يۇمۇرلار
فوتو ئاپىراتلار بىلەن يانفۇنلار ئارسىدا ئۇرۇش پارىتلاپتۇ ، بىر چاغدا بىر فوتو ئاپىرات ھاياجانلانغان ھالدا يۈگۈرەپ كىلىپ :
_ دوكلات باشلىق ، بىر يانفۇننى ئەسىرگە ئالدۇق _ دەپتۇ ، فوتو ئاپىراتنىڭ باشلىقى ، ھېلىقى ئەسىرگە چۈشكەن يانفۇنغا شۇنداق قاراپ غەزەپلەنگەنچە :
_ كۆزۈڭ كور بولۇپ قالدىمۇ ؟ نىمىشقا بىزنىڭ جاسۇسىمىزنى تۇتىۋالدىڭ ؟ بۇ سۈرەت تاتىدىغان يانفۇن ئەمەسمۇ ؟ _ دەپتۇ .
بىرىنجى چاشقان : چاشقان دورىسى ماڭا ھازىر تەسىر قىلماسلا بولدى ، ئۇنى ھەر كۈنى ساغلاملىق دورىسى ئورنىدا يەيمەن ، بىر كۈن يىمىسەم خۇمارىم تۇتۇپ تىترەپ كىتىمەن _ دەپتۇ ،
ئىككىنچى چاشقان : ئۇ قانچىلىك ئىشتى ؟ مەن ھەر كۈنى تاختا مۈشۈك بىلەن بەدەن چىنىقتۇرمەن ، ئۇنىڭغا بىر كۈن قىسىلمىسام ، بەدىنىم قىچىشىپ چىدىيالمايمەن _ دەپتۇ .
بۇ چاغدا يولنىڭ قارشى تەرپىدە بىر بوغاز مۈشۈك بىلەن قولتۇقلۇشۇپ كىتىۋاتقان بىر ئەركەك چاشقان ئۇلارغا قولىنى پۇلاڭلاتقانچە سالام قىپتۇ .
بىر بوۋاينىڭ سائىتى توختاپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوۋاي سائىتىنى رىمۇنۇتخانىغا كۆرسىتىپتۇ ،رىمۇنۇتچى سائەتنىڭ كەينىنى ئاچقان ئىكەن ، ئىچىدىن بىر ئۆلۈك چىۋىن چىقىپتۇ ،
_ چاتىقىنى تاپتىڭىزمۇ ؟ _ دەپ سوراپتۇ بوۋاي رىمۇنۇتچىدىن .
_ ھە-، تاپتىم _ دەپتۇ رىمۇنۇتچى .
_ نىمە سەۋەپتىن توختاپ قاپتۇ ؟ - دەپ سوراپتىكەن .
_ شوپۇرى ئۆلۈپتۇ _ دىگۈدەك رىمۇنۇتچى ،
بىر دوختۇر ئوپىراتسىيەگە تەييارلىق قىلىپ بىمارنىڭ يىنىغا كىلىشىگە بىمار ئرنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كىتىپتۇ ، باشقا دوختۇرلار :
_ نىمىشقا ئورنىڭىزدىن تۇرۋالىسىز ؟ - دەپ سورىسا بىمار دەرھال :
_ بۇ دوختۇرنى ئالماشتۇرۋىتىڭلار ، ئۇنىڭ ساختا ئۇنۋان كىنىشكىسىنى مەن ياساپ بەرگەن _ دەپتۇ .
سەككىز ياشلىق بالىسى بوتۇلكىدىن رۇمكىغا لىق توشقۇزۇپ قىزىل ھاراق قۇيۇپتۇ ، بۇنى كۆرگەن دادىسى :
_ بالام ، بۇ ھاراق 11 گىرادۇس ، بۇنى ئىچسەڭ قىزىپ قالىسەن _ دەپتۇ .
_ ھىچ ۋەقەسى يوق دادا ، مەن قىزىپ قالغاندا ، گرادۇسۇم 39 غا چىققاندىمۇ بەرداشلىق بەرگەنمەن ._ دەپتۇ ئوغلى .
ئاخشىمى ياتقان ۋاختىدا ئېرى قاتتىق بىرنى چۈشكۈرۈپتۇ-دە ، ئايالىنىڭ يۈزىگە چاچرىتىۋىتىپتۇ ، بۇنىڭغا ئاچچىغى كەلگەن ئايالى ئېرىغا كايىپ :
_ بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىشىڭىز بولسا ماڭا ئالدىن ئەسكەرتىش بىرىپ قويۇڭ _ دەپتۇ ،
يىرىم سائەتتىن كىيىن ئېرى :
_ تەييارلىق _ دەپتۇ ، ئايالى دەرھال بىشىنى يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋاپتۇ ، ئەپسۇس ، بۇ قىتىم ئېرى چۈشكۈرمەي يەل قويۋىتىپتۇ ،
_ ئانا ، قوسۇغۇم ئاغرىپ كەتتى _ دەپتۇ بەش ياشلىق بىر بالا ئانىسىغا ،
_ چۈنكى سەن چۈشلۈك تاماق يىمىدىڭ - دە ، قوسۇغۇڭنىڭ ئىچى بوش ، ئازراق بىر نەرسە يىۋالساڭ ساقىيىپ قالىسەن _ دەپتۇ ئانا ئوغلىغا
بىر كۈنى ھېلىقى بالا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كىرسە ، قوشنىسى < ۋاي بىشىم > دەپ كارۋاتتا ياتقۇدەك ، بۇنى كۆرگەن بالا دەرھال :
_ چۈنكى سىزنىڭ بىشىڭىزنىڭ ئىچى بوشكەن ، بىشىڭىزنىڭ ئىچىگە ئازراق بىر نەرسە سىلىپ قويسىڭىز باش ئاغىرقىڭىز دەرھال توختايدۇ _ دەپتۇ .
دوختۇر بىماردىن سوراپتۇ :
_ سىز ھەر كۈنى نەچچە بوتۇلكا پىۋا ئىچىسىز ؟
_ ئالتە بوتۇلكا _ جاۋاپ بىرىپتۇ بىمار دوختۇرغا ،
_ ئالتە بوتۇلكا ؟ _ بۇنى ئاڭلىغان دوختۇرنىڭ جۇدۇنى تۇتۇپتۇ - دە ، _ مەن سىزگە ھەر كۈنى ئۈچ بوتۇلكا پىۋا ئىچىشكە روخسەت قىلغانغۇ ؟ _ دەپتۇ ئاچچىقلاپ كىتىپتۇ ، بىمار :
_ شۇنداق ، بىراق مەن بىر كۈنى باشقا بىر دوختۇرغا كۆرۈنگەن ئىدىم ، ئۇمۇ ماڭا ئۈچ بوتۇلكا پىۋا ئىچىشكە رۇخسەت قىلغان _ دەپتۇ .
بىر سىستىرا دوختۇرغا ئالدىراپ دەپتۇ :
_ دوختۇر ، بىر كىسەل جىددى كىسەللەر بولۈمى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغىلى بىر سائەت بولدى .
بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر پەرۋاسىزلا :
_ يەنە بىر دەم ساقلاپ تۇرسۇن ، قولۇم بىكا ئەمەس ، بىر سائەت ساقلىغان كىسەلنى جىددى كىسەل دىمەيمىز ، _ دەپتۇ .
.
مەنبە : ئاڭلىغانلىرىم