مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2473|ئىنكاس: 32

مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6916
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9295
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 04:51:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزانە تورداشلار كەمىنە قۇندۇزدىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام!
بەزىلەر مۇھەببەتنى ئۇلۇغ دەپلا ئويلايدۇيۇ مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ .  
يىقىندا بىر دوستۇم بىلەن مۇھەببەت توغۇرلۇق پىكىرلىشىپ ئۇ ئۆز بىشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىپ مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشىنى قىسقىچىلا بىر كۆبلىت شېئېر بىلەن بايان قىلدى .

                                        مۇھەببەت گوياكى مىسلى بىر ئاپتاپ
                                       چۈشكەندە دىللارغا لال قىلار شۇنداق
                                       نە ئۈچۈن  ئۆزگەردى  ئۇنىڭ  مەناسى
                                       بەردىڭ سەن دىلىمغا  ئالەمچە  ئازاپ

ئۇنىڭ بۇ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم شۇ سەۋەپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.



                                              مۇھەببەت ئەمەس ئاسىيلىق

ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىرشىم بىلەنلا مەن چۈشمەكچى بولغان ماشىنا قوزغالغان ئىكەن . شۇنچە ئالدىراپ كىلىپمۇ ئارانلا ئۈلگۈرگەن ئىدىم .
ئابتۇبۇس بىكەتتىن چىقىپ بىر رىتىمدا مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى . دەرىزىدىن ئىلىنىڭ گۈزەل مەنزىلىرى كۆزگە چىلىقاتتى .
شۇ مەنزىلەرگە قاراپ ئولتۇرغان بولساممۇ كۆز ئالدىمدىن ئۇنىڭ سىماسى كەتمەيتتى . ئۇنىڭ بىلەن دەل مۇشۇ ماشىنىدا دەل مۇشۇ ئورۇندا تونۇشقان ئىدىم شۇ قىتىممۇ ماشىنىغا ئارانلا ئۈلگۈرگەن ئىدىم .


                                             بىر ئۇچرىشىشتىن يانغان ئوت

_ ماشىنىنى توختۇتۇڭ..................
_كىنى چىقىڭ.
_كەچۈرۈڭ كىچىكىپ قاپتىمەن.
دائېملىق ئادىتىم بويىچە ماشىنىغا يانە كىچىككەن ئىدىم ماشىنا ئىچى لىق ئادەم ئىدى ئارقىغا قاراپ ماڭدىم . ھەرنىم بولسا ماڭا بىر ئورۇن قالغان ئىكەن.
_كەچۈرۈڭ بۇيەردە ئادەم بارمۇ ئولتۇرسام بولامدۇ
_ئادەم يوق ئولتۇرىۋىرىڭ
_رەھمەت.
يەردىن بىشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرغان بۇ ھىجابلىق قىزنىڭ ئاۋازى شۇنچە بوش ھەم يىقىملىق يىقىملىق ئىدى. ئەپسۇس..........
يەنە بىر زىكىشلىك سەپەرگە ئاتلاندۇق بۇ زىرىكىشلىك سەپەرنى مەنىلىك تۈگىتىش ئۈچۈن  ئۇقىزغا گەپ قىلىپ باققۇم كەلدى .
_سىز مۇشۇ ناھيەدىنمۇ يە بىرە ئىش بىلەن كەلگەنمۇ.
_مۇشۇ ناھيەدىن
_شەھەرگە بىرە ئىش بىلەن ماڭغانمىدىڭىز
_شۇنداق
_ھە شۇ ئەمدى يول ئۇزۇن شۇڭا پاراڭلاشقاچ ماڭساق بولامىكىن دەپ سورىغان.................

شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى- بۇنى دىيىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ مۇشۇ ناھيەدە ئاياللار كىيم كىچەك دۇكىنى ئاچىدىغىنىنى شەھەرگە مال ئىلىش ئۈچۈن ماڭغىننى بىلدىم . ئۇنىڭ ھەربىر ئىغىز گىپى ھەم قىسقا ھەم ئورۇنلۇق ئىدى .شۇنداق پاراڭلىشىپ مىڭىپ بۇ ئۇزۇن يولمۇ بىردەمدىلا تۈگەپ قالغان ئىدى .
تاكى ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقۇچە ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرمىدىم ئۇ شۇ قەدەر ھايالىق ئىدى .
بىكەتتە ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇردۇم شۇ چاغدا خۇددى بىر نەرسەم يۈتۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم .
ئۆيگە قايتىپ كىلىپمۇ ئانچە خوشال بولالمىدىم خىيالىمدا ئۇنىڭ دۇنياسىنى قىياس قىلاتتىم دەپ ئىلىش ۋاقتىمنىڭ چاققانراق توشۇپ قايتىشنى ھەم ئۇنىڭ تىپىشنى ئۈمۈد قىلاتتىم .
ئاخرى دەم ئىلىش ۋاقتىممۇ توشتى ، مەن قايتىپ كىلىپلا ئۇنىڭ ئىتىپ بەرگىنى بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا ئۇنى ئىزدەپ باردىم .
_كەچۈرۈڭ مىنى تونىدىڭىزمۇ؟
_سىز؟؟؟؟؟
_مەن ماشىندىكى ............
_ئە ئىسىمگە كەلدى ..........

ئۇنىڭ بىلەن قىسقىلا ئەھۋاللىشىپ قايتتىم بىراق بۇقىتىم ئۇنىڭ ئۈزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمرايىم قىىلشقا بەل باغلاپ قايتقان ئىدىم. ئەتىسىدىن تارتىپ كۈندە ئۇنىڭ يىنىغا باردىم ئۇنىڭغا ھەرخىل ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ خىلە چىقىشىپمۇ قالغان ئىدىم.
ئاخرى ئۇنىڭغا ئۆز خىيالىمنى ئىتىپ بىقىش قارارىغا كىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم .
_تىشلىقمۇ ساداقەت ؟
_تىشلىق ئۆزىڭىزچۇ؟
_مەنمۇ ياخشى ، بۈگۈن چۈشتە ۋاقتىڭىز بارمۇدۇ بىللە تاماق يىگەن بولساق
_ بار بولىدۇ.
_ئەمسە چۈشتە سىزنى ئالغىلى باراي خوش ئەمسە
_خوش !

چۈشتە ئۇنى ئالغىلى دۇكىنغا باردىم ئۇمۇ كىلىشىمنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . ئىككىمز يىقىن ئەتراپتىكى موھىتى ياخشى بىر تىز تاماقخانىغا كىردۇق .
ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇنى دەپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى ئۆز مەقسىتىمنى ئارانلائىغىزىمدىن چىقىرالىدىم.
_سادەقەت ، ئۇزۇندىن بۇيان سىزگە دىيەلمەي كىلۋاتقان بىر گىپىم بار ئىدى ئاڭلاپ بىقىشنى خالامسىز
_قىنى دەڭە ئاڭلاپ باقاي
_سىزنى تۇنجى كۆرگەن چىغىمدىلا سىزنى ئۈزۈمنىڭ بەختى دەپ ھىس قىلغان ئىدىم . كىيىنچە سىزبىلەن تونۇشۇپ چۇشنىشىپمۇ قالدۇق ئەگەر قوبۇل كۆرسىڭىز قالغان ئۈمرىمنى سىز بىلەن ئۆتكۈزگۈم بارئىدى ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز ..............

ئۇ ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى كۆڭلۈمدە ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئىشنى بۇزۇپ قويغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي تاماقنى يەپ قايتىشتۇق ، بىركۈنۈم خۇددى چىۋىن يەپ قالغاندەك غەشلىك ئىچىدە ئۆتتى .
كەشتە ئۇنىڭدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ئۇنى ئوقۇپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي يىنىش يىنىشلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

                                          مۇھەببەت ئىزھارى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  ئاق كۆڭۈل ساپدىل دوستۇم ئىلھام سىزنىڭ بۈگۈنكى گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم . مەنمۇ تۇنجى كۆرۈشكەندىن تارتىپ سىزنى يىقىن كۆرۈپ كەلدىم ئۆز ئارا پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۆزۈممۇ تۇيماي سىزگە ماھىل بولدۇم بۈگۈن ئۆز قەلبىمدە ساقلىنىپ كەلگەن سىرلارنى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاپ تولىمۇ خوشال بولدۇم رەھمەت سىزگە مەن بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلدىم

بۇلارنى ئوقۇپ تولىمۇ شادلاندىم بىر كىچىنى شىرىن ئارزۇلار بىلەن كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئۇنى ئىزدەپ باردىم . شۇكۈندىن ئىتبارەن بىزنىڭ مۇھەببەت ھاياتىمىز باشلاندى ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلاتتىم ئامال بار ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشاتتىم .
ئۇمۇ مىنى ئۆزىنىڭ بىرقىسمىدەك بىلەتتى .
شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە ئاي كۈنلۈرۈم بەخت ئىچىدە ئوتتى كۈندە ئۇنى كۆرگىلى دۇكىنىغا باراتتىم مەن بارالماي قالسام ئۇ ئىش ئورنۇمغا ئىزدەپ كىلەتتى . بىر بىرىمىزگە تولىمۇ ئىچەكەشىپ كەتكەن ئىدۇق .

                                         بەربات بولغان مۇھەببەت
بۇگۈنمۇ ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن دۇكىنىغا باردىم لىكىن دۇكان تاقالغان ئىكەن . ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم تىلفۇنىمۇ ئىتىۋىتىلىپتۇ .
يۈرۈگۈم خۇددى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز سوقۋاتاتتى . ئۇنىڭغا توختىماي تىلفۇن قىلدىم . ئاخىرى تىلفۇن ئۇلاندى ،
_ۋەي ساداقەت سىزنەدە؟
_مەن ساداقەت ئەمەس _ تىلفۇندىن بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى چىقۋاتقان ئىدى
_ ئەمسە سەن كىم ؟
_ئۆزۈڭ كىم؟
_مەن ساداقەتنىڭ لايىقى
_نىم نىمە؟ نىمىسى؟
_لايىقى
_نىمە دەۋاتىسە مەن ئۇنىڭ ئىرى
_نىمە ؟
_ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئىرى

بۇگەپنى ئاڭلاپ بىشىمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ كەتتىم بىر ھازا گەپ قىلالماي تۇرۇپلا قالدىم . يەن ئۆزۈمگە قايتىپ ئۇنىڭغا قايتا تىلفۇن قىلدىم .

_ۋەي ئەگەر سەن ئۇنىڭ يولدىشى بولساڭ سىرتقا چىقە دەيدىغان گەپ با
_ بولىدۇ قىنى دەرە نەگە بارىمەن
_خەلق مەيدانىغا كەل شۇيەردە ساقلايمەن .....................................

تىلفۇننى قويۇپ خەلىق مەيدانىغا قاراپ ماڭدىم  كاللام قۇپقۇرۇق بوپقالغان ئىدى ، كەلسەم ئۇ دىيىشكەن جايغاكەپ بولغان ئىكەن
_ھە ! ساداقەتنىڭ يولدىشى سەنمۇ
_ ھەئە مەن ...............
_  .....................

ئۇنىڭ بىلەن  سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ساداقەت بىلەن توي قىلغىنىغا تۆت يىل بولغانلىقىنى بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم . بۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈم شۇنچە ھايالىق پاك قىز دەپ بىلىپ چىن قەلبىمدىن سۆيۈپ بارلىق ئۈمۈدۈمنى ئاتىۋەتكەن ئۇ رەسۋاغا شۇنداق ئاچچىقىم كىلىۋاتاتىتى ھەم شۇ يولدىشىغا ھىسداشلىقىممۇ كىلىۋاتاتتى
جەميىتىمىزدىكى شەرمى ھايالىق قىزلىرىمىزنىڭ نامىغا داغ تەگكۈۋۈتقان ئۇ رەسۋانى تىتىپ ئاچچىقۇمنى چىقىرىۋالغۇم كەلدىيۇ ئۇنداق تىگى پەس بىلەن تەڭ بولۇپ ئاۋارە بولۇشنى خالىمىدىم .
ياتاققا قايتىپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم ئۆزۈمنىڭ ئەقىلسىزلىقىمگە كۈلگۈم كەلسە ئۇنىڭ پەسكەشلىكىگە نەپرىتىم قوزغىلاتتى
ئاخىرى ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن تولغان بۇ يۇرتتىن كېتىش قايتا ئاياق باسماسلىق قارارىغا كەلدىم .


                                            خاتىمە
بىر نەچچە كۈن قولۇمدىكى ئىشلارنى تۈگۈتۈپ ياتاقلارنى يىغىشتۇرۇپ قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىدىم ، كاللامدا پەقەتلا بىر پەسكەش ئىنسانغا بەرگەن چىن سۆيگۈمنىڭ خارلانغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق رىئاللىق داۋالغۇيتتى  ، تۇيۇقسىز تىلفۇنۇمنىڭ سايرىسى خىيالىمنى بۆلدى ، تىلفۇننى ئىلىپ كەلگەن خەتكە قارىدىم ئۇ ئەۋەتكەن ئىدى .

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم يۈرگۈمدىكى ئۆچمەس ئوتقا ئىگە بولغان قەدىرلىك ئىلھام مەن بۇ خەتنى سىزدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ياكى ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يازمىدىم ئۈمۈدۈم پەقەتلا سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ چىنلىقىنى بىلىپ قالسىكەن دىگەن .
مەن كىچىك تۇرۇپلا ئاتا -ئانامنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر كىشىگە ياتلىق بولدۇم ھەم ئۇنىڭ بىلەن تۆت يىل ۋاقىتنى خۇددى قەپەسدىكى قۇشتەك ئۆتكۈزدۈم كاشكى ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بولغان بولسا بۇنچە ئازاپ تارتماس ئىدىم . ئەپسۇس ئۇنىڭمۇ ھەم مەنبىلەن پەرۋايى يوق .
شۇنداق ئازاپ ئىچىدە دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم سىز ماڭا ئىللىقلىقنى ھىس قىلدۇردىڭز مۇھەببەتنى تونۇتتىڭىز ئۆزۈممۇ ئۇخماي سىزگە مەھلىيا بولدۇم . سىزنى يوقۇتۇپ قويغۇم بۇ ئازغىنە خوشاللىقتىن مەھرۇم بولغۇم كەلمىدى شۇ سەۋەپ ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ يوللارنى باستىم  گەرچە بۇ قىلغانلىرىم ئەخمىقانىلىق  بولسىمۇ سىزگە بولغان مۇھەببەت ھەقىقى مۇھەببەت .مەن بۇ مۇھەببىتىمدىن ئۆكۈنمەيمەن ھەم نۇمۇس ھىس قىلمايمەن باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش ھەرگىزمۇ خاتالىق ئەمەس .
مەن سىزنىڭ بۇئۈمرۈمدە پەقەت بىر سىزنىلا سۆيىمەن خەير ئامان بولۇڭ سىز خوشال بولسىڭىزلا مەن نىمىلا بولاي مەنمۇ ئوخشاشلا خوشال  ھەرجايدا خوشال خورام ئۆتىشىڭىزنى ئۇلۇغ اللادىن تىلەيمەن ئازغۇن ئاشىقىڭىز ساداقەت





مەن بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ يائۇ قىزغا ئىچ ئاغرىتىشنى ياكى نەپرەتلىنىشنى بىلەلمەي قالدىم مەيلى سۆيسۇن سۆيمۇسۇن ھالال جۈپتى بار بىر ئايال كىشى مۇھەببەت ئۈچۈن دەپلا ئۆز ھالال جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلسا بۇنداق مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغمىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟







ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆلۈم ئەڭ ياخىشى نەسىھەتتۇر..

ئۇيغۇر مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  ئەسەركەن     رەھمەت!

ھاياتمەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىرئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل       --- ئۇچقۇن---

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8152
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەر كەن .....نىمىشقىكى ئۇ يىگىتنىڭ قىزغا تەلەپ قۇيۇپ قىزنىڭ جاۋاپ بەگەندىن كىيىنكى دىئالوگلانى ئۇقۇپ كۈلگۈم كەپكەتتى..........................مۇھەببەت دىگەن ئۇنداق بۇنداق دىيشىمىز لىكىن ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان نەرسىمىكى دەيمە........سىرلىق ئىشقىلىپ بۇ مۇھەببەت.....

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78208
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4484
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:34:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز.يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز.
                                                                                              رەھمەت سىزگە.
دوستانە پىكىر - بىر قانچە ئىملا خاتالىقى باركەن .

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە دىيىشىمنى پەقەت بىلەلمىدىم


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38227
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4243
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەې مۇھەببەت قاچانمۇ چۇشۇنەرمەن سىنى؟.............................ھەې..................

www.harmas.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79605
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت،دېگەن،،،نېمە،،ئۇھازېرقې،،جەم،يەتتە،،چېن   مۇھەببەت  ،قالمېدې  ھازېر،،

نۇرجان.،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22194
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6368
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1516 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2012-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 07:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ ،دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ ...

ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرسىدا ھەققى دوستلۇق مەۋجۈت ئەمەسلىكگە ئاخىرى ئشەندىم

مۇھەببەت=ئازاپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42984
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1482 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 08:48:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ مۇھەببەت توغۇرلۇق

يالقۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 09:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«خىيالىمدا باشقا يار ، ھاياتىمدا باشقا يار »  دىگەندەك بوپتۇ . بىراق ھەقلەپ نىكاھلاپ تەگكەن ئىرى ، بالىسى بار تۇرۇپ بۇنداق دەپ ، بۇنداق قىلىپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس . تويدىن كىيىن خەقنى ياقتۇرۇپ قالىدىغان ئازغۇن ھىسىياتلاردىن خىۇدايىم ساقلىسۇن .

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش