مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 21

قاسىم سىدىق:مىنىڭ نەزىرىمدىكى«فىزىكا» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىنىڭ نەزىرىمدىكى«فىزىكا»

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:


مەن بۇ تېمىنى«تەبىئەت پەنلىرىگە «شەكىل»ئۇقۇمىنى ئىلىپ كىرىش نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟»ناملىق ماقالەمنىڭ 5-بۇلىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ بىيتىپ تاماملىماقچى.قىززىققۇچىلارنىڭ«شەكىل نەزەريىسى»نى چۇشۇنۇشى ئۇچۇن بۇنداق بىر تىما زۇرۇركەن،دەپ ئويلۇدۇم.ئېھتىمال مىنىڭ«فىزىكا»ھەققىدىكى قاراشلىرىم بىر تەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتادۇر.مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەر ئارقىلىق «فىزىكا»غا تىخىمۇ يىقىنلاشساق ئەجەپ ئەمەس.


1


مەن تور دۇنياسىدا «فىزىكا»نىڭ نىمىلىگى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم.بۇ ئۇچۇر ۋە كۇز قاراشلاردا تەجىرىبە -كۇزۇتۇش ، ماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش،ماددىنىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش ــــــــ فىزىكىنىڭ يادرۇلۇق ۋەزىپىسى ئىكەنلىگى ئىلگىرى سۇرۇلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇخىل قاراشنى خاتا دىيىشكە بولمايدۇ.لىكىن، مەن ئۇچراشقان «فىزىكا»ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى «فىزىكا»نىڭ تولوق ئېنىقلىمىسى ياكى يىتەرلىك شەرھى،دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ.بونداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ،مەن ئۇچراشقان«فىزىكا»ھەققىدىكى تەشەببۇسلاردا پەلسەپە ۋە لوگىكىنىڭ فىزىكىدىكى ئورنى،«نەزەرىيە»نىڭ كۇپ خىللىقلىغى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارالغان.فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرىدا بىزنىڭ قانداق كۇنكىرىت خىزمەت تەرتىپلىرىنى باشتىن كۇچۇرۇدىغانلىغىمىز،ئۇلارنىڭ قايسى ساھالەرگە چىتىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەپەككۆرقىلىنمىغان.«فىزىكا» («تەبىئەت»)ئاتالغۇسىنىڭ ئىتمۇلۇگىيىسى،ئوقۇم مەنبەسى ئۇنتۇپ قىلىنغان...ئەلۋەتتە ھەرخىل مەنبەلەردە بىرەر پەنگە ياكى ئۇقۇمغا بىرىلىدىغان تەبىر-ئېنىقلىمىلار ئانچە تەپسىلى بولمايدۇ.«فىزىكا»نىڭ ھەرخىل مەنبەلەردىكى تەبىر-ئېنىقلىمىلىرىنىڭ بۇخىل نىسبى ئابىستىراكىتلىغى ،يىتەرلىك دەرىجىدە ئونىۋىرىسال بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تەپەككۆر ئېقتىدارىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەردە بۇ تەبىر -ئېنىقلىمىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلۇك يادىلاش ۋە ئۇلۇك تەدبىقلاش خاھىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدو.
پەلسەپە ۋە لوگىكىدىن خەۋەرسىز بىر فىزىكىچى بار دەپ پەرەز قىلايلى،ئۇنىڭ نەزىرىدە «ماددا»،«ھەركەت»،«زامان(ۋاقىت)»،«ماكان»...دىگەندەك بۇ ئۇقۇملار(ناھايتى كۆپ) پەقەت «فىزىكا» نىڭ خاس ئۇقۇملىرى ھىساپلىنىدۇ.لىكىن،«فىزىكا»دىن خەۋەرسىز بىر پەيلاسۇپ بولسا بۇ ئۇقۇملارنى پەلسەپەنىڭ خاس ئۇقۇمى دەپ دەۋا قىلىدۇ.ئەمدى بۇ جىدەلنىڭ ئۇستىگە ھەم فىزىكىدىن ھەم پەلسەپەدىن ھەم لوگىكىدىن خەۋىرى بار بىرسى كىلىپ قالدى ،دەپ پەرەز قىلايلى،ئۇ, بۇ جىدەلنى قانداق ئايرىيدۇ؟.
مىنىڭچە ئۇنىڭ توغرا بايانى تۇۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:
ـ تەبىئەت دۇنياسى ئورگانىك بىر پۇتۇن گەۋدە،كونكىرىت پەنلەر ئوخشاش بىر خىل رىياللىقنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن تەتقىق قىلىش زۇرۇرىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەن .بۇ مەلۇم مەنىدە ئىش تەقسىماتىغا ئوخشايدۇ.بۇ خىل ئىش تەقسىماتىنىڭ مۇقەررەرۋە توغرا نەتىجىسى ئوخشاش بىر رىياللىقنى ئايرىم-ئايرىم بۇلەكلەرگە بۇلىۋىتىش ئەمەس،بەلكى،ئومۇملاشتۇرۇپ بىر پۇتۇن گەۋدە سۇپىتىدە بىلىشتىن ئىبارەت.
ئەمدى«فىزىكا»غا كەلسەك،يەنىلا ئوخشاش.ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىمۇ خۇددى ئىش تەقسىماتىغا ئوخشايدۇ.بۇ تارماقلارمۇ ئوخشاش بىرخىل رىياللىقنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن ئۇگۇنۇپ بىر پۇتۇن گەۋدە سۇپىتىدە بىلشنى مەقسەت قىلىدۇ.ھىچكىم«زەررىچىلەر فىزىكىسى»نى «ئالەمشۇناسلىق »بىلەن ئالاقىسى يوق ياكى «ئالەمشۇناسلىق»نىڭ «زەررىچىلەر فىزىكىسى» بىلەن ئالاقىسى يوق دىيەلمەيدۇ.ھەر بىر كونكىرىت تارماقنىڭ ئوخشاش بىر خىل رىياللىق ھەققىدىكى  نەتىجىسى ۋە قارىشى بىر-بىرىدىن پەرىقلەنسە ۋە زىدىيەتلىك بولسا بۇنى توغرا بىلش دىگىلى بولمايدۇ.مانا مۇشۇنداق مەنزىرىدە «لوگىكا»جەڭگە چۇشۇدۇ.دىمەك «فىزىكا»،«پەلسەپە»،«لوگىكا» لارنى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسى يوق دىيىشكە بولمايدۇ.ئۇلار بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن.پەقەت «فىزىكا»نىڭ تەجىربە ۋە كۇزۇتۇشنى ،مىقدارلىق كەلتۇرۇپ چىقىشنى نوقتىلىق ئورونغا قويۇدىغانلىغىدا ئىختىلاپ يوق.لىكىن بۇ دىگەنلىك ،«فىزىكا»دا پەلسەپە ۋە لوگىكا مەۋجۇت ئەمەس.فىزىكا ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،دىگەنلىك ئەمەس.
بۇيەردە ئوبىكتىپ«تەبىئەت» بىلەن«فىزىكا» نىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل رىياللىق ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقارماسلىغىمىز كىرەك.ئالدىنقىسى بىزنىڭ ئاڭ-ئىرادىمىزگە بىقىنمايدىغان مەۋجۇتلۇك،كىيىنكىسى بولسا بىزنىڭ «تەبىئەت» ئۇستىدىكى بىلىش پائاليىتىمىز ۋە بۇ پائاليەتنىڭ نەتىجىسى.ھىچكىم«فىزىكا»نى»تەبىئەت»نىڭ نەق ئۇزى دىيەلمەيدۇ.ھالبۇكى ،«بىلىش»جەريانى خىلى كەسكىن مەنىدە «پەلسەپە»،«لوگىكا» جەريانىدۇر.
  ئۇنداقتا«فىزىكا»زادى نىمە؟:
-نوقۇل تەجىرىبە ۋە كۇزۇتۇش جەريانىمۇ؟.
-ياق!.
ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر تىزمىسىمۇ؟
-ياق!.
-پەلسەپەۋى ئابىستىراكىيەمۇ؟.
-ياق!.
-لوگىكىمۇ؟.
-ياق!.
-نەسىرى بايان شەكلىدىكى نەزەريەمۇ؟.
-ياق!.
.....
مانا بۇيەرگە كەلگەندە سىز خاپا بولۇپ ۋاقىراپ كىتىشىڭىز مۇمكىن:
-ئەپەندىم،سىز فىزىكىنى ھىچنىمە ئەمەس،دىمەكچىىمۇ؟!.
ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس،«فىزىكا»ــــ يوقۇرقىلارنىڭ ئورگانىك بىر پۇتۇنلىگى.خۇددى پىروتۇن،نىتىرۇن،ئىلىكتىرۇنلار«ئاتوم»نى شەكىللەندۇرگەنگە ئوخشاش،يوقۇرقىلار زۇرۇرى نىسبەتلەردە ئورگانىك ئۇيۇشۇپ«فىزىكا»نى شەكىللەندۇرۇدۇ.
-ئۇنداقتا خاسلىق نەگە كەتتى؟!- سىزيەنە بوغۇلۇپ ۋاقىرايسىز.
-مەيلى قايسىلا پەن بولمىسۇن،ئۇلاردا مۇتلەق مەنىدىكى خاسلىق بولمايدۇ.خاسلىق  نىسبى بولىدۇ.«تەجىرىبە»نى ئالساق ئۇ يالغۇز «فىزىكا»نىڭ پاتىنتى ئەمەس.خىمىيە،بىئولوگىيە...قاتارلىقلارمۇ«تەجىرىبە»نى تەشەببۇس قىلىدۇ.ماتىماتىكىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىس تېخىمۇ كەڭ.«خاسلىق» پەقەت خۇددى يوقۇردا دىيىلگەندەك ئوخشاش بىر ئوبىكىتنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆزۆتۆشتە ئىپادىلىنىدۇ.لىكىن مىكىرۇ دۇنياغا سۇرۇلگەنچە(ھەتتا بەزىدە ماكرۇ دۇنيادىمۇ)بۇنداق خاسلىق يوقاپ كىتىدۇ.سىز بىر خىمىكنىڭ «ئاتوم»ى بىلەن بىر فىزىكنىڭ «ئاتوم»ىنى پەرىقلەندۇرۇپ بىقىڭ،ئاندىن كىين پىرۇتۇن،نىترۇن،ئىلىكتىرۇنلارغا ــ تېخىمۇ مىكرۇ دۇنياغا شۇتەرىزدە نەزەر تاشلاپ كۇرۇڭ.بۇ يەردە «خاسلىق»نىڭ بارغانچە يۇقۇلۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى بايقايسىز.بونىڭ سەۋەبى،يۇقۇرىدائەيتىپ ئۇتكەندەك ،بىز تەتقىق قىلىۋاتقان ئوبىكتىپ ئالەمنىڭ ئۇزى ئورگانىڭ بىر پۇتۇن گەۋدە .شۇۋەجىدىن بۇ بىر پۇتۇن گەۋدە ئۇستىدىكى بىلىشلىرىمىزمۇ بۇ ئالەمنىڭ ھەر بىر كۇنكىرىت نوقتىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر ماسلىق تۆزۆشكە ۋە بىر پۇتۇنلۇككە ئىنتىلىدۇ.شۇنداق بولغىنىدىلا ئۇ توغرا بىلىش بولىدۇ.
ھىچقايسىمىز تەجىرىبە پەنلىرىنىڭ خالىغان بىرىنى تەتقىقات نىشانىنى تېخىمۇ مىكرۇ بولغان دۇنياغا قاراتمايدۇ ۋە قاراتماسلىغى كىرەك دىيەلمەيمىز.بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى نىمە؟.يىراق ئۇتمۇشتە تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت تەبىئەت پەلسەپەسىدىن ئىبارەت بىرلا ساھاگە مەنسۇپ بولغىنىدەك،مىكرۇ دۇنيادا ئۇلار يەنە بىرلىشىپ ـ گىرەلىشىپ كىتىدۇ.شەكىل نەزەريىسىدە گىرەلەشمە تەتقىقات مىتۇدىنى تەشەببۇس قىلغاندا مۇشۇ نۇقتىمۇ كۇزدە تۇتۇلغان.ئۇنىڭ ئۆستىگە ھازىر ئاز بولمىغان ئارىلىق پەنلەر مەيدانغا كەلمەكتە.
«فىزىكدا تەجىرىبە بىلەن نەزەريىنىڭ قايسى بەك موھىم؟»دىگەن بۇ سۇئالغا مۇتلەق كۇپ ساندىكى كىشىلەر «تەجىرىبە موھىم»دەپ جاۋاپ بىرىشى ۋە بۇجاۋاپ ئەڭ توغرا جاۋاپ دەپ قارىلىشى مۇمكىن.مەن ئۇنداق قارىمايمەن.بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى موھىملىغىنى كونكىرىت شارائىت بەلگۇلەيدۇ.بىزدە ھەممىمىزگە مەلۇم ،لىكىن چۇشەندۇرۇلمىگەن بىر تەجىرىبە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسى بار دەپ قارايلى،بۇنداق ئەۋال ئاستىدا بۇتەجىرىبە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسىنى زىددىيەتسىز چۆشەندۆرەلەيدىغان نەزەرىيە موھىم ۋە زۇرۇر بولىدۇ.بىزدە لوگىكىلىق زىددىيەتلەردىن خالى بىر يىڭى نەزەرىيە بار دەپ قارايلى ئەمدى بىزگە زۇرۇر بولىدىغىنى بۇ نەزەريىنى دەلىللەيدىغان تەجىربە ياكى كۆزۆتۆش نەتىجىسىدىن ئىبارەت.ئولارنىڭ قايسىنىڭ موھىم ۋەزۇرۇرلىگى كونكىرىت ئەھۋلغا قاراپ بەلگۆلىنىدۇ.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ئاز بولمىغان چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان تەجىرىبە،كۆزۆتۆش نەتىجىلىرى بار،ئۇلارغا نىسبەتەن ئىتقاندا قايىل قىلىش كۆچىگە ئىگە نەزەرىيە زۇرۇر.ھازىر شۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە شۇنچە نۇرغۇن نەزەريىلەر باركى ئۇلارغا ئەمدى زۇرۇر بۇلغىنى ئۇلارنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدىغان تەجىرىبە ۋە كۆزۆتۆش نەتىجىسىدۇر.


2


مېنىڭچە فىزىكا نوقول «ماددىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى»نىلا تەتقىق قىلىدۇ ياكى قېلىشى كېرەك دېيىلسە بۇ فىزىكىنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىغىغا ئانچە ئويغۇن بولمايدۇ. بۇ تەشەببۇسنىڭ بىر قانچە ئاساسلىرى بار، ئۇلار:

1. ماددا تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش تارىخى يونانلىقلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. يونانلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان «ئاتوم» (قايتا پارچىلانمايدىغان ئېلمنتار زەررىچە)نى ئىزدەش ھازىرغىچە ئاياقلاشقىنى يوق. شەكىل نەزەرىيىسىدە بۇ خىل زەررىچەگە گىگانىت ئالىم ئېينىشتىيېننى خاتىرىلەش يۇزىسىدىن«ئېن» دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئەسكەرتېش زۆرۈركى دالتون، تومسونلاردىن باشلاپ ھازىرقى فىزىكلار ئاتوم دەۋالغان نەرسە يونانلىقلار كۆزدە تۇتقان «ئاتوم»ئەمەس. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ «ئاتوم»ى، تۈزۈلۈشكە ئىگە.

2. ھازىر  تېخىمۇ ئېلمىنتارراق بولغان زەررىچىلەر ئۈستىدە  ئىزدىلىنمەكتە، «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دېگەندەك فىزىكا تارماقلىرى ئاتوم ۋە زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشلىرىنى تەتقىق قىلمىدى دىيەلمەيمىز. ئاتوم يادرۇسى، ئاتومنىڭ ئېلىكتېرۇن قەۋەتلىرى قاتارلىقلار ...تۈزۈلۈش مەسىللىرىدىن ئىبارەت. نەزەرىيىۋى مودېل بولغان كىۋارك ئۆزىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زەررىچىلەرنى تۈزۈش جەريانلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ نوقتا تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ. تېخىمۇ مىكرۇ بولغان ئىزدىنىشلەر ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «ئېن»)گە بىرىپ توختايدۇ.خاۋكىڭ«بىز راستىنلا كىۋارىك ۋە ئېلېكتىرۇن  ــــــ بىز ھازىر«ئاساسى»دەپ قاراۋاتقان زەررىچىلەر ـــ دىنمۇ ئاساسى بولغان بىر قانچە يىڭى تۇزۇلۇش قاتلاملىرىنى ئىزدەپ تاپالايمىز،دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدى.


3.«فىزىكا» نوقۇل تەجىربە ئىلمى ،نوقۇل ماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش جەريانى ،دەپ قاراشلارنىڭ ھەممىسى بىرتەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتا.كىۋانىت مىخانىكىسنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ھېزىنبىرىگ«فىزىكىنىڭ تارىخى يالغۇز بىريۇرۇش تەجىرىبە ۋە بايقاشلارلا ئەمەس،ئۇ يەنە ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەش تەرتىۋى،شۇنداقلايەنە بىر تۇركۇم ئۇقۇملار تارىخىدىن ئىبارەت.ھادىسىلەرنى چۇشۇنۇشتىكى بىرىنجى شەرىت،مۇۋاپىق ئۇقۇملارنى كىرگۇزۇشتۇر.»دىگەن ئىدى.دىمەك ،فىزىكا ئالدى بىلەن لوگىكىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن فىزىكا ئۇقۇملىرى مەيدانغا كىلىشى كىرەك.ھەر قانداق بىر كونكىرىت پەن ئۇزىنىڭ ئۇقۇملىرىدىن ئايرىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.«فىزىكا»مۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە.ھالبۇكى،«ئۇقۇم»لار بولسا «لوگىكا»نىڭ مەھسۇلى ۋە تەتقىقات ئوبىكتىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكا نەزەريەلىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق «نەزىرىيە» ــــــــ مەيلى ئۇ ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا ياكى نەسىرى بايان ئۇسولىدا بايان قىلىنسۇن،يەنىلاماھىيەت جەھەتتىن لوگىكلىق بايان شەكلى ھىساپلىنىدۇ.

«نەزىرىيە»نىڭ لوگىكا مەسىلىسى ئىكەنلىگى ھەققىدە ئېينىشتىيېن قاتارلىق ئاز بولمىغان مەشھۇر زاتلار توختۇلۇپ ئۇتكەن.ئېينىشتىيېن ئۇزىنىڭ«نەزەرىيە ۋە تەجىرىبە»دىگەن يازمىسىدا«سېستىملىق نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز تەجىرىبە ئىلىمىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىندوكسىيە جەريانى ئىكەنلىكنى پەرەز قىلالايمىز. كىشىلەر خىلمۇ-خىل نەزەرىيلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى،بۇ نەزەرىيلەر كىچىك دائىرىدە كۆپ ساندىكى يەككە كۆزەتكۈچىنىڭ بايان قىلغىنىنى تەجىرىبە قانۇنى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىپ، بۇ تەجىرىبە قانۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇمۇمىي قانۇنىيەتنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا،ئىلىم-پەن تەرەققىياتى مۇندەرىجىنى تۈرگە ئايرىپ تەھرىرلەشكە ئازراق ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت بىر خىل تەجىرىبە كەسپى بولىشى مۇمكىن.بىراق، بۇ خىل كۆز قاراش پۈتكۈل ئەمەلىي جەريانىنى كۆرۈپ باقمىدى؛ چۈنكى ئۇ بىۋاستە سېزىم (ئىنتۇئىتسىيە) ۋە دېدۇكسىيە تەپەككۈرىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا سەل قارىغان.» دەپ يازىدۇ.بۇيازمىدا تىلغائىلىنغان«ئىندوكسىيە»،«دېدۇكسىيە»قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ لوگىكا كاتىگورىيىلىرى(ئاساسى ئۇقۇملىرى) ئىكەنلىگىنى ئونتۇماسلىق كىرەك.

بىز بۇيەردە «ماتىماتىكىلىق لوگىكا»نىڭ بىر تارماق پەن سۇپىتىدە رىياللىققا ئايلىنىپ بولغانلىغىنى كۇزدە تۇتۇپ،«فىزىكىلىق لوگىكا»نىڭ شۇنچە زۇرۇر بولىۋاتقانلىغىنىمۇ تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى ۋېنبىرېگ«فىزىكا ھەرگىز بىر مۇكەممەل لوگىكا سىستىمىسى ئەمەس.ئەكسىچە،ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت-ھەرزامان نۇقتىنەزەر جەھەتتە بەزى چوڭ قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.»دەپ يازغىنىدا ھەرگىز فىزىكىنىڭ بۇخىل رىياللىغىدىن زوقلانغان ۋە مەمنۇن بولغان دىيىشكە بولمايدۇ. .ئۇنىڭ بۇ بايانلىرىدىن فىزىكا ئۇچۇن لوگىكىنىڭ نەقەدەر زۇرۇر ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ھەممىزگە مەلۇمكى،لوگىكا ــــ توغرا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۇگۇتۇدىغان ئىلىم.فىزىكا ئۇچۇن لوگىكا موھىم ئەمەس،دەپ قاراش بارلىق فىزىكا نەزىريىلىرىنى،فىزىكىنىڭ پۇتكۇل ئۇقۇم سىستىمىسىنى يوققا چىقىرىش بىلەن ۋە فىزىكىدا ئالا-جۇقا سۇزلەۋەرسىمۇ بولىۋىرىدۇ،دىگەن بىلەن باراۋەر.


يەنە ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە،فىزىكا بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر.ھازىر بىزدە ھە دىسىلا«فىزىكا پەلسەپەدىن ئايرىلىپ چىقتى»،دىگەن گەپ مودىغا ئايلاندى.بۇ ،بىر تەرەپلىمە ۋە ھەتتا خاتا قاراشتىن ئىبارەت...ھېزىنبېرىگ«بىر كىشىدە يونان تەبىئەت پەلسەپەسى بىلىملىرى بولمىسا،ئۇ كىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتوم فىزىكىسىدا ئىلگىرلىيەلىشى بەكمۇ قىيىن...بىز ھازىر  پەلسەپەنى مۇھاكىمە قىلىشنى باشلىشىمىز كىرەك.پەلسەپە مەيلى ئاڭلىق ياكى ئىختىيارسىز ھالدا بولسۇن،ئاساسى زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا  ئىزچىل ياندىشىپ كەلدى.»دەپ يازىدۇ.

ماتىماتىكا ئالىمى،جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى جاڭ جىڭ جوڭ ئەپەندى«ماتىماتىكا ۋە پەلسەپە» ناملىق ئەسىرىدە«غۇۋا پەلسەپە،رۇشەن ماتىماتىكا ئىنسانىيەتنىڭ تىلسىكوپى ۋە مىكىروسكوپىدۇر»دەپ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇسۇزى ئەلۋەتتە فىزىكا ئۇچۇنمۇ ئورونلۇق.

ھەتتا ئۇزۇپ ئىتىشقا بولىدۇكى،موبادا بىز قەدىمقى زامان يونان تەبىئەت پەلسەپەسى بىزگە قالدۇرغان فىزىكا ئۇقۇملىرىدىن ۋاز كەچسەك ،ھازىرقى زامان فىزىكىسى ھەش-پەش دىگۇچە غايىپ بولىدۇ.«پەلسەپە»نىڭ ئېنىقلمىسى مەسىلىسى ئۇستىدىكى ئىزدىنىش تېخى تاماملانمىغان بولسىمۇ لىكىن«پەلسەپە ــــــــــ سىستىمىلاشقان،نەزەرىيە يۇكسەكلىگىگە كۇتۇرۇلگەن دۇنيا قاراش» دىگەن بۇ نۇقتىدا ئىختىلاپ يوق.فىزىكىنىڭمۇ ئۇز پەلسەپەسى،پەلسەپەۋى قاتلىمى بولىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرى،ئېينىشتىيېن زامان-ماكان قاراشلىرى تىپىك پەلسەپەۋى مەسىلىلەردۇر.فىزىكىدىن پەلسەپەنى ئايرىۋىتىش ماھىيەتتە فىزىكىنى «دۇنيا قاراش»تىن ئايرىۋىتىش تىرىشچانلىغىدىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلىنسا ھەدىگەندىلا فىزىكىنىڭ سىستىمىلاشقان ئىدىيە-نەزەرىيە قاتلىمى بەربات قىلىنىدۇ-دە،فىزىكا نوقۇل تەجىربە ئاخباراتچىلىغىغا ئايلىنىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ!.


يوقۇرقى سەۋەپلەر ۋە بايان قىلىنمىغان بىر مۇنچە سەۋەپلەر تۇپەيلى، مېنىڭ نەزەرىمدە «فىزىكا»بىرتوپلام ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىگە  فىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئۇقۇملار يېڭىدىن كىرگۈزۈلىدۇ ياكى فىزىكا يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ جەرياندا بەزى ئۇقۇملار چۇشۇپمۇ قالىدۇ. نىيوتۇن «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دەۋرىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. «فىزىكا»نىڭ بۇ خىل ھالىتى تاكى فىزىكا بىرلىككە كىلىپ يېڭى مەسىلىلەر كىلىپ چىقمىغىچە داۋاملىشىدۇ.

فىزىكىنىڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاتلىمى بار.

1. ئۇقۇم، ئىدىيە قاتلىمى،-پەلسەپە ۋە لوگىكا باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.

2. ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.

3. تەجىرىبە، كۈزۈتۈش -دەلىللەش باسقۇچى.

بەزىدە بۇ باسقۇچلارنىڭ ئورنى ئالمىشىدۇ، يېڭى كۈزۈتۈش- تەجىرىبە نەتىجىسى، يېڭى ئۇقۇم- ئىدىيىنى يارتىشى ۋە يېڭى نەزەرىيىنى تەلەپ قېلىشى-كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى نىسبىلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانت مىخاينىكىسىنى، ئارخىمىد مونچىغا چۇشكەندىن كېيىن، لەيلىتىش قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئۈچ باسقۇچنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ. فىزىكىلىق ئۇقۇم، فىزىكىلىق ئىدىيە سىستېمىسى بولمىغان «فىزىكا» مەۋجۈت ئەمەس. نەزەرىيە فىزىكىچىلىرىنىڭ يىتىدىغان مەقسىتىمۇ زىدىيەتسىز ئۇقۇم، ئىدىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۈپ چىقىش. بىر نەزەرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەجىرىبە ۋە ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار پەقەت ۋاستىدىن ئىبارەت. بىر تەجىرىبە فىزىكچىسىنىڭ نەتىجىسى ياكى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش ياكى يېڭى بىر تەجىرىبە نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، بۇ مەسىلىنى نەزەرىيە ئارقىلىق شەرھىلەشكە تاشلاش، يېڭى نەزەرىيە بولسا ھامان يېڭى ئىدىيەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئېينىشتېيىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار «فىزىكا»مەسىلسىدە ئىدىيىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ «مەن خۇدانىڭ ئالەمنى يارتىشتىكى ئىدىيىسىنى بىلىپ باقسام دەيمەن، قالغانلىرى پەقەت تەپسىلات مەسىلىسىدۇر»دېگەن سۆزىدىن بۇ مەسىلىنى ئېنىق كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ.

بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى؛ تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش فىزىكىنىڭ مەقسىتى ئەمەس، پەقەت ۋاستىسى. ئۇ بىزنىڭ «فىزىكىلىق ئالەم» ئۈستىدىكى بىلىشلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش رولىنى ئوينايدۇ ياكى بۇ خىل بىلىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،خالاس.ئەڭ ئالى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت «بىلىش»تىن ئىبارەت، «بىلىش»بولسا ئۇقۇم، ئىدىيە، نەزەرىيە، پەلسەپەلەرنىڭ ئۆزىدۇر. توغرا بىلىش ۋەياكى بىر قەدەر توغرا بىلىش شەكىللەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنى تېخنىكىغا تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە فۇتۇ ئىلىكتىر ئىففىكتىنى ھېرتىسنىڭ1887-يلىلا تەجىربىدە بايقىغانلىغىنى،ھالبۇكى،ئېينىشتىيېن 1905-يىلى بۇ ئىففىكىتنى چۇشەندۇرۇپ بەرگەنلىگىنى،بۇ خىل چۇشەندۇرۇشنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا غايەت زور تەسىر كۇرسەتكەنلىگىنى ۋە شۇ تۇپەيلى ئېينىشتىيېن كىيىن ـ 1921-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغانلىغىنى ئەسلەپ ئۇتۇش ئارتوقلۇق قىلمايدۇ.

نوقۇل «تەجىرىبە»نى تەكىتلەش- ۋاستىنى مەقسەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە نەزەرىيەنى پەقەت تەجىرىبىگە ئەگىشىپلا ماڭىدىغان كۈنگە قويىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بۇ ھالدا ئوخشاش بىر تەجىرىبە نەتىجىسىگە نىسبەتەن خىلمۇ-خىل چۈشەندۈرۈشلەر مەيدانغا كىلىپ، بىرسى «قىرقىپتۇ» دېسە يەنە بىرسى «تاقلاپتۇ» دەيدىغان مەنزىرە شەكىللىنىپ، فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەن «ئېينىشتېين ئېفىرنى "پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟» ناملىق ماقالەمدە مېكىلسۇن-مورلى تەجىرىبىسنىڭ نەتىجىسىگە ئېينىشتىيېننىڭ قانداق پۇزىتسىيەدە بولغانلىغى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۇتكەن ئىدىم.ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ماقالىنى كۇرۇپ چىقىشنى تەۋىسيە قىلىمەن.

تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈشنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم، لېكىن ھەرقانداق ئىدىيە (پەرەز)جەزمەن تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك دېيىلسە بۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق تەجىرىبىچى «چوڭ پارتىلاش»، «غەيرى نوقتا» ۋەھاكازالارنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. تەجىرىبە پەنلىرى دەرەخنىڭ غول-يوپۇرماقلىرىنى كۈزۈتۈپ -تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دەرەخنىڭ ئۆزى تېخى كۆرەلمىگەن يىلتىزلىرىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.


كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى «فىزىكا» كۇپ ئىلىمىنىتلىق بىر توپلام.ئۇنىڭ ھەممە ئىلىمىنىتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۇرۇرىيىتى بار.بۇ يەردە«يۇزىنى تاپالمىغان ئادەم»  دىگەن بىر ئۇيۇننى ئۇيناپ باقساق، بۇنۇقتىدىكى چۇشەنمەسلىكلەرنى تىخمۇ ئوبرازلىق چۇشۇنۇۋىلىشىمىز مۇمكىن.

مەن بىر دۇستۇمغا: ماڭا كۇرسەتكۇچ بارمىغىڭ بىلەن يۇزۇڭنى كۇرسۇتۇپ بەر،-دىدىم.

دۇستومنىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغى ھە دىگەندىلا بر نۇقتىنى كۇرسەتتى.

-ئۇ،يۇزۇڭ ئەمەس بۇرنۇڭ،-دىدىم مەن.

دۇستۇمنىڭ بارمىغى تىنىمسىز «سەيلە» قىلغىلى تۇردى. مەنمۇ بارماققا ئەگىشىپ ۋاقىراشقا باشلىدىم:

-قۇلۇغۇڭ!.

-كۇزۇڭ!.

-ئاغىزىڭ!.

-ئىڭىگىڭ!.

-پىشانەڭ!.

-......

شۇنداق قىلىپ دوستۇم ئۇزىنىڭ «يۇزى»نى تاپالمىدى.ئونىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغى قەيەرنىلا كۇرسەتسۇن باشقا بىر نىمە بولۇپ چىقاتتى.ئەسلى بۇ دۇستۇم بارمىغى بىلەن مەن ئىسمىنى ئاتاپ چىققان بارلىق ئەزالارنى ئىچىگە ئالغان بىرلا چەمبەر سىزسا ياكى ئالقىنىنى ئىچىپلا «يۇز»دىن ئىبارەت بۇ «توپلام »نىڭ ئۇستىگە قويسىلا بولاتتى.

دىمەكچىمەنكى، سىز ھەدىسىلا فىزىكىدىن ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئېلېمىنىتلىرىنى چىقىرىۋىتىمەن ،دىسىڭىز ئاخىرى «فىزىكا»نى يوقۇتۇپ قويۇسىز.


3


پەنلەرنى كىلاسلارغا(تۇرلەرگە)ئايرىيدىغان مۇتەخەسىسلەر ئازبولمىغان ئەمگەكلەرنى قىلدى ۋە قىلماقتا.بۇ ساھادە مۇنداق ئىككى خىل مۇتەخەسىسنى ئۇچرىتىش مۇمكىن،بىرى،رىيال «فىزىكا» پائاليەتلىرنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ «فىزىكا»غا ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە فىزىكىنىڭ مۇشۇ دائىرە-قېلىپ ئىچىدەچەكلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.يەنە بىرى «فىزىكا»نىڭ ئۇتمۇشى،بۇگۇنى ۋە كىلەچىگى نۇقتسىدا تۇرۇپ ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يىڭى تەرەققىياتلىرىغا پۇرسەت قالدۇرۇدۇ.ئالدىنقىسىنىڭ «فىزىكا»سى تۇيۇق،ئىچىۋىتىلمىگەن بولىدۇ.كىيىنكىسىنىڭ «فىزىكا»سى بولسا ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ.ئالدىنقىسى ئۇزىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ھەرقانداق يىڭلىقنى رەت قىلىدۇ.كىينكىسى مەيلى بۇ يىڭىلىقلار ئۇزىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە،پىرنسىپلىرىغا مۇخالىپ بولسىمۇ ــــــــــ لوگىكا ۋە تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە بولغان ھەر قانداق يىڭىلىقنى قوبۇل قىلىدۇ.ئالدىنقىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ، ۋە ھاياتى كۇچىنى بوغۇپ تاشلايدۇ،كىيىنكىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىدۇ ۋە ھاياتى كۆچ بەخىش ئىتىدۇ.ئالدىنقىسى كونسىرىۋاتىپ،قالاق،كىيىنكىسى ئىنقىلاۋى، ئىلغار بولىدۇ.ھالبۇكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدەئالدىنىقىسى مونۇپۇللوق ھوقوقىغا ئىگە«ئاساسى ئىقىم»دەپ قارىلىدۇ.مەن بۇيەردە مۇشۇ «كائىنات»تورىدا بىرەيلەنگە يىزىلغان ئىنكاسىمدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چاپلاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
« تەبىئىي پەن تەتقىقاتىدا ئاللىقانداقتۇر«ئاساسىي ئىقىم تەرەپدارى» بولۇش تەشەببۇسى قىلىش، تىگى –تەكتىدىن ئالغاندا ساۋاتسىزلىقتۇر. بۇخىل تەشەببۇس پەقەت مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىتىش ئۇچۇنلا ئەھمىيەتلىك، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى تەتقىقاتچىلارمۇ «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارى بولسا ئىشنىڭ بوزۇلغىنى شۇ!. تەپەككۈرتارىخنىڭ ھەر-بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز دەۋرىنىڭ «ئاساسىي ئېقىم»لىرى بولغان.ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي پەرزەنتلىرى ئاتالمىش«ئاساسىي ئېقىم» ئالدىدا تىز پۇكمەي فىزىكىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىنى ياراتتى. تاكى گالىلىيغىچە ئارىستۇتېلنىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرى، تاكى كوپىرنىككىچە پىتولمى ۋەسىقىلىرى «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. كوپىرنىك ۋە گالىلىلار ئۆز دەۋرىدە «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرىنىڭ تىتىقسىزلىق ۋە دوق-ھەيۋە بىلەن تولغان ۋەز –نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىز پۇككەن بولسا، قوياش مەركەز تەلىماتى ۋەبۈگۈنكى دەۋىر تەجىرىبە فىزىكىسى، ئىلغار نەزەرىيىۋى فىزىكا مىتودولوگىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. گالىلىينىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرىمۇ تاكى پىلانىك ۋە ئېينىشتېيىنگىچە «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. پىلانىك ۋە ئېينىشتېينلار گالىلىنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەن بولسا، كىۋانت نەزەرىيىسى شۇنداقلا ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم»تەرەپدارلىرى بىلەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قارىشى ئىجادىي تەپەككۈر جەڭچىلىرىنىڭ مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. بۇ قان-ياش بىلەن تولغان ئۈزۈن تارىخى جەرياندا ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرى ھامان ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ پاسسىپ،كونسىرۋاتىپ قاتلىمىنى شەكىللەندۇردى ۋە ھەتتا بەزىدە ئىلىم-پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ كەلدى. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ ئىلغار،ئاۋانگارت قاتلىمىغا ۋەكىلىك قىلىپ تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىدى.

ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى» ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەن بىلىملەرنى يەتكۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تەييار بىلىملەرنى مىخانىك ھالدا يادلاتقۇزۇشنىلا بىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئىزچىل، ئەڭ مۇقەددەس روھى __ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي ئىختىرا روھىنى يەتكۈزمىسە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارخۇددى ئوتتۇرا ئەسىر مەدىرىسلىرىدىكى كونسىرىۋاتىپ   مۇدەررىسلەرگە  ئوخشاپ قالغان بولىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مۇدەررىسلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئۇلار «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى»دېگەن مۇھاپىزەت كۈنلىكىنىڭ ئاستىداتەبىئىي پەن تارىخىنى ئىغىزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەمەننا قويغان ھالدا «قارى»لارچە يادلاپ بىرىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەستىخۇشلۇقلىرى خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىلىم-پەن تارىخىنى تەجۋىتكە سىلىپ، ئىككى ياققا ئىغاڭلاپ تۇرۇپ مېخانىك يادلايدىغان «قارى»لارنى كۆپەيتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دەل مانا مۇشۇنداق مۇدەررىسلەرنى ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە مونۇپولىيە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىران ئىدىيەلەرگە بولغان«سادىقلىق»لىرى ئۇلارغا ھىچقاچان زىيان ئىلىپ كەلمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن «تەلەيلىك»قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ «جان بىىقىش پەلسەپەسى» بىلەن «ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»دىن ئىبارەت ئىككى پەلسەپەسى بولۇپ ،«ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»ھامان «جان بىقىش پەلسەپەسى»گە خىزمەت قىلغان ۋە تىز پۈككەن بولىدۇ.  ئۇلار ھىچقاچان زىيان تارتقان ئەمەس!.

ئىلىم-پەن سىرلىقلاشتۇرۇش ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇش بىلەن سىغىشالمايدۇ. تارىخىتا ئۆتكەن ئىلىم-پەن نامايەندىلىرىنى مەبۇدقا ئايلاندۇرۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنياۋىي تۆت چوڭ دىننىڭ تۆت مۇقەددەس كىتاۋى ئىنسانىيەتنىڭ گۇمانلانماسلىقى ئۈچۈن يىتىپ ئاشىدۇ. قالغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى گۇمانلىنىش روھىنىڭ غەلۋىرىدە چوقۇم تاسقىلىشى كېرەك، بۇ تاسقاشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىرى ئەلۋەتتە، يېڭىلىنىدۇ!».

بۇيەردە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەكچىمەن.«ئاساسى ئېقىم تەرەپدارلىرى»دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇزىمۇ ئىزچىل ئۇزگۇرۇش ئىچىدە تورۇۋاتقان ئۇقۇمدەك قىلىدۇ.شۇسى ئىنىق بولسۇنكى «ئاساسى ئىقىم تەرەپدارلىرى» مۇئەييەن ئورتاق ئىلمى مەقسەتلەردە ھەمكارلاشقۇچىلار كوللىكتىۋىدىن ئىبارەت.ئۇنى ھەرگىز ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مونۇپول تەشكىلاتى ، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇلارلا شۇغۇللىنىشى كىرەك ،پەقەت شۇلاردىلا شۇنداق ھوقۇق بار دەۋىلىشقا بولمايدۇ.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى شۇي جىڭ خۇا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلىم-پەندە جەزمەن ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىلىشى، مۇتەخەسىسلەر باھالاش تۈزۈمى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىلىم دۇنياسى گالىلىي دەۋرىدىكىدەك تولىمۇ كونسىرۋاتىپ، قاتمال، چىرىك. ئىلىم-پەن ساھەسى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك، ئالىملار قالايمىقان گەپ قىلماسلىقى، پەقەت مۇكاپات ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم، ئىلىم-پەن پۇقرالار بىلەلەيدىغان نەرسىگە ئايلاندۈرۇلۇشى، ھەقىقى، چىن مەنىدىكى ياخشى بولغان ئىلىم-پەننىڭ جەزمەن ئىجدىمائىي رولى بولۇشى كېرەك، ئىلىم-پەندە ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا چوقۇنۇشمۇ خاتالىقتۇر»
مەنبە:
美国科学院院士许靖华:二氧化碳是环保资源
http://bj.house.sina.com.cn/other/2009-04-14/1321308128.html


4


ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئومۇمەن مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەرنى ئۇچرۇتىمىز.بىرى موددەرىس،مۇتەخەسىس تىپىدىكى ئادەملەر،يەنەبىرى تەتقىقاتچى،مۇتەپەككۇر تىپىدىكى ئادەملەر.سەھرايى تىل بىلەن ئىتساق ئالدنقىسى يادىلاشقاماھىر كاللىغا ئىگە،كىيىنكىسى بۇلسا ئىجادى تەپەككۇرگە ماھىر كاللىغا ئىگە.ھەر ئىكىسىنىڭ ئۇرنى ۋە قىممىتى بار.ئالدىنقىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەلىللەنگەن دەپ قارالغان،مائارىپ مىنىستىرلىكلىرى تۇزۇپ بەرگەن دەرىسلىكلەردىكى بىلىملەرنى يەتكۇزۇش ۋە بۇ بىلىملەرنى ئومۇمىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەلۋەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان بولىدۇ.كىيىنكىسى بولسا يىڭى نەتىجە ۋە بىلىملەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش،يىڭى بىلىم ۋە نەتىجىلەرئۇستىدە ئىزىنىشكە ماھىر كىلىدۇ.ئالدىنقىسى كونسىرىۋاتىپلىققا مايىل بولسا ،كىيىنكىسى تەرەققىپەرۋەرلىككە مايىل بولىدۇ.كىيىنكىسى يىڭى بىلىملەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇدۇ،ئالدىنقىسى بۇبىلىملەرنى تارىتىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ. ئالدىنقىسى تەييار بىلىم ۋە قۇراللارنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر،كىيىنكىسى تەييار بىلىم ۋە قوراللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۆچۆن يىڭى بىلىم ۋە يىڭى قورال تەييارلاشقا ماھىر.ئەسلى بىر ئىلىم-پەن خادىمىنىڭ مىڭىسىدە ھەر ئىككى خىل ئىقتىدار ھازىرلىنىشى كىرەك ئىدى ،لىكىن كونكىرىت بىرئادەمدىكى چەكلىمىلەر ،خاسلىقلار ۋە رىتىمى تىزلىشىپ،ئۇچۇر مىقدارى زىيادىلىشىپ كىتىۋاتقان ئىلىم-پەن رىياللىغى تۇپەيلى مۇشۇنداق«ئىش تەقسىماتى»مەيدانغا كەلدى ۋە بۇ بىر پۇتۇن جەريانلار «ئىش تەقسىماتى»شەكلىدە ئورۇنلىنىدىغان بولدى. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولقلايدۇ،بىر-بىرىنى شەرىت قىلىدۇ.ئىككىسىنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇشقا ھارگىز بولمايدۇ.


5

يۇقۇرقى سەۋەپلەر ۋە بايان قىلىنمىغان بىر مۇنچە سەۋەپلەر تۈپەيلى مەن شەكىل نەزەريىسىنى نوقۇل لوگىكا،نوقۇل پەلسەپە ئەمەس بەلكى ماھىيەت جەھەتتىن «فىزىكا»نەزەريىسى،يىڭى فىزىكىلىق ئۇقۇم ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بايانى دەپ قارايمەن.«فىزىكا»ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەرىقلىق بولىشى بىزنى ئورتاق تىلغا ئىگە قىلمايۋاتقان سەۋەپلەرنىڭ بىرى.

«فىزىكىلىق شەكىل» بىر يېڭى ئۇقۇم، بۇ ئۇقۇمنىڭ فىزىكا دۇنياسىدىن ياشاش ۋە راۋاجلىنىش ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى پۇتكۈل فىزىكا تارىخىنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇملىرى نوقتىسىدىن قارىغاندا بەكمۇ نورمال ئىش، «شەكىل فىزىكىسى» ياكى «شەكىل ئالەمشۇناسلىقى»(ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتىنى شەكىل نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر)نىڭ مەيدانغا كىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئۇنى قوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ «فىزىكا»غا بولغان چۈشەنچىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ چۇشەنچىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىلىم دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دېيىشكە بولمىسا كېرەك. بىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا «شەكىل نەزەرىيىسى»نى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىلىم دۇنياسىغا بۇ ئۇچۇرنى تىزرەك يەتكۈزەيلى، شەكىل نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە «سەت ئۆردەك چۇجىسى»نىڭ تەقدىرىگە يولۇقىۋاتقان بولسا، كېيىنچە ئازراق بولسىمۇ ئىتىۋارغا ئىرىشىپ قالامدۇ تېخى؟!، كىلەچەككە كىسىپ ھۆكۈم چىقارماق قېيىن.


ــــــــــــــــ

پايدىلانمىلار:

1.ھېزىنبىرىگ:«فىزىكا ۋە پەلسەپە»

2.«ئېينىشتىيېن ئەسەرلىرى»

3.خاۋكىڭ:«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»


ئەلبەتتە داۋامى بارھەم تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشۇمچە پايدىلىنىش ماترىيالى:

فىزىكا (物理学) ئەسىلىدە گرېكچە physis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى دەۋردە ياۋروپادا فىزىكا دېگەن سۆز تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى. تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ مۈستەقىل پەنلەرگە ئايلاندى. مەسىلەن، ئاسترونومىيە، خىمىيە، گېئولوگىيە، بىئولۇگىيە قاتارلىقلار. ھازىر فىزىكا تەبىئىي پەندىكى مۇھىم، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ئاساسىي پەن بولۇپ قالدى. ئۇ ئاساسەن ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى قانۇنيەتلىرىنى ۋە ماددىلارنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ. فىزىكا بىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى باشقا تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكا پەنلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى. ئادەتتە تەتقىقات ئوبېكتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە قاراپ مېخانىكا، ئاكۇستىكا، تېرمىكا (ئىسسىقلىق ئىلمىي) ۋە مولېكۇلا فىزىكىسى، ئېلېكترو ماگنېتىزم، ئوپتىكا، ئاتوم فىزىكىسى، يادرو فىزىكىسى، زەررىچىلەر فىزىكىسى («يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاتتىق جىسىملار فىزىكىسى، يىرىم ئۆتكۈزگۈچلەر فىزىكىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. لېكىن بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى بەكمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئەمەس، بەلكى پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۈرىدۇ. مەسىلەن، مېخانىكا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى. شۇنداقلا، گىدرومېخانىكا، ئېلاستىك مېخانىكا قاتارلىق تارماقلارغا ئايلاندى. رادىئو ئېلېكترونىكىسى تەرەققىي قىلىپ مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى؛ ئېلېكتر تېخنىكىسى، ئىسسىقلىق تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكا پەنلىرى فىزىكىنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فىزىكا ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپلىگەن چەت پەنلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، خىمىيە فىزىكىسى، ئاسترو فىزىكا، يەر شارى فىزىكىسى (گېئوفىزىكا)، دېڭىز-ئوكيان فىزىكىسى، بىئوفىزىكا قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپلىگەن مۇھىم ئۆتكۈر پەن -تېخنىكىلارمۇ تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، ئاتوم قۇۋۋىتىنىڭ پايدىلىنىلىشى، بوشلۇق ئىلمى، لازېر قاتارلىقلار.

«قىسقىچە فىزىكا لۇغىتى»__ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل نەشىرى، 626-627-بەتلەردىن ئېلىندى.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8439 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 05:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3543
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىماندا جىق  مەن  تۆرىگە چىقىۋالايچۇ

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8928
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوراپ باقسام . قاسىم سىدىق دېگەن كىم بۇلىدۇ ؟  بىرەر مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىمۇ ؟

تۇيۇقسىز خوشال بۇلۇپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دېسەم دوپپام يوق،  
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا بىر سىلاپ قۇيۇشقىمۇ ساقىلىم يوق! ئاھ-! لەڭپۇڭسىز ئۆتكەن ھايات ...

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز ۋاقتىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھابىل ۋە قابىل دەپ ئىككى ئوغلى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چوڭى ھابىل ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا ئىخلاس قىلمايدىغان رىياخور ، باشقىلارنى ياراتمايدىغان تەكەببۇر ، باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان ھەسەتخور ، شۇ ھالىغا باقماي تېخى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە - پەزلىگە ئېرىشمەككە تاماخور ئىدى . ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاتىسى ئادەمنىڭ ئەمرىنى تاشقى شەكىلدە ئوخشاش بەجا كەلتۈرەتتى . ئەمما ئاللاھ رىياخورلۇقنىڭ قانداقلىقىنى پەرىشتىلەرگە ۋە كىيىنكىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە ئادەم ئارقىلىق ئۆز رەببىي پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشقا ئەمىر قىلىندى . ئۇ ۋاقىتلاردا ئەمەللەرنىڭ قۇبۇل بولۇش - بولماسلىقى ماددىي جەھەتتىنلا ئايرىلىدىغان بولۇپ ، ئاكىسى ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قۇبۇل بولماي ( قۇربانلىق قىلىنغان مالدىن قان چىقماي ) ئۇكىسى قابىلنىڭ قۇربانلىقى قۇبۇل قىلىندى ( يەنى قان چىقتى ) . شۇ ئەسنادا ئىچ - ئىچىگە ھەسەت ئوتى قاپلاپ كەتكەن ھابىل ئېيتتىكى : ‹‹ مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن ›› دېدى . بۇ خىل ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلىش تاكى مۇشۇ خىل ھەسەتخولار شۇ خىل كۈچ قىممىتىگە ئىگە بولسىلا ئۆزىدىن ئۈستۈنلەرنى يوقاتماققا ھەر ۋاقىت داۋام ئېتىپ كەلدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆز قەۋمى ئوتقا تاشلىدى . ئۇنىڭسىز مۇشۇ يېقىنقى زامانلاردىلا ( چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن ) ئۈچ پادىشاھلىق قىسسەدىكى جۇيۈ ئۆزىدىن ئۈستۈن جۇگېلياڭنى ، خان ئوردىسى تىۋىپىي ۋاڭ ھەكىم شى لەيلe نى پەقەت ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرمەكنى قەستلىدى . بۇ خىل ھەسەتخورلار مەگەر قايسى ساھەدە بولمىسۇن ئۆزىدىن ئۈستۈنلىكى بولغانلىكى كىشىلەرنى ھامان ئۆلتۈرۈشنى قەست قىلىشىپ كەلدى ، ھەم بۇ خىل ئۇدۇم بىز مىللەتتە ئىنتايىن كۈچلىنىپ كەتتى . مەيلى ئىدارە - ئورگانلاردا بولسۇن ، ياكى رىئاللىقتا ۋە مەۋھۇملۇقتا بولسۇن بارلىق سۇرۇن ھازىرلانغان بىر ۋاقىتلاردا شۇ خىل كىشىلەر ھامان ئارىمىزدا پەيدا بولۇپ كەلدى .
گەپكە كەلسەك ، ھابىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان قابىل ئاكىسىدىن ‹‹ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرىسەن ؟ ›› دەپ سورىۋېدى ‹‹ ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قۇبۇل قىلىپ ، مېنىڭكىنى قۇبۇل قىلمىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرىمەن ›› دېدى ۋە ئاقىۋەتتە ئۇ ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈردى . ئەمما ئۇ قېنىنىڭ قىزىقلىقىدا ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۇكىسىنىڭ جەسىدىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنى سۆرەپ يۈردى . ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ ئىشىدا قانداق قىلىشنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قاغىنى ئەۋەتتى . قاغا تۇمشىقى بىلەن يەرنى كولىدى دە ، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھابىل ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىپ ‹‹ ۋاي ، ئىنىمنىڭ جەسىدىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولالمىدىممۇ ؟ ›› دېدى . ئۆز ۋاقتىدا ھابىل ئۇكىسىنى ئۆلتىرىش مۇددىئاسىنى ئېيتقاندا ئۇكىسى ‹‹ ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ قۇربانلىقىنىلا قۇبۇل قىلىدۇ ›› دېگەن ئىدى . شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى ھىسسىي ئىلىمگە ئىگە بولۇپ ، ئۇلار تەبىئىيلا ئاللاھنىڭ ، ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈلگەن خۇسۇسىيىتىنى ۋە ۋەدىلىرىنى چۈشەنگەن ھاللاردا ئۆز پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىشنى تەبىئىيلا ئىختىيار قىلىشىدۇ ۋە ھىسسىي ئىلىملەر بىلەنلا تۆۋەنكىلەر بىلەلمەيدىغان بەزى يۇشۇرۇن ئىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ . ئەمما ئىبادەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ۋە ئىبادەتلىرىدە شۇنىڭدەك رىيالىقنى ، تەبىئىتىدە چوڭچىلىقنى ئىختىيار قىلغان بەندىلەر ئۆز پەرۋەردىگارىغا چىنلىق ۋە ئىخلاسلىقتا ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولىدۇ . ئۇلارنى مەجبۇرى ئۇرۇپ ، تىللاپ ، سېسىتىپ ئىبادەتكە مەشغۇل قىلغان بىلەن بەرىبىر يەنىلا ئۇ ھەسەتتىن ، كىبىردىن ۋە ئىچىنىڭ تازىمۇ يامانلىقىدىن بەزى تەرەپلىك قىممەتتىن قىزغىنىپ مەيلى قايسى ساھەگە قاتماشمىسۇن ، ئەھلى مۆئمىنلەرنى ئەسلى ئىش ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، قوغلاپ ئاقىۋەتتە ‹‹ تالا مۈشىكى ئۆي مۈشىكىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ ›› بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ بۇ خىل كىشىلەرنى تەبىئەتنى چۈشىنىشكە ، تەييار لوقما قىلىنىپ تەييارلانغان شەيئىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ، بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر ياخشىلىق - يامانلىقلاردا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ، ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنى ئالدىغىلى بولمايدىغانلىق سۈپىتىگە ھەقىقىي چىن ئىشەنگىچە ۋە ئىبادەتلىرىدە رەستچىللاردىن بولۇپ ئىسلامغا قېتىلغىچە ئۇلارنى تەبىئەتنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئېچىشقا قويىۋېتىش ۋە شۇ خىل يولنى ئۇلارغا قارىتا تەيىن تېپىش تولىمۇ زۆرۈر بولىدۇ !
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇ يەردە توختاپ تۇراي !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 09:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەبىئىي قۇتۇپلىنىش نەزىرىيىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە جەھەتتىن قارا ئۆڭكۈرگە باغلاش

ئالىمجان ئابدۇۋەلى،ئۆركەش ئەمەت

(تۇلۇق بىرىنچى يىللىقتىكى يازغانلىرىم)
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9072




ئالىمجان, ئۆركەش تورداشلارنىڭ «كائىنات»تورىغا تېما يوللىغانلىغىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشمەن.تورداشلارنىڭ تېمىلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ،پايدىلىق پىكىر-تەلەپلەرنى بىرىشىنى،قىرىنداشلارچە تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.بىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىمىز ئۆزئارا قوللاشقا ،ئۆزئارا چۈشىنىشكە مۇھتاج.مىللىتىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى يۇقۇتۇپ قويغان تەبىئى پەن ئەنئەنىمىز ياش بىرئەۋلاتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىلمى ئىزدىنىشلىرى،پىداكارلىغى،تەۋەككۆلچىلىكلىرى ئارقىلىق تارىخقا ئۇلانغۇسى.تەپەككۆر بىكىنمىچىلىگى ۋە تەپەككۆر ئەندىزىچىلىگى ئاسارىتىدىن ئۆزىمىزنى ئازات قىلىپ ،دادىل يىڭىلىق يارىتىش يولىغا يۆزلىنىش كىرەك.ئىزدەنگۇچىلەرگە تېما كۆپ،ئىزدىنىش يولى گەرچە جاپا-مۇشەققەتلىك بولسىمۇ ئىزدەنگۆچىلەر كۆرىدىغان گۆزەل مەنزىرىلەر ھامان ئىزدەنمىگەنلەرنىڭكىدىن كۆپ،يۆكسەك ۋە ھۇزۇر بەخىش بولىدۇ.بۇ يولدىكى مەغلۇبىيەتلەرمۇ نۇرانە ، شەرەپلىك ۋە ھىكمەتكە تويۇنغان بولىدۇ.دۇنيادا ئۆز ئىدىيىسىنى،ئۆزقەلبىنى،ئۆز روھىنى يارىتىش ۋە ئىزدەپ تىپىشتىنمۇ كاتتا بىناكارلىق يوق!.

قاسىم سىدىق
2012.4.4 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 10:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8025
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:13:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇچراشقان «فىزىكا»ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى «فىزىكا»نىڭ تولوق ئېنىقلىمىسى ياكى يىتەرلىك شەرھى،دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ.بونداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ،مەن ئۇچراشقان«فىزىكا»ھەققىدىكى تەشەببۇسلاردا پەلسەپە ۋە لوگىكىنىڭ فىزىكىدىكى ئورنى،«نەزەرىيە»نىڭ كۇپ خىللىقلىغى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارالغان
......................
مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ «فىزىكا» دېگەن پەننىڭ خاراكتىرىنى چۇشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدىڭىزمۇ ؟
شەكىل نەزەرىيىسى ئەمەس، ئالدى بىلەن فىزىكىنىڭ قانداق پەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى - بۇنى دېسىڭىز بولغۇدەك!

يەنە تىخى، تېئورما -دەپ بىر يۇرۇش ھۆكۇملەرنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز، ھىچقايسىسىنىڭ ئىسپاتى يوق، سىزنىڭچە "تېئورما"نىڭ ئىنىقلىمىسىنىمۇ مۇشۇ سۆزىڭىزدەك لوگىكا ، پەلسەپە ....دېگەندەك ئۇقۇملار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسىڭىز توغر5ا بولامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-pen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 10:17 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:32:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilim-pen ئەپەندىم ،ئۈزىڭىز«فىزىكانىڭ خارەكتىرى»ھەققىد قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز.
ئاندىن سىز«تىئورمىلارنىڭ ئىسپاتى يوق»دىگىنىڭىزدە لوگىكىلىق ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتامسىز ياكى تەجىرىبە ئىسپاتى تەلەپ قىلىۋاتامسىز ئېنىق يازسىڭىزۋە بىرەر تىئورمىنى مىسال قىلىپ كۈرسەتسىڭىز.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:05:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇچراشقان «فىزىكا»ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى «فىزىكا»نىڭ تولوق ئېنىقلىمىسى ياكى يىتەرلىك شەرھى،دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ.بونداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ،مەن ئۇچراشقان«فىزىكا»ھەققىدىكى تەشەببۇسلاردا پەلسەپە ۋە لوگىكىنىڭ فىزىكىدىكى ئورنى،«نەزەرىيە»نىڭ كۇپ خىللىقلىغى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارالغان



توقماق ئەپەندىمنىڭ فىزىكىلىق پەلسەپىيسىدە ئاشكارلىنىشىچە فىزىكىنىڭ يەنە مەلۇم بىر بوشلۇقى بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ .
ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋە يەكۈنىنىڭ كۈچى بار . چۈنكى مۇشۇ كەمگىچە تېخى ئېچىلمىغان نۇرغۇنلىغان ىسرلار  ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئىلىملەرنىڭ پۈتۈلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ . تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارلاشتا فىزىكىنىڭ مەلۇم يەيە باشقا توقماققا لازىم بولىۋاتقان كۈچلىرىگە يەتمەي بولمايدۇ .
ئادەتتە دىنىنى تەتقىق قىلىدىغانلارغىمۇ قۇرئاندىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن يىشىلىپ چىققان نەتىجىلەر ، يېڭىچە چوڭ بايقاشلار ئوتتۇرغا قويۇلغاندا بەزى يۇشۇرۇن سىرلارنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ .
دىننى تەتقىق قىلىدىغانلار پەقەت قۇرئان ئايەتلىرىگىلا مۇقۇملىشىۋالسا بارلىق ئىلىمگە يېتەلمەيدۇ . گەرچە بارلىق ئىلىمنىڭ مەنبىيى قۇرئان كېرىم بولسىمۇ ؟! ئەمما ئۇلارمۇ مەلۇم قىممەتنى باشقا تەتقىقات ۋاستىلىرىگە قاراشلىرى كېرەك بولىدۇ .
تەتقىقاتچىلىق دېگەن فىزىكىچىدىلا بولمايدۇ ، بارلىق ساھەلەرنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تەتقىقات قورغانى قىممىتى بولىدۇ . دىننى كۆپىنچە ھاللاردا قۇرئان ۋە ھەدىسنى دەلىللەپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىكى قىممەتلەرنى بىر بىرلىرىگە چېتىپ تۇرۇپ نەتىجە ھاسىل قىلىنىدۇ ۋە كۆپۈنچە شەيئىلەرنىڭ ، قىممەتلەرنىڭ ھېكمىتى - سىرلىرى ئاشكارلىنىدۇ . بۇ خىل قىممەتنىڭ ئاشكارلىنىشى چوقۇم پەلسەپىيگە مۇھتاج بولىدۇ . پەلسەپە : مىسالى سوغۇق ئېقىم ھاسىل قىلىپ كۆكتىكى پارنى بىر بىرلىرىگە يىغىپ يامغۇرنى ھاسىل قىلغانغا ئوخشايدۇ . پەلسەپە شۇنىڭدەك ‹‹ پار ›› لارنى يىغىپ چۈشىنىشلىك لوگىكىغا سالغۇچى مىسالى شاماللىق ئېنىرگىيە ! بۇ ئېنىرگىيەگە يەتكۈچى چوقۇمكى ئۈستۈنلۈكتىكى مۇتەپەككۇر بولالىشى كېرەكتۇر ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ پارنى يىغقۇچى تىگىشلىك رەۋىشتە سوغۇق ئېقىمى ھاسىل قىلالماي بەلكى مەلۇم تەرەپلىرى ئىسسىق چىقىرىپ قويۇش بىلەن ، بۇ خىل شاماللىق ئېنىرگىيەسىگە پارلار تولۇق يۇقۇشۇپ بولالماي كۆكتىكى پارنى تولۇق يىغىپ بولالمايدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ تامچىلىغان  ‹‹ يامغۇرى ›› يارتا ، كەمتۈك چىقىشىپ قالىدۇ .
فىزىكا مەلۇم شەيئىلەردىكى قىممەتنىڭ نەتىجىسىنى ، سىرلىرىنى ئاشكارلاپ ھاسىل قىلىشقا دەلىل قىلىنغان ۋاستە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە بۇ ۋاستە بەزى نۇرغۇن سىرلارنى ئېچىشقا كۈچى يەتمەيۋاتقانلىقتىن ، توقماق ئەپەمدىمنىڭ بۇنىڭ كەمتۈكلىكىنى ۋە بۇنى تولۇقلاشتىتىكى ماقالىسىنى ئوتتۇرغا قويىشى بارلىق فىزىكىچىلارنىڭ شۇ خىل بوشلۇقىنى تېپىشقا ئۈندەيدۇ !
ئەمەلىيەتتە ئىسلام بارلىق ساھەلەر بىلەن قويۇق چىرمىشىپ كەتكەن . ئىسلام دىنى قايسىكى ساھەلەردىن قايسىكى ئىلىم ھاسىللانغان بولسا چوقۇمكى بىرىنچى بولۇپ تەستىقلايدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا ئىرادە قىلغان ئىسلامنىڭ بارلىقى تېخى ئاشكارلىنىپ تۈگىگىنى يوق . چوقۇمكى بىزلەر ھەر ۋاقىت تىشىشىمىز ۋە ھەر قايسى تەرەپلىك ئىزدىنىشىمىزنى توختۇتۇپ قويماسلىقىىمىز كېرەكتۇر !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەجىملىك ساقلىنىش - يىڭى مەنزىرىلەر

قاسىم سىدىق


1



شەكىل نەزەريىسىدە ھەركەت ۋە ھەركەت مىقدارىنى ئۈچ ئۈلچەملىك-ھەجىملىك رىياللىق سۆپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەش تەشەببۇس قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇۋەتتىكى بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تەسۋىرلەشىنىڭ رولى،ئەھمىيتىمۇ ئىنكار قىلنمىغان.تۆۋەندە مەن ھەركەتنى ئۈچ ئۈلچەملىك (مىتىر كۇپ)رىياللىق سۈپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەشنىڭ زۆرۆرىلىگى ھەققىدىكى ئاساسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

1.ھەر قانداق ھەركەت سۇبىكتى(ھەركەت قىلغۇچى جىسىم،زەررىچە) ئۈچ ئۈلچەمگە،ھەجىمگە ئىگە بولغان بولىدۇ.ئىنسانىيەت ھازىرغىچە پەقەت بىر ياكى ئىككى ئۆلچەمگە ئىگە بولغان جىسىم،زەررىچە بىلەن ئۇچراشقىنى يوق.
2.زەررىچە ۋەجىسىملارنىڭ ماكاندا قالدۇرغان ئىزى ،تىرايىكتۇرىيىسى يەنىلا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن پەن پەقەت ئۇنىڭ بىرلا ئۆلچىمىنى نەزەرگە ئالدى،خالاس.
3.تەبىئەت پەنلىرىنىڭ تۈپ مەقسىدى ئوبىكتىپ چىنلىقنى ئەينەن بىلىش ۋە ئىپادىلەش ،بۇ بىلىشلەر ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەرتەرەپلىمە تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىش.
4.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ساقلىنىش قانۇنلىرى پۆتكۆل فىزىكىنىڭ ئۇمۇرىتقىسى.شەكىل نەزەريىسىدە ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە ــــــــ «ئېن»لارغا تەقسىملەنگەن دەپ قارىلىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى ھەجىملىك ساقلىنىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .يەنى ھەجىملىك ماسسا-ئىنىرگىيە،ھەجىملىك ھەركەت مىقدارى،ھەجىملىك زەرەت مىقدارى قاتارلىقلارئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تۇراقلىق سان بولۇپ،ئۇلار ساقلىنىدۇ.

2



يۇقۇرقىچە ئىدىيە نۇقسىدا تۇرۇپ تەبىئەت دۇنياسىغا قايتا نەزەر سالساق بەزى يىڭى مەنزىرىلەرگە ئىرىشىمىز.ئۇلار كەم دىگەندىمۇ تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.ئېينىشتىيېننىڭ «ماكان»چۈشەنچىسى ۋە «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن ئىدىيىسى خىرىسقا يولۇقىدۇ.يەنى ماددا(ماسسا-ئىنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى تۇراقلىق مىقدار بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى«سوزۇلىدۇ»دىيىشنىڭ ئاساسى يوق.ئەگەر ماددا«سوزۇلسا» ئادەتتىكى قاراش بۇيىچە تەبىئى ھالدا زىچلىق كىمىيىدۇ.دىمەك«سوزۇلمىغان»غا باراۋەر.ئۈز-ئۈزىدىن مەلۈم بولۇپ تۇرۇپتىكى  بۇ يەردىكى ئارتۇق ھەجىم نىيوتۇنچە ماكان ـ يوقلۇقنىڭ ھەجىمى.ئەگەر ھەقىقەتەن «سوزۇلسا»زىچلىق كىمەيمىگەن بولاتتى.
2.«ھەجىملىك ساقلىنىش»(مۇتلەق ھەجمنىڭ ساقلىنىشى)ئىتىراپ قىلىنغان ئەھۋا ئاستىدا  بىز تىزلىكنىمۇ«ھەجىملىك تىزلىك»دەپ تەسۋىرلەيدىغان يىڭى قورالغا ئىرىشىمىز.بۇ ھالدا ئېينىشتىيېننى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان «باش جىنايەتكار»نىڭ ئەينى ۋاقتتا ئېينىشتىيېىگە ئۈزىنى كۈرسەتمىگەن«ھەجىملىك تىزلىك»ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.ئېينىشتىيېننىڭ ئۇقۇم فۇندىدا «ھەجىملىك تىزلىك»دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولغان ۋە يادىرۇلۇق ئۇرۇنغا ئۈتكەن بولسا ئۇ ھەرگىز «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دەپ يازمىغان بولاتتى.يەنى ئېينىشتىيېنچە ماكاننىڭ كىڭىيىپ تارىيىشى «ھەجىملىك تىزلىك »ۋە ماددىنىڭ كونكىرىت ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى كۆرۆپ يەتكەن بولاتتى.
3.«مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك تىزلىك» ئۇقۇملىرى قوبۇل قىلىنغان ئالدىقى شەرىت ئاستىدا «كىۋانىت داۋالغۇشى»قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ يىڭى قورالىغا ئىرىشىمىز.بۇيەردە بىر ياكى بىر قانچە زەررىچىنىڭ(كىۋانىتنىڭ)كىچىك بىر ئەمىلى دىيامىتىرنى بۇيلاپ بىر ئەمىلى تىزلىكتە بىر مەركەزنى ئايلىنىپ ياكى بۇ مەركەز ئۈپچۈرىسىدە «تەۋرەپ» ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.بۇ مەنزىرىنى ««مۇتلەق ھەجىم»،«كۆرۆنمە ھەجىم»ۋە«قاپلاش»ئۇقۇمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ئارقىلىق تولىمۇ گۈزەل تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ دىگەن ئۈمىتتىمەن.
4.پۇتكۈل كىۋانىت دۇنياسىغا «مۇتلق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق يىڭى مەنزىرىلەر كۆزئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.سىممىتىرىيىلىك،كىۋانىتلىق قاتارلىقلار «مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»قۇرالىغا ئىرىشكەندىن كىيىن تىخمۇ چىن ۋە مۇكەممەل تەسۋىرگە ئىرىشىدۇ دەپ قارايمەن.
5.«ھەجىملىك ساقلىنىش»بىزگە ئاتاقىلىدىغان يىڭى مەنزىرىلەربىپايان، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل.بۇ ئۇقۇم تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممە ساھەسىگە دىگۆدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر-بىرلەپ بايان قىلىش مۈشكۈل ۋە ھازىرچە ھاجەتسىز.نۈۋەتتە مۇھىمنىڭ موھىمى مۇشۇ ئۇقۇمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغىنى تەكشۆرۆپ كۆرۆش.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە

قاسىم سىدىق:«كۆرۇنمە ھەجىم»،  «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر

2012.3.31

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8994&page=1&extra=#pid27064 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 10:14 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-6 11:53 AM):
يەنە قۇشۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار:

«كۆرۆنمە ھەجىم»نى پەيدا قىلىدىغان تۈپ ئامىل «مۆتلەق ھەجىم»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە تىزلىگى.يەنى مۆتلەق ھەجىمنىڭ سىزىقلىق ھەركىتى 0 بولسا(مۆمكىن بولمىسىمۇ شۇنداق پەرەز قىلىپ تۇرايلى) «كۆرۆنمە ھەجىم»شەكىللەنمەيدۇ.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا زىچلىغى تۈۋەنلەپ بىرىۋاتقان سىستىما ـ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى ئىشىپ بىرىۋاتقان سىستىما،زىچلىغى يۇقۇرلاپ بىرىۋاتقان سىستىما ـ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ئىشىپ بىرىۋاتقان سىستىما بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ھەر ئىككى ئەھۋالدا بىز 41-تىئورمىدا دىيىلگىنىدەك  ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنىڭ تۇراقلىق بولىدىغانلىغىغا ھۆكۆم قىلالايمىز.«ھەجىملىك ساقلىنىش»ئىدىيىسى بىزگە تىخمۇ رۇشەن ھالدا بۇ خىل ئىمكانىيەتنى بىرىدۇ.لىكىن بۇ ھەرگىز «كۆرۆنمە ھەجىمنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ»دىگەنلىك ئەمەس.«غەيرى نۇقتا»دەك مۇشۇنداق لىمىت چەككە يەتكەن بىر پەيىتكە نىسبەتەنلا كۆرۆنمە ھەجىمنىڭ مىقدارى تۇراقلىق دەپ ئىتىشقا بولىدۇ.«ئالەمنىڭ كىڭىيىشى»نىڭ يەنە بىر لىمىت چىكى بار دەپ قارىساق مۇشۇ«پەيىت»نىڭ ئۆزىمۇ بىر «كىڭيىش تۇراقلىغى»لا ھىساپلىنىدۇ.بۇ يەردە ئېنىق بولۇشقا تىگىشلىك بولغان نۇقتا مۇشۇ«پەيىت»نىڭ چامىسىدىن ئىبارەت.كۆرۆنمە ھەجىمگە نىسبەتەن ئىتقاندا قالغان پۈتكۈل جەريانلار ئۆگىرىشچاندۇر.

زىچلىغى«ئەڭ چوڭ»ۋە«ئەڭ كىچىك» دەيدىغان مۇشۇنداق بىرتەسۋىرنى بىز ئادەتتەئاتالمىش «ماددا ھالەتلىرى»نىڭ ھەرقاندىغىغا قوللىنىمىز.پەقەت«ئېن»دىن باشقا ھەر قانداق فىزىكىلىق ۋە كوسمۇلوگىيىلىك رىيالىققا نىسبەتەن بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان بىلىش ۋە ئىپادىلەش شەكلى.مەيلى ماكرۇ ياكى مىكرۇ نۇقتىدىن ئىتايلى ،مەيلى كونكىرىت جىسىم ياكى بىر پۈتۈن فىزىكىلىق ئالەم نۇقتىسىدىن ئىتايلى ھەممىسىنىڭ چوڭ ۋە كىچىكلىكتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق لىمىت چىكى بار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش