداۋاتىدۇ دەپلا ئويلىدىم.شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بىرىنى سېغىندىم.ئەمما ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن.شۇنىڭ باغرىدا كۆزۈمنى يۇمۇپ بىردەم تۇرۋالسام.شۇنىڭلىق بىلەن ھەممىنى ئۇنۇتسام....
قانداق خىيال كەچتى بىلمىدىم.شۇنداق بىرىنى ئىزدەپ ئۇدۇل كەلگەن بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.ئىرىشكىنم سوغۇق بىر نەزەر بولدى.يەنە بىرىنى چەكتىم،كۆرگىنىم شەھۋەت چاچراپ تۇرغان كۆز بولدى. ئاسمان مېنى يالغۇز قالمىسۇن دېمىدىمۇ ئەيتاۋۇر مېنىڭ بىلەن تەڭ ياش تۆكتى.چاچلىرىمنى قاماللاپ تۇرۇپ يىغلىدىم.چۈنكى يىغلاش گەرچە بۇ ھالىىتىمنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ ئەمما چىڭدىلىشىپ پارتلاپ كېتەي دىگەن كۆكرەك قەپىزىمنى سەل پەل بولسىمۇ ئارامىغا سالاتتى.مانا شۇنداق ساراڭلەرچە مېڭىپ سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.تەلىيىمگە سىزئېچىپلا تېلفۇن كەلگەن سەۋەپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىڭىز،كەينىڭىزدىنلا «كىمكەن بالام»دەپ چىققان ئاپىڭىز ،چېھرىدىن ئاياللىق،ئانىلىق مىھىر مۇھەببەت،ئىللىقلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ئائىشە ئاپامنى كۆرۈپ ھىچنىمنى ئويلىماستىن مېنى باغرىغا بېسىپ قۇيىشىنى ئۆتۈندۈم.ئۇنىڭ ئانىلىق مېھرى ھەممىنى بىلىپ چۈشەندىمۇ بىلمدىم ئالدىنقى قېتىم چەككەن ئىشىكلەردىكىدەك سۇئال،ئەندىشە،يەنە قانداقتۇر بىر ھېس تۇيغۇلاردىن مۇستەسنا ھالدا كۆزلىرى نەمدەلگىنىچە قۇچىقىنى ئاچتى.ئۆزۈمنى ئاتتىم.مېنى باغاشلاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن.ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىنسانى مىھىر-مۇھەببەتنى بىلدىم.كىچىككىنە بەش مىنۇت ماڭا قايتا ھاياتلىق بەردى.بەلكىم شۇ چاغدا ئاپىڭىز مەندىن نىمىلەرنى سورىغان بولسا مەن شۇ ئەپتىمدە نىمىلەرنى دىيەر بولغۇيتۇم ھازىر ھېس قىلالمايمەن.شۇنىڭدىن كىيىن قايتىدىن كۈچكە تولدۇم.ئىشىمنى قايتىدىن باشلىدىم.چۈنكى ئەتراپىمدا ئاپىڭىزغا ئوخشاش ئىللىق قۇياشلار ھېلىھەم مەۋجۇت،نىمە ئۈچۈن بىر قىسىم زۇلمەت پەرىشتىللىرى تۈپەيلى ئاللا ئاتا قىلغان بۇ شىرىن جېنىمنى سېلىپ بەرگۈدەكمەن.شۇڭا قايتىدىن قۇۋۋەت ئېلىپ ئۆزۈمنى قايتا تېپىۋالدىم.ئائىشە ئاپام مېنىڭ نىجاتكارىم.ئۇ مېنىڭ ئۈلگەم.ئۇ مەندىن ھىچنىمە سورىمىدى،ئەكسىچە ھىچ ئىككىلەنمەستىن ماڭا بەردى،ئاتا قىلدى.
شۇنداق،مەن بىر تىلەمچى،ئىنسانى مىھىر مۇھەببەت،ساداقەت-ۋاپا كوچىسىدىكى بىر بېرەردە سېخى بىر تىلەمچىمەن.گەپلىرىم خۇددى كورىيە فىلىملىرىدەك چىقتى شۇنداقمۇ؟ئىشەنگۈڭىز كەلمەيۋاتامدۇ.ئەمما ئىشىنىڭ بۇ دەل ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن ھەقىقەت.
-رەنا
خەتنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولدى.ياشاۋاتقان ماكانىمدىكى بۇ تۇرمۇش تىراگىدىيسى مېنى تەئەجەپلەندۈردى.كىملەر نىمىگە زار؟كىملەر نىمىنى يوقاتتى؟كىملەرنى نىمىنى تىلەۋاتىدۇ؟بىز نىمە قىلىۋاتىمىز.خەلقىمىز شۇنداق كۈيۈملۈك ،مىھىر مۇھەببەتلىك تۇرۇپ قانچىلىغان رەنالار تىلەمچى بولدى؟يانا قانچە «رەنا»لار نىمە ئىشلارنى قىلىپ باشقىلارنى زار قاقشىتىۋاتىدۇ.تالاي سۇئاللار بېشىمنى قاپلىدى،بىرەرىگە ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپالمىدىم.تىزراق تاڭ ئېتىشىنى،تىزراق مەكتەپكە بېرىپ بۈگۈنكى پائالىيەتتە «تىلەمچى»قىزغا بولغان بارلىق سوغاق،گۇمان،سۇئال نەزەرلىرنى قايرىپ تاشلاپ ئىنسانىي مىھرىم بىلەن تەبەسسۇم قىلىشقا ئالدىراۋاتاتتىم.