مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2005|ئىنكاس: 21

سەددىچىندا ياڭرىغان ساتار ساداسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76909
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 07:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر ناھىيىدىن ئويۇن قويۇشقا كەلگەن بىر توپ ئارتىسقا ساياھەت يېتەكچىسى بولۇشقا توغرا كەلدى.ئۇلارغا بېيجىڭنىڭ كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرسەتتىم،ئاخىرىدا كۆرمىگەن سەددىچىن قالدى.بۈگۈن ئەتىگەن بالدۇرلا سەددىچىنغا قاراپ يولغا چىقتۇق،سەددىچىنغا ئىككىنچى قېتىم چىقىشىم ئىدى،شۇڭلاشقىمۇ ئانچە ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم.ئەمما مېھمانلار مەندىن كېلەي دېدۇقمۇ دەپ سوراپلا تۇردى.«ئارتىس دېگەن زە»،-دېدىم ئىچىمدە-«ئاشۇنداق تولا ھاياجانلىنىدىغان خەق.»
      كەلدۇق،ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ تۈزۈملەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرىۋېتىپ،نەچچىدە يىغىلىدىغىنىمىزنى ئۇقتۇرۇپ تاغقا يامىشىشقا باشلىدۇق.سەددىچىندا بۈگۈن ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى،شۇڭا بىر نەچچە ياشلار بەسلىشىپ چوققىغا قاراپ چاپتۇق.«موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە»،بىر ئاز مېڭىپلا ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ توختاپ قالدىم.شۇ ئارىدا تۆت-بەش 60-70ئۆپچۆرىسىدىكى بوۋايلارمۇ يېتىپ كەلدى،بىر بوۋاي ساتارىنىمۇ يۈدۈۋالغانىدى.«ئارتىس دېگەن زە»،-دېدىم ئىچىمدە-«نەگە بارسا ناخشا-ئۇسسۇلنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»
      بىردەم ئارام ئېلىپ،ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ،دېمىمىزنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدۇق.بۇ قېتىم يۈگۈرمىدۇق،يۈگۈرسەك چوققىغا چىقىپ بولغىچە پۇتلىرىمىز ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى.بوۋايلارمۇ بىز بىلەن قېلىشماي دېگۈدەك ماڭدى،تېخى بەزىدە ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كېتەتتى.«ئارتىس دېگەن زە»،-دېدىم مەن-«ئۇسسۇل ئويناۋىرىپ چېنىقىپ كەتكەن ئادەملەركەن بۇلار...»
      ئۆرلىگەنسىرى سانىمىز ئازلاشقا باشلىدى،ياشلارمۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى،«ۋاي بولدىلا،جاننى قىيناپ نېمە قىلارمىز؟ئەڭ ئۈستىگە چىقساقمۇ يەنە شۇ.»دېيىشىپ توختاپ قېلىشتى.ئەمما بوۋايلار يەنىلا بىرقانچە ياشلار بىلەن تەڭ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.شۇنداق قىلىپ مىڭ تەسلىكتە تەرلەپ-تەپچىرەپ،ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ چوققىغىمۇ چىقىپ بولدۇق.كۆپكۆك ئاسمان،ياپيېشىل دەل-دەرەخ،بەھەيۋەت تاغلار،ئايىغىمىزدىلا ئۆمىلەپ يۈرگەن ماشىنىلار،ئادەملەر...«ھەي،چىقالمىغانلار ئارماندا قالدىدە،چوققىغا چىقسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيلا قايتىپ كېتىدىغان بولدى.»
     يىغىلىدىغان ۋاقىت قىستاپ قالغانىدى.چىقماقنىڭ چۈشمىكى باركەن،ئەمما چىقىشتىن چۈشمەك تەستەك بىلىنىدىكەن.بوۋايلار ھاياجانلانغان ئىدى،ساتار يۈدۈۋالغان بوۋاي بەكرەك ھاياجانلىنىپ قالغان بولسا كېرەك،ھەر بىرەر يۈز مېتىردا توختىۋېلىپ ساتارىنى چېلىپ،ناخشىسىنى باشلىۋىتەتتى،چەتئەللىكلەرنى كۆرسە تېخىمۇ «بولالماي» يەنىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتەتتى،تېخى رەسىمگىمۇ چۈشۈپ كېتەتتى.«ئارتىس دېگەن زە»،-ئويلىدىم مەن-«مۇشۇنداق دامخور كېلىدۇ،مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى،ئىشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى دەپ ۋاقىت ئاز قالغاندا ما ئادەمنىڭ ساقىلىغا باقماي قىلىپ كەتكەن ئىشىنى...»شۇنداق قىلىپ نەچچە يەردە توختاپ،ئالدىرىتىپ،تارتىشىپ يۈرۈپ يېرىم سائەتتەك كېچىكىپ كەلدۇق.قارىسام باشقىلارمۇ يىغىلىپ بولالماپتۇ،بەلكىم ئۇلارمۇ خۇشاللىقىدا ساماغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا كېرەك...
    «ئارتىسلار»ھەقىقەتەن بەك ھاياجانلانغان بولسا كېرەك،ياتاققا قايتقىچە ئاپتۇبۇستا مەشرەپ باشلىۋەتتى،سازنى راسا چېلىپ،ناخشىنى تازا توۋلاپ،تارچىلىق بولسىمۇ بىر-بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەلدى.ھېرىپ قالغان بولسام كېرەك ،ماڭا ھېچنىمە خۇشياقمايۋاتاتتى،«ئارتىس دېگەن زە»،-دېدىم ئىچىمدە-«ھاياجانلىسىلا ئاۋازى ناخشىغا،پۇت-قولى ئۇسسۇلغا كېتىدىغان خەقكەن،گەپ قىلالىغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى ناخشا ئېيتالايدۇ،ماڭالايدىغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ دەيدىغانلار كۆرسە پاقىسىغا قېنىۋالاتتى.»
    ياتاققا قايتىپ دادامغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.«بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوققۇ،ئەكسىچە سېنىڭ ھاياجانلىنالمىغانلىقىڭدىن ئەجەپلىنىۋاتىمەن.»دېدى دادام.«داداممۇ ئارتىسلار بىلەن ئىشلەۋىرىپ ئاخىرى يۇقتۇرىۋاپتۇدە...»دەپ ئويلىدىم.
«   ساتارچى بوۋاي بەلكىم ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئېيتىۋاتقاندۇ،باشقىلار قىلچە نۇمۇس ھېس قىلماي دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ جار سېلىپ پەخىرلىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەھىمە تۈرتكىسىدە قوپۇرۇلغانلىقىنى بىلسە كېرەك،ئەجدادلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇشۇنچىۋالا ئۇلۇغ«مۆجىزە»نى بىنا قىلىشىغا سەۋەب بولغان باتۇرانە،قەيسەر روھىغا مەدھىيە ئوقۇغاندۇ بەلكىم...»
    «ھە،ئەسلى مۇنداقكەندە...»دېدىم پەخىرلىنىش ئىلىكىدە.
    «ئەمما ئۆتمۈش ھازىرغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ»،-دېدى دادام چىرايىمدىكى مەغرۇرانە كۈلكەمنى كۆرۈپ-«تارىختىن ساۋاق ئېلىشقىلا بولىدۇكى،ھاكاۋۇرلىشىشقا بولمايدۇ.ئىزلارنى مەمەدانلىق توپىسىغا كۆمۈۋەتمەستىن،شۇ ئىزلاردىن قىزىلگۈل ئۈندۈرۈش لازىم.شەپەققە مەستخۇش بولۇپ تۇرىۋەرسەڭ،سۈبھىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماسلىقىڭ مۇمكىن.شۇڭا سەنمۇ ساتارىڭنى سازلا،تۈنۈگۈننى كۈيلەش ئۈچۈنلا ئەمەس،بوۋايلار ئېيتىپ بولالمىغان تۈگىمەس ناخشىلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىش.»
مەنبە:ئۆزۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77439
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلىمۇ ياخشى  تىما يوللاپ سىز  رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:29:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشلار بوپتۇ

يۈكسەل،ئۇيغۇرۇم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37185
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە...ئەسلىدە مۇنداق كەندە....تارىخنى بىلمىگەن ئادەم تولىمۇ ئەخمەق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،خۇددى ماڭا ئوخشاش....

ئادەم قادىر ھەممىگە ، گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىتى ياخشى يېزىپسىز ئەژداتلىرمىزنىڭ سىماسىنى كۈرگەندەك بولدۇم،رەىمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ساياھەت يىتەكچىسى ئوخشىمامسىز ؟

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئادەمنىڭ ئەقىلل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26752
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2327
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:06:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«   ساتارچى بوۋاي بەلكىم ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئېيتىۋاتقاندۇ،باشقىلار قىلچە نۇمۇس ھېس قىلماي دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ جار سېلىپ پەخىرلىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەھىمە تۈرتكىسىدە قوپۇرۇلغانلىقىنى بىلسە كېرەك،ئەجدادلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇشۇنچىۋالا ئۇلۇغ«مۆجىزە»نى بىنا قىلىشىغا سەۋەب بولغان باتۇرانە،قەيسەر روھىغا مەدھىيە ئوقۇغاندۇ بەلكىم...»


ۋەھشي يۈرەككە تەگكىدەك گەپ قىپتۇدە.....دەرت بەرمىسۇن ئاللاھىم!

تۇغۇلۇش-ئۆلۈمگە قويۇلغان تۇنجى قەدەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76909
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 08:12:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ansar1013 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-15 09:46 PM
سىز ساياھەت يىتەكچىسى ئوخشىمامسىز ؟

ياق،مەن ئوقۇغۇچى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:00:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز،رەھمەت.

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35875
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6574 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:35:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىپتۇ،تارىخىنى ئۇنۇتمىغان ھالدا كەلگۇسىگە يۇزلىنىش مۇھىم.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش