|
|
|
|
بۇ ئاي ئالتۇن باھاسى ئىزچىل ھەر ئۇنسىيەسى 1600 دوللاردىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇپ 1570---1560دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىپ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئالتۇن باھاسى ئىزچىل ئاشالماسلىقتەك يەنە چۈشۈپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى.
لىكىن 24-ئىيۇن چارشەنبە ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ پەشەنبە ، جۈمە داۋاملىق ئۆرلەپ 1562 دوللاردىن 1629 چىقتى . ھەمدە ھەپتىلىك بازار 1622 دوللاردا ئۆرلەش ھالىتىدە توختىدى .
خام ئالتۇن ھەر گىرامى 324يۈەندىن 334يۈەنگە ئۆرلىدى .
30-ئىيۇل ئالتۇن باھاسىدا ئازراق تۆۋەنلەش ھالىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ يەنى 1613 دوللارغا چۈشكەن بولسىمۇ بۈگۈن يەنىلا 1626 دوللاردا تەۋرىنىۋاتىدۇ .
ئامېرىكا زاپاس ساقلاش كومىتېتى مۇشۇ ھەپتە: بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۆۋەن ئۆسۈم سەۋىيەسىنى ساقلايمىز، دەپ ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پۇلنى قويۇۋېتىش سىياسىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىدىن شەپە بەردى ھەم ئالتۇننىڭ پۇرسەت تەننەرخنى تۆۋەنرەك باھادا ساقلاپ، دوللار تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش پەرمانى چۈشۈردى.
دىمەك ئالتۇن باھاسىنىڭ بەكمۇ چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى يوق دىيەرلىك .
يىقىنقى بىر مەزگىلدە ئالتۇن باھاسى كۆپ قىتىم ئۆسۈپ 1630 دوللارغا چىقىپ يەنە 1560دوللارغا چۈشۈپ قىلىپ دىگەندەك قايتىلما جەريان كۆپ يۈز بەردى .
بۇ قىتىممۇ يەنە شۇ قايتىلما جەريان يۈز بىرەرمۇ ؟؟؟
بۇنىڭغا ھازىر بىر نىمە دىيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ . ئامرىكىنىڭ 7-ئايدىكى غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبەت ئۇزگىرىشىنىڭ قارارى ئالتۇن باھاسىنىڭ كەلگۈسى يۈنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ .
ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بىر مىسقال ئىقتىسات تورىغا كىرىڭ !
ئەگەربازاردىكى %99 لىك ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ باھاسىنى بىلەي دىسىڭىز بىر مىسقال ئىقتىسات تورىغا كىرىپ بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسىنى چ سىز ىكىپ شۇ كۈندىكى باھاغا 20---30 يۈەن قوشسىڭىز بازاردا سىتىلىۋاتقان ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىغا ئىرىشەلەيسىز ، يەنى بۈگۈن 31-ئىيۇل خام ئالتۇن باھاسى 332 يۈەن .دىمەك بازاردىكى %99 لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ھەر گىرامى 360 يۈەن ئەتراپىدا دىگەن گەپ .
مەنبە ؛ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 03:19 PM
|
|
|
|
|
|