|
|
|
|
ئائىلە سىزنىڭ! لېكىن بالا مىللەتنىڭ!
ئۇ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى، بالىنى تېپىپى قويسىلا بولمايدۇ، ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ، ئوقۇتۇپ مەلۇماتلىق بىلىم ئىگىسى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش بىز ئاتا ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىمىز.
ئەتراپىمىزدا بالىنى تېپىپ قۇيۇپ ئۇيۇن تاماشا، كەيىپ ساپاغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن، ئاشۇ بىگۇناھ نارىسىدە بالىنى تىرىك يىتىملىك كوچىسىغا تاشلىۋەتكەن، مەسئۇلىيەتسىز ھايۋان دادىلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
مەقسىتىم ئاشۇنداق ئىگە چاقىسىز، يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىپ ئۆزۈم بىر قوللۇق ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشسام دەيمەن.
مىنىڭ تېخى يىتىملار مەكتىپى ئاچقۇدەك پۇلۇممۇ يوق، لېكىن ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلەيمەن ، ياتاق، تاماق جەھەتتە كۆلىمى 5مودىن ئارتۇق كىلىدىغان مىۋىلىك باغ ۋە 2جايدا ئۆزىمىز ئولتۇرۋاتقان ئۆيلەردىن باشقا 10نەچچە ئېغىز بىكار ئۆي تەييار، ئارامگاھىمىزدا ئۈچ ۋاخ تاماقنى تەييار قىلىپ بېرىدىغان ئاشپەز ئۇستاملارنى قوشقاندا 10دىن ئارتۇق خىزمەتچى بولۇپ، بلىلار ھېچنىمىدىن غەمسىز ياشايدۇ.
بالىلارنى خەلق ئىشلار ئىدارىسى ۋە ساقچىخانىلارغا تىزىملىتىپ قانۇنلۇق ھامىيسى بۇلۇپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتماقچىمەن. ئۆيدە پەقەت ئوقۇتقۇچىلىقتىن پىنسىيگە چىققان ئاپام بىلەن ئىككىمىزلا بار مەن تېخى تۇرمۇش قۇرمىغاچقە بالاممۇ يوق.
ئارزۇيۇم: بالىلارغا بارلىق يۈرەك قېنىمنى سەرىپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز دادىسى بولۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ چىقالىسام، ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتى!!!!!!
ئاخىرىدا كەڭ دوستلارنىڭ شۇنداق بالىلارنىڭ ئۇچۇرى بولسا ماڭا خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. ئۇلۇغ اللا ھەر بىرىمىزنىڭ ساۋاپلىق ئىش ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر قەدىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي!!
ئامىن!
بالىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 1ياشتىن 12ياشقىچە، گاس-گاچا، مىيىپ بالىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق.
ئالاقە نۇمۇرى:8551803- 0995
QQ: 504882229
جاپاكەش باشقۇرغۇچى دوستلارنىڭ ئۇچۇرۇمنى كۆرۈنەرلىك جايغا چىقىرىپ قويۇشىنى سورايمەن.
ئالاقىلاشقۇچى: پەرھات مەخسۇت(پاسىبان ئاتا)
باشقا تور بەتلەرگە چىقىرىپ تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ.
دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
ئەسلى مەنبەسى: ئەتىرگۈل مۇنبىرى . مەن بۇ يەردىن كۆردۇم : http://bbs.qolpanlar.cn/read.php?tid=7753
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahida223 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 04:33 PM
|
|
|
|
|
|