ھايات نىداسى
ھايات گۈزەل تۇرمۇش تۇلىمۇ رەڭدارلىققا تولغان.ئادەمنىڭ ھەر بىر كۈنى ئۇخشاش بىررېتىمدا بولمايدۇ.بۈگۈن خۇشال ئۆتسىڭىز ئەتە قايغۇرۇپ ئازاپلىنىسىز...بىرسائەتنىڭ ئالدىدا تىمەن تۇرغان ئادەم ،بىرسائەتتىن كىيىن بۇدۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بۇلىدۇ...ھاياتنى يەنە كىيىنكىلەر داۋاملاشتۇرۇپ ياشايدىكەنمىز...بۈگۈن ئۆزۈمگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشلارنى ئويلاپ نۇرغۇن سۇئاللار كاللامدا پەيدا بولدى.مەن سۇئال سوراشنى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ ئادەمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدىغان چىرايلىق گۈللەردىن باشلاش قارارىغا كىلىپ، تەشتىكىمدىكى ئېچىلاي دەپ قالغان غۇنچىدىن:
-سىلەر تۇلۇق ئېچىلغاندا خۇش-پۇراق چىقىرىپ ،ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلسىلەر؟بىزسىلەرگە سۇقۇيۇپ پەرۋىشلا قىلىپ بەرسەك بۇلىدۇ.سىلەرنىڭ بىز ئىنسانلاردەك كۆپ ئىشلىرىڭلارمۇ يوق،تالاش تارتىش جىدەل -ماجرايىڭلارمۇ يۇق؟يەنە كۈن بۇيى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بىزگە ئۇخشاش ئالدىراش ئۆتمەيسىلەر؟بىزھارغىنلىق ئىچىدە ھەر خىل ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ چالۋاقاپ كەتكەندە ...سىلەر بىزگە قاراپ قانداق ھىسياتتا بۇلسىلەر؟-دەپ سورىسام.غۇنچە سۇئالىمغا جاۋاپ ئىزدەپ ئېغىر سۈكۈتكە چۈمدى.
گۈللەردىن جاۋاپقا ئىرشەلمىگەن ،سان-ساناقسىز سۇئالىم كۆك ئاسماندىن جاۋاپ ئىزلىمەكچى بۇلۇپ،كۆك قەھرىدە ئۇچۋاتىدۇ،گاھى يۇلتۇزنىڭ ئۈستىدە گاھى ئاينىڭ ئۈستىدە ئۇچىۋاتىدۇ. باسقان يوللىرىغا چوڭقۇر ئىزلار چۈشكەنىدى.ئۇ ئەمدى بارا-بارا بۇگۈزەل دۇنيادىكى ھايات قاينىمىغا كىرىپ كېتۋاتاتتى...تۇساتتىن كۆزىگە يۇرۇق بىر نۇر كۆرۈندى.بۇ نۇرنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن سۇئالىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بۇلۇپ سەكرەپلا كەتتىم.
كۆزىمنى چوڭ ئېچىپ بۇ نۇردىن سۇئالىمغا جاۋاب ئىزدىمەكچى بۇلۇپ،كۆزۈمنى ئاچسام بۇ نۇر ئاللىقاچان يوق ئىكەن.ئەمما قەلىب قات-قېتىمغا قۇنۇپ قالغان،بۇ ئىللىق نۇرنىڭ كۈچلۈك ھارارىتىن ھۇجۇدۇم لەرزىگە كىلىپ ،نۇرغۇن جاۋاب تاپالمىغان سۇئالىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.ھاياتنىڭ تۇلىمۇ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى مانا بۇ نۇرنىڭ ھارارىتىدىن ھېس قىلدىم.
بۇندىن كېيىن ھاياتلىق يۇلىدىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردا ئالدىمغا مەيلى قانداق ماڭغىلى بولمايدىغان يول يۇلۇقسۇن،تەمتىرەپ قالماي ئۆز نىشانىم بىلەن توختاۋسىز ماڭىمەن.
يالقۇنلاپ كۈيۈۋاتقان ئاتەش ئىچىدە،
تۇغۇلدۇم دۇنياغا يىغامدىن ئىسسىق.
ھارارەت ئەيلىدى بۇزىمىن شۇئان،
ئەللەيلىتىپ قوينىغا ئېلىپ ئىللىق.
گاھىدا تۆكۈلدى ئىسسىق نۇر بۇلۇپ،
سىنىدى باھار قىشنى مۇجەسسەم قىلىپ.
توڭلارمۇ ئىرىدى ئىللىق مېھرىدىن،
باھارنى ئۆزىگە ھەمراھى قىلىپ.
ئەتراپ تولدى باھار گۈللىرى بىلەن،
ھاياتلىق يۇلىغا نىشانلار قۇشۇپ.
ئاتەشتىن تۇغۇلغان ئىنسان قوقمايدۇ،
ھەر قاچان غايەت زور جاسارەتكە تۇلۇپ.
ئالدىمدا ئۇزاق يول زاماندىن قالغان،
ماڭىمەن ئاداشماي بۇ يولدا مەڭگۈ.
سىنىلاي مەن مەيلى قانداق ئۇسسۇلدا،
كۆرمەسكە چارەم يوق بۇنى بەرھەققۇ؟
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-17 01:04 AM