|
|
|
|
بوكىس ئەزمىتىمىز-زۇلپىقار مەمەتئېلى يەنە چىمپيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇ شىنجاڭ بوكىس كوماندىسى، روسىيە دۆلەتلىك بوكىس كوماندىسى، قىرغىزىستان دۆلەتلىك بوكىس كوماندىسى ماھېرلىرى ئارسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بوكىس تەكلىپ مۇسابېقىسىدە ياش ماھىرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى رەقىپلىرىنى يېڭىپ بۇ قېتىملىق مۇسابېقىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى فېلىمدىن كۆرۈڭ:
گۇرۇپپا مۇسابېقىسى بوكىس ماھىرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى بىلەن روسىيە ماھېرى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابېقىدە، ماھىرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى رەقىبىنى يېڭىپ مۇسابېقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابېقە نەتىجىسى: چوڭ نۇمۇر: 8 گە قارشى 8 نۇمۇر كىچىك نۇمۇر: 48 گە قارشى 53 نۇمۇر.
ھەل قىلغۇچ مۇسابېقىسى بوكىس ماھىرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى بىلەن روسىيە ماھېرى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابېقىدە، ماھىرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى رەقىبىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابېقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابېقە نەتىجىسى: چوڭ نۇمۇر: 6 گە قارشى 16 نۇمۇر
زۇلپىقار مەمەتئېلى
زۇلپىقار مەمەتئېلىنىڭ 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە ئۆتكۈزگەن خەلقارالىق 12 دۆلەت بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.dolanlik.com/thread-381-1-1.html
ئاخىرىدا بۇ ياش بوكىس ئەزمىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپ قۇچىشىغا چىن دېلىمدىن تېلەكداشمەن !
|
|
|
|
|
|