قىز-ئاياللار كۆڭلىنى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى-چىرايلىق ياسىنىش،بازارغا چىقىپ نەرسە-كىرەك سىتىۋىلىش ۋە شۇنداقلا قىنىپ ئۇخلاش .ئەلۋەتتە –ئەڭ ئاخىرقى ئامال مەندەك غەم يىمەسلەرگە ئىشلىگەن بىلەن كوپلىگەن قىز-ئاياللار قىلالمايدۇ ،بىراق ھىسسىياتى كونتىرۇللىقىدىن يوقالغاندا بولسا فىگورسىغا دىققەت قىلماي ،دىۋىلەرچە يەپ-ئىچىشمۇ بىر خىل كۆڭۈلسىزلكتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى . كۆڭلۇمنىڭ بىريەرلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان ئىسمىنى ئاتاپ بەرگىلى بولمايدىغان ،بىرخىل كۆڭۈلسىزلكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستۇم بىلەن بازارغا ئۆزىمىزنى زورلاپ چىقتۇق .پۇل تىجەش ئۈچۈن 10 كويدىن 20كوي يانچۇققا سىلىۋىلىپ بازار ئارلاشقا چىقتۇق . شۈكىر !بىلگەندەك ئاز پۇل بىلەن چىقىپتىكەنمىز ،كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلدىغان ھەرخىل زىببۇ –زىننەتلەر ،چىرايلىقلىقىدا كەيمەي قاراپ تۇرسىمۇ بولغۈدەك كىيىم-كىچەكلەر شۇنداقلا سەنئەت ئەسىرى قىلىپ تىزىپ قويسا بولغۈدەك ئۆتۈك-بەتىنكىلەرگە قاراپ شۆلگىيمىزنى ئىقىتقىنىمىزچە سىلاپ .ئوڭ-تەتۇر ئۆرۇپ كۆرۇپ ،سىمىزلىكىمىزدىن پاتمىغان كىيىملەرنىمۇ سالغۈمىز كەلمەي ئەينەك ئالدىدا دۇنيا گۈزىلىدەك ئۆزىمىزدىن مەسخۇش بولۇپ ئەينەككە قاراپ پىرقىراپ دۇككاندارلارنىمۇ بىزار قىلىۋەتتۇق .چەت تەرەپكە جايلاشقان ،باشقا دۇككانلاردىكىدەك مۇزىكا ياڭرىمىغان ،سەل گۇڭگا دۇككانغا كىرمەكچى بولدۇق ،بىراق بوسوغىغا كىلىشىمىزگە دۇككان ئىچىدىن شۇنچىلىك زىلۋا بەدەن يىرىم ئىگىلگەن پىتى توبادا يەرسۇرتۇپ كىلىپلا يولىمىزنى توسۇپ قويدى .ئۇ يەردىن كەتكەندەكمۇ بولدۇق ،بىراق نىمىشقىدۇر بۇ دۇككان ماڭا باشقىچىلا تەسىر بەردى ،بولۇپمۇ شۇنچە زىلۋا جەلىپكار تەن ئىگىسىنىڭ يۈزىنى كۆرمەي كىتىش ماڭا سەل ئىچىنارلىقتەك تۇيۇلۇپ كەينىمگە ياندىم .دولقۇنسىمان سىرىق ھەم ئۈزۈم رەڭدە بۇيالغان چاچلىرى يۈزلىرىنى توسىۋالغان بىر قىز توبانى ئاۋايلاپ دۇككان ئىشكى يىنىدىكى بوشلۇققا قويۋاتاتتى ،بىز دۇككانغا شەپىسىز كىردۇق ،ئۇ يىنىغا بۇرۇلدى ،كىرورەن گۈزلىنىڭ قاڭشىرنى ئۆرنەك ئالغان قىلىچتەك قاڭشار،يۇغان بىراق نۇرسىز كۆزلەر ،چىڭڭىدە يۇمۇلغان سەل كۈكۈش لەۋلەر ھەممىدىن ئەجەپلەندۇرگىنى توخو ئىتىدەك مەڭىزلەر بۇ گۈزەل قىزنى كىسەل چىراي،كىسىپ ئىيىتقاندا ئۆلۇك چىرايلا قىلىپ كۆرسۇتۇپ تۇراتتى .ئۇ باشقىلاردەك -كىلىڭە ،ئىچىگە كىرىپ كۆرۈڭ-دىمەدتىن بىزگە سۇسلا كۈلۇمسىرەپ تۇراتتى ،خۇددى بىر پارچە سۇرەتتەك ،ياق ،ھازىرقى تۇرقى بولسا بىر كىيىملەرنى كىيگۈزۇپ قويدىغان ساختا مودۇلدەكلا،بۇ سوغۈق سۇرۇن كەيپىياتتا ،كىيىلەرنىمۇ تۇتماي ،مۇنداقلا ئارلاپ يىنىپ چىقتۇق .ئابايقى خوشاللىقلىرىمىز نەگىدۇر يوقالغان بولۇپ ئىككىلىمىز بۇ دۇككاندىكى سۆرۇن كەيپىياتتىن يۇقۇملانغاندەكلا ئىدۇق .ئىككىمىز ئۇنتۇنسىز سودا-سارايدىن يىنىپ چىقتۇق . تۇرمۇشنىڭ بىسملىرى ئادەملەرنى توختاۋىسىز چىپىشقا ئۇندەيدۇ ،مەنمۇ شۇ ئالدىراش ھاياتنىڭ ئىنئامى ۋە جازاسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ،ئاران كەلگەندەم ئىلىش كۈنۇمدە بازار ئايلىنىش چارچاشلىرىمنى تۈگتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسسۇل .ئايلىنىپ ئايلىنىپ ھىلىقى دۇككان ئالدىغا كىلىپ قالدىم ،يەنىلا مۇزىكىسز ،گۈڭگا بۇ دۇككانغا كىردىم ،بىراق دۇككاندا ماڭا تەسىر قىلغان ھىلىقى گۈزەل تىرىك جەسەت قىز يوق ئىدى .بىراق دۇككاندىكى مال ساتقۇچى قىزمۇ دەل تىرىك جەسەت كەبى بولۇپ بىر ئىغىز گەپ قىلماستىن يەنىلا سۈس كۈلۇمسىرەپ ماڭا قاراپ تۇراتتى .كىيىم-كىچەكلەرگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ بىر چاپاننى يارتىپ قالدىم ۋە قىزغا قاراپ -ئاۋۇ چاپاننى ئىلىپ بەرسىڭىز كۆرۇپ باقسام –دىدىم ،بىراق ئۇ قىز -ئالغاندىن كىيىن مەيلى سىزگە دەل كەلسۈن دەل كەلمىسۈن ،چوقۇم ئالمىسڭىز بولمايدۇ !-دىدى ئۇ ،نىرۋىلىرىم نەدىن ئۆرلىدى ،سەل چىچىلىپ -نەنىڭ قائىدىسى ئۇ؟ئىچى-تىشىغا قاراپ ،كىيىپ بىقىپ يارىسا ئالىمەن بولمىسا ئالمايمەن،ئىلىڭە ھە-دىدىم ،ئۇ يەنىلا شۇ سۈس كۈلۇمسىرىشى بىلەن -مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويدۇم –دىدى دە چاپاننى ئالدى ،چاپان خوددى ماڭا ئۆلچىگەندەكلا خوپلا كەلدى ،سەل ھەيران ھەم خوش بولدۇم ،چۈنكى مەندەك بودەكلەرگە كىيىم تاپماق بولۇپمۇ يارىغىدەك كىيىم تاپماق تەس ئىدى .چاپاننى سالماستىنلا ئۇنىڭ بىلەن ھىساباتنى ئۈزۈپ چىكەتتىم .كىيىن كىيىن تاپالمىسام قەستەن شۇ دۇككانغا كىرىپ كىيىم تاللايدىغان بولدۇم ،بۇ دۇككانمۇ خۇددى مەن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاندەك ماڭا لايىقلا نەرسىلەر ئۈچرايتى ،بىراق ھەر كەلگىنىمدە پات-پات ئالمىشىپ تۇردىغان ، شۇ جەسەت چىراي مال –ساتقۇچى قىزلارغا قاراپ مۇشۇ دۇككاندىكى مەلۇم خىل ماددا شۇنداق قىلامدىغاندۇ دەپ بەزىدە ئەنسىزلىك بىلەن ئەينەككە قاراپ قوياتتىم . بۈگۇنمۇ تۇغۈلغان كۈنۇمگە كىيىم ئىزدەپ ئۇدۇللا شۇ دۇككانغا كىردىم . ئۆتقاشتەك قىزىل ياقىلىرى بار ،قوساق تەرىپى ئاق بىر كوپتىنى سىناب كۆرمەستىنلا كۆز مولچەرىمگە ئاساسەن ئىلىپ مال ساتقۇچى قىزغا كوپتنى ئوراتىقۇزدۇم بىراق سومكامدا پۇل قاپچۇقۇم يوق ،ئوغرىدىن ئەنسىرەپ ئۆزۈم تىكىۋالغان بۇ كىچىك قاپچۇقنى ئوغرى قانداق ئالدىكىن تاڭ؟قىزغا قاراپ -كارتا ئىشلەتسەممۇ بولامدۇ ؟-دىدىم قىز -ياق –دىدى -ئەستا،سەت بولدى،پۇلۇمنى ئوغرىغا بىرىپتىمەن ،مەن پەسكە چۈشۇپ پۇل ئىچىقىۋالاي،خاپۇلىماي سومكامغا قاراپ تۇرۇڭ –دىدىم دە ،كارتىنى ئىلىپ تىز- تىز مىڭىپ پەسكە چۈشۇپ پۇل ئىچىقتىم ،بىراق دۇككان تاقاق بولۇپ ،سۇمكام بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ ،يەردە تۇراتتى .ئاچچىقىم كىلىپ مال ساتقۇچىنى تىللاپ كىتىپ قالدىم . كەچتە سوغۇقتىن ئويغۈنۇپ كەتتىم ،كۆزۈمنى ئىچىپلا چىقىراپ سالدىم .چۈنكى مەن ھىلىقى دۇككاننىڭ ئىچىدە تۇراتتىم ،ئىچىدە تۇرسام مەيلىغۈ،ئۈچامدا ئەتگەن مەن كىيىپ ئالالماي چىكەتكەن ،كوپتا ۋە چىرايلىق پەرلەنگەن ئىشتان بار ھالەتتە مىدىرلىيالماستىن كىيىم كىيگۈزىدىغان مودىل بولۇپ تۇرۋاتاتتىم .ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ يىغلىساملا ئويغۇنىمەنغۈ دەپ كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدىم ،بىراق قىشىمدىكى مۇدىل قىز -باشنى ئاغرىتماي يىغلىمىڭە ،يىغلىسىڭىزمۇ بىكا !-دىدى ،ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تىكىلدىم .پەقەت كاللامدا ئۇخلا ،ئويغانساڭلا ھىچ ئىش بولمايدۇ دىگىنىمچە بۇخاراغا سەپەر قىلدىم .بىراق ……….. ئەتگەنكى سۇس نوردىن كۆزلىرىمنى ئىچىپ يەنە چۈچۈدۇم ،مەن چۈشتىن تىخى ئويغانمىغان ھالەتتە ئىدىم .ھىلىقى گۇڭگا دۇككان ئىچىدە تۇراتتىم ،ئۆزگەردى دىسە پەقەت تاڭ ئاتقان ئىدى .تۇنۈگنكى قىز دۇككاننى ئىرىنچەكلىك بىلەن ئىچىپ تازلاپ بۇلۇپ بىشىمغا ئارتىلغان ساختا چاچىنى تارغاچ -ئۇۋال بولدىغان بولدى سىزگە –دىدى كۈلۇپ ،مەن گەپ قىلماقچى بولدۇم ،بىراق گەپ قىلالمىدىم ،ئۇ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى لەۋىمگە بىسىپ -قىينالماڭ ،پەقەت ئويلىسىڭىزلا مەن ئۇقالمايمەن –دىدى ۋە ئارقىغا بۇرلۇپ غۇلچىنى كەڭ ئىچىپ –بۇ دۇككان شەيتاننىڭ سىھىرلىگەن دۇككىنى ،تۈنجى قىتىم سىزگە ئەسكەرتكەندەك ،بۇ دۇككاندىكى كىيىمنى يۆتكەپ ئالمىغان ھەر قانداق ئادەم ،جازاغا تارتىلىدۇ –دىدى .ئۇ يەنە ماڭا قاراپ -ھاياتلىقتا نۇرغۈن نەرسىلەرنىڭ نىمىشقىغا جاۋابى يوق ،شۇنىڭدەك بۇنىڭمۇ ھەم جاۋابى يوق ،بىراق سىزنىڭ قۇتۇلۇش يولىڭىز بار ،قاچانقى سىزدەك خاتالىق ئۆتكۈزگەن خىرىداردىن ئىككىنى تاپقاندا ئاندىن سىز ئادەم ھالىتىڭىزگە كىلىسىز ،بىراق چوقۇم مۇشۇ دۇككاندا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيسىز ،ھەم يەنە خاتالاشقان خىردارنى كۈتۋالسىز ،شۇ چاغدا سىز ئازات بولسىز !-دىدى ۋە قىشىدىكى مەندەككىيىم مۇدىلىنىڭ بوينىغا بۇينىدىكى مىدالىيۇننى ئاستىدە سومكىسىنى ئىلىپ تىزلا چىكەتتى،ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆزدىن چاقنىغان نۇر ،ئابايقى مىنىڭ چاچلىرىمنى سىلاۋاتقاندىكى سوغۈق ئادەمنى شىركەندۇردىغان نۇرئەمەس ،بەلكى بەخىت ،خۇشاللىق ھەمدە ئازراق قۇرقۇنۈچ بولغان ھەقىقىي ئادەمنىڭ كۆزدىكى نۇر ئىدى . شۇندىن كىيىن جەسەت چىراي مال ساتقۇچىغا قاراپ خىرىدار ساقلاپ تۇرماقتا ئىدىم ،بىرەرسىنىڭ مال ئالماي چىكىتىشنى مەنلا ئەمەس ،مەندىن باشقا ئىككى مودىل جازاسى تىلەۋاتاتتى ،بىراق دۇككانغا كىرگەن ھەرقانداق ئۇستىخان فىگوردىكى ئاياللارغا كىيىم –دەل كىلەتتى دە ،دايىملىق خىرىدارغا ئايلىناتتى ،بىر كۈنى دايىملىق خىرىدار كىيىم يەڭگۈشلەۋاتقاندا تىرىڭ جەسەت ئۇنىڭ سومكىسىدىن ئاستا پۇلنى سوغۇرۋالدى .كەچتە ئوڭ يىنىمدا بىر مودىل يىغلىغىنىچە -نىمە بولۇپ ،نىمىشقا ؟-دەپ يىغلىدى . ئاستا-ئاستا مەنمۇ بۇ تۇرمۇشقا كوندۇم ،ھەم قانداق قىلىشنى ئۈگنىۋالدىم ،ئەسلىگە كەلگىنىمدە فىگورۇم ئۆلچەملىك فىگورغا ئۆزگەرگەن ئىدى ،كاللامغا بىر ئوي كەلدى ،شەيتان پىكىرىمگە قوشۈلغاندەك ئالدىمغا كەمپۇتەرنى ھازىرلىدى ،مەن تورغا مۇنداق ئىلان چىقاردىم خوش-خەۋەر : بارلىق ئۇستىخۇنىدىن بىزار بولغان ھەم شۇنداقلا خىجىل بولدىغان ئەر-ئاياللار دىققەت ،شىركىتىمىز گىرمانىيە ئىگىلىكىدىكى ئوزۈقلۇق ،دەم ئىلىش بىرلەشتۇرگەن ئىلىمى بولغان ئۈچ ئايلىق پىلان بىلەن سىزنىڭ ئۇستىخنىڭىزنى سىزنىڭ گىن ئالاھىدىلىكىڭىز بىلەن ئۇستۇردىغان ھەم تىزگىنلەيدىغان تىخنىكا ئارقىلىق ،سىزنىڭ ئورۇقلاش ،سەمرىش .بۇيىڭىزنى ئىگىزلىتىشتىن ئىبارەت بەدەن تۇزەش ئىلىپ باردىغان بولۇپ سىز پەقەت بىر ئاي ھەقسىز سىناپ باققاندىن كىيىن ئۇنىمى كۆرۇلمىسە ھەق تۆلمىسىڭىز بولىدۇ .ئۇنىمى كۆرۇلسە داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ ! ھەم يىڭى دۇككان ئۈچۈن دۇككان ئىزدەپ ماڭدىم ،ئەينەكتىن سارغۈچ تىرىسى ھەم مۇشۇك ئىيىقتەك كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى كۆكۈش بار بىرسى يەر تىگىدىن ماڭا كۈلۇمسىرەپ تۇراتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 12:22 PM
|