مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1199|ئىنكاس: 26

توي شاتلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 08:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                                            توي شاتلىقى                                                                     ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم   مىسرانىم توربىتىدىكى بارلىق تورداشلار مۇنبەرداشلار ۋەبارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار سىلەرگە چىن كۆڭلىمدىن سالام يوللايمەن ،مەن مۇنبەر يېڭى ئەزاسى (ئەركىنجان)بۇلىمەن مۇنبەردىكى ئسمىم<ئويغان ئوغۇل>بۇ ئسىمنى شۇسەۋەبتىن قويدۇمكى شۇكۈندىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ ئمانىنى ئېتىقادىنى ۋە شۇنداقلا قەلىب روھىمنى ھەر ۋاقىت ئويغىتىپ تۇراي دىدىم ، بىلىمىم چەكلىك ئەمما بىلىمگە ئنتىلىش روھىم چەكسىزدۇر، شۇسەۋەبلىك يازغان بۇ تېمام تازا ياخشى چىقىشى ناتايىن شۇنداقتىمۇ ئۈمۈدىمنى ئۇزەلمەي يېزىشقا ئاتلاندىم.  ئەمدى نەق تېمامغا  كەتتىم.                                                                                                       .قاراڭلا بالىلا ھەبىبۇللاھ تاغىنىڭ ئۈيىدە توي بوپتۇ قىزى ئەسما ھەدىنى مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەمدۇللاھ تاغىنىڭ ئوغلى سەيدۇللاھ ئاكىغا بىرىپتۇ، بالىلار يۈگرىشىپ كىتىپ قالدى،   مانا مەنمۇ شۇتوي شاتلىقىغا تەڭ جۆر بۇلۇش مەقسىتىدە ئالدىراش كىتىۋاتىمەن،....توي تازا قىززىۋاتىدۇ ھەممە كىشىلەر ئالتۇن تېپىۋالغاندەك قەۋەتلا خۇشال ئىدى ،..مەھەللىدىكى ياش قىز يىگىتلەر ئازادە بىر ئۆيدە قاتار تىزىپ قويغاندەكلا ئولتىرشاتتى،بىر بۇلۇڭدا نەچچە يىگىت نىمىلەرنىدۇر كۇسۇرلىشىۋاتاتتى قارشى تەرەپتىمۇ نەچچە قىزلار ئوخشاشلا كۇسۇرلىشىپ يىنىك كۈلۈشىۋاتاتتى، بىراق قىزبىلەن يىگىت بەك خۇشاللىقىدىنمۇ ياكى قايغۇغا چۆمدىمۇ قانداق چوڭقۇر خىيالغا پاتقانىدى،..... قىز_ (خىيالى) ئەي ئانا نىمە بولدىڭىز ئىچىدە نىمىنى ئويلايدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان دادامغۇ قوشۇلسۇن سىزمۇ قۇشۇلغىنىڭىز نىمىسى ؟ مەندىن شۇنچە بىزار بولغانسىزمۇ؟ مەندەك كىچىككىنە قىزڭىزنىڭ يالۋۇرىشلىرغا قاراپمۇ قويماي تويۇمنى قىلدىڭىز بۇ نىمە ئۈچۈن؟ مەن تېخى كىچىك ئىدىمغۇ؟ ئاھ _خۇداھ  مىنىڭ قىسمىتىم زادى قانداقتۇ؟ شۇ يىگىت مىنىڭ ئۆمۈرلىك ھەمرايىم ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىم شۇمىدۇ؟  ئەگەر ئەمەس بولسا يەنە نىمە قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلارمەن ؟ قىز كەلگۈسىگە كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن ھەي بۇرۇنراق ئۈلۈپلا كەتسەم بولماسمىدى ھە ؟ ...ھېلىمۇ كىچىكمەيمەنغۇ چىقىپلا دادام زىرائەتكە تەييارلاپ قويغان ھېلىقى دورىنى ئىچىپلا....ياق_ ئەستەغپۇرۇللاھ مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتكەندىمەن ئۇنداق قىلسام مېھرىبان ئانام ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلەيدىغان ئەشۇ كۈيۈمچان دادام قانداق قىلىدۇ ؟ ئاللاھ چۇ  ؟ پەقەتلا كەچۈرمەيدۇ  ئاھ ئىگەم ئاللاھ گۇناھىمنى كەچۈرگىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىردىن ساقلىغىن سەن ئەڭ ئۇلۇغدۇرسەن بوۋىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كىلۋاتقان بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرۈپ_ئادىتىگە ئايلانغان شۇ ئۇلۇغ توي كۈنۈمدە نىمىلەرنى ئويلاپ كەتكەندىمەن،...ئىھ_ ئۇلۇغ ئاللاھ_ ساڭا شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى ،مىنىڭ بۇدۇنياغائاپىرىدە بۇلشىمغا سەۋەپچى بولغان شۇ ئاتا_ ئانامغا ئۇزۇن ئۆمۈر مۇستەھكەم ئېتىقاد ياخشى ئەمەللەرنى تىلەيمەن،يېنىمدىكى شۇ يىگىتنىڭ دىلىغا ئىمان ئاتا قىلغايسەن مۆئمىن كىشلەرنى دوست قىلغايسەن ياخشى ئىشلارنى ياخشى ئەمەللەرنى ھالالدىن يەپ ھالالدىن تېپىشنى توغرا يول قىلىپ كۆرسەتكەيسەن،ئككىمىزنى ئىككى دۇنيالىق ھەلال جۈپلەردىن قىلغايسەن.   يىگىت_ (خىيال) ئىھ_ ئاللاھ بەرگەن كۈنلىرىڭىزگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى قىز بىلەن ھالال جۈپلەردىن قىلغايسىز  دەرگاھىڭىزدىن ياخشى،مۆئمىن،سالىھـ پەرزەنىتلەرنى بەرگەيسز ئى ئاللاھ ئەي ئانا،ئەي دادا ئاللاھ سىلەرنى جەننەت ئەھلىدىن قىلغاي،مەن سىلەربولغاچ پاك دىيانەتلىك،ئىمانلىق،ئىخلاسمەن بىرقىزغا ئۆيلىنىۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن دىگەنلەرنى ئويلىغاندەك قىلاتتى.  ئاتا_ئانىلار بولسا توي ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ئەمما ناھايتى خۇشال ئىدى... كەچمۇ بولدى قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۈچۈرىلدى،ئوننەچچە قىز_يىگىـلەر ئىككىيلەننىڭ بەختىگە دۇئا قىلىپ بىر_بىرلەپ كىتىپ قېلىشتى، چوڭلار ئالدىراش قاتراپ يۈرەتتى ھۇجىرا ئۆيدە قىز بىلەن يىگىـت يالغۇزلا قالدى.... ئۆي ئىچىنىڭ جىمجىتلىقىدىن ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ تىنىق ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرۋاتاتتى،..بىر ھازاجىمجىتلىقدىن كىيىن يىگىت گەپ ئاچتى.   يىگىت _ ماڭا بىر قارىڭە ئەسما    قىز دىن سادا چىقمىدى  يىگىت يەنە سورىدى سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ماڭا قارىڭە...      قىز _ گىپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ.     يىگىت _ سىز قارىمىسىڭىز مەن گەپنى كىمگە دەيمەن.       قىز _ گىپىڭىزنى كۆزۈم بىلەن ئەمەس قۇلىقىم بىلەن ئاڭلايمەن دەۋىرىڭ.     يىگىت _ بىرىق.... بىرىق مىنىڭ  كۆزىڭىز گە قاراپ تۇرۇپ دىگۈم  بارىدى شۇ گەپلەرنى .  قىز _ بىراق مەن شۇ...   شۇ قىز گەپ قىلالماي قالدى،  يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى .   خېلى ۋاقىتتىن كىيىن يىگىت يەنە گەپ قىلماقچى بۇلۇپ قىزغا شۇنداق قارىۋىدى....ئاھ خۇدا... مۇھەببەت شۇنداق بۇلامدىغاندۇ..؟قىزبىلەن يىگىتنىڭ كۆزلىرى ئۇچىراشتى، ھەر ئىككىسىگە بىر ئوت..مېھىر_ مۇھەببەت مۇجەسسەملەشتى، چۈنكى شۇچاغدا قىزمۇ يىگىتكە گەپ قىلماقچى بۇلۇپ قارىغانىدى،يىگىت قىزنىڭ كۆزىگە بىر قاراپلا ئىشىتتىن قورىققاندەك ھۇدۇقۇپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ يەنە سۆزلىدى،    يىگىت _ ماڭا قاراڭە    قىز _ خىجىل بۇلىدىكەنمەن دىدى قىز،  يىگىت _ نىمىگەخىجىل بۇلىسىز بىز بۈگۈندىن باشلاپ جۈپتى ھەلال نىكاھلىق ئەرـ ئايال بولدۇققۇ ؟     قىز يىگىتكە قارىدى،يىگىتمۇ قىزغا قاراپ ئولتىراتتى، يىگىت سۆزلەشكە باشلىدى.   يىگىت ـ مەن سىزگە نەزەر سېلىپ يۈرگىلى خېلى بولغان (گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ) دىگەندەك ئانام سېزىپ قېلىپ دادامغا دەپتۇ  دادام سىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى كۈزىتىشكە ئادەم قۇيۇپتۇ، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ئانام بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، مەن بۇنى كىيىن ئۇقتۇم بىراق شۇنداق خۇش بولدۇم چۈنكى سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئەسما راس مەن سىزنى ئۆلگۈدەك سېغىندىم،مەنسىزنى سۆيىمەن مەڭگۈ بىر سىزنىلا سۆيۈپ ئۆتىمەن سىزدىن ئۆلگىچە ئايرىلمايمەن .   سىزچۇ ؟سىز قانداق ئويلايسىز ؟ بۇ تويدىن رازىمۇ سىز ؟  قىز ـ نىمىنى ئويلىدىكىن تاڭ  بەلكىم يىگىتنىڭ كۆڭلىنى دەپ شۇنداق دىگەندۇ  _  مەنمۇ سىزنى كۈزەتكىلى خېلى بولدى بىراق ئۆزەمنى تېخى كىچىك دەپ بۇ ئىشلارنى بۇنچە تېز كىلەر دەپ ئويلىمىغانتىم دىدى قىز،     يىگىت _ ئۇنداقتا بۇ تويغا...؟  قىز _ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن بۇ تويغا رازىمەن ئېيىتتى قىز.      يىگىت توساتتىن ئۇ ھـ  دەۋەتتى، قىزسورىدى يىگىتتىن _ نىمىگە ئۇھ ـ دەيسىز ؟ .... قىز _ يىگىت ئەمدى چىقىشىپ قالغاندەك قىلاتتى،...يىگىت _ چاقچاق قىلىپ  ئەگەر ياق دىگەن بولسىڭىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىر تەستەك بىلەن قوغلاپ چىقىراتتىم دىدى كۈلۈپ قۇيۇپ،   قىز _ ئازراق ئۆڭۈپراق شۇنداق قىپ بېقىڭە قېنى دەپ يىگىتنى يىنىك نوقۇپ تەتۈر قاراپ ئولتىرۋالدى ، يىگىت _  ئۈنسىز كۈلۈپ مانا ئەمسە دەپ قىزنى يىنىك قۇچاقلاپ ئەركىلەتتى. (ئەي شەپقەتلىك ئاللاھ شۇبىرجۈپ ياشنىڭ بەختىگە بارچە ئادەم دۇئا قىلۋاتىدۇ، بۇ دۇئالارنى پەقەت سەنلا ئىجابەت قىلىسەن ، پەقەت سەنلا ھەقىقى ھۆكۈم قىلغۇچىسەن، ئىھ ئاللاھ شۇ بىرجۈپ ياشنى ۋە بارلىق مۆئىمىن، مۇسۇلمان ياشلارنى ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپلەردىن قىلغايسەن) ئامىن .                                                                                                           
    دوسلار مەن توي قىلىپ باقمىغان شۇڭا بىلىمىم ئاز ئەقلىم چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك شۇنچىلىك يازالىدىم  . ئەگەر ئاشۇرۋەتكەن ياكى كەم قالغان يەرلىرى بولسا ئەشكەرتىپ قۇياسالە  يەنە ۋەقەلىكتىكى ئىسىملار مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ئىسىملەر ئەگەردە سڭلەر دىمۇ ياخشىراق ئىسىملەر بولسا ئېغىر كۆرمەي يوللاپ قويساڭلار    رەھمەت كۆپچىلىككە...!
                          

                                               مەنبە: ئۆز قەلىمىم تەۋرىدى(ئەركىنجان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-17 02:26 AM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 08:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلا  مەن يېڭى ئەزا بولغانلىقىم ئۈچۈن قۇر بېشىنى تۆۋەنكى قۇر غا  چۇشىرەممەي بەك قىينالدىم    ئۇلاپ يېزىلىپ قالدى  ئەپۇ  قىلىڭ  لار  ھە   رەھمەت

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

تىرىشچان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15861
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6592 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ . داۋاملىق ئەسەر يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .  

                                                                  تەكلىپ
سىز ئوغۇل بالا بولغاندىكىن باش سۈرتىڭىزگە ، باشقىچە سۈرەت چىقىرۋالغان بولسىڭىز بوپتىكەن .

ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن . بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000 مىڭى بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 10:40 PM
ياخشى چىقىپتۇ . داۋاملىق ئەسەر يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قى ...

رەھمەت مەن تەبئىلىكنى ياخشى كۆرىمەن كىيىن ئۆزگەرتىۋالاي دىسەم قانداق دەيسىز  ؟

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17996
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3026
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 10:40 PM
ياخشى چىقىپتۇ . داۋاملىق ئەسەر يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قى ...


  بۇ تەكلىپ جايىدا ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغان ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .بۇندىن كىيىن تىخمۇ تىرشىسىڭىزلا بۇنىڭدىن ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايسىز. ئادەمنىڭ قابىليىتى بىركۈندىلا يېتىشىپ چىقمايدۇ .مانا مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن يېغىلدىغان گەپ تىخمۇ تىرىشىڭ. ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ۋەدىسنى ئۇنۇتماڭ.
شۇكۈندىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ ئمانىنى ئېتىقادىنى ۋە شۇنداقلا قەلىب روھىمنى ھەر ۋاقىت ئويغىتىپ تۇراي دىدىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   torqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 11:38 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4973
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48826
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 12:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى  مەزمۇندىكى تىللار  ھېكايىنڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپتۇ،تۇنجى ھېكايىڭىز بولسىمۇ خېلى ياخشى چىقىپتۇ ....

تەكىلپ:ھېكايىنىڭ بېشى ،ئاخىرى يوق ،قاق ئوتتۇرىدىنلا  يېزىلغاندەك بىلىنىپ قالىدىكەن ئوقۇغان ئادەمگە،ئىملا خاتالىقى خېئى كۆپ كۆرۈلۈپ قاپتۇ،بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلارسىز،ھېكايىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئىش ئادەمگە باغلىق!!!

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8233
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 2855 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 12:59:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىشقا پۇتۇشكەن سۆيگەن يارىمغا ئايرىلىش تەكلىپىنى قۇيۇپ ، بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ ، ئىچىم ئاچچىق ھىسياتقا تولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن  . ..................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................

ھۇرۇنلۇق ئادەمنى باشلار زاۋاللىققا.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش