|
|
|
|
يامغۇردىكى تۇنجى ئۇچرىشىش،
پەيدا قىلدى ئۆزگىرىش سەندە.
خىرەلەشتى مېنىڭ سىمايىم،
مەنچۈن سوققان ئوتلۇق يۈرەكتە.
تېلفۇنلارمۇ ئۇرۇلماس بولدى،
ئۇچۇرلارمۇ توختىدى بىر پەس.
بىلىپ يەتتىم شۇندىلا ئۇنى،
ئۆزگىرىپسەن بۇرۇنقى ئەمەس.
ئايدا يىلدا بىر ئېغىز سۆزۈڭ،
تەكرارلاندى قانچە قېتىملاپ.
ئۇچۇرلىرىم قالدى جاۋاپسىز،
تېلفۇنلاردا سۆزلىرىڭ ئازلاپ.
ئەمدى يېتەر، توختات ئويۇننى،
تاپقىن سەنمۇ بەختىڭنى مەيلى.
باش قاتۇرما ئەمدى مەن ئۈچۈن،
بەرمە ھەمدە ماڭا تەسەللى.
خىلۋەتلەردە ئاققۇزمايمەن ياش،
مەنمۇ بەلكىم ئۆزگەرسەم كېرەك.
زارلانمايدۇ ئەمدى سەن ئۈچۈن،
بۇرۇنقىدەك سوقمايدۇ يۈرەك.
تىلەي ساڭا ھىساپسىز بەخىت، تۇرمۇشۇڭنى باشلا قايتىدىن. چىقىپ قالار ماڭىمۇ ھەمرا، مەشۇقسىز شۇ قىزلار ئىچىدىن.
مەنبە:ئىجادىيەت 2012-يىل 31-ئىيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆكسۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 12:23 PM
|
|
|
|
|
|