ئادەتتىكى ئەزا
ئۇيغۇر قىزلىرى زەپ ياراشقان ئەتلىسىڭ ساڭا ئۇيغۇر قىزلىرى، قارار شۇڭا ھەيرەتتە دۇنيا، ئۇيغۇر قىزلىرى، بەرمەس ھىچكىم تىلىدا باھا،ئۇيغۇر قىزلىرى، ئۇ جاھاندا ئۆزگىچە جۇلا ئۇيغۇر قىزلىرى، ھۆسنى گۈزەل چىچەكتەك گويا، ئۇيغۇر قىزلىرى. ئەدەپ- ئەخلاق ،پەزىلەت بولغان ئاڭا مۇجەسسەم ، دىللىرىدا پاك سۆيگۈ توۋلىشىدۇ شوخ سەنەم، ياراشتۇرۇپ دوپپىنى كىيىۋالغان ئۇمۇ ھەم، ياڭراپ كەتتى جاھانغا ئىيىتقان ناخشا ھەم ئەجەم، كىمكىن دىسە ئوينىسا ساما- ئۇيغۇر قىزلىرى. ئۇ بىلىملىك بابىدا يەتكەن مۇراد، مەنزىلگە، شۇنچە ئىشچان ئاقكۆڭۈل ساداقەتمەن ئىلىگە، يىراق ئۇلار ئىللەتتىن شۇڭا قالماس كۈلكىگە، ئۇ چالغاندا مۇڭ دۇتتار سىز كىتىسىز ئۇيقىغا، شۇ مۇڭلارنىڭ ئەلچىسى ،يەنە - ئۇيغۇر قىزلىرى. كىم ئۇلارنى ماختىماي ئۆتەلىسۇن ھاياتتا، كىم ئۇلاردىن سۆيۈنمەي تۇرالىسۇن ھاياتتا، كىم شۇنىڭدەك پىداكار بولالىسۇن ھاياتتا، ئالقىش ساڭا ئۇيغۇر قىز لايىقتۇرسەن چاۋاكقا، قويما يەردە ئۈمىدنى ئەلنى ئويلار ئۇيغۇر قىزى. مەنبە : ئىجادىيەت
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
مۇھەببىتىمنى قارا بوران دارغا
يىـڭى ئــەزا
ئانىنىڭ مىھرى-مۇ
يېتىلىۋاتقان ئەزا
نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش
تىرىشچان ئەزا
كۆك يو
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ