|
|
|
|
ھەيرانمەن
ئىسىل تېما بويۇن قىسار، چەتتە قالار ھەيرانمەن،
غەيۋەت تېما قىزىپ كېتەر، ئاشار بېتى ھەيرانمەن.
كونا ئەزا ۋاھ خوش-خوشلاپ، يېڭىسىغا پوش-پوشلاپ،
تاللاپ يازار قىممەت ئىنكاس، خوشامىتى ھەيرانمەن.
كۆزگە ئىلماس بىلىم ئەھلى، ھەتتا ئالىم بولغاننى،
ئۆزى كىمدۇر؟نەسلى كىمدۇر؟ بىلمەس ئۆزى، ھەيرانمەن.
تىكلەپ قويۇپ يانغا كىتاپ ، كۆچۈرۈپلا يازاركەن ،
يېڭىلىقتىن، ئىناقلىقتىن بولماس سۆزى ھەيرانمەن.
ئۇرۇنىدۇ كۆرسۈتۈشكە ئۆزىن ئالىم پەدازدا ،
يۈرەر يەنە چېنىپ قالسا قالماي يۈزى ھەيرانمەن.
مۇستەبىت جاھىللىقتا ، ئۆتەرمۇ ئۆمرى قاراڭغۇ،
نادانلىقتا ھەقىقەتنى كۆرمەس كۆزى ھەيرانمەن .
بىلسەك سەن مەن ئۇيغۇرمىز، قېرىنداشمىز، ھەرچاغبىز،
ھەممە ئىناق زەپەر قۇچساق، بولمايمەنغۇ ھەيرانمەن.
مەنبە: ھەيرانە ھىسلىرىمدىن پارچە
2012-يىل 3-ئاينىڭ 19 كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 03:49 AM
|
|
|
|
|
|