مۇھەببەت
مۇھەببەت-ئۇ بىر خىل بۈيۈك تۇيغىدۇر، مۇھەببەت-چۈشىنىش،شېرىن سۆيگىدۈر. مۇھەببەت-جاسارات،غەيرەت ۋە ھەرىكەت، مۇھەببەت-ھەم بەخىش ئېتىش دېمەكتۇر.
مۇھەببەت-ئۇ بىر خىل دەلتىلىك ھەمدە، مۇھەببەت-شۈنداق بىر شېرىن ئازاپتۇر. مۇھەببەت-بىر جىنسىي قىزغىنلىق يەنە، مۇھەببەت-بىر رۇمكا ئاچچىق شاراپتۇر.
مۇھەببەت-چىن دوسلار ئارا سوۋغا گۈل، مۇھەببەت-ياپ-يېشىل دوسلۇق دەرىخى. مۇھەببەت-جەننەتكە تۇتاشقان بىر يول، مۇھەببەت-بىر قۇياش كۆك قەھرىدىكى.
مۇھەببەت-بەئەينى ئىلھام بۇلىقى، مۇھەببەت-يېقىملىق ئىللىق بىر شامال. مۇھەببەت-بىر تال شام ئۇ تۈن كېچىدىكى، مۇھەببەت-ئەڭ توغرا ئېچىلغان بىر پال.
مۇھەببەت-قەھرىتان قىشتىكى بىر مەش، مۇھەببەت-بىباھا قىممەتلىك دورا، مۇھەببەت-مەنزىللەر ئارا ئالتۇن كەش، مۇھەببەت-ئانىنىڭ سۆيگۈسى گويا.
مۇھەببەت-بەك ئىللىق بىر پىيالە چاي، مۇھەببەت-تۆت پەسىل ئوخشاشلا دۈنيا. مۇھەببەت-كۆكتىكى تولغان تۇلۇنئاي، مۇھەببەت-ۋەتەن،يۇرىت ۋە ئاتا-ئانا.
مۇھەببەت-بىر پورىت كەڭرى دېڭىزدا، مۇھەببەت-چەكسىز قۇم ئچرە بىر ئارال. مۇھەببەت-سۇ،تۇپراق ھەمدە ساپ ھاۋا، مۇھەببەت-پاك دۈنيا تۇققان ئەر-ئايال.
2012.يىل18.ئىيۇن مەنبە: ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى تەبىرلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parwinaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 12:18 PM
|