مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 8

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 09:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


                                            مۇقەددىمە.بىباھا خەزىنە ۋە ھېكمەتلىك تېپىشماق

ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس. -خىيال دەپتىرىمدىن



ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ «مۇھاكىمە» سەھىپىسىدە «يېڭى يىپەك يولى» ئۇپۇق سىزىقىغا كۆز تاشلاپ، «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش – مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىڭ مۇقەددىمىسى» ، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار» ، «مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى»، «كەلگۈسى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق ماقالە تېمىلىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈپ كەلدىم . شۇنىڭدىن بېرى مانا ئالتە يىل ئۆتۈپ 90-يىللارنىڭ بەشىنچى يىلىغا كىرىپ كەلدۇق . كېلىۋاتقان يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا كەلگۈسى ھەققىدە ئەمەس ، يەنىلا خەلقىمىزگە نەچچە مىڭ يىل ئىنىكانا بولغان ئۆتمۈش ھەققىدە ، بىز ياشاپ كەلگەن ، بىزنى يېتىلدۈرگەن ، ئەمما بىز ئۇنى راسا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن قەدىمكى يىپەك يولى ھەققىدە قايتا ئويلىغانلىرىمنى سىزگە يەتكۈزگۈم كەلدى.

دەرۋەقە ، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسۇرلۇقىنى ئارىسلان ، پەرۋازىنى لاچىن قىلىپ ، شۆھرىتىنى ئىپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچە-مارجاندەك دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرى تەكتىگە كۆمۈپ قويۇپ ، نېمىدىن ئايرىلىپ ، نېمىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي ، مانا بەش ئەسىرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق . بۇ بەش ئەسىرنىڭ ۋاقىت تىزمىلىرىغا نەزەر سالساق ، كۆڭلىمىز غەشلىككە تولۇپ ، كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ.بۇ يىللاردا بىزدىن كۆز يورۇتقان بابارەھىم مەشرەپ ، مۇھەممەد سىدىق زېلىلى ، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خارابى ، ئابدۇقادىر داموللام (ئەزىزى) ، مەمتىلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئېرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ ئاقىۋەتلىرى قان لەھەتلىرى بىلەن تۈگەللەندى . بۇ يىللاردا بىزنىڭ تۇرمۇش ھالاۋىتىمىز ، بەخت-سائادىتىمىز خۇددى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سادىر پالۋان ، نۇزۇكۇملارنىڭ قوشاقلىرىدا ئىپادىلەڭەن ، نادامەت نالىسى ۋە زالالەت ئىڭرىشى بىلەن ئالماشتى. نىياز ھېكىمبەك، مەھمۇد پوچى، يۈسۈپ چاڭموزا، تاز مەزىن ۋە ئابدۇغوپۇر داموللا شاپتۇلدەك قاندا سەمرىگەن ئاسىي-مۇناپىقلار ئار-نومۇسىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇشقا مەجبۇر قىلدى. بىز قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا ئويلانماي، بېكىنمىچىلىك جاھالىتىدە ئۆتكەن يېقىنقى بەش ئەسىرنى قايتا ئويلانماي، ئۇلارنى ئىلغىماي قارا-قويۇق بىر لەھەتكە كۆمۈپ قويۇپ، كەلگۈسى يېڭى ئەسىرگە، يېڭىدىن ھۆسىن-جامالىنى تۈزەۋاتقان <يېڭى يىپەك يولى> غا قانداق قەدەم قويالايمىز؟!
       خەلقىمىز خۇددى<ساتكو> ناملىق ھېكايىدە سۆزلەنگىنىدەك ئۇيقۇ قۇشنىڭ :

«ئۇخلا! تېنىچ ئۇخلا! ئۇيقۇ-بەخت دىمەكتۇر» دېگەن ئەپسۇنكەش سۆزلىرىدىن خارامانلىشىپ، <ئەسھابۇلكەھەب> دەك غار ئۇيقۇسىدا ۋەھىمە ئاگاھلىقىنى يوقىتىپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا مۇنداق بىر ۋەقە سادىر بولدى:

  1880-يىلى بۇخارادىن غۇلام مۇھەممەت قاتارلىق ئۈچ سودىگەر يولغا چىققان. ئۇلار قالقاساي تاغلىرىدا كىردۇ-كافۇر قەبىلىسىدىن چىققان قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، چەكسىز تاغلار ئىچدە بىر ئۆڭكۈرگە ئۇچراشقان. قاراقچىلار ئۇلارنى ھەيدەپ بۇ ئوڭكۇرنىڭ ئىچىگە كىرىشكەن. قاراقچىلار بۇ ئۆڭكۈردە ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇتتىن ئىشلەڭەن، كۆز قاراشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەچچە يۈزلىگەن نەپىس-ئوبرازلىق بويۇملارنى كۆرۈپ ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپ، بىر-بىرى بىلەن مال-دۇنيا تالىشىپ قانلىق جېدەللىشۋاتقان پەيتتە قاچقان بۇ ئۈچ نەپەر سودىگەر ئامۇ دەرياسىنىڭ ئافغان چېگىرىسىدىكى ئىقلاس زاستاۋكىسىغا كېلىپ ئەنگلىيىلىك ف.ن. باتونغا خەۋەر قىلغان. كاپىتان قوشۇنى باشلاپ كېلىپ قاراقچىلاردىن بۇ ئاسارە ئەتىقىلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە ھازىرقى كۈندىمۇ بېرىتانىيە مۇزېيىدا مەخسۇس پاۋلىئون بولۇپ تۇرغان بۇ <ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى>، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىدىكى- بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئىمپېرىيە خەزىنىلىرىدىن بىرى ئىدى.

  «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى» نىڭ تېپىلىشى ئەپسانىۋى «ئاتلانتا ئارىلى» چۆكمىسىنى تېپىش خىيالىدا يۈرگەن ياۋروپالىقلارنىڭ مەركىزى ئاسىيانى ئارخېئولوگىيىلىك قىزىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. خۇددى ۋولقان دەك ئۆرلەپ چىققان بۇ شۆھرەتلىك قىدىرىش ئېقىمىغا ئىمپېراتور-كاروللار ، بانكىر- تەۋەككۈلچىلەر، سەيياھ-مىسسىيونېرلار تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىشتى ! ناھايتى قەدىمكى زامانلاردىلا ئېچىلغان، مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پارتلىغان ۋىزوۋىي يانار تېغى ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پىلىنونىڭ «تەبىئەت تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە «يىپەك ئېلى يولى» دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇ قەدىمكى ياۋروپا - ئاسىيا كارۋان يولى بىردىنلا شۆھرەت كۆكىگە كۆتۈرۈلدى. نېمىس ئالىملىرى فېردىناد.ۋون. رىختوفىن (1905— 1883) بىلەن ئېبېرت. ھېلمان پىلىنونىڭ قەدىمكى ئىبارىسىگە يېڭى ھوسىن قوشۇپ «يىپەك يولى» دېگەن مەپتۇنكار نامنى ئوتتۇرىغا قويدى!گرۇنىۋىدېل، ستەين، لېكوك، پىلليوت قاتارلىق «يىپەك يولى» قېدىرغۇچىلىرى خوتەن، لوپنۇر، شورچۇق، كۇچا – باي، توققۇز ساي، تۇرپان، دۇنخۇئاڭ مەدەنىيەت نۇقتىلىرىدىكى جاۋاھىراتلارغا ئاچكۆزلۈك بىلەن يوپۇرۇلدى. ئۇلار رىقابەت رەشىكىدە بىر – بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ چىقىشقىچە بېرىپ يېتىشتى! مەركىزى ئاسىيا زېمىنى ئاساسىي چەمبەر قىلىنغان بۇ قىدىرىش تاكى يېقىنقى يىللاردا ئامۇ ۋادىسىدىن ئىككىنچى «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»- كوشان - ئۇلۇغ توخار ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان تۈرك نەسىللىك پادىشاھ كۇچۇلا كادىپىسنىڭ ھەشەمەتلىك ئالتۇنلۇق- قەبرىگاھىنى تاپ قانغا قەدەر ئورخۇن- بايقالدىن كوپىت -زەرەپشانغىچە، قاراقوتۇ -دۇنخۇاڭدىن ئەسكى قورغان - چىرچىققىچە كەڭ -كۇشادە ئېلىپ بېرىلدى.

   مانا، يىپەك يولى باغرىدىكى بىباھا خەزىنە!

   مانا، يىپەك يولى قىزغىنلىقىغا سەۋەپ بولغان ماددى مەنپەئەتدارلىق قىممىتى!

   يىپەك يولىدىكى بۇ بىۋاستە قىممەت ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھارارەتلىك، ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىق ئادەتتىكى تەپەككۈر ئۈچۈنمۇ چۈشىنىشلىكتۇر. ئەمدىكى گەپ، موجىزىدار، مەپتۇنكار، سېھىرلىك يىپەك يولىدىكى تەپەككۈر ھېكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئېچىشتا قالدى.
بىز ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىنى- يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدۇق. ئۇنىڭ قىسمەن بايقىلىشىدىن ئالەمشۇمۇل زىلزىلە قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلساقمۇ، ئۇنىڭ تەكتى ئەسرادا قالغان تەپەككۈر ھېكمەتلىرى تېخى سىرلىق، ھەتتا بۇ جەھەتتە دادىل ئېغىز ئېچىشمۇ ۋەھىمىلىك بولغان تېپىشماق بولۇپ تۇرماقتا. بىلىش ھاجەتكى، نۇرانە كەلگۈسى ئامۇ، سىر، يەنسەي، تارىم تاش – تۇپراقلىرىدىن چىققان، چىقىدىغان جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى باغرىدىكى تەپەككۈر ھېكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۆتمۈشتىن قالغان ۋە ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ قىممەت باھا جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنىڭ تەكتىدە، ئۆتمۈشتە جۇغلانغان ۋە كەلگۈسىگە رەھنىمالىق قىلىدىغان ئۆلمەس مەنىۋى خەزىنە يېتىپتۇ. ئۇنىڭ تېپىشماقلىردا كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى ساقلانغان!


                        ئۈچ چوڭ ئىقتىدار ۋە ئۈچ ئۇلۇغ قىممەت



ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان خەلق، ئۇنداق تارىخنىقايتايارىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقى قىممىتى مۇمكىنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان قىممەتتۇر - خىيال دەپتىرىمدىن.


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

يىپەك يولىنى <جاھاننەما> قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز - ئۆزىنى كۆرۈش، يىپەك يولى ئۇلىغا كۆمۈلگەن تېپىشماقلىرىنى يېشىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل چىرىغىنى يېقىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئىككى نەرسە كېرەك. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، تارىخى ئىپتىخار ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئىشەنچتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، تارىخى خاراكتېرلىك نومۇس تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن يارالغان جاسارەتتىن ئىبارەت. قەدىمكى يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ۋە يېڭى يىپەك يولى بوسۇغىسىدا تەمتىرەپ تۇرغان خەلق ئۈچۈن بۇ ئىككى روھى زىلزىلىنىڭ ھېچ بىرىمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك. روشەنكى، ئىپتىخار تۇيغۇسى بولمىغان قەلبتە نومۇس ئېڭى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ۋەھالەنكى، نومۇس ئېڭى ھەقىقىي ئىنسانى ئىپتىخارنىڭ بىرىنچى ئىستىھكامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  شەك- شۈبھىسىزكى، يىپەك يولىنى مەركىزى ئاسىيادا <ئاتلىقلار مەدەنىيىتى> نى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئاچقان! ئۇلار دەسلىپىدە تۈپتۈز ۋادىلار ياكى دەشت -جەزىرىلەردىكى رەسمىي كارۋان يوللىرى ئارقىلىق ئەمەس، تاغ - جىلغىلارنى تاغ - جىلغىلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تاغ يوللىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن پايانسىز يېيىق-يايلاق يوللىرى ئارقىلىق، ئاخىرىدا بوستان يوللىرى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇلۇغ كارۋان يولىنى ئېچىپ، قەدىمكى ئۈچ قېتىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇردى، تونۇتتى. قاراڭلار، ئالتاي- تارباغاتاي تاغلىرى، تەڭرى تاغلىرى، ئالتۇن تاغ، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى پامىردا قوشۇلۇپ، ھىندىقۇش، كوپىت، كاپكاز تاغلىرىغا قاراپ سوزۇلغان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مىسلىسىز تاغ ئومۇرتقىسىدا ھېلىمۇ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىق تۇرانلارنىڭ ئەۋلادى ياشاپ تۇرۇپتۇ!

   مېنىڭ جانىجان خەلقىم- قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن قوليازمىلاردا، ھازىرقى جانلىق تۇرمۇش بىلەن تەنتەنىلىك لەۋھەلەردە «ئۇيغۇر» نامى بىلەن شۆھرەتلەڭەن خەلق يىپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر گىرەلەشكەن ئۆتكۈر رىقابەت جەڭ گاھىدا ياشاپ، يىپەك يولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە ئۆزىنىڭ ئىرپان ھۈجەيرىلىرىنى قاتقان. ئۇلار<قۇت> ئىزگۈلۈكىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تاغ- جەزىرىلەردىن ئېشىپ، مەغرىپ- مەشرىق ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، يىراق زېمىننىڭ «سىم تانابى»نى تارتىپ، مۇساپىر ئەت مەنزىلگاھلىرى دىن بوستان لار مۇسا پىرلىق سەرگۇزەشتىلىرىدىن داستانلار يارىتىپ، بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتكە مايىل ناتونۇش خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر - بىرگە تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي يورۇق جاھان تارىخى ۋە كىشىلىك ئالاقىلىرىغا ئەبەدىيلىك تۆھپىلىرىنى قوشتى. ئۇلار ئۆزلىرىدە ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ: چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە يىپەك يولى خەلق ئارا سودىسىدىكى پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارى ئىدى.دوكتۇر ماسۇداخىسائۇ «قەدىمكى تەڭرىتاغ تارىخ - جۇغراپىيىسى» دېگەن كىتابىدا توغرا ئېيتقان: مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ نوقۇل پادىچى قوۋم بولماستىن ، يەنە سودا ئالاقىلىرىنى قوزغىتىش خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ بوستان خەلقلىرىنىڭ نوقۇل تېرىقچىلار بولماستىن، يەنە سودىگەرلىك خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلار قۇرغان چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا تىجارەت مەملىكىتى خاراكتېرى ئالغانلىقى ئۇلاردا يىپەك يولى سودا ئالاقىلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە سودا ئالاقە چەمبىرىنى كېڭەيتىش خاھىشىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى.<ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز> دېگەندەك يىپەك يولىنىڭ ئۇلىنىش ياكى ئۈزۈلۈش ھالقىسى بولغان ئوتتۇرا بەلۋاغقا بېكىنمىچىلىكتىن خالى، ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، مېھماندوست ۋە جاھانساز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى پۈتۈن يىپەك يولىنىڭ ئامىتى ۋە بەختى بولغان ئىدى. نەتىجىدە، يىپەك يولى ئۈچ ئۇلۇغ قىممەتكە ئىگە بولدى.

  ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ خەلق ئارا قىممىتىدىن ئىبارەت.

  ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولىنى ئاچقان ۋە تۇتاشتۇرغان، يىپەك يولىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان ئەجدادلىرىمىز مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا ئۆز مەدەنىيەتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى تاماشا قىلدى. ئۇلارنىڭ تۆت زات قارىشى ۋە ئىپتىدائىي تىبابەتچىلىك تەجرىبىلىرى گرېكلارنىڭ «تۆت قىزىس» ھىندى لارنىڭ «چار ۋاقا» قاراشلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ «خۇئاڭدى سۇۋىن» دەستۇرىدا ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلارنىڭ ئاتچىلىقى، ئاتقا مىنىپ جەڭ قىلىشى، چەۋەندازلىقى، ئۆتۈك شالۋۇر كىيىملىرى، مېتال تەسۋىرىي سەنەت ھۈنەر پەزلىكى، مەي ۋە تائام تېخنىكىسى، كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا ئۇسول سەنىتى، كارۋانكەشلىك تىجارىتى يىراق يېقىندىكى خەلقلەر ۋە ئەللەر تەرىپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان. ئۆز ئەپسانىلىرىدە قۇياش ئىلاھى ئاپوللونى ئات قوشقان پەيتۇن ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، شەرقتىن غەربكە چېپىپ چىقىدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن گرېكلار تاكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىغىچە ئاتقوشقان ھارۋىدا جەڭ قىلىشاتتى.مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى پادىشاھ جاۋۇلىن «خۇر كىيىمى» نى كىيىپ، ئاتلىق قوشۇن تۈزۈش ھەركىتى قوزغىدى. چىن سىخۇاڭ ئاتلىق قوشۇن ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ئۆز رەقىبلىرىدىن غالىپ چىقتى. خەن ۋۇدىنىڭ پەرغانىغا قوشۇن ئەۋەتىشىمۇ، ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ ئات -دۇردۇن سودىلىرىمۇ يەنىلا <ئاتلىقلار مەدەنىيىتى> ياراتقان دۇنياۋى قىممەتنى پىشاڭ قىلغان ئىدى. ھون ئاۋارلارنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىنى ھالاك قىلىشى. سالجۇق تۈركلىرى، چىڭگىزخان ئارىلاشما قوشۇنلىرى، ئەمىر تۆمۈر ۋە بابۇر چەۋەندازلىرىنىڭ ھىندىقۇش- ئېلبۇرس ئېتەكلىرىدىكى تەنتەنىلىرى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» ئەنئەنىلىرى نى ئۇل قىلغان ئىدى. ھازىرقى جاھان خەرىتىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى، چېگرا سىزىقلىرى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەڭ بوياقلارنىڭ تەكتىگە ئات تاقىسى كۆمۈلگەن! كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، ناخشا - ئۇسول مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى سۈي- تاڭ پادىشاھلىرى، ئەرەپ خەلپىلىرىنىڭ مەھلىيالىقلىرىنى قوزغاپ، ئوتتۇرا ئەسىر يىپەك يولى كۆكىدە چاقنىغان زەر ساليوت فونتانلىرىغا ئايلانغان.

  ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبەغىنىڭ خەلقارا مەدەنىيەت كارىدورى بولۇش قىممىتىدىن ئىبارەت.

   ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولى گۈللەنگەن ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا غەربىي يۇرت بوستانلىقلىرى يالغۇز چارۋىچىلىق -ئاتچىلىق، دېھقانچىلىق، ھۈنەرسازلىق، ئىچكى ۋە خەلق ئارا سودا - تىجارەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئىگىلىك سېستىمىسى مېخانىزىمىنى ئىشقا سېلىپ، گرېك - رىم، ئېران- ھىندىستان، تۇران ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت چەمبەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەڭداشسىز كارىدورغا ئايلىنىپ قالماستىن، ئۇ يەنە ھىندى- ياۋروپا تىللىرى، ئورال - ئالتاي تىللىرى، خەن- زاڭ تىللىرى بىلەن بۇ تىللارنىڭ نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىپ يېزىقتىكى دەستۇرلار توپلانغان ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تىل- يېزىق پاۋلىئونىغا (كارى دورىغا) ئايلاندى.بۇ زېمىن يەنە ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى ھېكمەت سەستېمىلىرى بولغان زورو ئاستىر، مانى، بۇددا دىنلىرى بىلەن ئىسلام دىنى تەشەببۇسلىرىنىڭ، شەرق-غېرىپ تەبىئەت ۋە تىبابەت ئىلمى نەتىجىلىرى نىڭ جۇغلانما خەزىنىسىگە ئايلاندى. ئالەمدە ئىككىنچى بىر زېمىن مۇنداق جاۋاھىراتلار مۇجەسسەم دەرگاھ شاراپىتىگە نېسىپ بولمىغان بولسا كېرەك.ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بىر قاتار ئۆتمۈش تېپىشماقلىرىنىڭ يىشىلىشى ۋە كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى ھەقىقى قىممەت ئېتىبار بىلەن بۇ مۇبارەك زېمىنىغا تۇتىشىدىغانلىقى ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.

  ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربى يۇرتتا تاۋلىنىپ چىققان مەدەنىيەتتىكى قوشۇلما قىممەتتىن ئىبارەت.

   ئېيتىش كېرەككى، بىزنىڭ شۆھرەتلىك ئاتا- بوۋىلىرىمىز نوقۇل «كارۋانكەش» ياكى نوقۇل سارايۋەن بولغىنى يوق. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئاساسىدا تۇرۇپ، شەرق-غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قىسىملىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۆزگەرتتى. ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىرسىيەت ئۆزى كى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈردى. نەتىجىدە پۈتۈنلەي يەڭ ئۇسلۇب-«غەربىي يۇرت ئۇسلۇبى» شەكىللەندى. بىز بىناكارلىق، ھەيكەلتاراش لىق، رەسساملىق، تەرجىمىشۇناسلىق، ئەدەبىيات، دورىگەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىم ئىزدىن مۇنداق قوبۇل قىلىپ، ئەشىپ كېتىش خاراكتېرلىك ئالاھىدە قىممەتنى بايقىۋالالايمىز.


                                          يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى


يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخى قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن، بەلكى رېئاللىق قوينىدا يىتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەقدىرنىڭ تەخىرسىز زۆرۈرىيەتلىرى دىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبلىك ھەقىقى تارىخچى، بىرىنچىدىن، مەدەنىيەت شۇناس، ئىككىنچىدىن، كەلگۈسىشۇناستۇر. -خىيال دەپتىرىمدىن.


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھالال ۋىجدان، تارىخى جاۋابكارلىق ۋە سەمىمىي ھەمدەم لىك بىلەن ئەلىپ بېرىلىدىغان مەنىۋىئەمگەكتۇر.         

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش- قەدىمكى يىپەك يولىدا جارى قىلىنغان ۋە يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نۇرانە جىلۋىسىنى گەۋدىلەندۈرەلمىگەن ئىجادىيەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىمىز ھەققىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك، تېرەن، ئىلھامبەخش قايتا ئويلىنىشنى مۇقەددىمە قىلىشى كېرەك! بەش ئەسىرلىك قاتتىق ئۇيقۇدىن كېيىن، قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، يېڭى يىپەك يولى ئالامەتلىرى ئالدىدا كىيىكتەك چۆچۈپ، ئەغىر خورلۇق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش روھىيىتىدە قورۇنۇپ تۇرغان خەلقىمىزگە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان تەڭداشسىز مۆجىزىلەرنى تونۇتۇش ھەقىقى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۇنجى خىزمىتىدۇر. مەيداندا مەردانە ۋارقىراپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇلار بۇ شۆھرەتلىك تارىختىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق! ئىپتىخارلىق تارىخ - نومۇس ۋە ئىپتىخارنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يوقاتمىغان مىللەت ئۈچۈن “ئابى ھايات” ۋە “ئېيسا دىمىدىسى” ھەتتا قەيسىرانە جاسارەت ئويغاتقۇچى نوپۇزلۇق ئاڭدۇر! ئۇنىڭغا تىلەكداشلىق ئىنسانى قېلىپنىڭ ئەقەللىي بېشارىتى، ئەلۋەتتە.

   ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا بايقاشقا تۇتۇنغىنىغا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. ئەمما، بۇ ئاساسلىقى قىدىرىش تېپىلمىلىرى ئۈستىدىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەتقىقات بىلەن چەكلەندى. يىپەك يولى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىش خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى. بىز بىلەن خەيرلىشىش ئالدىدا تۇرغان 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىز دىن يېتىشىپ چىققان مەرىپەتچى زاتلار تەرەققى قىلغان غېرىپ بىلەن غەپلەتتە ياتقان شەرقنى سېلىشتۇرۇپ يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تەلىم، يېڭىچە تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتى. ئۇلار گەرچە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق تەشەببۇسلىرى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ 30-يىللاردىن كېيىنكى يېڭى قاتلىمىنى بېزىدى. بىز شۇ قاتلام مۇھىتىدا يېتىلدۇق. ۋەھالەنكى، بۇ مەرىپەتچى زاتلار تېخى ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ياراتقان شانلىق تارىخىمىزنى قايتا ئويلاش، ئۇنىڭدىن يېڭى مەرىپەت قۇدرىتى ھاسىل قىلىشنى ئۆز تەشەببۇسلىرىغا تېماتىك سەرلەۋھە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى. بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ تارىخى نېسىۋىمىز بولۇپ قالدى!

   20- ئەسىر ئاخىرلىشىپ، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بولغان خخى ئەسىر سائىتى سېكونت ساناشقا بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ يىللاردا ئۆز ئەقىل- پاراسىتىنى يوقاتمىغان، بولۇشىچە جان بېقىش كويىغا چۈشمىگەن زەكىلىرىمىز ئالدىدا پىكىر تەمىلىرى بىلەن تەپەككۈر ئوبيېكىتلىرى ھەر قاچانقىدىنمۇ نۇرغۇن. بىز قەدىمكى يىپەك يولىغا كۆمۈلگەن تەپەككۈر ھېكمەت خەزىنىسىنى ئاچقىنىمىز يوق. بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى بەش ئەسىر ۋە ئۇنىڭ روھىيىتىمىزگە ئۆزلەشكەن خۇنۈك ئىللەتلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلغىنىمىز يوق. بىز چىقىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرنى داغدۇغىلىق پاراڭلار ۋە شېرىن تاماقلاردىن خالى ھەقىقى تەپەككۈر ئەينىكىدە تەلقىن قىلىپ يەكۈنلەشكە تۇتۇنغىنىمىز يوق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي تارىخنىڭ ۋاقىت تۇلپارى ئالدىمىزغا ئىككى ئالىپتە نەرسىنى قويدى: ئۇنىڭ بىرى، يېڭى يىپەك يولى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان خەلقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىدى، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈڭىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى بولدى. تەپەككۈرىمىزنىڭ يۈكلىرى كۆپەيدى، “توققۇز كېلىننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتتى.”!

  بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ كېتەيكى، يېڭى ئەسىر- 21 -ئەسىر بىزگە ئۆتكەنكى ئەسىرلەردەك دەخلىسىز تەبىئىي ئىگىلىك، ھەپتىلىك سەييارە بازار يەرمەنكىلىرى، ئەۋلاد-نەسەپ بويىچە ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق، باي-كەمبەغەللىكنىڭ ئادەتلەڭەن كۆنۈكمىلىرى، ئېتىقاد ئىزچىللىقى، بولۇپمۇ خخ ئەسىردەك دۇنيانى قاپلىغان يېڭىچە مەسلەك، ئاممىۋى ئىنقىلاب دولقۇنلىرى بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقىنى يوق. ئۇ ئىگىلىك قېلىپلىرى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا كۈتۈلمىگەن كاتتا ئۆزگىرىش بىلەن كىرىپ كەلمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ روھىيىتى ۋە پىكىر قېلىپلىرىنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى. ئالدىمىزدا ئۈچ خىل پائالىيەت ئەھلى گەۋدىلىنىپ چىقتى:

  بىرىنچى خىل كىشىلەر، مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ، مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق بېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكلەرنى يېڭىپ مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى . ئۇلار ھاقارەت ۋە خەتەر، بوھتان ۋە سۇيىقەست ئىچىدىمۇ ئۇيقۇ قۇشىنىڭ دۇرتلىرىغا دانكودەك ئۆز يۈرىكىنى مەشەل قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئىككىنچى خىل كىشىلەر، ئاللىقاچان ھازىرقى زامان سودا رىقابىتىنىڭ ئۇپقۇنلۇق قايناملىرىغا كۆكرەك كېرىپ چۈشكەن غەۋۋاس — ئۇيغۇر سودا تىجارەتچىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار قانچىلىك تەپەككۈر ھېكمىتىدىن بەھرىمان ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتىينەزەر، سومېرلار، كىمىرى (سىمىليان)- سىكتايلار، ئارى- ھونلار، سوغدى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئاياغ باسقان قەدىمكى زېمىندارغا ئۇرۇقتەك چېچىلدى. ئۇلار ھېچقانداق ھامىيلىق مەرھەمەتتىن بەھرىمەن بولمىغان، ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلىنىۋاتقان، سەرمايىسى چەكلىك مۇساپىر سودىگەرلەر دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەممە مۇشەققەت ۋە پېشكەللىكلەر ئىچىدە يېتىلمەكتە. ئۇلار مىللىتىمىز دىكى ئىللەتلەرنى سادىر قىلىپ مەسخىرىگە ئۇچراپ، خەلقىمىزدىكى پەزىلەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغاپ، تۇرمۇشتىن تەنبىيە، تەجرىبىدىن تەلىم ئېلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئاجايىپ سودا – تىجارەت، مالىيە ئالاقە ماھىرلىرى بولۇپ چىققۇسى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر قاتار مۆجىزىلىرى تىزىلغان.

   ئۈچىنچى خىل كىشىلەر، بۇلار ئۈچ خىل ئىش بىلەن بارغانسېرى پائالىيەتچان بولىۋاتقان كىشىلەردۇر. بۇ ئۈچ خىل ئىش: ئەمەل – مەنسەپ ۋەسۋەسىسى، پىتنە – ئىغۋا ھەسەتچىلىكى، كەيپ – ساپا چۈشكۈنلىكىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئېرىشكەن ھالاۋەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بىباھا نەرسىنى — ئۆزىنىڭ يورۇق دۇنيا ۋە ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ھەقىقىي ئىنسانىي قىممىتى ۋە تارىخىي ئىپتىخارىنى يوقىتىپ قويماقتا.

    شۇنداق قىلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، يېڭى ئەسىرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى، يېڭى رىقابەتچان بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنىڭ قەد كېرىپ چىقىشى ھەممىمىز نى قوزغىتىۋەتتى. قاغىدەك قارغاپمۇ، مۈشۈك ياپىلاقتەك سۈرتەلەت كۆرسىتىپمۇ، تۆگە قۇشتەك بېشىمىزنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ زامان زۆرۈرىيەتلىرى ئالدىدا نېمىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك؟

    ئەلۋەتتە، ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن، شۇنداقتىمۇ ئەڭ يىلتىزلىقى مىللەتنىڭ رېئال قىياپىتى، ھەقىقىي كىشىلىك قىممىتى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى، ھازىرقى زاماندىكى ئۈچ خىل مىللەت دەرىجىسى دىكى ئورنىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەت.
                  

                       ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت


ئار – نومۇس ۋە رىقابەت جاسارىتىدىكى يالقۇن قوزغاتمىغان مېڭىنىڭ قوزغىتىدىغىنى تەنتەكنىڭ تەمەننىسى بىلەن قورققاقنىڭ شۈركىنىپ تىترىشىدىن باشقا يەنە نېمە بولسۇن؟! — خىيال دەپتىرىمدىن.


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

بىر قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن، راۋاجلانغان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قوڭقۇر ھەس قىلىمىز. ۋەھالەنكى، پۈتۈن ھاياتى كۈچ- ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىشى، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان مۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەربىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىممۇنىتەت ھالىتى، مىزاج- خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى-«ئائۇرا»دا جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە- جەمىيەت- مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىدىكى ئەۋزەللىك ياكى زەئىپلىكىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن بىر مىللەتتىكى ھەر خىل ئىقتىدار ۋە سۈپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە “پال” ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

   ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ، مەيلى ئۇ تۇغۇلما قابىل ياكى ساھىپجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم- سەنەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن مەيلى ئۇ يوقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسى ئىززەت ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسى ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ- قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈم نىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.
      ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە_كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» ، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسى مىللەت» تىن ئىبارەت.
      1. ئېتنولوگىيىلىك مىللەت دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەت لىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مىللى تىل- يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سېستىمىسى، مۇقام مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي- تۆكۈن ۋە ئۆلۈم- يېتىم يوسۇنلىرى، مىللى مەدەنىيەت ئېرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ ماقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەشىپ كېتەلمىگەن لىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار_نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ_نەپرەت ئىپادىلىسىمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست_يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر_بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز_چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ، گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەپ تە بولۇپ، ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.
      2.ئىجتىمائىي مىللەت دىگەن لىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئۇ ، ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، مۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۇچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلىكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە ، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈك لىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكار تەلەپ، لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشەمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئەشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا يىراقلاشقان بولۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرىخاھلىق- تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.
        3.سىياسى مىللەت دىگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى ئىجتىمائىي مىللەت كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسى سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىلمىغان. سىياسى مىللەت ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يوقىرى مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مىللى ئاڭ ۋە بىرلىك- ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بەئىگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.

    ئۇلار يالغۇز پەن تەخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان؛ ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گۈللەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ «ئىجتىمائىي مىللەت»، «تەبىئىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد- مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنغان، بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشىر قىلغان، كىنو- فىلىملەر ئىشلىگەن.ئۇلار نەزېرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئاساسى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

    توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە، ئۈنۈم سىز تاغلىق ئارال نى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچمەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زىمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەركىتىگە مىللى نومۇس- ئىپتىخارنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يوقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان. يەھۇدىيلارمۇ ئازغىنە خەلق. ئۇلار تارىخى ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تىز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.

   ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يوقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بوھران ۋە زىلزىلىدىن خالى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ يوقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۈت.

مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز_ئابرويى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇشلۇق دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!

مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ بىر قارايلىچۇ!

  ئىچكى قىسمىمىزدىكى ئىززەت_ھۆرمىتىمىزنى قىرقىيدىغان بىرلىك_ھەمدەملىك قورغانلىرىمىزنى غۇلىتىدىغان، مەرىپەت چىنارلىرىمىزنى ئاز دەپ، چەت ئەللەرگە ھەج_ھەرەمگە بېرىپ، سۆزلىسە يۈزنى، قارىسا كۆزنى نومۇستىن ئۆلتۈرىدىغان ناچار سۈپەتلىرىمىز، ناباپ ئىللەتلىرىمىزنىڭ قايسىبىرىنى ئېيتايلى! دۇنيادا يەنە بىزنىڭ ھالىمىزدىنمۇ تۆۋەنرەك يەنە قانداق ئىنسان تۈركۈملىرى بولسۇن؟ ئەزمە_سۆرەلمىلىكىمىز بىلەن تەنتەك، تارقاقلىقىمىزدىن نېمىلەرنى كۆرمىدۇق. يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە “ئەۋلىيا چەتتىن ، مۇرت بىزدىن” بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نىمە بولدى؟ بۇ روھى ئىللەت ۋۇجۇدىمىزنى ھېلىمۇ چىرماپ تۇرمامدۇ! تارىختا نام_شەرىپىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالماي يوقىلىپ تۈگىگەن مىللەتلەرمۇ ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىدىغۇ! ئۇيغۇرلار شۇ زامانلاردا ساكلار، توخارلار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، رۇسىيىلىك ئالىم مىلنۇرانىسكىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا “ئۇيغۇرىزم” ھادىسىسىنى، ئامېرىكا ئالىمى گىروسسارىتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «چەتنىڭ قېلىپلىرىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان ئۇيغۇر سېستىمىسى»نى ياراتقان ئىدى.ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىرانلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، چاڭئەن، كونستانتىنوپول سودا مۇساپىسىنى تىزگىنلەپ، لياۋ، سۇڭ سۇلالىرى بىلەن بولىدىغان ھۆكۈمەت سودىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، لياۋ، سۇڭ ھۆكۆمەتلىرىنى شەھەر سودا مەھكىمىسى ئورنىغا <ئۇيغۇر بارىگاھى> نى دەسسىتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غوسۇل، دۇتار بىلەن ئۇسسۇل» دىن ئىبارەت بارى-يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەنت بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.

ئەمدىلىكتە، بۇ نۇسرەت سۇمۇرۇغى، بۇ ئىقتىدار بۈركۈتى، بۇ سائادەت ئەنقاسى قېنى؟!


                           تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى


ھەقىقى كىشىلىك پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەقىدىلىك كىشىلەرنىلا ھازىرلاش ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى سۈزۈك بىلىشىگە ئەرك ۋە بوشلۇق كۆرسىتىشتۇر.- خىيال دەپتىرىمدىن.


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويدۇق. بۇ بىزنىڭ «يۇلتۇز» ئىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى. ئۇلار: مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىدىن تۆرەلگەن بىرلىك-ھەمدەملىكى، مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت تىپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەنئەنە ئىزچىللىقى، ئەقىلنىڭ ھېسسىياتتىن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ يوقىرى شەكلى بولغان نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن ئىبارەت.

  قەدىمكى يىپەك يولى ئۆزى داۋام قىلغان ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا خۇددى پەغپۇرچىننىڭ خەزىنىسىدىكى «ئائىنەئىي جاھان»دەك، «جەمشىدى جامى» ۋە ياكى «ئىسكەندەر تىلسىمى» بىلەن «سۇلايمان ئۈزۈكىنىڭ كۆزى» دەك بىقىياس كاتتا ۋە بىتەققاس ئىنچىكە نەرسىلەرنى بىزنىڭ نەزىرىمىزگە تاشلىدى. بىز قەدىمكى ئەجدادلىرى بەدەنلىرىگە گۈل چېكىپ، باشلىرىغا ئۆكە قاداپ ، ئۆز ئۇرۇق قەبىلىلىرىگە توتېم قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئالەم ئەپسانىلىرى ۋە كىشىلىك مىزانلىرىنى بەلگىلەپ، شۇ خىل ئۆزىگە خاس ئەنئەنە ئىزچىللىقىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇنداق ياكى مۇنداق “مەدەنىيەت تىپلىرى” نى كۆردۇق. ئۇلار بۇ خىل «توتېم» رىجىلىرى بىلەن «مەدەنىيەت تىپلىرى» نى ئۆز-ئۆزىنى بىلىش ۋە پەرقلەندۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولغان بۇ نەرسىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نەرسە-تۈركۈم ئېڭى گەۋدىلەنگەن.
      ئېيتىش كېرەككى، زەررىدىن بەھەيۋەت كاتا يۇلتۇزلارغىچە، ھۈجەيرىدىن ئىنسانغىچە تۈركۈملۈك ھالەت ساقلانغان. ھەر بىر گۈلنىڭ ئۆز تۈرى، ھەر بىر ھايۋاننىڭ ئۆز ئائىلىسى بار. بىرلا تامچە سۇ، بىرلا قەترە نېفىت، بىرلا تەمىم يامغۇر بولىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركۈمدە مەۋجۇتلۇق شەكلى، ھەركەت خاسلىقى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى شەكىللىنىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ باشتىن_ئاياغ ئۇنداق ياكى مۇنداق تۈركۈم بويىچە ياشايدۇ. مىللەتنىڭ تىل بىرلىكى، تېررىتورىيىلىك بىرلىكى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش بىرلىكى، مەدەنىيەت روھىيىتى قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ تۈركۈم نى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىدە پوتېنسىئال ھالەتتىكى تۈركۈم خاھىشچانلىقى مەۋجۇد. ئۇنىڭدا رەسمىي، ئۆز – ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭىنىڭ بولىشى دەخلىسىزدۇر. تۈركۈم ئېتىراپ قىلىنىشى، تۈركۈم ئېڭى ۋە تۈركۈم مەدەنىيەت تىپلىرى نىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئالاھىدىلىكلىرى ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئەقەللىي ئىلمىي ساۋات دائىرىسىدىكى چۈشەنچە، ئەلۋەتتە.

تۈركۈم ئېڭى — ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى، تارىخى كەچۈرمىشلىرىدىن جۇغلانغان شەرەپ نومۇس ئېڭى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قاراتقان مەسۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆز – ئۆزىنى تۈزەش ۋە كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش جاسارىتى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتچان ئاڭ سىستېمىسىدىن ئىبارەت. تۈركۈم ئېڭىنىڭ مەركىزى ھالقىسى ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى بىلىش ۋە ئۆز مەدەنىيەت تىپى بويىچە تەرەققىياتقا يۈزلىنىش ئېڭىدۇر.

  ئ ۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا ئېتنىك جەھەتتىن قېرىنداش بولغان مىللەتلەر مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى جەھەتتىن ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئىككىنچىسىگە تەۋە بولۇپ كەلدى.

  بىرىنچى مەدەنىيەت تىپى — ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزىي ئوقى قىلغان «پەرەڭچە» (ياۋروپاچە) مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەتكە تەقلىد قىلىش، ئىنسان تەبىئىتى قاراشلىرى، تەبىئىي ھوقۇق، تەبىئەت پەلسەپىسى ئەنە شۇ مەركىزى ئوقنى دەۋر قىلغان. بىز ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە ۋە ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرىغا نەزەر سالساق مۇ، تەڭرىلەرنىڭ يېرىم ئىنسان، يېرىم ھايۋان خاراكتېرلىك تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ياۋروپا مەدەنىيەت تىپى، مۇزىكىلىق مىلودىيىلەر، رەسساملىق – ھەيكەلتىراشلىقتىكى يالىڭاچ ئوبرازلار، ئەدەبىياتتىكى تەبىئەت ۋە ئىنسان تەبىئىتى لىرىكىلىرى، ئەركىن مۇھەببەت ۋە دۇئېل رىجىلىرى، تەبىئەتتە يەنى دېڭىز- ئوكيانلار، ئېگىز تاغلار، خەتەرلىك شاقىراتمىلار، ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن ئىقلىملاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئالامەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان.

  ئىككىنچى مەدەنىيەت تىپى- ئىنسان بىلەن مۇقەددەس قۇدرەت «تەڭرىقۇت» نىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان ئاسىيا يايلاق- جەزىرە خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەت ۋە جەمىيەت ھادىسىلىرىنى تەڭرى قۇدرىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، تەبىئەت ۋە جەمىيەت قانۇنلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى ۋە قۇت قائىدىلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى دىگەن قاراشقا ئاساسلىنىدۇ. شەھەرلەرنىڭ مەركىزىدە ھاكىمىيەت سارايلىرى ئەمەس، ئىبادەتخانىلار قەد كۆتۈرگەن. پادىشاھلار ئۆزلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى، ئادالەت قۇتىنى بەجا قىلغۇچىلار دەپ قارايدۇ. پارا ئېلىش ئەمەس، مەلۇم ۋاقتتا ئوردا خەزىنىلىرى تەرتىپلىك «بۇلاڭ- تالاڭ» غا قويۇپ بېرىلىدۇ. چارۋىدارلار چۆللەرگە بۆرە ئوزۇقى ئۈچۈن قوي- كالا تاشلايدۇ. پانىزملىق «ۋەھدەت ۋۇجۇد» پەلسەپە، قىساسنى تەڭرىگە تاپشۇرۇش «ئەلقىسساسۇل مىنەلھەق»، ئىككى دۇنيا قاراشلىرى بىلەن كەمتەر ياشاش روھىيىتى ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات- سەنەتنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى قىلىنىدۇ. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى گۇمانىستىك، ئادالەتلىك پىكىر ئېقىمىدا گەۋدىلەنگەن بولىدۇ. كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ۋە ياخشى يامانلىقىنى مىزان قىلغان ئەدەبىيات (مەسىلەن، «شاھنامە»، «مىڭبىر كىچە»، «چاھار دەرۋىش»، «خەمىسە») خەلق ئەدەبىياتى بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ.

   ئۈچىنچى مەدەنىيەت تىپى - ئىنسان بىلەن پادىشاھ «ھاكىمىيەت»نىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قارىشى ۋە كىشىلىك قىممىتىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان شەرقىي ئاسىياچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىدۇر. «زېمىن پادىشاھىنىڭ»، «پۇقرا پادىشاھىنىڭ »، «كۈللى جاھان پادىشاھقا مەنسۇپ تۇر » دىگەن قاراش مۇتلەقلەشتۈرۈلۈپ، ئوردا ئەمىر پەرمانلىرى مۇقەددەس سانىلىدۇ، شەھەر مەركىزىگە خانلىق- بەگلىك قەسىرلەر بىنا قىلىنىدۇ، ئەمەل- مەنسەپكە ئېرىشمەك شەخسنىڭ ئالىي بەختى، ئىززىتى ۋە ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرى چۈشەنچىلىرى ئىلاھى ئوبرازلار بىلەن ئەمەس، سەركەردە باتۇرلىرى بولغان ساماۋى ئىمپېراتورلار شەكلىدە زېمىندىن ئاسمانغا كۆچۈرۈلگەن بولىدۇ. پادىشاھقا قۇللۇق ۋە سادىقلىق ئەڭ ئالى پەزىلەت دەپ قارىلىدۇ ۋەھاكازالار.

   دەرۋەقە، بۇ ئۈچ خىل مەدەنىيەت تىپى بىر-بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان تۆمۈر تاختا بولسىمۇ، ئەمما ئۆز تىپلىرى بويىچە، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى چۈشىنىپ يېتىشكە بولىدىغان مەنتىقىلىق، روھىيەتلىك، ئادەت يوسۇن لۇق، مىجەز-خاراكتېرلىك چەكلىمىسى ئەغىر بولۇپ، بىرى بىرىگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بۇ تەرجىمانمۇ ھەل قىلالمايدىغان دائىرىدۇر.
       خەلقىمىز يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە ئىككى قېتىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئېغىر بوھرانىغا ئۇچرىدى.

   ئۇنىڭ بىرى، ئاپاق غوجا ئەۋجىگە كۆتۈرگەن خوجا- ئىشانچىلىقنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقى بىلەن دالاي لاما-جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئالدىدىكى ساتقۇنلۇقلىرى تۈپەيلى يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قاششاقلىقىدىن ئىبارەت. بىز بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زېلىلى، مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى، خوجا جاھان ئەرشى ۋە فوتۇھىدەك گۇمانىستىك شائىرلارنىڭ سەرگەردانلىق دەشتىگە تاشلىنىشى ۋە قەتل قىلىنىشى، كاللا مۇنارلىرى نىڭ تىكلىنىشى، كىتاپ- دەستۇرلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، مۇرت قۇلچىلىقنىڭ ئەۋجەرەپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى كۆرەلەيمىز.

   ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئۇچىغا چىققان سول ئىدىيىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قىرقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نۇقۇل «ياۋروپا مەدەنىيىتى »- ياۋروپا پەلسەپىسى، تارىخى، ئەدەبىياتىنى دەسسىتىشتە ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىدىن ئىبارەت. نەتىجىدە “ئۆلىمالىق ئەرەبچە”، “ئەپەندىلىك غەرىپچە” دېگەندەك ھالەت بىلەن، «ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئۆزگىنى بىلمەك»، «ھەقىقەت پەقەت چەتنىڭ دېمەك» دېگەندەك ھالەت شەكىللەندى. بىز پەقەت قەيسىرانە كۆرەش بىلەن 1980-يىللاردىن كېيىنلا ئۆزىمىزنىڭ پەلسەپە تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، سەنەت تارىخى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ كۆمۈپ تاشلانغان ۋە ئۇنتۇلغان تارىخى خەزىنىسىنى ئاچتۇق. شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىز، ھەتتا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز تېخى مەدەنىيەت تىپىمىز ۋە خەزىنىمىزدىن يىتەرلىك خەۋەردار ئەمەس. ئۇلار ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپتىن كېلىدىغان ئىنكارچىلىق، سولچىللىق، قاتماللىق ئىدىيىۋى بېسىملىرى ئالدىدا لەقۋالىشىپ، پالەچلىشىپ، خۇددى خروئىنغا ئۆگىنىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش يەنە ھېلىقى «سول» خروئىننى چەكمىسە تىترەپ-تاتىرىپ تۇرالمايدىغان دەك ئېغىر زەھەرلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ «ئىجتىمائىي مىللەت»لىككە كۆتۈرۈلىشىگە زامىن بولماقتا.
         قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا - پاقالچاق، ئۆپكە - ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربى يەتمىگەن خەلقنىڭ ئەسىر ئالماشقان بىلەن رىزقى - نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

    دەرۋەقە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۇنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۆز مىللى مەدەنىيەت تىپى تەرىپىدىن پەرۋىش قىلىنىدۇ. ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئىنكار قىلىپ ھەرقانداق مىللى تۈركۈم نى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوققا چىقىرىش مىللەتنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر. مىللەتنىڭ بىرقانچە مىڭ يىللىق تارىخى ئۇنىڭ ئۇيۇشۇش ئۇنى چېچىۋەتكۈچى كۈچتىن غەلبە قىلىشى ئاساسىغا بەر قارار تاپقان تارىختۇر. يېقىنقى بەش ئەسىردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرىت- مۇخلىسلىق يۇرت - مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ – بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل - دەرەخسىز جەزىرىدىكى قويۇنتازدەك مەسۇلىيەتسىز پىتنە ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇر»لار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىلغان سۈتكە» ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئورغۇي» بولۇپ چىقتى!

   تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر - بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋەلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلى قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆك تۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك - سۆيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەردىن تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپېرىيە تىلى- ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك-ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋەھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، ساك، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە ئەھمەدشاھ قارىقاشنىڭ «ئات ھەققىدە مۇخەممەس» ناملىق ساتىراسىدىكى ئەبگا «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى! بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي تۈركۈمى نىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى پەقەت مۇقام- مەشرەپ، تىل-ئەدەبىيات، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيىت-ئايەمنى ۋاستە قىلغان ئاددى تەبىئىي ئېتنولوگىيىلىك ئالامەتلەردىلا قالدى.


              ئەنئەنە ئىزچىللىقى ۋە يېڭىلىق قىزغىنلىقى


ئەنئەنە ئىزچىللىقى ئەنئەنە قاتماللىقى ئەمەس، ئەنئەنىنىڭ راۋاجلانغان تارىخى قاتلاملىقىدىن ئىبارەت. — خىيال دەپتىرىمدىن


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر مۇھىم تېپىشماق، مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارى، باشقىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ مىللىيەتلىك قىممىتىنىڭ مۇھىم بىر تارىخىي يىلتىزى ھېسابلانغان ئەنئەنە ئىزچىللىقى مەسىلىسىدۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەدەنىي ھاياتىمىزغا ھاكىممۇتلەق دىكتاتۇرا بولۇپ، بارلىق جانلىق، مۇنەۋۋەر ئىدىيىلەرنى چەيلەپ كەلگەن ئىنتايىن سولچىللىق پىكىر ئېقىملىرى نىڭ يىمىرىلىشى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزگە ھەرخىل مەدەنىيەت تەشەببۇسلىرى ئېقىپ كىردى. يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى، بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت بازىرى بەرپا قىلىش تۈرتكىلىرى نەتىجىسىدە مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن يېڭىلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىدە كەسكىن سوقۇلۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى.
خەلقىمىزگە قارىتىلغان “كونا ئەنئەنە ۋە مىراسلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ئەس- ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش”، “يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىككى ئەسىرىنى قۇچاقلاپ يېتىۋېرىش” دېگەن سۆزلەرمۇ، “يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخقا، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز” دېگەن سۆزلەرمۇ مۇھاكىمە مۇنبىرىگە چىقتى.

ئېيتىش كېرەككى، ئەجدادلىرىمىزدا قەدىمكى يىپەك يولى گۈللەنگەن زامانلاردا، بىر تەرەپتىن، چەتكە، يېڭىلىققا، غەيرىي ۋە ئىجابىي نەرسىلەرگە قىزىقىش روھى ئۈستۈن بولغان. بۇ روھىيەت تۈپەيلى، ئۇلار مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىكىنى يېڭىپ، “غەربىي يۇرت” قا خاس مەدەنىيەت ئۇسلۇبى، مەدەنىيەت قوشۇلمىسىنى يارىتىپ جاھان مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى، ئۇنىڭدىن يادرولۇق تىپىك ئىرسىي ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى خەزىنىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، بارلىق غەيرىي خەلقلەر مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. بىز خوتەندىن قۇمۇلغىچە بولغان بۇددا – مانى رەسساملىق سەنەت يادىكارلىقلىرىغا نەزەر سالساق، گرېك – ئىران – ھىندىستان تەسۋىرىي سەنەت ئۇتۇقلىرىنى ھەزىم قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ قىياپەت تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممە جەھەتتە ئۆزى ھەزىم قىلغان سەنەت ئۇتۇقلىرىدىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىغا خاس تەسۋىرىي سەنەت سېستىمىسى ۋە ئىجادىيەت ئىستىلى تىكلەپ، دۇنيا رەسساملىق سەنىتىنىڭ يوقىرى پەللىسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، بىزگە «ئەنئەنە ۋارىسلىق» بىلەن «يېڭىلىق قوبۇل قىلىش» نىڭ مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى، مىللىيەتلىك قىممىتى ۋە مەدەنىيەت سۈپەتلىرىگە توغرا تاناسىپلىقىنى، تۈپكى جەھەتتە گاڭگىراپ قالغان مىللەت جۈزئىلىك جەھەتلەردىمۇ گاڭگىراپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
        يېقىنقى بەش ئەسىردىن بېرى، مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، ھەتتا ئىلگىرىكى ئېتىقادلاردىكى ئەجداتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى خانىۋەيران قىلىشقا، چەت ئەللىكلەرگە سېتىشقا بېرىلدۇق. تاكى مۇشۇ ئەسىر باشلانغىچە دۇنيانىڭ بولۇپمۇ، غەربنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە دېموكراتىك ئىدىيە ساھەسىدىكى يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. بىر زامانلاردا فىئودال بېكىنمىچىلىك ئاسارىتىگە ياۋروپا ماللىرىنى «شەيتان تېرىسى»، «شەيتان ھارۋىسى» دەپ قارىدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز غەزەللىرىدە بۇ خىل روھىيەتنى راسا ياخشى سۈرەتلەپ بەردى. ئەمما بىز ئارىمىزدىن چىققان يېڭىلىقپەرۋەر دانالىرىمىزنىڭ بېشىغا چىقمىغۇچە تىنچىمىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، بولۇپمۇ 30-، 40- يىللاردىن كېيىنكى زامانلاردا سوۋېت رۇسىيىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن شەكىلدە بىزگە يېتىپ كەلگەن يېڭىچە پەن - مائارىپ بىلەن تونۇشتۇق. بۇ ياخشى باشلىنىش بىر مۈرىسى يوق كاپىتاندەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەت تىپىمىزنى دىققەت - ئېتىباردىن چەتلەش تۇرۇپ قويدى. بارا – بارا بىز شەرقنى، ئۆز مەدەنىيەت تىپىمىزنى، ئۆز يىتىزىمىزنى ئۇنتۇپ، غەربنىڭ شەرقتىكى قوشۇمچىسىغا ئوخشاپ قالدۇق! يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن سوۋېت رۇسىيىسى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئوكيان ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق چايقىلىپ كەلگەن غەرب مەدەنىيىتىگە دۇچ كەلدۇق. نەتىجىدە، گاڭگىراشتىن توختىماي تۇرۇپلا يەنە گاڭگىراشقا كىرىشتۇق. بىر مۇنچە كىشىلىرىمىز بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكلىرىنى ئۇنتۇشقا كىرىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنى دوراپ، يامغۇرنى كۆرۈپلا غۇلاپ چۈشۈپ پاتقاققا ئايلانغان كېسەك تامغا ئوخشاپ قالغىلى قوپتى. ھەرخىل چاچ بوياق پاسونلىرى، غەربلىكلەرمۇ تازا ياخشى قاراپ كەتمەيدىغان قۇرت- قوڭغۇز شەكىللىك كىيىملەر، مىللىي ئۇسۇللىرىمىزنىڭ لاتاپىتىگە زىت غەلىتە ھەرىكەتلەر، مۇھەببەت نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى شەرمىي ھايا گۈزەللىكى ۋە مىللىي ئەخلاققا زىت ئوچۇق سورۇنلاردىكى غىلجىڭ- لالمىلىقلار، خەلقنىڭ ھال- ئەھۋالىدىن چەتلەپ كەتكەن شېئىرىي ۋايساشلار، «ئىچى غال- غال تېشى پال - پال» پەرداز مەدەنىيىتىگە دۈم چۈشۈش، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش … قاتارلىقلار مەدەنىيەت بوسۇغىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، روھىيەت سارىيىمىزنى بۇلغاشقا چۈشتى.
       مېنىڭچە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى دېگەندە، تارىخىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا يۇقتۇرۇۋالغان ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ كامالەتكە يۈزلىنىش روھى بىلەن ھار قايسى دەۋرلەردە زامانىۋىلىشىش قەدەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەدەنىيەت توقۇنۇشى ھاسىل قىلغان چەتتىن كىرگەن غەيرىي مەدەنىيەت تىپلىرى دېگەندە، بىز مىللەت ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان پەن-تەخنىكا بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى نەزەردە تۇتمايمىز. مېنىڭچە، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرى بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەر، دۆلەتلەر، رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بىلىش، تەتقىق قىلىش، “ئۆزىدىنمۇ، ئۆزگىلەردىنمۇ خەۋەردار بولۇش” ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىلىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، باشقا مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، باشقا مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن جىددى مەسىلە.

  ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئوزۇقلىنىش قا، ئۆز-ئۆزىنى جارى قىلىپ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش قا مۇھتاج، مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوزۇقلانمايدىغان ھەيكەل ياكى قاماپ قويۇلغان مەھبۇس ئەمەس.

  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنىڭ مەنىۋى ئۇلى، مىللەتنىڭ ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ھاياتى بۇلىقى، دۇنيا مىللەتلىرى ۋە مەدەنىيەت لىرى ئارىسىدا ئۆزىگە خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى. بۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ. راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ كۇشادە جارى قىلىش بىلەن ئۇنى يەنە باشقا مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ نابۇت قىلىۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى بىرلىكتە ئەلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ مۇرەككەپ مەسىلە.

  بىز ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا، بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ سىياسى ياكى باشقا جەھەتلەر بىلەن تەڭداش مەۋقەدە بولمىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك بىز مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا بىر- بىرىنى چەتكە قېقىش، بىر- بىرىدىن گۇمانلىنىش، تاللاپ قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىپ ھەزىم قىلىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىن ئەشىپ كېتىش، دۇنياغا يۈزلەڭەن ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت نەتىجىلىرى يارىتىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخ ھاكىمىيەت قۇدرىتى ئۈستۈن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە ئۈستۈن مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى ھەممە ئۈستۈنلۈكلەردىنمۇ قۇدرەتلىك، ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئىسپاتلىدى.

   مەن غەيرىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، خاسلىققا ئىگە يادرولۇق قىسىملىرىدىن باشقا، ئۆز مەدەنىيىتىگە يېقىن، ئۆز مەدەنىيىتىگە سىڭىش لىق ۋە يارىشىملىق قىسىملىرىنى تەدىرىجى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن غەيرىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، يادرولۇق ئالامەتلىرىنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. مىللىي ئۇسسۇللىرىمىزغا زورلاپ كىرگۈزۈلگەن «پۇت كۆتۈرۈش»، «قىزنى كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ سىڭىشلىق بولماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەپ، دەل ئۇنىڭ بالېت ئۇسۇللىرىنىڭ تىپىك- يادرولۇق ھەركىتى بولغانلىقىدۇر. ئەزەلدىن بىر خىل مەدەنىيەت باشقا- باشقا ئىككى يادرولۇق تۈزۈلمە تۈزگەن ئەمەس. تەكىتلەش ھاجەتكى، غەيرىي مەدەنىيەت تىپلىرى دىن قوبۇل قىلىنىدىغان ھەر قانداق تەسىر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىنى كۈچەيتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، مۇنداق راۋاجلاندۇرۇش ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ ئۆز يادروسى، تۈزۈلمىسى ۋە تىپى بويىچە زامانۋىلاشتۇرۇشنى مەقسەت ۋە ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا، مىللى مەدەنىيەتنىڭ تۇراقلىق ئەنئەنىۋى سېستىمىسى ۋە راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.


           نەزەرىيىۋى تەپەككۈر-رىقابەتجەڭگاھىدىكى  كۇچتۇڭگۇر


بىزنىڭ بارلىق پەزىلەت ياكى ئىللەتلىرىمىز بىلەن قۇدرەت ياكى زەئىپلىكلىرىمىز نەزەرىيىۋى تەپەككۈر دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان. -خىيال دەپتىرىمدىن


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش تۈپ ماھىيىتى جەھەتتىن يىپەك يولى ھادىسىلىرى ئۈستىدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۈر پائالىيتى دىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ ئۆز ھادىسىلىرى، ۋەقەلىرى، يىلنامىلىرى جەھەتتىن ئۆتمۈشكە، تەكرارلانماس تارىخى ئىز غا ئايلىنىدۇ. ئەمما تارىخى ھەدىسلەر ئىچىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلەر، قانۇنىيەتلەر، تارىخ مەنتىقىلىرى «ئۆلمەيدۇ»، رېئاللىق قوينىدا تۇرۇپ، كەلگۈسىنىڭ ئۇلىنى راسلايدۇ. نەزەرىيىۋى تەپەككۈر دەل ئۆلمەس تارىخنىڭ بىلىۋېلىنغان ئاڭ شەكلىدىن ئىبارەت. بۇنداق نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن مەھرۇم ھالەتتە مىللەتنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى يوقىرىغا كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ قىممىتى، ئىقتىدارى، نىسىۋىسىنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس. بىزنى ئەزەلدىنلا قايناق ھېسسىيات تۈرتكىسىدە نەزەرىيىۋى تەپەككۈر، ئەقىل پاراسەت تەمكىنلىك دىن ئايرىلىپ، تەلۋىلەرچە قارىسىغا دەسسەپ كەلگەن خەلق دېيىش ئادالەتسىزلىك. خەلقىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز دىن خېلى نۇرغۇن تەبىئەتشۇناسلار، تېبابەتشۇناسلار، ماتېماتىكا، لوگىكا ۋە تىل ئالىملىرى، پەيلاسوپ- مۇتەپەككۇرلار، بىنا كار- سەنئەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققانلىقى ھەممىگە روشەن، شەرقتە كومراجىۋا، غېرىپ تە ئەل فارابى، شىمالدا تاتاتۇڭا، جەنۇبتا ئەبۇ رەيھان بىرونى ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان ئالىملار ئىدى. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى، فېئوداللىق بېكىنمە ھالەت تۈپەيلى نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئەۋزەللىكىنى يوقاتتۇق. ئۇلۇغبېك ۋاپاتى دىن كېيىن، ئەدىپ شائىرلىق تىن باشقا بىزدە كۆرۈڭەن ئالەمشۇمۇل تەبىئەت ئالىملىرى چىقمىدى. مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسى سەمەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسول، دىمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! شۇ زامانلاردىكى ناخشا- غەزەللىرىمىزگە قاراپ كۆرەيلى چۇ، ئاساسلىقى «ۋاھ، دەرىخا» دېگەندەك نالەشتىن يىراقلاشمىدى.

   بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى «ناخشا-ئۇسول مىللىتى»، «شەئەر مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچى دىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى…

   سەنئەتتە داڭ چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىزانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت- ماكان سىز جاھان كىزىپ، تىلەپ- تەرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ_جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقاد، نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەر گە بولغان يۈكسەك ئىتى باردىن «ئالىملار مىللىتى»، «قۇدرەتلىك، زامانىۋى مىللەت» كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.     

  «شېئىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىلىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نىمىشقا مىللىتىمىز نى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»دىن ھېچ بولمىغان «ئىجتىمائىي مىللەت»لىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆرمىدۇق؟ ياكى ئۆز ھالىتىمىزدىن خەۋەرسىز دۇنياغا تونۇلىمىز دەپ يۈرۈپتىمىزمۇ؟! دەرۋەقە، بىر قاتار ئەدەبىيات توم لىرىنى نەشىر قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەقىقى رېئاللىقىمىزنىڭ «ئۈچەي باغرى»نى قانچىلىك سىزىپ بېرەلىدۇقكى؟! ھېچ بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مو شۇ ئەسىرنىڭ بەشىدا ياشىغان ئەدىپىمىز تەجەللى دىن كېيىنكى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىم ئىزدە ئىلگىركى قەلەمكەشلىرىمىزدىن ھالقىغان ياكى پەرقلەنگەن قايسى تەپەككۈر يېڭىلىقى نى، قايسى ھېكمەت دۇردانىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەقلىي بىلىش تارىخىمىزغا تۆھپە قوشتۇق؟! ئەدەبىي ئوبزورچى لىق مۇشۇ سۈزۈك مەسىلىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ھەق-ناھەق نەرسىنى ياڭرىتىپ ھالىمىز غا غەمگۈزارى بولالىدى مۇ؟! بىلمىدىم، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلەم لىرى بورىۋايدەك نېفىت قاتلاملىرىغا- ھەقىقى ھال- ئەھۋالىمىزغا يەتمەي، قۇرۇق تاش- توپا قاتلاملىرىدا پىرقىراپ سۈرمەللىشىپ كەتتىمىكىن؟!

   مىللى مائارىپىمىز ھەممە سەپ بويلاپ جاپالىق كۈچەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، شەخسى تۇرمۇشنىڭ چىقىش يولى غېمىدە دىپلوم ۋە خىزمەتكە ئېرىشىۋېلىش ئاساسى قىزغىنلىق بولۇپ تۇرغاچقا، ھەقىقى قېتىرقىنىپ ئوقۇش بىلەن قاتتىق پەنلەر ۋە كەسىپلەر گە قاتتىق ئۇرۇنۇش، نەزەرىيىۋى پەنلەر بىلەن ئۆتكۈر تېخنىلوگىيە پەنلىرى قۇرغىنىنى ئىگىلەش ھېلىمۇ مائارىپ ئەمەلىيىتىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغىنى يوق. ئەكسى ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىزنى ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىك، قىمارۋازلىق ۋە بىكار تەلەپلىك قاتتىق قورشاشقا تۇتۇندى!

  مىللەتنىڭ ئائىلە قاتلىمى خېلىلا بىسەرەمجان. ئاغزىدىن ئاق سۈت تېمىپ تۇرغان پەرزەنتلىرىمىز سەبىي چاغلىرى دىن باشلاپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇرماقتا. مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان تۇرقى-ھالەت، يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەركەت، خۇ لۇق-مىجەز قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېزىلەڭگۈلۈك، قوپاللىق…قاتارلىق خۈنۈكلىكلىرىمىز رىقابەت ئىقتىدارىمىز غا، قەدىر-قىممىتىمىزگە ئەغىر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ جەھەتتە مەكتەپ ۋە جامائەتچىلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارالىغىنىمىز يوق.

  مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھەمدەملىكىنى پارچىلاش ئىللەتلەرنى، جۈملىدىن مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ جامائەت ئىچىدىكى يۈكسەك تەسىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىلھامبەخش كۈچىدىن چۆچۈپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پىتنە – ئېغۋا تۈتەكلىرىنى پەرق ئېتىش ئېتەلمەسلىكمۇ نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئېگىزلىكىدىكى ئەقىل پاراسەتكە باغلىق. بۇنداق ئەقىل پاراسەت بولمىغاندا، ھابىلنى ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنى باشقىلار تىلى بىلەن ئادىل ئۇردى دەپ غاپىل كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان جاھىل ئېغۋاچىلارنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ. كېيىنكى بەش ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىشتا ھەسسىلەپ بەرگەن قۇربانلىرىمىز ئازمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئېغىر ئەلەملىرىمىز تۈپەيلى، خەلقتە گۇمان، ئەندىشە، غەزەپنىڭ شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما ئەقىل پاراسەتسىز غەزەپ بىلەن ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چاپىمىز، خالاس. سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئەنە شۇنداق ئېغۋاغا ئالدىنىپ سادىق دوستى مىرزا ھەيدەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى بىلەن، مەزەمزات سۇلتاننىڭ شۇ خىل بوھتانغا ئىشىنىپ سەردار ئابدۇروسۇل بەگنى قەتلى قىلىپ، مەھمۇد پوچىنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغانلىقى پەقەت بۇ جەھەتتىكى ئىككىلا مىسال. كالېندار سەھىپىلىرى تارىخنىڭ يەنە قانداق ئويۇنلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدە يېتەرلىك تەپەككۈر قابىللىقى بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە!



                                  خاتىمە. ئاچچىق ھەقىقەت، چەكسىز مۇھەببەت


  ھەقىقەت تولىمۇ ئاچچىق نەرسە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە پۈتكۈل شېرىنلىكلەرنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇلۇغ باغۋەندۇر. - خىيال دەپتىرىمدىن.


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

سىز بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتلىرىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا سىزگە خۇددى تاھارەت بىلەن روكودا ئولتۇرغاندەك ۋىجدانىي ئەقىل- تەپەككۈر تىلەيمەن. سىزگە روشەنكى، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن ۋە كەسكىن، مەن ئويلاپ يېتەلمىگەنلەرنى ئويلاپ يېتىڭ …

  يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى. ئۇ، ئاللىقانداقتۇر ئەتلەس- كىمخابلار تاۋلانغان، پەرۋاز قىلساق قاناتلىرىمىزغا چاڭ - توزان قونمايدىغان، بىزگە چوقۇم يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى شۆھرەت ئايا قىلىشنى قارار قىلغان يول ئەمەس. ئۇ، ھازىرقى زاماندا يۈز بېرىشكە باشلاپ، كەلگۈسىدە داۋام قىلىدىغان كەسكىن رىقابەت جەڭگاھى، غالىپنى گۈللەندۈرۈپ، مەغلۇبنى گۇمران قىلىدىغان قىسمەت دەرگاھىدۇر. بۇ يولدا سىزگە ئۆز ئەقىل_ئىدراكىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەمە ئەمەس!

   ئەلۋەتتە، ئۈمىدلىك بولۇڭ. بىلىڭكى، يېنىڭىزدا ئۈمىدتىن باشقا رۇستەمى پالۋان ھەمراھ ئەمەس. يېڭى يىپەك يولىمۇ ئەگرى – توقايلىقلار، ناتەكشى ئىلگىرىلەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ تارىخى ھېكايىسىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ تاسقاشلىرى قاتتىق، ئۇنىڭ ئەگلەكلىرى قويۇق. مەلۇمكى، ئۈمىد ئەزەلدىن بىخارامانلىق بىلەن چىقىشالىغان ئەمەس.
ئامېرىكا مۇھلنبرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىدگارد سۋائىن 1938- يىلى يۈز بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشىغا نەزەر تاشلاپ، ئۆزىنىڭ “دۇنيا مەرىپەت تارىخى” ناملىق كىتابىنىڭ خاتىمە قىسمىدا مۇنداق يازغانىدى: «بىز ياشاپ تۇرغان كائىنات ھەرىكەتچان كۈچكە تولغان كائىناتتۇر. ئۇنىڭدا بىر نەرسىنىڭ تۇرغۇنلىقى ئۇنىڭ چۈشكۈنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر. ئىرغىپ تاشلىنىدىغان نەرسە، دەل ئۆزگىرىشتىن توختىغا نەرسىدۇر». بىزمۇ يېپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھەركىتىنى باشلىۋەتكىنىمىزگە مانا ئالتە يىل بولدى. ئۇچاغدا: «بۇ پاراڭلار بىر ئەسىر بالدۇر قوزغىلىپ قاپتۇ» دېگەن دوستلىرىمىزمۇ بۈگۈڭە كەلگەندە بۇ پاراڭ غا چۈشتى. ئۇلار:

سەۋرى قىلساڭ ھالۋىدىن ئالما پىشۇر.

چەكتىن ئاشسا تاقىتىڭ قەدرىڭ چۈشۈر .

دېگەننى چۈشەندى. ئۇلار ھېس قىلدىكى، بىز تارىخىمىزنىڭ قىممەتلىك يېڭى بىر مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە تۇرۇپتىمىز.      

   شۇنداق، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تەمكىن ۋە قايناق، كەسكىن ۋە نۇرانە ئۇپۇق سىزىقى كۆرۈندى. بۇنداق ئويلىنىشنى كەلگۈسىگە روھىي ھازىرلىقلىرى بولمىغان يىپەك يولىدىكى ھەمدە خەلقلەر باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

   بىر پۈتۈن تارىخى خاراكتېرلىك قىممەتنى قۇچاقلاپ تۇرغان يىپەك يولىدىكى قايتا ئويلىنىش ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن چەكسىز مۇھەببەتنى، چوڭقۇر پاراسەت بىلەن قاتتىق جاسارەتنى قوشقان ئىزگۈ ھادىسە. بۇ قېتىم تۆگە قۇشى بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ ئامانلىق تاپالمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇچقۇر زامان ئېقىمى قۇم بارخانلىرىنى ئۇچۇرۇپ تۆگە قۇشىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يالىڭاچلاپ قويىدۇ. ھېلىقى ئامېرىكا ئالىمى ئىدگارد سۋائىن يەنە مۇنداقمۇ دېگەن: «گۇمان يوقكى، زامانىمىز خام خىياللار ھالاك بولىدىغان زامان… تۈنۈگۈن ماختانغان نەرسىلىرىمىز ئەمدىلىكتە مەسخىرىگە ئايلاندى»، «بۈگۈنكى كۈندىمۇ قانائەتلىنىپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەر بەكمۇ پەخەس بولسۇنكى، بولمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ چاكىنا ھەم ئەرزىمەسلىكىنى بىردىنلا بىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ».

خەير - خوش ئوقۇرمەن!

ئاخىرىدا مەن، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىمايدىغان مېڭىلەر ۋە تەۋرىمەيدىغان قەلەملەرگە ئېچىنىدىغانلىقىمنى ئېيتماقچىمەن.ئامان بولۇڭ، دوستۇم.

1995- يىل 22- يانۋار، ئۈرۈمچى
*********************
①  بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقات ھاياتىدا يازغان ئەڭ ئاخىرقى ماقالىسى بولۇپ، ئالىم بۇ ماقالىسىنى تاماملاپ 37 كۈندىن كېيىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان. ئالىمنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا ئالىمى ئىدگرد سۋائىننىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان يۈرەك سۆزى ۋە ۋىدالىشىش كەلىمىسى بىزنى چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمدۈرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پىسخىكىسىدىكى رەزىللىكلىرى ھەققىدە 1989-يىلىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ئۆتكۈر تەنقىد ئېلىپ بارغان بۇ قەلەم ساھىبى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ ماقالىسىدە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى زەئىپلىكلىرىنى ۋە تارىخىي رەزىللىكلىرىنى ئىلگىرى بىر قەدەر يۈزە بولغان بايانىي تەنقىدچىلىكتىن نەزەرىيىۋى پەللىگە كۆتۈرۈپ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغان. ئالىمنىڭ بۇ ساھەدىكى خاس ئەمگەكلىرى باشقا ساھەدىكى مۇنەۋۋەر مېھنەتلىرىگە ئوخشاشلا ئاپىرىن ئوقۇشقا لايىق.

-نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن.

مەنبە:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت›(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى   145-بەتتىن 182-بەتكىچە





nap--rat48 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:09:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز!


http://www.kuznak.com/

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:08:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat48 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 11:04 PM
بىز يىپەك يولىدا ياشاۋاتىمىزيۇ ئەمما بىزدىن يىپەك يول ...

توغرا ، بۇ پىكىرنى قوللايمەن

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77874
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 09:35:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ تەقدىرىمىز يىپەك يولى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان،يىپەك يولى قايتىدىن گۈللىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.بۇ بىزگە بىر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى شۇنداقلا بىر چوڭ خىرىس.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىمنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقساق بولاتتى ،بىر قىسىملىرىنى ئوقۇپتىكەنمەن....
يۇقىردىكى تورداش ،دېمەكچى بولغىنىڭىز تۈركىيەنىڭ شىنجاڭدا سانائەت رايونى قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكما؟

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5244
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرگە مۇنداقراق تەسىرات يازغان.
بوۋامنىڭ ۋەسىيەتنامىسى
بوۋام ئاخىرەت سەپىرىگە 37 كۇن قالغاندا ئۆمۇرلۇك ۋەجىنى،  سۇت ئۇيقىسىدائەنسىز يىغلىغان سەبىيىنلەرگە ،ئىسىل تەۋەرۇك سۇپۇتىدە قالدۇرۇپ كەتتى.بۇمىراس دەل خىزىر يۇلىگەن تام ئاستىدىكى يىتىم دۇنياسىغا ئوخشاش.بوۋامنىڭ ئوغۇللىرىغا قالدۇرغان باغ ئىچىدىكى بىردىنبىر نامەلۇم دەپنىسى ئىدى.بوۋامنى دەبدەبىلىك رەستىلەردە كۆرمەيىتتۇق،ئەكسىچە قاپقاراڭغۇ كىچىلەردە بۇلۇڭ پۇچقاق يىتىم كۇلبىلەردە، سايدىكى مەشئەل كەبى ئۇچىرتاتتۇق،
ۋادىرىخا ۋاقىتسىز كەتتىڭىز...كىچىك بولساممۇ شۇ ۋاختىدىكى ئىشلار خىرە شىرە يادىمدا،ئاددىغىنا مىيىت نامىزى، ناتۇنۇش بىرنەچچەيلەننىڭ بىزدىن ئۆتە زەپىران  چىرايى ،ئالىم..يىگىرمە ئەللىك يىل ....مۇسۇلمان ..دەمدۇكۇسۇلداپ ئۇھسىنىشلىرى .بوۋامنىڭ ھايات ۋاختىدىكى كۇلۇمسىرگەن چىرايى، تاڭ ئۇيقىسىى باشلانغاندىكى، ئاتۇش ئادىمى باش سۆڭىكىدىن بىر يەرلەردىكى تام رەسىملىرىگىچە، ئاڭلاپ باقمىغان كىتاپلاردىن نامى غەلىتە پادىشاھ لارغىچە ،بۇتلاردىن ئىشانلارغىچە ،ھەسەتخورلىقتىن قاناتلىق تۇگە   -  ئوبرازلىرىغىچە          مۇلاھىزە  بايانلىرى ،  ئۇخلىماي كىتاپ ئوقۇشلىرى. شۇچاغلاردا كەنجىسى بولغاچقىمۇ ،ئانچە ئاڭقىرالمايتىم ،بىراق يىنىدىن ئاجىرمايتتىم. چوڭ ئاكام دەمخورەك ئۇخلايتتى.بىرنەرسىنى ساتىلى دەپ ئازارلىشىپمۇ قالغان.كىچىگى  كىتاپقا ھىرىسمەنلىكىدىن،بوۋامنىڭ تەلىۋى بۇيچە ئوقىدى. كىيىن چوڭى بىلگىلى بولمايدىغان بەزى تىجارەتلەرنى قىلدى بوغاي ،ھەج قىلدى.كىچىگى خىزمەتكە چىقىپلا كىتاپنى تاشلاپ ئۆي مەنسەپ سورۇن ھەلەكچىلىگىدەبۇلۇپ كەتتى .ئاڭلىسام تىجارەت قىلسام بۇلاتتى دەپ يۇرگىدەكمىش.
خوش، بوۋامنىڭ دەپنىسىنى قىزىش ۋەجىدىن، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش تىمىسىدىكى ۋەسىيىتىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم .ياتلىشىپ كەتكەن قەلبىم ،مەدىنىيەت سىتىشتىن باشلانغان بۇ ۋەسىيەتنامە قۇربەتلىرىدە خۇددى پەيدەك قىتىملار ئىچىدە ئۇچۇپ كىتىۋاتماقتا.
مىللىتىمىزتارىخىي ئىپتىخارغا ئىشىنىپ، تارىخىي نۇمۇستىن جاسارەتكە تۇلۇپ، دىھقانچىلىق چارۋىچىلىق سودا ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ،دۇنياغا ئۇچ خىل قىممەت ئىلىپ كەلگەن .بۇنىڭ بىرىنجىسى. ئەنئەنىۋىي مىللى مەدىنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىششى«ئاتچىلىق ۋەتۆت تادۇ». ئىككىنجىسى.ھەرخىل مەدىنىيەتلەر ئۇتۇشمە كاردورى. ئۇچۇنجىسى ھەرخىل مەدىنىيەت ئىقىمىدىن يۇغۇرۇلغان ئۇزىگە خاس قۇشۇلما قىممەت. ،.
مىللەتنىڭ دەرىجىسى؛ ئتىنىلوگىيلىك مىللەت،ئىجتىمائى مىللەت ،سىياسىي مىللەت. ئىچكى ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئۇنۋىرساللىق ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى.ھەرقانداق مىللەت بۇ دەرىجىلەرنى بىسىپ كامالەتكە يىتىشى ياكى كەينىچە مىڭىپ يۇقۇلىشى مۇمكىن. بىز بىرىنجىسى.
مەدىنىيەتتىكى ئۇچ خىل تىپ ؛.بىرىنجىسى; ئىنسان بىلەن ئىلاھ مۇناسىۋىتىنى تەبىئەت بىلەن ئۆلچەيدىغان تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىگى .ئادەم سۇرەتلىك ھايۋان ئوبرازى ،ئەركىنلىكنى پەش قىلغان يالىغاچ سۇرەت، خەتەرلىك سەرگۇزەشتىلەر ئۇنىڭ  ئىپادىسى. ئىككىنجىسى؛ئىنسان بىلەن ئىلاھ مۇناسىۋىتىنى مۇھەببەت بىلەن ئۆلچەيدىغان ،ئىنسان كامىللىقىنى ئىلاھقا بولغان مۇھاببىتى بەلگۇلەيدىغان ئىلاھىيەتچىلىك .شەھەرلەرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىكى مەسچىت خانىقالار، ئىلاھ ئۇچۇن نەزىرلەر،تەرىكدۇنياچىلىقلارنى ئىپادە قىلدى.بىز مۇشۇنىڭغا تەۋە.ئۇچۇنجىسى؛
ئىلاھ بىلەن ئىنسان مۇناسىۋىتىنى پادىشاھ بىلەن ئۆلچەيدىغان،پادىشاھ ئىلاھىيەتچىلىگى .يۇرتنىڭ ئوتتۇرسىدا خاندانلىق سارىيى، پادىشاھنى ئىلاھلاشتۇرۇش،پادىشاھقا بويسۇنۇش پۇخرانىڭ ئىززىتى لەردە ئىپادە قىلدۇ.بىرى شەرىققە،بىرى غەرىپكە ،يەنەبىرى مەركىزىگەۋەكىللىك قىلىدۇ.دۇنيا مۇشۇ ئۇچ خىل مەدىنىيەت چەمبىرىكىدە تاسقىلىدۇ،ھەرخىل سەۋەپلەر ۋەجىدىن،‹ئىلاھنىڭ ئوخشىماسلىقى چوڭ سەۋەپ ›  ئۆزئارا سۇركەشسىمۇ ئۆز چەمبىرىكىدىن يىراقلاپ كىتەلمەيدۇ. مانا بۇ ئىتىقادنى ئۇمۇرتقا قىلغان مىللى مەدىنىيەت.بۇنىڭدىن چەتنەش ھالاكەت.
ئۇنىڭ ئىككى مىسالى ؛ ئاپپاق خوجاباشلىغان پادىشاھچەمەدىنىيەت مەركەزقىلىنغان ئوتتۇرا ئەسىر مىللەت  ئىنكارچىلىقى بىلەن يىقىنقى زامان تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى مەركەز قىلىنغان مە دىنىيەت ئىنكارچىلىقى .
ئۇچۇنچى مىسال خاتىرەمدىن
  چوڭ ئاكام بىزنى بىقىش ئۇچۇن جىق ھەرەج تاتقان يۇرۇتتا ئىناۋىتى بار، تاھارەتسىز يەر دەسسىمەس.كىچىك ئاكام بولسا يىراق يۇرۇتلاردا ئوقىغان شىئرلىرى ئىلان قىلىنغان .بىرناكۇن تىخى ھىيتلىق دوستىخاندا چوڭ ئاكام كىچىك ئاكامنى دەھرى، سالاتسىز،ھاراقكەش، ئىسىت سىنى ئوقۇتقىنىم دەپ يامانلاپ ماڭدى،چوڭ ئاكام كىتىشىگىلا كىچىك ئاكام دادامدىن قالغان مالمىكەتنى سىتىپ ،سورۇپ تۇگەتتى. گەپ قىلمىسام تىخى،، ۋۇئ  ،قاراسونجاق دەپ ماڭا ئىششەك كايىدى.ھازىرغىچە ئەل جامائەت ئالدىدا سۇغۇق سالاملاشقاندىن باشقا گەپلەشمەيدۇ.بىردىن كىلىپ ھىلىقى دەپنىنىڭ ماجىراسىنى قىلىدۇ ،بىر كۇنلەردە تىپىشالمىسۇنچۇ قىنى، مىنى يالغۇز يەپكەتتى دەپ كۇرگۇلۇكۇم بار,. مەنچۇ؟مەن يايۇرۇتتا ئىناۋىتىم يوق، يا مەتبۇئاتتا ئىجادىيتىم يوق ،ئوچاققا ئوت قالاش بىلەن ئاۋارە.
بىر مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيىشقاقلىق كۇچى .تۇركۇم ئىڭى  ۋە مىللى مەدىنىيەتتىن ئۇزۇق ئالىدۇ.مانا بۇ مىللەت بىلەن دىننىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ،قارمۇ قارشى قۇتۇپتا قويماستىن بىر گەۋدىلەشتۇرۇش .پارچىلىماستىن ،بىربىرىگە چەمبەر چاس باغلاش  ‹دەل بوۋامنىڭ ۋەسىيىتىدىكى دەپنە كۇمۇلگەن جاينىڭ ئورنى ›.
خوش،نادىر ئىشلاردىن. يىقىنقى يىللاردىن بىرى ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سايىسىدە مىللى مائارىپىمىز خىلى يۇكسەلدى .يىڭىدىن ناخشىدىن بىلەك نەرسە ئىجاد قىلالمىدۇق،لىكىن كۆز  يۇممايمىز مىللىتىمىز ئۆتمىشى  ھەم ھازىرى خىلى يۇرىدى ،ئۆزىمىزنى تىپىش يۇكسەلگۇسى.  تىجارەتچىلىرىمىز خىلى جاھان كۆردى جاھان رىقابىتىنى تۇنىدى، لىكىن مەبلەغ ۋە قوللاش، ئۇلارنى ھالسىرتىۋاتىدۇ.تىرىكى ھەم يۇرىكى بولغان خەلىق چىدىمىدى،  بىيىمىزمۇ ئۇرۇپ ئال ،تارقات ‹قۇتاتغۇبىلىك›دىگەن  ھۇنەرنى تىخى بىلەلمىدى .بىر قىسىملىرىمىز تىخى سورۇندا قىلغىلى قىلىق تىپىش مەسلىكتە خۇتۇن يىقىتىش بىلەن ئاۋارە ،  باللىرىمىز قوچاق بىلەن باشلانغان ھاۋايى ھەۋەستىن قىمماردا قۇرۇغداش ماشىنىدا            ماچىلداش بىلەن تۇگە نلەندى
مانا بۇ ۋەسىيەت. تۇركۇم ئىڭى ۋەمىللى مەدىنىيەتنىڭ چەمبەرچەسلىك ھالىتىدە ئاندىن ئۇيۇشقاقلىق ماقامىغا يىتىدىغانلىق ئىدىيىسى
ئۇماق ئوغلۇمنىڭ ھىجىلاپ ئوقىغان دەرىسلىكىدىكى،« ئىككى ئۆچكىنىڭ كۆۋرۇكتىن ئوتىشى» دىگەن مەسەل خىيالىمنى بۆلدى. ۋەسىيەتنامىنى ئاۋايلاپ قاتلاپ ساندۇق ئىچىدىكى ھىلىقى ساندۇققا سالدىمدە ،تۇپراق بىشىغا، ئەندىرەپ ماڭدىم . مانا دۇئاغا قول كۇتۇرۇپتىمەن. ھايات بولغان بولسىڭىز،ھەسرەتلىرىڭىزنى،،،،،،،.ئاللا ياتقان يىرىڭىزنى جەننەت قىلسۇن. ئۆز ئىغىزىڭىزدىن ئاڭلىغان بولسام  .
ئىككى ئۆچكىنىڭ كۆۋرۇكتىن ئۆتىشى

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11034
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 03:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇيدىغان كىتاب جىق، ئوقۇيدىغان ئادەم يوق، قىلىدىغان ئىش جىق ، قىلىدىغان ئادەم يوق.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44689
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2011-6-17
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 08:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بالدۇرراق ئويغنشىمىز كېرەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش