wahxi يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 09:25 AM
- نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار
ئا- ھېيت نا ...
رامزاندىكى سەدىقە پىتىرنىڭ ئۆلچىمى (بىلىۋىلىڭ)
سەدىقە پىترى
ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
سەدىقە پىترىنىڭ تەرىپى:
سەدىقە پىترى لۇغەتتە: ئېغىز ئېچىش سەدىقىسى ياكى بەدەن سەدىقىسى دېگەن بولۇپ ئىستىلاھتا: روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلار رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلەرگە بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت .
بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل زاكات دەپ ئاتىغان تەقدىردە رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا رامزاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات دېگەن مەنىدە بولىدۇ، چۈنكى زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن پۇل-مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار.
سەدىقە پىترىنىڭ پايدىسى:
سەدەقە پىترىدىن ئىبارەت بۇ سەدىقە رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل-ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، مەسىلەن روزا تۇتقان كىشى غەيۋەت ياكى تىللاش ياكى نامەھرەملەرگە قاراپ سېلىش ۋە ياكى بەزىبىر نالايىق ئىشلارنى بىلىپ-بىلمەي سادىر قىلىپ قالىدۇ، سەدىقە پىتىر باشقا تەۋبە، زىكىر، ئىستىغپار ۋە نەپلە ناماز قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرگە قېتىلىپ ھەممىسى بىرلىكتە روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا كاپپارەت بولۇپ ئۇلارنى يۇيىۋېتىدۇ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىۋېتىدۇ.
يەنە رامزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ-يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ رامزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ، رامزاندا روزا ۋە تاراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا، باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش ۋە مال زاكاتلىرىنى ئادا قىلىشتەك ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش ھەم بۇ سەدىقىنىڭ پەرز بولىشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
شۇڭا كىمىكى رامزاندا روزا تۇتۇپ بۇ سەدىقىنى بەرمەيدىكەن روزا تۇتۇش ئىبادىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولمىغانلىقىنى ياكى ئۇنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنىڭ شۈكرانىسىنى بەرمىگەن بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن نامراتلار بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت-ئايەمنى مۇھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال-خۇرام ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىلدا بىرەر كۈن بولسىمۇ نامراتلارنى تىلەش خارلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ.
دېمەك سەدىقە پىتىر ئىككى تەرەپكە پايدىسى يېتىدىغان ئىبادەتتۇر، بىرى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزى، يەنە بىرى نامراتلار. نەتىجىدە جەمئىيەتتىكى بارلىق تەبىقە ۋە قاتلاملار ھېيت كۈنلىرىنى ھەقىقىي شاد-خۇراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.
ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقانلارنى بىھۇدە گەپ ۋە يامان سۆزلەردىن پاكلاش، بىچارە-مىسكىنلەرگە تاماق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرز قىلغان، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئادا قىلسا مەقبۇل بولىدۇ، كىمىكى نامازدىن كېيىن ئادا قىلسا ئادەتتىكى سەدىقىلەردىن ھېسابلىنىدۇ".(ئەبۇ داۋۇد 1609-ھەدىس)
سەدىقە پىترىنىڭ ھۆكمى:
بۇ سەدىقىنىڭ پەرز-ۋاجىبلىقىنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئومۇم مەنىسى، شۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى ئىسپاتلىغاندۇر.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمدىكى ئەئلا سۈرىسى: ((پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى)) دېگەن 14- 15- ئايەتنى زاكاتى پىتىرنى بېرىپ ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى، دەپ تەپسىر قىلغان.
لېكىن ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئالىملار بۇ سەدىقە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ۋاجىب بولغان دەپ قارىغان، ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: نافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ھەر بىر مۇسۇلمانغا خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پېتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىشكە بۇيرۇدى.(سەھىھۇل بۇخارى 1503-ھەدىس) بىر سا: 2040 گىرام يەنە بىر قاراشتا 3250 گىرامغا توغرا كېلىدۇ.
شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ پەرز-ۋاجىبلىقىغا پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرقى كۈنگە قەدەر بىرلىككە كەلگەندۇر.
سەدەقە پىترى قاچان پەرز قىلىنغان؟
سەدەقە پىترى ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز قىلىنىش بىلەن بىللە پەرز قىلىنغاندۇر.
سەدەقە پىترىنى بېرىش قانداق كىشىگە ۋاجىب بولىدۇ؟
بۇ سەدىقە ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب بولۇپ ھەنەفىي مەزھەبتە بۇ سەدىقىنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ، چۈنكى زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
باشقا مەزھەبلەر سەدىقە پىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا بۇ سەدىقىنى بېرىشى ۋاجىب دەپ قارىغان، بۇ قاراشقا ئاساسەن نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە پىتىرنى بېرىدۇ، ھەم ئەينى ۋاقىتتا باشقىلاردىن ئالىدۇ، يەنى نامرات كىشى سەدىقە پىتىرنى ئېلىپ قولىدا سەدىقە پىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا، باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا ئۇ كىشى بۇ سەدىقىنى باشقىلارغا بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ، ئېلىپ-بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولىشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنىشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقىدۇر، كاللا زاكىتىدۇر، شۇڭا ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاققىمۇ بۇ سەدىقىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ.
سەدىقە پىترىنى قايسى كىشىلەرگە بەرسە بولىدۇ؟
سەدىقە پىتىرنى پەقىر ۋە مىسكىن كىشىلەرگە بەرسە بولىدۇ.
سەدىقە پىترىنى ئۆزىدىن باشقا يەنە كىملەر ئۈچۈن بېرىدۇ؟
بۇ سەدىقىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا - چاقىلىرى، ئايالى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، يەنە ئۇلاردىن باشقا ئۆزى بېقىۋاتقان ئاتا-ئانىسى، تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشى ئۈچۈنمۇ بېرىدۇ، ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. قورساقتىكى بالىغا بەرمەيدۇ.
سەدىقە پىترىنى بېرىش ۋاجىب بولىدىغان ۋاقىت:
سەدىقە پىترى رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋاجىب بولىدۇ، ۋاجىب بولغاندىن كېيىن تاكى ناماز ئوقۇشقا قەدەر بەرسە بولىدۇ، ناماز ئوقۇشقا قەدەر بەرمەي نامازدىن كېيىنگە كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدۇ، بۇ زاكات نامراتلارنىڭ ھەققى بولغاچقا تاكى بەرمىگىچە قەرز ھېسابىدا بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ.
سەدىقە پىتىرنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ، ساھابىلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە كەلگەندۇر. ئىمام بۇخارى سەھىھىدە رىۋايەت قىلىشىچە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئۇلار (ساھابىلار) سەدىقە پىتىرنى ھېيت كۈندىن بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشەتتى. يەنە بەزىلەر رامىزان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى رامىزان ئىچىدىلا پۇرسەت تاپقاندا بېرىۋېتىشى ئەۋزەل.
سەدىقە پىترىنى بېرىش ۋاجىب بولىدىغان جاي:
كىشى قەيەردە تۇرغان بولسا سەدىقە پىتىرنى شۇ يەردىكى نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايدىكى نامراتلارغا بەرسىمۇ ھەم بولىدۇ. مەسىلەن بىرسى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە تۇرىدىغان بولسا تۇرغان ئورۇندا نامرات مۇسۇلمان يوق بولۇپ باشقا يۇرتلاردا نامرات مۇسۇلمانلار بولسا ياكى نامرات تۇغقانلىرى بولسا شۇلارغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
ئۆزى بىر يۇرتتا بالىلىرى باشقا جايدا بولسا بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە پىتىرنى ئۆزى تۇرغان جايدا بەرسىمۇ بولىدۇ، بالىلىرى بار يۇرتتا بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن سەدىقە پىتىرنىڭ ئۆلچىمىنى ھېسابلاشتا ئۆزى تۇرغان جايدىكى باھا بويىچە بېرىدۇ. مەسىلەن بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ قەشقەردىكى بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە پىتىر بەرمەكچى بولسا ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە 75 يەن بولسا قەشقەردىكى ھەر بىر بالىسى ئۈچۈن 75 يەن ئەۋەتىپ بەرسە ياكى بۇيرۇپ بەرسە بولىدۇ.
سەدىقە پىترىنىڭ مىقتارى:
مىقتارى: ھەنەفىي مەزھەبتە ھەر بىر كىشى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1625 گىرام بېرىدۇ، ئارپا، خورما ياكى يىمىشتىن 3250 گىرام بېرىدۇ، سەدىقە پىتىر ئۈچۈن نەخ پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بەلكى تېخى نەخ پۇل بېرىش ياخشىراق، چۈنكى كەمبەغەللەر نەخ پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، نەخ پۇل بەرمەكچى بولغاندا ئاشۇ مىقداردىكى ئوزۇقنىڭ شۇ كۈندىكى بازار باھاسىنى بېرىدۇ.
ئەمما باشقا مەزھەبلەردە بولسا نەخ پۇل بېرىشكە بولمايدۇ، شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن 2040 گىرام مىقدارىدا بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە ھازىرقى زاماندا ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە نەخ پۇل بېرىش مۇۋاپىقراق. چۈنكى نامرات كىشىلەر نەخ پۇلنى قولىغا ئېلىپ لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇغداي ئۇنى ياكى گۈرۈچنىڭ بىر كىلوسى 3 يەن بولسا بىر كىشى ئۈچۈن ھەنەفىي مەزھەبكە كۆرە 5 يەن، باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە 6 يەن ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ.
ئەمما ئاچارچىلىق ياكى ئاشلىق قىس چاغلاردا ئاشلىقنىڭ ئۆزىنى بېرىش ئەۋزەل بولىدۇ.
سەدىقە پىتىرنى روزا تۇتمىغان كىشىمۇ بېرەمدۇ؟
رامىزان ئاز ئالدىغا پەرزدۇر، سەدىقە پىتىرمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر پەرزدۇر، شۇڭا بىرىنى ئادا قىلالمىغان كىشى يەنە بىرىنى تاشلىماسلىقى كېرەك، بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك سەدىقە پىتىر ئىككى خىل پايدىسى بار ئىبادەت بولغاچقا روزا تۇتمىغان كىشى رامزاندىن ئالىدىغان پايدىنى ئالالمىغان بولسىمۇ نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئۇلارغا خوشاللىق كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋاجىبنى تاشلاپ قويماي بېرىشى كېرەك،
بىر كىشىنىڭ سەدىقە پىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بەرسە ياكى بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا مۇھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولامدۇ؟
بىر كىشىنىڭ سەدىقە پىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى بۇنداق قىلسا نامراتلارنى ھېيت كۈنىدە تىلەشكە مۇھتاج قىلماسلىقتىن ئىبارەت مەقسەت ئادا بولمايدۇ، ئەمما بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا مۇھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا سەدىقە پىتىردىن مەقسەت ئادا بولىدۇ. ئەمما باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدىكى ياكى ئېغىرراق موھتاجلارنى قۇرۇق قويۇپ ھەممىنى بىر كىشىگە يىغىپ بېرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا مۇھتاج بولمىغان ئەھۋالدا يىغىپ بەرسە بولىدۇ.
مەنبە : مىسرانىم تورى .
http://www.misranim.com/adabiyat/din/2012-08-14/4160.html