ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ تورداشلار ۋە مىسرانىم باشقۇرغۇچىلار ...
تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش يۈزىسىدىن بۇ تېمىنى مىسرانىمغا يوللۇدۇم. كەڭ تورداشلارغا شاھزادە8 دىن ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن!
ئانا تىلىمىزدا پاراڭلىشىش سېستىمىسى(Skype+MSN) ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ قويۇڭ...!!!!!!!!!!!!!!!
كەڭ تورداشلارغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندا بىرقانچا پايدىلىق سېستىمىنى كۈچلۈك تەۋىسيە قىلماقچىمەن!!!!!!!!!
بىز ئادەتتە QQ غا شۇنداق ئامراقكى ، ھەتتا ئۇنىڭغا پۇل خەجلەپ قىلچىلىك پايدىسى يوق مەخسۇس ئەزا(QQ会员) قىلۋالىمىز ، ماخۇۋاتېڭ (چىچى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،QQ腾讯公司) ماخۇۋاتېڭ بىزنى شۇنچىلىك ئۈزىگە QQ غا مەپتۇن قىلدىكى خۇددىىىى...... شۇنداق چىچى گە ئاشىق قىلۋالدى!!!
شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ QQغا ئېسىلۋالماي QQ دىن ئىلغار ،ھەم ياخشى ئېنتېرنېت ساھەسىدە كەڭ قوللىنىدىغان (يەنى پۈتۈن دۇنيا) قوللىنىدىغان سېستىمىلارنى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋىسيە قلىمەن...!!
تۆۋەندە بىرنەچچە خىل سېستىمىنى يەنى Skype ۋە MsN نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن ..
Skype بولسا QQ, MSN Messenger غا ئوخشاش تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى. ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. باشقا ئالاقە يۇمشاق دېتالىغا قارىغاندا بىخەتەرلىكى ئالاھىدە يوقىرى. يەنى، سىزنىڭ دوستىڭىز بىلەن سۆزلەشكەن سۆزلىرىڭىزنى باشقا ئالاقە دېتاللىرىغا ئوخشاش ئوغىرلىقچە كۆرەلمەيدۇ. گەرچە بىز قانۇن يول قويغان دائىردە نورمال ئالاقە قىلساقمۇ، سۆزلىرىمىزنى 3-تەرەپنىڭ كۆرۈشىنى خالىمايمىز. بۇ جەھەتتە Skype ياخشى تاللاش بولالايدىكەن. (توردىكى سۆز ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلار چەكتىپ ئېشىپ كەتسە، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولسا، Skype ۋە باشقا ھەر قانداق يۇمشاق دېتالدىكى سۆزلىرىڭىلارنى ھۆكۈمەت تەرەپ نازارەت قىلالايدۇ)
ئۇنىڭدىن باشقا Skype دا ئاۋازلىق ۋە ۋىدېئولۇق سۆزلەشكەندىكى ئاۋاز، ۋىدېئو سۈپىتى بەك ياخشى ئىكەن.
پۇل تۆلىسە ئەڭ تۆۋەن باھا بىلەن خەلقئارالىق ئوزۇن يوللۇق تېلېفون قىلغىلىمۇ بولىدىكەن.
يەنە MSN Messenger دىكى ئالاقەداشلىرىمىزنى Skype غا ئاسانلا كىرگۈزگىلى بولىدىكەن.
م.ئەردەم، قۇربانجان، ئابدۇرېيىملار Skype نىڭ 4-نەشىرىگىچە لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە قىلىپتىكەن. (تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بۇ ئۈچەيلەنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز) %70 سۆزلۈكىنى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ Skype 5.3 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەييارلاپ چىقتىم.
لاتىن ھەرىپلىردىكى ئۇيغۇرچىسىدا مەسىج، بروۋسېر، SMS، پروفىل، فولدېر، ئىمپورتلاش.... دېگەندەك ئېنگىلىزچە پېتى ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم.( www.alip.biz )
.
.
.
5.3 ئەسلى ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈش ئادېرسى :http://download.skype.com/SkypeSetupFull.exe ياكى http://fs36.filehippo.com/7219/a ... SkypeSetup-Beta.exe
Skype ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش (بىۋاستە تىل ھۆججىتى lang)
(368.76 KB, چۈشۈرۈش سانى: 7035)
ياكى بوكىس تورىدىن چۈشۈرۈڭ ( .www.box.com)
Skype نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغان كېيىن ئىجرا قىلدۇرۇپ، قورال تىزىملىكىدىن تىل ئالماشتۇرۇش>تىل ھۆججىتى يۈكلەشنى بېسىپ، يۇقارقى ئادېرستىن چۈشۈرگەن تىل ھۆججىتى skype uyghur.lang نى كۆرسىتىپ بەرسەكلا ئۇيغۇرچە بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
......
..
بەزى ئۇچۇرلارنى بىۋاستە مۇلازىمېتىردىن ئوقۇيدىغان بولغاچقا، بەزى يەرلىرى ئۇيغۇرچە بولمايدىكەن. تىل ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بېرىپ، شۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرشكەندىلا ئاندىن %100 ئۇيغۇرچىلىشىدىكەن. شۇڭا ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولۇۋاتىمىز.
ئىملا خاتالىقى ۋە باشقا تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا خالىغانچە بەرسەڭلار بولىدۇ. مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشماقچى بولساڭلار
Skype نامىم: alipuyghur
MSN Messenger نى ئىشلىتەمسىز، Skype نىمۇ؟ تاللىۋېلىڭ، خىللىۋېلىڭ، ئىختىيار سىزدە. ئۇيغۇرچىنى چەكلەيدىغان QQ گە داۋاملىق يېپىشىۋېلىش ئەركىنلىكىمۇ سىزدە.
. ئەمدىن مىسسىنجىرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز (MSN)
MSN Messenger مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ توردا ئالاقە قىلدىغان دۇنياۋى يۇمشاق دېتالى. ئىقتىدارى QQ غا ئوخشايدۇ بەزى ئىقتىدارلىرى QQ دىن ياخشى. تارىخىمۇ QQ دىن ئۇزۇن. 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى MSN Messenger رەسمى تارقىتىلغان. 2001-يىلى تارقىتىلغان Windows XP گە 4.6 Messenger نۇسخسى قۇشىۋېتىلگەن. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 2011MSN Messenger ، Messenger نى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ھازىر 600 مىليوندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.
مەن 2011 MSN Messenger ۋە 2009 MSN Messenger نى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم. 2011 MSNMessenger نەشىرى Windows XP گە قاچىلانمايدىكەن. رايۇنىمىزدا Windows7 تۇللۇق ئومۇملىشىپ بولالمىغاچقا، Windows XP ۋە Windows7 لەردە ئورتاق ئىشلەيدىغان 2009 MSN Messenger نى قاچىلاش، ئۇيغۇرچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. Messenger 2011 نىڭ ئاساسى مەشغۇلاتى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
1. MSN Messenger نى قاچىلاش
نورمال ئەھۋالدا ھەقىقى نۇسخسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا MSN Messenger بىللە قاچىلانغان بولىدۇ. ئەمما رايۇنىمىزدا كۆپ تارقالغان ساختا نەشىردىكى Windows ۋە Ghost ۋىندوۋىسلاردا MSN Messenger ئۆچۈرۋېتىلگەن بولىدىكەن. كومپىيۇتېردا Messenger بولمىسا تۆۋەندىكى ئادېرستىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ.
http://wl.dlservice.microsoft.com/download/C/2/B/C2BF1A8F-AFC1-48CB-B04E-E3DEDAAA8DCF/zh-chs/wlsetup-web.exe
بۇ messenger 2009 نىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە نۇسخىسى. توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادېرسىتىن msnuy2009.exe دېگەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلدۇرسىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تاماملىندۇ.
ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى چۈشۈرۈڭ
.چۈشۈرەلمىسىڭىز بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
.
-
-
(2-رەسىم)
خەت نۇسخسى بەلگىلەيدىغان يېرىگە Alkatip خەت نۇسخسى قوشۇۋېتىلدى. ھەم يوقارقى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتنى ئىجرا قىلدۇرسا Alkatip خەت نۇسخسنى سىستېمىغا ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ.
2. ئىشلىتىش
ئىلگىرى تىزىملىتىپ ئېلىپ قويغان MSN ھېسابات ئىسمى بولسا يوقارقى 2-رەسىمدىكىدەك ھالەتتە بىرىنچى قۇرغا MSN ئې-خەت ئادېرسى، ئىككىنچى قۇرغا مەخپى شىفىرنى كىرگۈزۈپ بىۋاستە ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
MSN ھېساباتى بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ھەقسىز ئىلتىماس قىلىپ ئالسىڭىز بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن توردا باشقىلار بىلەن سۆزلەشكىلى بولىدىغان MSN Messenger ھىساباتى ۋە 25 گېگابايىت چوڭلۇقتا ئې-خەت بوشلۇقىغا ئېرىشىسىز.
2-رەسىمدىكى Windows Live ID بولمىسا يېڭىدىن تىزىملىتىڭ دېگەن خەتنى باسسىڭىز ئىلتىماس قىلىش بېتى ئېچىلدۇ.
-
-
مەن ئۇيغۇرچە ئىزاھات يېزىپ قويغان تەلەپ بويىچە كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ، بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىساق قوبۇل قىلىمەن ( 我接受) دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇنى باسساق بولىدۇ. خاتالىق ئۇچۇرى چىقماي، كېيىنكى بەتكە ئالماشسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. بىرەر كاتەك تەلەپ بويىچە تولدۇرۇلمىسا ماس خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈندۇ، شۇ تەلەپ بويىچە قايتا قىلساق بولىدۇ.
بۇنىڭدا QQ غا ئوخشاش شىفىر قوغداش... دېگەندەك مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى قىلمىساقمۇ ھېسابات ئىسمى ، مەخپى شىفىر دېگەنلەرنىڭ ئوغىرلىنىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن ئىشلىتىۋاتقان ھىساباتىمنى ئالغىلى 6 يىلدىن ئاشتى، بىر قېتىممۇ شىفىر ئۆزگەرتىپ باقمىدىم.
Windows Live ID نى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ (ياكى بۇرۇنقىسنى ئىشلىتىپ) كىرگەندىن كېيىن ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
--
(4-رەسىم)
توردا ئالاقە قىلدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئالاقە قىلدىغان ئادەم بولمىسا ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئالدى بىلەن قىلدىغان ئىشىمىز بۇ دېتالغا تورداش قوشۇش.
قارشى تەرەپنىڭ Messenger ئې-خەت ئادېرسنى بىلسەك 4-رەسىمدىكى تورداش قوشۇش تىزىملىكىنى باسىمىز.
-
-
(5-رەسىم)
5-رەسىمدىكى تەلەپ بويىچە قارشى تەرەپنىڭ ئادېرسنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسساق بولىدۇ. كومپىيۇتېردا ئالاقە قىلىش ئۈچۈن يانفۇن نومۇرى دېگەن تۈرنى تولدۇرمىساقمۇ بولىدۇ.
-
قارشى تەرەپنىڭ Messenger ئې-خەت ئادېرسنى بىلمىسەك 4-رەسىمدىكى تورداش ئىزدەش دېگەن خەتنى باسساق ئىزدەش بېتى ئېچىلدۇ. ئۇ يەردىن بىرەر ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىلغان ئادەمنى قوشۇۋالساق بولىدۇ. مەسلەن: turk دەپ ئىزدەتسە ئىسمىغا تۈرك دەپ يېزىۋالغان بارلىق ئادەملەرنى تېپىپ بېرىدۇ.-
-
باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندىكى ھالەت
Windows XP مۇھىتىدا كومپىيۇتېرغا ئەلكاتىپ دېگەندەك بىرەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلايسىز. ئاندىن word تا خەت باسقاندەك كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچىغا توغىرلاپ قويۇپ بىۋاستە بېسىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
Windows 7 ياكى ۋىستادا ئايرىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ھاجەتسىز. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋىندوۋىسنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋېتىلگەن.
يەنە، ئۇيغۇرچە قوللايدىغان يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىپ ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ.
-
ۋە باشقىلار
ئەگەر
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نورمال ئېچىلمىسا
بۇيەردىن ئېچىڭ ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدا پاراڭلىشىش قورالى MSN
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
تۈنۈگۈن قارىسام مىسرانىممۇنبىردە ئالىپ ئەپەندىنىڭ «ئالىپ MSN توپىقۇرۇلدى» دېگەن تېمائېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قارىسام كۆپلىگەن تورداشلار بۇ MSN نى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلەر بۇنىڭزادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. شۇڭا مەن بۇبۇنىڭدىن 1 يىل بۇرۇن تەييارلاپ قويغان يازمامنى قايتا كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغاسۇندۇم.
تۆۋەندىكى مەزمۇن ئالىپئەپەندىنىڭ «ئالىپ MSN توپى قۇرۇلدى» ناملىق يازمىدىن ئازراق ئۈزۈندە ئېلىندى.
MSNMessenger ئۇيغۇرچىنىمۇكەممەل قوللايدىغان دۇنياۋى تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى. بۇ دېتالنى ئىشلىتىشنىكۆپ تەۋسىيە قىلدۇق، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىمۇ قىلدۇق. لېكىن ئارىمىزدائىشلىتىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.
سىز بىز ئىشلەتمىگەن بىلەن بۇ دېتالنىڭ دۇنيا ئوخشاش تۈردىكى دېتاللار بازىدائىگىللىگەن نىسبىتى %40.67 .
پات ئارىدا Skpe نى سېتىۋالسا %70 دىن ئاشىدۇ. بىز مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتقان،ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان QQ نىڭ يەر شارىدىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى %4.95 .
ئەلۋەتتە بۇنداق تورداپاراڭلىشىدىغان دېتاللاردا پاراڭلىشدىغان ئادەم بولمىسا ئىشلەتكۈسى كەلمەيدۇ. شۇڭامەن VIP ئەزا بولۇپ MSN توپى قۇردۇم. كۆپچىلىكنى مۇشۇ توپقا كىرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.توپتا كومپىيۇتېرغا ئائىت پاراڭلارنى ئاساس قىلىپ باشقا پاراڭلارنىمۇ قىلىشىمىز.بىز ماشنا ئادەم بولمىغاندىكىن چارچىغاندا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك گەپ-سۆزلەربولسىمۇ بولىدۇ.
توپ ئادېرسى:
afrasyap@live.cn
بۇ ئادېرسنى MSN Messenger دا ئادەم قوشقاندەك قوشساڭلار بولىدۇ.
MSNMessenger ۋە ئۇيغۇرچىسىھەققىدە تۆۋەندىكى يازمىلاردا تەپسىلى سۆزلەنگەن.
ئۇيغۇرچە MSN Messenger
MSN Messenger نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش
Windows Live Messenger نىڭ يەر شارى IM بازىردىكى نىسبىتى %40 دىن ئېشىپ كەتتى
تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بۇنىڭدىن 1يىل بۇرۇن تەييارلىغان يازمام..
قېنى دىققىتىڭلار بۇ يازمامەزمۇنىدا بولسۇن.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
نىمىشقىكىن، مېنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مۇھەببىتىم باشقىچە يۇقىرى دېسە،ئىشىنەمسىلەر مېنىڭ بۇ گېپىمگە؟ بوپتۇ، ھازىرچە ئىشەنمىسەڭلار مەيلى، لېكىن ھامانبىر كۈنى ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.
مەن مەزكۇر تېما ھەققىدە ئىلگىرىمۇ يازما يولللىغان، لېكىن يېقىندىن بېرى خىزمەتمۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تېما ھەققىدە يەنە قايتا توختىلىش قارارىغا كېلىپ قالدىم.چۈنكى يېقىندىن بېرى خىزمەتتە باشقا خېرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا دائىم ئىككىتەرەپنىڭ QQ دا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۆلچەملىك قوللانماسلىقى سەۋەبدىن ھەدېسىلا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ قالىدىكەن.
مەن مۇشۇ QQ غا قارىسام باشقىلار ئانا تىلدا پاراڭلاشتىم دەپ لاتىن يېزىقىداپاراڭلىشىۋاتقان، قارىسىڭىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا بېكىتىۋالغان ئىپادىلەشئۇسۇلىمىز بار، مەسىلەن مەن «ش» ھەرپىنى «sh» بىلەن، «خ» ھەرپىنى «x»بىلەن، «ق» ھەرپىنى «q» بىلەن، «چ» ھەرپىنى «ch» بىلەن ئىپادىلىسەم يەنە بىر دوستىمىزبولسا، «ش» ھەرپىنى «x» بىلەن، «خ» ھەرپىنى «h» بىلەن، «ق» ھەرپىنى «k»بىلەن، «چ» ھەرپىنى «q» بىلەن ئىپادىلەيدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۆز پىكىرىمىزنى توغرائىپادىلەشكە ئامالسىز قالىمىز. گەرچە ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتىتى بىزگەئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ قانۇنلۇق تامغىسىنى بېسىپتارقىتىپ بەرسىمۇ، بىز ئۇنى قوللانماي، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ،يېزىقىمىزنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.شۇڭا مەن بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ دەردىنى ئازراق تارتىش ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنۇ يازمىنىيوللىدىم. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
قېنى ئەمىسە گېپىمىزنى باشلايلى:
توردا پاراڭلىشىدىغان ئالاقىلىشىش قوراللىرى بەك كوپ بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىقنىھەقىقى قوللايدىغانلىرىنى ھەم بىخەتەر، قۇلايلىقلىرىنى تاپماق بەك تەس. مەنسىلەرگە Microsoft شىركىتى ھەقسىز تەمىنلىگەن Messenger نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندە بۇدېتالنىڭ قىيما يۈز رەسىملىرىدىن بېرىلدى. تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.
ئالاھىلىدىگى:
1. بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئىشەنچىلىك
2. ئىشلىتىش ئاسان ھەم قۇلايلىق باشقا ئالاقىلىشىش قوراللىرىغا ئوخشاش ئايرىم نومۇر ئىلتىماس قىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت بىر دانە hotmail خەت ساندۇقىڭىز ياكى windows live id غا تىزىملىتىشقا خالىغان بىر خەت ساندۇقىڭىز بولسىلا بىۋاسىتە ياكى تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز.
3.يېڭى تىزىملاتقان جاغدىلا ئۆزىڭىزنىڭ باش رەسىمىنى چىقىرىپ ئىشلىتەلەيسىز. قارشى تەرەپ باش سۈرىتىڭىزنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا كۆرەلەيدۇ.
4. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ خۇددى word تا ئۇيغۇرچە يازغاندەكلا بىمالال ھالدا ئۇيغۇرچە يېزىق يېزىپ دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشالايسىز. ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق: Messenger غا نورمال تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن پاراڭلاشماقچى بولغان دوستىڭىزغا ئۇچۇر يوللايدىغان كۆزنەكنى ئىچىپ ئۇچۇر يازىدىغان ئورۇندا ئالدى بىلەن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنوپكىسىنى چېكىپ ئاندىن چىققان تۈردىن ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇش دېگەن تۈرنى ئىجرا قىلىمىز. ئاندىن كىيىن يېزىق تاللايدىغان ئورۇننى چېكىپ خۇددى word تا ئۇيغۇرچە يېزىق تاللىغاندەك ئۇيغۇرچە يېزىقنى تاللاپ يېزىشنى باشلىساق بولىدۇ.
يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
تورداشلار ھەممىسى بىلسە كېرەك، ئەگار بىزنىڭ Hotmail ئېلخېتىمىز ياكى live ئېلخېتىمىز بولسا، مىكروسوفت شىركىتى بىز ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن SkyDrive ھەقسىز 25GB لىق ساقلاش بوشلۇقى بار. بۇ بوشلۇققا ماتىرىيال يوللاشتا يەككە ماتىرىيال 50MB دىن ئېشىپ كەتمىسىلا سىز خالىغان شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى بۇ بوشلۇققا يوللاپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز يوللىغان ماتىرىياللارنى شەخسي قىلىپ تەڭشەپ قويمىسىڭىزلا، باشقىلار (سىزنىڭ دوستلىرىڭىز، يەنى سىزنىڭ ئېلخەت ياكى MSN دېكى دوستلىرىڭىز) سىزنىڭ يوللىغان ماتىرىياللىرىڭىزنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ.
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7988191.html ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ :http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7487494.html
ئەلپىدا كىرگۈزگۈچىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7538399.html
ئاخرىدا ئەممىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئانا تىل يېزىقىمىزدا بەھوزۇر ھالدا پاراڭلىشىش مەقسىتىگە يېتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
MSN نى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا داۋاملىق يازما يوللىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى دىتاللارنى شىفىردىن يىشىشتە مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلسا مەخپىي نومۇرى بىردەك:www.ilqut.com ئاخرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئانا تىل يېزىقىمىزدا بەھوزۇر ھالدا پاراڭلىشىش مەقسىتىگە يېتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
بۇ تېما مىسرانىم مۇنبىرىگە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يوللانغان بولسىمۇ ، مىسرانىم سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قايتا رەتلەش ،سېستىما يېڭىلاش مۇناسىۋەت بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن ، شۇڭلاشقا تەستىقلاپ قويۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈ قىلىمەن.
ۋە باشقا تورداشلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن دەپ: شاھزادە8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-17 02:21 PM
|