مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2720|ئىنكاس: 10

پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 11:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى


يۈسۈپجان ياسىن


9- ئەسىردە شەكىللىنىشكە باشلىغان رۇس كىنەزلىكلىرى ئىچىدە موسكۋا كىنەزلىكى 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. 1480-يىلى ئىۋانⅢ كىنەزلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، رۇسىيە موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئىۋان Ⅳ دەۋرىدە رۇسلار جەنۇپقا ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى. 1552- يىلىنى قازان خانلىقىنى، 1556-يىلى ئاستىرخان خانلىقىنى، 1598- يىلى سىبىر خانلىقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كېڭەيتى. قىرىم خانلىقى بولسا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھېمايىسىدە مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قانچە ئەسىر قوغدىدى. مىخائىل فېدروۋىچ (1613- 1643)نىڭ تاج كېيىشى بىلەن رۇسىيە تارىخىدا 300 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن رومانوفلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى باشلاندى. پېتىر دەۋرىدە(1682-1725) رۇسىيە تارىخىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. پېتىر ئىككى چوڭ ئىشنى غەلىبىلىك تاماملىدى. بىرى، يېڭىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى، يەنى غەربىي ياۋروپادىن ئۈگىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئەسلىدە شەرق مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ رۇسلارنى غەرپ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مىللەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. يەنە بىرى، ئۇ رۇسلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مىللىي ئاڭنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈپ، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسىنى بىكىتىپ بەردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەۋرىدە رۇس ئىمپېرىيەسى تەشكىل تېپىشقا باشلىدى. لېكىن ، پېتىر تارىختا <<ساراڭ پېتىر>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. پېتىرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بولسا رۇسىيە كەلگۈسىدە قانداق بىر ھەرىكەت لىنىيىسىنى بويلاپ مېڭىشى كىرەك، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سىياسىي پىكىرنىڭ مۇھىم بىر نوقتىسى تۈرك مىللەت توپلىرى بىلەنمۇ ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ناھايىتى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تۈرك تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى دەل رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ پېتىر دەۋرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان دۇنيا سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلانماقچى ياكى بۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى قىسمەتلىرىنى بىلمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم ئالدى بىلەن پېتىردىن كېيىنكى رۇس تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈشى كىرەك. ھەقىقەتەن، رۇس تارىخىدىكى تۈرك مىللەت تۈركىمىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ پراگراممىسىنى تەشكىل سىياسەت دەل پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدۇر.      پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان كىشى فرانسۇز ئەلچىسى چېۋالېر دېئون بېئامونت دېگەن كىشى ئىدى. بۇ شەخس ياش ۋاقتىدىلا كرال لوئىس ⅩⅤ تەرىپىدىن رۇس ئايال پادىشاھى كاتېرىناⅡنىڭ ھوزۇرىغا دىپلوماتىك ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ ناھايىتى پاراسەتلىك ۋە تەدبىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەكلا دىققىتىنى تارتىپ، رۇس ئوردىسىدىكى كۆپ كىشىلەر بىلەن يېقىن ئالاقە ئورناتقان. مۇشۇنداق بىر يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ سايىسىدە ئۇ پېتېرخوف سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان چار پادىشاھلىرىغا ئائىت خوسۇسىي ئارخىپلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشكەن. بۇ جەرىياندا ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ساراڭ پېتىرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى <<ناھايىتى ئەستائىدىللىق بىلەن قۇرمۇ قۇر كۆچۈرۈپ چىققان.>> 1757- يىلى فرانسىيەگە قايتقاندىن كېيىن بۇ نۇسخىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنىسكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، بېرنىس بۇنى كىرال لوئىس ⅩⅤ كە سۇنغان. لېكىن بۇ ئىككىسى پېتېرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋەسىيەتنامە كېيىنچە چېۋالېر دېئون بېئامونتنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي خاتىرلىرى ئىچىدە ساقلىغان. ۋەسىيەتنامە تۇنجى قېتىم 1878- يىلىدىكى 93 ئۇرۇشىدا رۇس ئارمىيەسى ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىپ ياۋرۇپادا ئەندىشە پەيدا قىلغان چاغدا فرانسىيەنىڭ رۇھانى باشلىقى مونسېگنېر .ج. گ. گائۇم تەرىپىدىن بىر توملۇق خۇسۇسىي بىر ئەسەر قىلىپ نەشىر قىلىنغان. رۇس دۆلىتى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ قولدىن قوتۇلۇپ مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، تاشقى سىياسەتتە تاتار خانلىقلىرىنى يوقىتىپ، قارا دېڭىزغا چىقىش يولىنى ئېچىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويدى. پېتىر تەختكە چىقىپلا رۇسلارنى سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە يەنە رۇسىيەنى ياۋروپانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان، تۈركىيەنى يوقىتىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى ۋە بايلىق ئامبىرى بولغان ھىندىستاننى ئىگىلەپ، شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەل تۈكۈس ئىشغال قىلىپ زېمىنىنى يىراق شەرققە قەدەر كىڭەيتكەن دۇنياۋىي بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. لېكىن، پېتىرنىڭ دەۋرىدە رۇسىيە غەرپ ۋە جەنۇپ سىياسىتىدە ئۆز پىلانىدىكىدەك غەلىبىگە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا 1711- يىلىدىكى پرۇت ئۇرۇشىدا پېتىر تۈركلەرنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ ئار -- نومۇستا قالغىلى تاس قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پېتىر دۇنيا سىياسىتىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن، شەرققە قاراپ كېڭىيىش ھەرىكىتىنى توختاتمىدى، پەقەت تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى. پېتىر رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەرىكەت نىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ ئىدىيەسىنى رۇس چارلىرىغا ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەسىيەت شەكلىدە قالدۇردى. بۇ ۋەسىيەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ بىرىنجى قىسمىدا رۇسىيىنىڭ غەرپتە ۋە جەنۇپتا قانداق سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئىككىنجى قىسمىدا رۇسىيەنىڭ شەرققە كېڭىيىشتىكى ئومۇمىي مەۋقەسى كۆرسىتىلگەن.

مانا شۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ بىرىنجى قىسمى مۇنداق ئىدى: بارلىق ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرىگە ئىگە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن شۇنداق دەيمەنكى، مەن پېتىر بارلىق رۇسلارنىڭ ئىمپېراتورى ۋە مۇتلەق ھۆكۈمرانى. بارلىق ئەۋلادلىرىمىزغا، تەخت ۋارىسلىرىمىزغا ۋە رۇس دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە شۇنداق دەيمەنكى، بىزگە ھاياتلىق ۋە تاجۇ -- تەخت ئاتا قىلغان ۋە ئىلاھىي ياخشىلىقلىرىنى بىزدىن ئايىمىغان، ھەر ۋاقىت ھەر ئىشتا بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتقان ۋە قوللىغان ئۇلۇغ تەڭرى بىزگە ئىلاھىي ھىكمەت بەردى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رۇس مىللىتى كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ خوجايىنى بولۇشقا تاللانغان. بىز بۇ پىكىرنى بىر ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىمىز. ئۇ بولسىمۇ ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قېرىپ يوقىلىش ھالىتىگە كىلىپ قالغانلىقى ياكى بۇ ھالەتكە چوڭ قەدەملەر بىلەن يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىدۇر. نەتىجىدە ئۇلار يېڭى مىللەت كۈچەيگەن چاغدا ئاسانلا ۋە مۇتلەق ھالدا ئۇنىڭ قولىغا ئۆتىپ كىتىدۇ. بىزگە مىراس قالغان رۇسىيە كىچىككىنە بىر ئېقىنغا ئوخشايتتى، بىز ھازىر ئۇنى دەرياغا ئايلاندۇرۇپ مىراس قالدۇرىمىز. بىزنىڭ تەخت ۋارىسلىرىمىز ئۇنى دېڭىزغا ئايلاندۇرۇپ مىراس قالدۇرۇشى كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ئو قېقىرلىشىپ كەتكەن ياۋروپانى يېڭىدىن مۇنبەت ھالەتكە كەلتۈرسۇن. ئۇنىڭ دولقۇنلىرى زەئىپ ئەللەر تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى سوقۇلغان قورغانلارنى بۆسۈپ ئۆتسۈن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ تەخت ۋارىسلىرىمىزغا تۈۋەندىكى تەلىماتنى مىراس قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ۋە ھەر ۋاقىت ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز: 1- رۇس مىللىتىنى ھەر ۋاقىت ھەربىي ھالەتتە تۇتۇش كىرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەسكەرلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار ۋە مىللىي روھىمۇ ئويغاق ھالەتتە تۇتۇشتۇر. مىللەتنىڭ ئەقىل-- ھۇشۇنى تېپىشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت خەزىنىسىنى تولۇقلاپ، پات- پات قۇراللارنى يېڭىلاپ، ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇن بىر ۋاقىتنى تاللاش كىرەك. ھەر ۋاقىت شۇنداق بىر ھەرىكەت قىلىش كېرەككى، تىنچلىق ئۇرۇشقا، ئۇرۇشمۇ تىنچلىققا خىزمەت قىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا مەقسەت ئۈچۈن، يەنى رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. 2 - ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەر خىل ۋاسىتىلار ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ئىلغار مەملىكەتلىرىدىن ھەربىي يىتەكچىلەرنى، تىنچلىق مەزگىلىدە بولسا ئالىملارنى جەلب قىلىش كىرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت رۇس مىللىتىنى باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ۋە ئۆزىمىزنىڭكىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقتۇر. 3 - ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە ياۋروپانىڭ سۇيىقەستلىرىگە ۋە زىددىيىتىگە ئارىلىشىش كېرەك. ھېچبولمىغاندا گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىغا شۇنداق قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ بىزگە ئەڭ يېقىن بولۇش بىلەن بىرلىكتە، بىزنىڭ ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان مەملىكەتتۇر. 4- پولشادىكى ئىچكى قالايمىغانچىلىقنى ۋە ماجرالارنى چوڭايتىپ ئۇنى پارچىلىۋىتىش كېرەك. سالاھىيەتلىك كىشىلەرنى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىش كېرەك. كىرال(پادىشاھ) سايلىمىدا بىر دەستەك تېپىش ئۈچۈن ئىسىلزادىلەرنى ۋە مىللەت مەجلىسىنى نۇپۇزىمىز ئاستىدا تۇتۇش ھەم ئۇلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. كىرال سايلىمىدا بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا ئۇيغۇن كەلگەن پارتىيەلەرنى قوللاش، رۇس ئارمىيەسىنى پولشاغا كىرگۈزۈپ ئۇنى دائىم ئۇ يەردە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن باھانە تېپىش كېرەك. قوشنا دۆلەتلەر قېيىنچىلىق پەيدا قىلسا ئۇلارغا نىسىۋە بىرىش ئارقىلىق تىنچلاندۇرۇش، ئەمما بەرگەننى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈنمۇ پۇرسەت كۈتۈش كېرەك. 5- شۋېتسيەدىن مۇمكىن قەدەر كۆپ يەرگە ئېرىشىش ۋە ئۇنى بىزگە ھۇجۇم قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىمىز. بۇنىڭدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن شۋېتسىيە بىلەن دانىيەنى بىر بىرىدىن ئايرىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى گاھ ئۇنىڭغا، گاھ بۇنىڭغا پۇرسەت بىرىش ئارقىلىق چوڭايتىش كېرەك. 6- رۇس چار ئائىلىسىگە مەنسۇپ شاھزادىلەر ھەر ۋاقىت گېرمان كىرالىيەت ئائىلىسىگە مەنسۇپ مەلىكىلەرنى جۆرىلىككە تاللىشى كېرەك. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئائىلىۋىي باغلىنىشنى كۈچەيتىش شەكلى بىلەن مەنپەئەتنى يېقىنلاشتۇرۇش، گېرمانىيەنى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىش ۋە نۇپۇزىمىزنى كېڭەيتىشتۇر. 7- تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلىنىش يولىنى تېپىش كېرەك. بۇ دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ پلوتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىنمۇ ياردەمچىمىز بولالايدۇ. ئۇنىڭغا رۇسلارنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ۋە باشقا ماللىرىنى بىرىپ ئۇنىڭ ئالتۇنىغا ئىرىش، سودىگەر ۋە دېڭىزچىلىرى بىلەن بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا دائىملىق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش كېرەك. 8- رۇسىيەنىڭ زېمىنى داۋاملىق ھالدا شىمالدا بالتىق دېڭىز بويلىرىغا، جەنۇپتا قارا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر كېڭىيىش كېرەك. 9- مۇمكىن قەدەر ئىستانبۇلغا ۋە ھىندىستانغا يېقىنلىشىش كېرەك. كىم ئىستانبۇلنى ۋە ھىندىستاننى قولغا كىرگۈزسە شۇ دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە داۋاملىق تۈركىيە بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك. قارا دېڭىز ساھىللىرىدە ھەربىي پورتلارنى قۇرۇپ، بۇ دېڭىز بىلەن بىرلىكتە بالتىق دېڭىزىغىمۇ ئىگە بولۇش كېرەك. ھەر ئىككىسى پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇھىم كۆۋرۈك بېشى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىران قولتۇقىغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىراننىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىش، مۇمكىن بولسا سۈرىيە ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ يېقىن شەرق بىلەن بولغان قەدىمىي سودا ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە بۇ يولدا دۇنيانىڭ غەزىنىسى بولغان ھىندىستانغىچە يىتىپ بېرىشقا تىرىشىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يىتەلىسەك ئىنگلىزلارنىڭ ئالتۇنلىرىغا ئىھتىياجىمىز قالمايدۇ. 10- ئاۋىسترىيە بىلەن سۈلھى كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇنى ئەستائىدىل قوغداش كېرەك. كەلگۈسىدە ئۇنىڭ گېرمانىيىگە خوجا بولۇش ئارزۇسىنى كۆرۈنىش جەھەتتىنلا قوللاش، ئەمما ئاستىرىتتىن گېرمان پرەنىسلىرىنىڭ ئاۋىسترىيىگە بولغان ھەسەتخورلۇقىنى ئۇلغايتىش كېرەك. بىر قىسىم گېرمان مەملىكەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ھېمايىچى بولۇش، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ھاكىمىيىتىمىزنى ھازىرلاش كېرەك. 11- ئاۋىسترىيە خانىدانىنى تۈركلەرنى ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىشقا كۈشكىرتىش بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇل بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن يا ئۇنى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇش كېرەك يا ئىرىشكەن تۈرك زېمىنىدىن بىر قىسىمنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇش كېرەك. بۇنى كېيىن يەنە قايتۇرىۋالغىلى بولىدۇ. 12- ھۇنگرىيە(ۋېنگرىيە)دە، ئوسمانىيلار مەملىكىتىدە ۋە جەنۇبىي پولشادا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئورتودوكىسلارنى رۇسىيەنىڭ ئەتراپىغا توپلاش ئۈچۈن قولدا بار بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئۇلارغا ئۆزىمىزنى پائالىيەت مەركىزى سۈپىتىدە تۇنۇتىشىمىز، ئۇلارنى قوللىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە دىنىي يىتەكچىلىكىمىز بىلەن ئومۇمىي بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشىمىز ھەم ئۇلاردىن بىر مۇنچە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ۋىلايەتلىرىدە دوستلىرىمىز سۈپىتىدە پايدىلىنىشىمىز كېرەك. 13- شۇنداق قىلىپ شۋېتسىيە پارچىلىنىپ، ئىران يېڭىلىپ، لىخىيە بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، تۈركىيە ئىستىلا قىلىنىپ، ئارمىيىمىز بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىزى پىلوتىمىز تەرىپىدىن مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ھاكىمىيىتىنى بۆلۈشىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىم -ئايرىم ۋە مەخپىي ھالدا ئاۋۋال ۋېرساللېس خانىدانىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋىنادىكىگە تەكلىپ بىرىش كېرەك. بۇ ئىككى خانىداندىن بىرىسىنىڭ ئاچ كۆزلۈك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكى خېلىلا زورىيىپ تەكلىۋىمىزنى شۆبھىسىز قوبۇل قىلسا، ئۇنى يەنە بىرىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش كىرەك. ئاخىرىدا بىز قېپقالغىنىنى يوقىتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۇرۇش پىلانى تۈزۈش كېرەك. رۇسىيە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ شەرقىگە ھۆكۈمران بولغانلىقتىن ۈە شەرققىمۇ ھۆكۈمران بولغانلىقتىن، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. 14- ئەگەر ھەر ئىككى دۆلەت رۇسىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسا، ئو چاغدا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ئۇلارنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇش كېرەك. بۇنى تاكى رۇسلار پۈتۈن كۈچىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىگۈدەك بولغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تۇنجى قەدەمدە گېرمانىيىگە قارشى توپلانغان ئارمىيەنى ئاتلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىيا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغان قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىز ساھىلىدىكى قوشۇنىمىزنىڭ ھېمايىسىدىكى مۇھىم ئىككى پىلوتىمىزدىن بىرى ئازاق دېڭىزىدىن، يەنە بىرى ئارخانگېلسك پورتىدىن ھەرىكەتكە ئاتلانسۇن. ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتۈپ، بىر تەرەپتىن فرانسىيە، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيە ساھىللىرىنى ئىشغال قىلسۇن. بۇ ئىككى دۆلەتنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ياۋروپانىڭ قېپقالغان قىسمى ئۇرۇشسىز ۋە ئاسانلا ھاكىمىيىتىمىز ئاستىغا كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ياۋروپادا غەلىبىگە ئىرىشىمىز. پېتىر ياۋروپادىكى سىياسىي غايىسى ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى ۋە دېپلوماتىك ئويۇنلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى.   

پېتىرنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە رۇسىيە ئاسىيا تەرەپتە بولسا ئىلمى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئاساس، ھەربىي ھۇجۇمنى قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇپ ھەرىكەت قىلدى. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان بەزى ھەربىي سىناقلىرى تۈركلەرنى نوقۇل ھالدا ھەربىي كۈچ بىلەنلا يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى رۇسلارغا ئېنىق تۇنۇتقان ئىدى. شۇڭا، پېتىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئاجىز تەرەپلىرىنى ياخشى ئىگەللەپ ئاندىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى مەقسەت قىلدى. پېتىرنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خانلىقلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن تەدبىرلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھالدا ئاكادىمىيە قۇرۇش بىلەن باشلاندى. شەرق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى قۇرۇش پېتىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ غايىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھايات چېغىدا بۇ ئاكادېمىيەنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ، بۆلۈملىرىنى ۋە ئىقتىسادىنى بىكىتىپ بەردى، ھاتتا ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئالىملارنىمۇ ئۆزى تەكلىپ قىلدى. لېكىن، بۇ ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشقىچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بۇ مۇئەسسىسنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۇنى رۇسلارنىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلگە كەلتۈردى. ھەقىقەتەن، 1726- يىلى قۇرۇلغان ۋە بۆلۈملىرىدە گېرمان، رۇس ۋە ياۋروپالىق باشقا مىللەت ئالىملىرى خىزمەت قىلغان بۇ ئاكادېمىيەنىڭ كۆرۈنىش جەھەتتىكى غايىسى بىلىنمىگەن شەرقنى ۋە شەرق مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇس ئىمپېرىيالىزىمى ئۈچۈن كەڭ زېمىن ھازىرلاش ئىدى. شەرق پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە تۈرك دۇنياسى بىر پۈتۈن ھالدا نەزەرگە ئېلىنىپ، ھەر بىر تەرەپلىرى پسىخىلوگىيە، پىداگوگىكا ۋە سوتسىيالوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، بۇلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئاجىزلىشىپ، يەنە قانداق شارائىتتا كۈچىيىدىغانلىقى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسلارنىڭ تاكتىكىسى مۇشۇ ئىلمىي چۈشەنچىگە ئاساسەن بىكىتىلدى. نەتىجىدە رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئاجىزلاشقان چاغدا ھۇجۇمغا ئۆتتى، كۈچەيگەن چاغدا بولسا دەرھال تىنچلىق ئەلچىسىنىڭ تونىغا ئورىنىۋالدى. <<ئاۋۋال پارچىلاش، ئاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش>>(بۆلۈپ ئىدارە قىلىش) دەستۇرىنى ئۆزىگە باش پرىنسىپ قىلغان رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئىچكى ئىختىلاپقا چۈشكەن چاغدا ھەر قايسى تارماقلارنى بىر بىرىگە قارشى كۈشكۈرىتتى. تەرەپلەر ئۇرۇشۇپ ھالسىزلاشقاندا، رۇسلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەللىرىنى بىر بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ يەردە زالىملىقنىڭ ۋە ياۋايىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆرنىكىنى ياراتتى. ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەت دائىرىسىگە ئېلىشقا ئۈلگىرەلمىگەن يەتتە شەھەر خانلىقىنى بولسا مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنى ئىقتىساد ۋە قورال ياراق بىلەن تەمىنلەش، دېپلوماتىيىدە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىپ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ قولى بىلەن يوقاتتى. دېمەك، پېتىرنىڭ شەرق سىياسىتى ئۇ ئۆلۈپ 160 يىلدىن كېيىن، يەنى 1884- يىلى تولۇق ئەمەلگە ئاشتى. پېتىرنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئىزچىل قوللانغان تۈرك دۈشمەنلىكى سىياسىتى، ۋەسىيەتنامىسىدا تىلغا ئالغان غايىلىرى ۋە شەرق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق رۇس سىياسىتىگە سىزىپ بەرگەن يولى ئۇنىڭدىن كېيىنكى رۇس چارلىرى تەرىپىدىن ساداقەت بىلەن قوللىنىلدى ۋە ئىجرا قىلىندى. قىسقىسى، رۇس چارلىرى پېتىرنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىنجىلدەك مۇقەددەس بىلىپ ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلدى. لېكىن، شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، رۇس چارلىرى پېتىرنىڭ ۋەسىيىتىنى قانچىلىك سادىقلىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشمىسۇن، رۇسىيە ھەرگىزمۇ ياۋروپاغا خوجا بولالمىدى، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى يوقىتىپ ئىستانبۇلنىمۇ ئىشغال قىلالمىدى، ھىندىستانغا كىرىش چۈشىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. پەقەت شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئۈستىدىلا ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىيەلىدى. بۇنداق بولۇشىغا تۈۋەندىكىدەك ئامىللار مۇھىم سەۋەپ بولغانىدى:

1 - ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى خېلى بۇرۇنلا بىر ئىجتىمائىي شىرىن ئۇيقىغا غەرق بولۇپ، نادانلىق، نامراتلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. ئەتراپتىكى زېمىن رەقىپ مىللەتلەر بىلەن قورشالغاچقا، ئىقتىسادى زەئىپلىشىپ، پەن ۋە مائارىپ جەھەتتە ئارقىدا قالدى.

2- رۇسىيەنىڭ ساختا، لېكىن جەلىپكار تەشۋىقاتلىرىغا، سېتىۋېلىش، تەھدىت سېلىش ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئەل قىلىش ئويۇنلىرىغا ئالدىنىپ كەتتى.

3- مەركىزىي بىر ھاكىمىيەت ئېڭى ياكى مىللىي بىرلىك چۈشەنچىسى شەكىللەنمەي، ئەكسىچە ئىرقداشلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۆرۈشى ئەۋج ئالدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دۈشمەن ھۇجۇمى ئالدىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش تەۋسىيىسىگە ئىتىبارسىز قارىدى. نەتىجىدە دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ۋە كۈچ-- قۇدرىتىنى بىكاردىن بىكارغا ئۇپرىتىپ تۈگەتتى.

4- دىپلوماتىك سەزگۈرلۈككە سەل قاراپ، پەقەت ئىچكى ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كەتتى. رۇسىيەدىن تەكشۈرۈش ئەترىتى، سودا ئۆمىكى ۋە دىپلوماتىك ۋەكىللەر كەلسە ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي مۇدداسىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ باقمىدى. شۇڭا، رۇسىيەنىڭ مەقسىتىنى ۋاقتىدا ھىس قىلىپ يىتەلمىدى. لېكىن، بۇ جەھەتتە ياقۇپ بەگ سەزگۈر كەلگەن ئىدى.

5- ھەربىي قورال ياراقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا دۈشمەن بىلەن پەقەت ئۇرۇش مەيدانىدىلا ئۇچرىشىش كىرەك دەيدىغان كونا پىكىرلەرگە چىڭ باغلاندى. شۇڭا، كۈچلۈك ھەربىي سانائەتكە ۋە مۇكەممەل ھەربىي تۈرزۈمگە ئىگە رۇسىيە ئارمىيەسىگە قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرسىمۇ يەنىلا مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىدى.

6 - تەقدىرچىلىك ھۆكۈمران ئىرادىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل روھىي ھالەت ئىچىدە ھەر نەرسە تەقدىرنىڭ ئەمرىگە تاشلاندى.

قىسقىسى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، رۇسىيە ئىستىلا قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلچىمۇ چاندۇرۇپ قويماي ناھايىتى مەخپىي ھالدا پۈتتۈردى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە زەئىپلىكىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلاندى. ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ھامان ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۈگۈزگەن مىللىي سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت زوراۋانلىقى پېتىرنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر داۋامى بولغىنىدەك، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلىگەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا بەكرەك ئۇرۇنىشىنىمۇ يەنىلا پېتىرنىڭ ئاشۇ ۋەسىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 04:44 AM  


ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 09:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۈگۈزگەن مىللىي سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت زوراۋانلىقى پېتىرنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر داۋامى بولغىنىدەك، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلىگەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا بەكرەك ئۇرۇنىشىنىمۇ يەنىلا پېتىرنىڭ ئاشۇ ۋەسىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

شەرەپسىزلەر!!!!!

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 09:49:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-15 09:49 AM
روس چوڭقۇر دۆلىتى دىگەن گەپنىڭ تىگىگە ئەمدى يىتىۋاتىم ...


چوڭقۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 12:19 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خام خىيالنى خىلى سۈرۈپ قويۇپتىكەن بۇ پىتىر دىگىنى،بىر چاغدا سوۋىت ئىىتپاقىلىق بىرسى كەلگۈسىدە چىگرىمىز ھىندىقۇش تاغلىرىغىچە كىڭىيىدۇ دىگەنىكەن مانا ئەمدى قانداق بولدى؟بۇلار مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر خىيالنى نەچچە يۈز يىل بولدى سۈرىۋاتقىلى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روسلار ھازىرغىچە مۇشۇ ۋەسيەتنامە بويىچە ئىش قىلۋاتامدىغاندۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 12:39 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 03:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 07:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-15 03:44 PM
چوڭقۇر دۆلەت دىگىنى قاراشقا سايلام ئارقىلىق ئەلباشى س ...

بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە شۇنىڭغا قارىغاندا سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە فىدىراتسىيسىمۇ مۇشۇ پىتىرنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلۋىتىپتۇدە ھەممىدىن بەك جان دىل بىلەن قوللىغىنى سىتالىن!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3938
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8879
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 01:14:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىق ئىشنى ئۇقۋالدۇق

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 05:20:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق ،چۇڭقۇر دۆلەت دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالدىم .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش