مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 6

مۇراجەتنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40681
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 07:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                                   مۇراجەتنامە        
بورتالا شەھىرى شويڭپەن بازىرى 3- دۈيدە ئولتۇرۇشلۇق ئەربىدىن ئەمەتچان بىلەن ئايالى نۇربىيە قېيۇم 1997- يىلى توي قىلىپ ئىككى ئوماق پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولۇپ بارلىق ئاتا-ئانىلاردەك خاتىرجەم ياشاۋاتاتتى. 2011- يىلى 7- ئايدا ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغلى ئەلئكىرام تويۇقسىز ئاغرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ كېسىلى ئاز ئۇچىرايدىغان قان قېتىشماسلىق كېسىلى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدى. بۇ كېسەل شىنجاڭ تەۋەسىدىلا ئەمەس مەملىكىتىمىز ئىچىدىمۇ ئاز ئۇچىرايدىغان كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، داۋالاش ئۈچۈن زور ئىقتىساد كەتكەچكە، ئەر-ئايال ئىككەيلەن، ئۇرۇق-تۇققانلار، مۇناسىۋەتلىك ئاكا-ھەدىلەر ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھازىرغىچە 250 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خىراجەت قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئەربىدىن بىلەن ئايالى نۇربىيە ئۆزلىرى ئولتۇرۋاتقان قورۇ-جاينىمۇ سېتىپ بولدى. ھەر ئىككەيلەننىڭ خىزمەت ئورنى يوق. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇلار تارتمىغان جاپا-مۇشەققەت قالمىدى. ئۇلار ھازىر 8- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ (1- يېزا مەسچىت شەرققە 400 مېتىر ماڭسىڭىز يېتىپ بارىسىز). كىچىكىنە ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار قولىدىن كېلىدىغان ئامال-چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولسىمۇ، داۋالاش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن تەمتىرەپلا قالدى. بالىنىڭ سارغايغان چىرايىغا، قاپقارا كۆزىگە ھەر قانداق ئادەم قارسىلا بۇ نارسىدىگە زادىلا چىدىمايدۇ.
قېرىنداشلىرىمىز ساۋاب ئىزدەيلى! ساۋاب ئالدىمىزدىلا تۇرىدۇ. بۇ يىل ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئەلئكىرام ئوماق پەرزەنتىمىزنى قوتقۇزىۋالايلى...بۇ نارسىدىنى قوتۇلدۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ساۋاب يوقتۇر. ئاللاھ رەھمەت قىلىسۇن!  ئامىن...!
بالىغا ھەر ئايدا تۆت قېتىم ئوكول ئۇرۇلىدۇ. ھەر بىر تال ئوكۇل 1320(بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە يۈەن). ھەر ئايدا ئوكۇل ھەققىي ئۈچۈنلا 5280 (بەش مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن يۈەن) خىراجەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چىقىملارمۇ ئاز ئەمەس. بالىنى  ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىش ئۈچۈن موناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئالاقىلىشىشى ئارقىلىق بۇ كېسەلنى پەقەت ياپۇنىيەدىلا ساقايتىش ئۈمۈدىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. ئوپىراتسىيە ئۈچۈنلا 750.000 (يەتتە يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن) كېتىدۇ. قېرىنداشلار ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلەيلى. كارخانچىلىرىمىز، تىجارەتچىلىرىمىز، زىيالىلىرىمىز ۋە بارلىق تېرىكچىلىك ئۈچۈن پەرۋانە بولاۋتقان ھەممەيلەن ياردەم قوللىرىمىزنى ئوماق پەرزەنتىمىز ئەلئكىرامنى قوتقۇزىۋىلىشقا سۇنايلى. رامىزان ئايلىرىدا بۇنىڭدىنمۇ كاتتا ساۋاب تېپىلماس. ھەممەيلەن كۈچ چىقىرايلى. بىر ياقىدىن باش، بىر ئېتەكتىن قول چىقارساق قىلالمايدىغان ئىش يوق. تاما تاما كۆل بولۇر... چىرايلىرى سارغايغان ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن جاھاننىڭ ھېچقانداق باھارى ۋە قىشىنى كۆرمىگەن تېخى سۈنئەت تويىمۇ بولمىغان  قېرىندىشىمىزنى قوتۇلدۇرۋالايلى! ئالاھ رەھمەت قىلىسۇن! ئامىن...
ئىللىق جەمئىيەت ئىناق ئائىلىدىن پەرزەنتىمىز يىلتىز تارتىپ كۆكلىسىۇن....ئۇ تېخى كىچىك ئەمەسمۇ، ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرىدى.ئىللىق جەمئىيەتنىڭ، سەمىمىي قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى سەبىي پەرزەنتىمىزگە ھېس  قىلدۇرايلى.. .......

ئەربىدىن ئەمەتچان- تېلفۇن نومۇرى: 13139771190
قۇرلۇش بانكا كارتا نومۇرى: 6210082002686013
سودا سانائەت بانكا كارتا نومۇرى: 6222023009001105137

5.jpg
4.jpg
3.jpg
2.jpg
1.jpg
000.jpg

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 11:26:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمنى كۆرەمىدىمغۇ مەن        شۇندىمۇ ئاللا شىپالىق     بەسۇن
  

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

قۇرۇق شوئار توۋل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3124 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 11:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپمۇ ئوماق بالىكەنتۇق... ئاللاھدىن شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە ئاز بولسىمۇ ياردەمنى ئايىمايلى!

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 11:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەتە چىقىپ ئاز بولسىمۇ سېلىپ قوياي، ئاللا شىپالىق بەرسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5771
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44123
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2389 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:05:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئىشنى ئاقسۇدىكى ‹‹مېھرىبان ئاتا -ئانىلار جەمىيىتى››نىڭ كېڭىشىگە سالاي....
اللاھ بۇ ئوماق بالىغا شىپالىق ئاتا قىلسۇن...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4694
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:48:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىنو چولپىنى چېڭلۇڭنىڭ شىنجاڭلىق ئۈسمۈر باللارغا ياردەم قىلىۋاتدۇ دەپ خەۋەر كۆرگەن.بىر ئالاقىلىشىپ باقساق ياخشى بولار ئىكەن

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 748
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7414
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1732 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن جىق خىراجەت بۇ.
بۇ چىقىمنى بۇ لارلا ئەمەس خېلى ھاللىق سەۋىيىدىكى ئائىللەرنىمۇ خېلى ھالسىرتىپ قويدىغدەك جۇمۇ بالىلار.
مۇمكىن بولسا قۇلىمىزدىن كەلگىنىنى ئايىمايلى تورداشلار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش