مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2439|ئىنكاس: 19

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78398
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ



دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ.

    2002-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان.
بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.


تۆۋەندىكىسى دوكتۇرنىڭ شەخسى تور بېكىتى
http://sajiye.net/index.php
                                                        مىسرانىم تورىغا يوللۇغۇچى ئابدللاھ

ئىلخەت: aazizrah@gmail.com

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 02:46:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نام شەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان بۇ ئالىمىزنىڭ، بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرىدە تەپسىلى بىلىۋالدۇق، يازما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 02:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلىماپتىكەنمە

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 03:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئالىمىمىز تەرجىمە قىلغان بىر قانچە كىتابلىرىنى ئوقۇغان ،ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمەتكە لايىق بۇ ئالىم ،ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشلىرىمىز نىڭ ناخشچى ،ئۇسۇلچى چولپانلارنىڭ ھەممىسنى تونۇپ  مۇشۇنداق كىشلىرىمىزنى تونۇ ماسلىقى ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايدۇ

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 03:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇرلۇق دىسە بەك چوڭ بىلەتتىم، ئىچكىرىدە ئەدەبىيات بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىر بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ دوكتۇر دىسە بۇلۇپمۇ ئىژتىمائى پەن دوكتۇرى دىسە ھۆ دەيدىغان بولدۇم.
ئەسلىدە بىزگە لازىمى ھەقىقى ئىقتىدارلىق دوكتۇر ئىكەن، ھەرگىزمۇ بازار چاققاننىڭ دەپ بىرەر ماقالا يېزىپ پۇرسەت دوكتۇرى بولۇۋالغانلار ئەمەس ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mashrab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 04:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3809
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ قىەشقەر تەرەپلەردە ئىچىلمىغى بىر ئىككى ئاي بولۇپ قالدى بۇ ئۇستازنىڭ بىلوگى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئى پەندىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن ئىژتىئى پەندىن ئېلىش ئاسمان زىمىن پەرق قىلىدىغان ئىككى ئىش .

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76300
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 05:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
bbs.qolpan.biz

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 05:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0998ۋارىس

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 06:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېچىلىدىكەنغۇ.................

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش