مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 18

تاققا-تۇققا پاراڭلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 12:40:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاققا-تۇققا پاراڭلار(1)






▲پاسىق ئەمەلدارنىڭ سۈپەتلىرى نېمىدۇر؟ تېخىمۇ چوڭراق ئەمەل سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتمايدۇ؛ قەدىناس جۆرىسى پارا ئالسا، شىركەت قۇرسا، چوڭراق ئەمەلدارغا ھەمراھ بولسا باشقۇرۇپ يۈرمەيدۇ؛ «بويۇنتاۋاق»لارنى ئەدەپلەپ تۇرىدۇ؛ مەيدانى بولمايدۇ، تۈكنى يېتىشىغا سىلايدۇ؛ پارا ئېلىش، پارا بېرىش، خىيانەت قىلىشتىن قورقمايدۇ؛ ئەمەل سودىسى قىلىدۇ؛ مېنىڭ دېگىنىم قانۇن دەيدۇ؛ ھارام-ھالالنى ئايرىمايدۇ؛ مال-دۇنيا ۋە مەنسەپ ئۈچۈن ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىدىن، غورۇر-ئىمانىدىن كېچەلەيدۇ.

▲بەزى دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكات دېگەن ئالدامچىكەن، يالغانچىكەن، توخۇ يۈرەك، جانباقتىكەن، دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. شۇنداقلىرىمۇ باردۇ. ھەممە ئۆز خىلىنى تاپىدۇ، دېگەندەك، بەزى پاسىق ئادەملەر ناكەس ئادۋوكاتلارغا ئۇچراپ قېلىپ، ھەممە ئادۋوكاتنى شۇنداق دەپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەققانىيەت يولىدا ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ئالدىدا ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىنى قوغدايدىغان، ئىمانى پاك ئادۋوكاتلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمەن.
ناكەس ئادۋوكات قانداق بولىدۇ؟ سودىيە بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدۇ؛ دەۋادا ئۇتۇپ بېرىمەن دەپ يالغان ۋەدە بېرىدۇ؛ سوتقا تەييارلىقسىز چىقىپ، ئوسالچىلىققا قالسا، سودىيە قارشى تەرەپ بىلەن بىرلىشىۋاپتۇ، دەپ تۆھمەت قىلىدۇ؛ سودىيەنى سېتىۋېلىشقا ئۇرىنىدۇ ياكى «جىنسىي پارا بېرىدۇ»؛ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، گۇۋاھچىنى يالغان ئىسپات بېرىشكە كۈشكۈرتىدۇ؛ قارشى تەرەپكە سېتىلىپ كېتىدۇ؛ كەسپداشلىرىنى قەستەن كەم سۇندۇرىدۇ؛ ئادۋوكاتلىقنى پۇل تېپىش يولى دەپلا بىلىدۇ. «ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدۇ». ناكەسلەر ھامان شاللىنىدۇ.

▲ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بەلگىلەنگەن. قانداق قىلمىشلار ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ؟ مەيلى ئادەتتىكى كەنت مۇدىرى بولسۇن ياكى ھاكىم بولسۇن، قانۇندىن ساۋاتسىز دېرىكتور ياكى قانۇنغا پىشقان سودىيە بولسۇن، پۇقرانىڭ ھوقۇقىنى خالىغانچە تارتىۋالسا، خالىغانچە قاماپ قويسا، ئۆيىنى چېقىپ مەجبۇرىي كۆچۈرىۋەتسە، ئەرز قىلسا ئۆچ ئېلىپ زەربە بەرسە، دەۋا قىلسا ئادىل سورىمىسا، ساقال-بۇرۇت قويسىمۇ ھاقارەت قىلسا، بۇ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ.

▲قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر، دەيمىز. شەھەرلىك پۇقرا بىلەن يېزىلىق دېھقاننىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن پەرقلىنىدىكەن. بىر دوكتۇر: ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئۆلىدىغان بولسا، شەھەرلىكتىن بىرىنىڭ ئورنىغا سەھرالىقتىن ئۈچى ئۆلسۇن، جىددىي قۇتقۇزۇش توغرا كەلسە، ئۈچ سەھرالىق تۇرۇپ تۇرسا مەيلىكى، شەھەرلىكتىن بىرنى قۇتقۇزايلى، شەھەرلىكنىڭ جېنى قىممەت ئەمەسمۇ، دەپ كىنايە قىپتۇ. نامۇۋاپىق قانۇن تېخىمۇ كۆپ ناھەقچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، پۇقرانى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ، قانۇنغا ئىشەنمەس قىلىپ قويىدۇ.


▲پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىشتىن باشقا يەنە بىر خىل چىرىكلىك بار: قانۇن-ئىنتىزام تونىغا ئورىنىۋېلىپ، قانۇنلۇق شەكىل ئارقىلىق، قانۇنسىز مەقسەتكە يېتىش. مەسىلەن: ئۆگىنىش-تەكشۈرۈش نامى بىلەن سەيلى-ساياھەت قىلىش، قۇرۇلۇش ھۆددە بېرىش، خېرىدار چاقىرىشتا، ئىشنى ئالدىن توغرىلاپ قويۇپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دېگەننى باھانە قىلىپ، جىنايەتچىگە چاپان يېپىپ، مۇناسىۋەت دېلوسى بېجىرىش. بۇنداق چىرىكلىكنىڭ دەرىجىسى «يۇقۇرى»، ھەرىكىتى ئاشكارا، كۆرۈنۈشى قانۇنلۇق بولىدىكەن.
دۇنيادىكى ئەڭ پاك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى ئەڭ مۇكەممەل، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشى ئەڭ بالدۇر، قانۇننىڭ نوپۇزى ئەڭ يۇقۇرى بولغان. چىرىكلىك ئېغىر ئەللەردە دۆلەتنى قانۇن ئەمەس، ئادەم ئىدارە قىلغان، ھوقۇق قانۇندىن ئۈستۈن تۇرغان، تايىنىدىغان قانۇن يوق بولغان. چىرىكلىكنى تۈپ مەنبەدىن تۈزەش ئۈچۈن قانۇن-تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان مۇھىتنى يوقىتىش زۆرۈر.

▲ئەمەلدارلارنى «چاكار»، ئاۋامنى «خوجايىن» دېيىشىدۇ. ئەمەلدارلار خاتالاشسا، تۇرمىغا كىرمىسە، پارتىيىلىكىدىن، خىزمىتىدىن ھەيدىلىپ، ئاۋام-پۇقرا قىلىنىپ، «چاكار»لىقتىن خوجايىنلىققا ئۆستۈرىلىدىكەن. ھەر يىلى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان پۇقرالار شۇنچە كۆپكەن. يەنە بەزىلەر ئەمەل-مەنسەپ تەلەپ قىلىپ ياكى ئاقچا بېرىپ مەنسەپ سېتىۋېلىپ،  «خوجايىن»لىقتىن «چاكار»لىققا چۈشىۋالىدىكەن. چاتاق زادى قەيەردىن چىققاندۇ؟

▲ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يېمەكلىك سۈپىتى تەكشۈرىلىدۇ؛ بىنا ئۆرۈلگەندىن كېيىن قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ؛ پالانچى باشلىق تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن پاكلىق ئۈستىدە مۇھاكىمە باشلىنىدۇ؛ بەدەل تۆلىگەندىن كېيىن ئەخلاق-ئىنساب ھەققىدە ئويلىنىدۇ.

▲يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر: يىغىندا تەدبىر بەلگىلەيدۇ، ھۆججەت تارقىتىدۇ، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلمايدۇ؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبەرلەر: يىغىندا ھۆججەت ئوقۇپ، ھۆججەت روھىنى يەتكۈزىدۇ، ئىجراسى بىلەن كارى بولمايدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلەر: يىغىندا چاۋاك چېلىپ، قانداق قىلىۋاتقان بولسا، شۇنداق قىلىۋېرىدۇ؛ خەلق ئاممىسى: ھەقىقەتەن ياخشى ھۆججەتكەن، چاتاق يېرى، ئىشلار شۇ پېتى كېتىۋەردى.

▲ئەخلاق ئارخىپى، ئىناۋەت -سەمىمىيەت خاتىرىسى تۇرغۇزۇش ئەسلى ياخشى تۈزۈم، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمە شارائىتىدا بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، نەچچە يۈز مىليونلاپ خىيانەت قىلىدىغان، پارا ئالىدىغان، نەچچە ئونلاپ سەتەڭلەر بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ، ئەڭ رەزىل -پەسكەش ئىشلارنى قىلىدىغان پىسەندە-پاسىق ئادەملەرنىڭ ئەخلاق ئارخىپى شۇ ئادەمنىڭ پەيمانى توشۇپ ھەپسىگە چۈشمىگىچە ئەڭ ئېسىل، ئالىيجاناب زات ھالىتىدە خاتىرلىنىشىگە گەپ كەتمەيدۇ.
(ئابلاجان تۇردىنىڭ مىكرو بلوگىدىن ئېلىندى)
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=561

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-17 12:40 AM  


ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10342
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7738 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 01:25:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى  مەمەتجان  ئەبەينىڭكىنى ئاڭلايدىغان  ئوخشايمىز دىسەم  ماندامىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawayi-0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-17 01:26 AM  


ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3502
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 8883
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 02:06:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى، تىمىلار سەرخىللىشىپ كىتىپتۇ.

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9832
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5934
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 10:46:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەممىسى ئەمەلىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 01:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى، تىمىلار سەرخىللىشىپ كىتىپتۇ.

تور دۇنياسدىكى تاللشىڭز مىسرانىم   تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 01:50:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تور دۇنياسدىكى تاللشىڭز مىسرانىم   تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 07:10:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تاققا-تۇققا پاراڭلار» ئىنكاس شەكلىدە داۋام قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 07:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲«ئالۋاڭنى گالۋاڭ تۆلەيدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇنى «قانۇنسىز ئالۋاڭنى گالۋاڭ تۆلەيدۇ» دەپ ئۆزگەرتىش زۆرۈر. بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇن ئېڭى يوق، ئالۋاڭ دەپ كەلسە، قانۇنلۇقمۇ، قانۇنسىزمۇ دېمەي تۆلەۋېرىدۇ. قايسى قانۇندا، قانچىلىك تۆلەش بەلگىلەنگەن، دەپ سوراپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەزى قانۇنسىز ئالۋاڭچىلار يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، قانۇنسىز ئالۋاڭنى قانۇنلۇق ئالۋاڭدىنمۇ كۆپرەك ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشىدۇ.10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 07:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲قايسى بىر سورۇندا بىرسى قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئوغرى بولسام، پارىخور ھاكىم، خىيانەتچى سېكىرتار، قويمىچى ھۆددىگەر، ئاچكۆز دوختۇر، ساختىپەز سودىگەر، ئالدامچى دورىگەرلەرنىڭ پارا ئېلىپ، ئەمەل سېتىپ، كۆز بوياپ تاپقانلىرىنى سوقۇۋالاتتىم، لېكىن، ئۇلارمۇ ماڭا ئوغرىلىتىپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس. يالاڭتۆش دېھقاننىڭ، ئىش ئورنىدىن قالغان خىزمەتكارنىڭ، ئىش ھەققى نېسى قالغان ئىشلەمچىنىڭ ئوغرىلىغىدەك نېمىسى بار دەيسىز؟11

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 05:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲موشۇ ئاي، موشۇ كۈنلەردە مەنسەپدار بولۇشقا خۇشتار ئادەملەر كۆپىيىپ كېتىپتۇ. بىرەر سورۇندا بولۇپ قالسىڭىز، كىملەرنىڭدۇر قانداق يوللار بىلەن قايسى بىر ئورۇنغا مەنسەپدار بولغانلىقى، بولىۋاتقانلىقى، بولماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاۋېرىپ، بىرەر مەنسەپنىڭ پېشىنى تۇتمىسا بولمايدىغان چاغ بولۇپ قالدىمۇ نېمە دېگەن ئويغا كېلىپ قالىسىز. بەزى ئورۇنلاردا، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە بىر مۇنچە ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىنىڭ رەسمىي دەپتەردە يوقلۇقىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ، غالچىلىق قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن.12

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش