|
|
|
|
ئېينىشتىيېن ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر
توقماق
ئېينىشتىيېن ھازىرقى زامان فىزىكىسى،ئالەمشۇناسلىغى،پەلسەپەسىگە غايەت زور تەسىر كۇرسەتكەن دۇنياۋى كاتتا شەخىس بولسىمۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نىسبىلىك نەزەريىسى مەيدانغا كەلگەن كۆندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ توغرا-خاتالىغى ھەققىدىكى مۇنازىرە داۋاملىشىپ كەلگەن.بۇگۇنكى كۇندە بايقالغان بەزى يىڭى ھادىسىلەرنى نىسبىلىك نەزەريەسى بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولمىغانلىغى، بەزى ھادىسىلەر نىسبىلىك نەزەريىسى ئۆچۆن بەكمۇ پايدىسىز بولغانلىغى ئۆچۆن ،خەلىقئارادا ۋە مەملىكەت ئىچىدە نىسبىلىك نەزەريىسىدىن ئىلمى گۇمانلىنىش ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىشقا باشلىغان.مىنىڭچە ئۇيغۇر جەمىيىتىنى بۇنداق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش،ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىلىك نەزىريىسىگە بۇلغان چۆشەنچىلىرى ۋە رايىنى مۇلچەرلەش ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۆپىتى بىلەن ئۇز ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن سەۋىيىدە بۇنداق دۇنياۋى مۇھاكىمىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بىرىش زۇرۇر. بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۆچۆن ئىشنى ئەڭ ئىپتىدائى قەدەملەردىن باشلاش كىرەك.مانا بۇ تېما شۇنداق ئىپتىدائى قەدەملەرنىڭ بىرى.
نىسبىلىك نەزەريەسى ۋە ئېينىشتىيېنگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەر مۇشۇ تېما ئاستىدا ئىلىپ بىرىلسا ،ھەر قانداق بىر تېمىنىڭ ئاستىدا شۇ تېمىدا ئۇتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلساق.تېمىدىكى مەركىزى مەسىلىدىن يىراقلاپ كەتسەك ئىلمى خۇلاسە ياكى ئىلمى ئۇنۇمنى قۇلغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.29-تىئورمىغا ئائىت تېمىلاردا مۇشۇنداق ئەھۋال كۇرۇلىۋاتىدۇ.مەن بۇ تېمىدا شەكىل نەزەريىسىدىكى « ئېينىشتىيېن زامان-ماكان ئىدىيىسى بىر تەرەپلىمە ۋە خاتا»دىگەن كۇز قاراشنى قوللاش مەيدانىدا تۇرۇپ مۇنازىرىگە قاتنىشىمەن.نىسبىلىك نەزەريەسى ھەققىدە كۇزقاراشلىرىمىزنى ،دەلىل-ئىسپاتلىرىمىزنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلارنى مۇشۇ تىما ئاستىدا ئەركىن-ئازادە ئۇتتۇرىغا قويساق.
نىسبىلىك نەزەريەسى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟.توغرا بولسا قانچىلىك توغرا ؟،خاتا بولسا قانچىلىك خاتا؟.
مەرھەمەت،باشلاپ كىتەيلى!.
|
|
|
|
|
|