مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3551|ئىنكاس: 33

ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67017
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 07:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۆزبېك مەھەللىسىدىكى ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپى ئەسلىدە 1897-يىلى ئەندىجان مەسچىتىگە يانداش سېلىنغان بولۇپ، 40-50 ئوقۇغۇچى سىغىدىغان تەنھا سىنىپتىن راۋاج تاپقان ئىدى.

   كېيىنكى پەيتلەردە مەرىپەتپەرۋەر زات غەينىدىن باي پەخرىددىنوفنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆزبېك جامائىتىنىڭ مەبلەغ جۇغلىشى بىلەن مەسچىتنىڭ ئۇدۇلىغا ئالتە ئېغىزلىق پېشايۋانلىق بىر بىنا سېلىنىپ، ئۈچ ئېغىزى دەرسخانا، ئىككى ئېغىزى خەلپەتلەر ئۆيى، بىر ئېغىزى قىرائەتخانا قىلىنغان.

   دەسلىپىدە مەكتەپكە 50-60 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، مەرىپەتپەرۋەر زات خامۇش خەلپە، باي بابا ھاجىلار مۇئەللىم بولغان. كېيىن، يەنى 1909-1911-يىللىرى غەينىدىن باي پەخرىددىنوفنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق مەسچىت يېنىدىكى دىنىي مەكتەپنىڭ ئورنىغا يېڭىچە سىنىپلار سېلىنىپ، مەكتەپ كۆلىمى كېڭەيتىلگەن.

   1914-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن قىرغىز ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىدا مەكتەپنىڭ كونىچە ئوقىتىش ئۇسۇلى يېڭىچە تۈس ئېلىپ، ئەسلىدىكى دىنىي دەرسلەردىن باشقا ئۆزبېك تىلى، ھېساب دەرسلىرى ئۆتۈلدى. سىنىپقا دوسكا ئورنىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار پارتىلاردا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىغان بولدى. 1930-يىلىغا كەلگەندە قارىخانا (قارىلار سىنىپى) يېڭىچە سىنىپلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئۆزبېك مەكتىپى يېڭىچە ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنغان تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلاندى.

   1932-يىلى مىرزاكەرىم باي ۋە سېتىۋالدى بايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى « ياردەم »شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ئۆزبېك جامائىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئەسلىدىكى تۆت ئېغىزلىق ئوقۇتۇش بىناسى ئۈستىگە تۆت ئېغىزلىق سىنىپ سېلىنىپ، ئىككى قەۋەتلىك مەكتەپ بىناسى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭغا پېشايۋانلىق ئالتە ئېغىز سىنىپنى قوشقاندا جەمئىي 14 ئېغىز ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ 10 ئېغىزى سىنىپ، 4 ئېغىزى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى قىلىندى. ئوقۇغۇچىلار سانى بولسا 300 گە يەتتى.

    1931 -يىلىدىن 1934-يىلىغىچە ئۆزبېك تىلشۇناسى خەمىت ۋەكىلى مەكتەپ مۇدىرى بولدى.

    1934-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە پەرىخە ئەلئەكبەرىۋا مەكتەپ مۇدىرى بولدى.

   1940-1942-يىللىرى پاتىخ يۇنۇس مەكتەپ مۇدىرى، رەمزىيە جىلقىبايىۋا ئىلمىي مۇدىر، نىغمەتجان سۇلتان تەرتىپ مۇدىرى بولدى. 1942-1945-يىللىرىدا ئەنۋەرخان بابا مۇدىر، رەمزىيە جىلقىبايىۋا ئىلمىي مۇدىر بولدى.

   1945-يىلى 20- ئاۋغۇستتا ئەنۋەرخان بابا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتىنىڭ مەكتەپلەر بۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇپ يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، سۈننەتوللا مىرئاسىم مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى. رەمزىيە جىلقىبايىۋا خانىم ئىلمىي مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى.

   1946- ۋە 1947- يىلىدىن باشلاپ « ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپى» 7 يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى. 1949-يىلى ئوقۇغۇچىلار سانى 550 تىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپەيدى.

   1946- يىلى 6- ئۆكتەبر كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مەمنۇن بولۇپ «ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق نەمۇنە مەكتەپ ئىكەن» دەپ ماختىغان ئىدى.

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ پارلاق بولدى. ئازادلىققا ئېرىشكەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش قىزغىنلىقى زور بولدى. 1950- يىلى «ئۆزبېك ئۇيۇشمىسى» رەئىسى ۋە «ئاتىلار كومىتېتى» رەئىسى ئەسئەتۇللا ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا غۇلام باي، شانىغمەتباي، توختى قارى، مىرھاپىز قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر ئۆزبېك زاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە ئىككى قەۋەتلىك 20 سىنىپلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش بىناسى سېلىندى. مەكتەپ قۇرۇلىشىغا ئەسئەتۇللا ئاكىنىڭ ئۆزىلا 232.770.000 دوللار ( دەسلەپكى ئۆلكە پۇلى) ياردەم قىلدى.

   يېڭى بىنا پۈتكەندىن كېيىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سەيپىدىن ئەزىزى لېنتا كەستى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەكتەپ تارىخىدا يەنە بىر يۈكسېلىش بارلىققا كەلدى. بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپى يالغۇز ئاپتونوم رايونىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۆزبېك مەكتىپى بولۇپ قالدى.

   2006 -يىلى ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپىنىڭ يۈز يىللىقى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇراسىمغا مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى ساۋاقداشلار ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، بالىلىقتا بىلىم بەرگەن ئانا مەكتىپىگە تەنتەنە قىلىشتى.

   <<مەدەنىيەت ئىنقىلابى>> مەزگىلىدە بۇ ئۆزبېك نەمۇنە  مەكتەبنىڭ نامى غۇلجا شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپگە ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرغا قەدەر شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.  



                                                 <<ئىلى ئۆزبېكلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:15:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەنىيەت ئىنقىلاپلىرىدىن ئامان قېلىپ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەپتۇدە .
نۇرغۇنلىغان مەكتەپ ۋە مەدرىسلەر شەھەر تەرەققىياتى ۋە يولغا پۇتلاشتى دىگەن ھىيلە -نەيرەڭ بىلەن چېقېلىپ يوق بوپ كەتتى ...................!

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.ھازىر قەشقەر شەھەرلىك13-ئوتتۇرا مەكتەپمۇ ھازىر كەسپى ماھارەت مەكتىپى دەپ ئاتىلىدىكەن

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

80ياش ھايات 30مىڭ كۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2152
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1994 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەزا چەكلەندى،ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى

نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 08:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەقىقەتەن ئۆز خاسلىقىنى  ساقلاپ قالغان نەمۇنە مەكتەپ ئىكەن   .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 08:45 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئەمدى سىز نىمە دىمەكچى ؟ ئۆزبىكلەر ئايرىم ئوقۇيدۇ دىمەكچىما ؟ ماقۇل ئاز سانلىق مىللەت شۇجىلىقىغا سىزنى كۆرسىتەي ....

قەشقەردە مۇنداق بىر ئىش بولغان ، مەلۇم بىر ئۆزبىك باي مەسجىد سىلىپ ، مەسجىدكە ئۆزبىك مەسجىدى دەپ ئىسىم قويىمەن دەپ مەمۇرى مەھكىمىگە بارغاندا  ئەينى چاغدىكى مەمۇرى مەھكىمە ۋالىسى قوڭىغا بەشنى تىىپىپ پارا بەرگەن  پۇلىسىنى يۈزىگە ئىتىپ ھەيدەپ چىقىرىپتىكەن .  شۇنىڭدىن بىرى ئۆزبىك دىسە مىنىڭ ئاچچىقىم كەلمەي كىمنىۇ كىلىدۇ . ھە   مەن بۇ ئىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەم ، گۇۋاھچىلىرى بىلەن دەپ بەرگەن تۇرسا .....  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptap104 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 10:03 PM  


ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qog يوللىغان ۋاقتى  2012-7-14 08:23 PM
تارىخدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.ھازىر قەشقە ...

ئورنى نەدە بۇ مەكتەپنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرغانە ۋادىسىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش،تارىم،ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن ئۆزبېكلەر.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئۆزبېكنىڭ گىپى چىقىپ بولغۇچە،چىشلەپ تارىتقىلى ئاران تۇرىدىكەن توۋا```


Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

jula 0997  misranimdiki barl

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13458
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 09:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن مۇشۇنداق مۇسۇلمان قېىندارشلىرىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىسىگە ، ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە شۇندق ياخشى بىر بىلىم كانىنى چاڭلەشتۈرۋەتمەي ساقلاپ قالغىنىغا خۇرسەن بولدۇم !!!.....
يۇرتنى ۋە مۇسۇلمانلار كوپ قېرىنداش مىللەتنى سۆككەنلىك ، ئاللاھقا قارشى چىققانلىق بىلەن ئوخشاش ، چۈنكى پۈتۈن يۇرت ۋە پۇتۈن ئىنساننى ئاللاھ ياراتتى ، نىمە قىلسا ئاللاھ ئۆزى قىلىدۇ ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىغىدا ، شۇڭا بىز بەندىلەرنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان مىللەت ۋە يۇرتلارنى كەمسىتىدىغانغا تۈكچىلىك ھەققىمىز ھەمدە ھۇقۇقىمىز يۇقتۇر !!!
كىم كىملەر توغرالىق بىر نىمە دىمەكچى بۇلىدىكەن ئاۋال پىشانىسىنى سىلىۋېتىپ ئاندىن ئەينەككە بىر سىنچىلاپ قارىۋېتىپ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىر ئەسلەپ بىقىپ ئاندىن ئۇنى - بۇنى دىيىشى كىرەك !
چۈۇنكى جاھاندا ياخشى ئىش قىلۋاتقانلار ۋە تۆھپىگە ئىرىشكەنلەر باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ھەر گىزمۇ يامان گەپ قىلمايدۇ ، ئەكىسچە قۇلىدىن پوق كەلمەيدىغان ۋە بىرنى ئىككى ئىتەلمەيدىغان ئادەملا باشقىلارنى كۆرەلمەستىن كەمسىتىدۇ ۋە ھاقارەتلەيدۇ !!!..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jula0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 09:52 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
!UYGHURJAN + 40 ماختاشقا تېگىشلىك
QALIB + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 79   باھا خاتىرىسى

ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش