مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 18

ئانا تىل توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 05:07:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ئانا تىل توغرىسىدا

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر <<غەزىنىلەر بوسۇغىسىدا>>دىن ئېلىندى
(بىلدۈر ئازغىنە ئەجىر قىلدى)

كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز،
ئوقۇش كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز.


شائىر ئۆز ئەسىرىدە ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي پەزىلىتىنىڭ بىرى تىل ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنى سۆيىشى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى، ئۆز تىلىدا سۆز بار تۇرۇقلۇق باشقىلاردىن سۆز ئۆتنە ئېلىپ يۈرمەسلىكنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

ئېلىگ سۇندۇم ئۇش مەن بىلىكنى تىلەپ،
سۆزۈگ سۆزگە تىزدىم شاشۇردۇم ئۇرا.
كېيىك تاغى كۆردۈم بۇ تۈركچە سۆزۈگ،
ئانى ئاقرۇ تۇتتۇم ياقۇردۇم ئارا.

(مانا قولنى سۇندۇم ئىلىمنى تىلەپ،
قېتىپ سۆزنى سۆزگە تىزىم مەن ئۇدا.
بۇ تۈركىي سۆزنى كۆردۈم ياۋايى كېيىك،
ئۇنى ئاستا تۇتتۇم، ئۆگەتتىم ئارا.)

سىقادىم سەۋىتتىم كۆڭۈل بەردى تەرك،
تاقى ما يەلىڭلەر بىرەردە يېرە.
سۇنۇپ تۇتمىشىچە ئەدەردىم سۆزۈگ،
كەلمۈ بەردى ئۇترۇ يىپارى بۇرا.

(سىلاپ ئەركىلەتتىم، كۆڭۈل بەردى تېز،
تېخى بەزى قورقۇپ، ئۈركۈپلا تۇرار.
سۆز ئالدىم قولۇمغا چىققىنىچە مەن،
كېلىۋەردى خۇش ھىد ئىپاردەك پۇرا.)

دېمەك، كەڭ تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولغان ياۋايى كېيىكتەك گۈزەل، ئوماق، شوخ ۋە ئويناق تۈركىي تىلى شۇنچە باي تىلدۇركى، ئۇنىڭدىن قانچە سۆز ئالىمەن دېسە، شۇنچىسى قولغا چىقىدۇ ۋە ئۇ سۆزلەر ئىپاردەك خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ؛ ئۇنى سىلاپ، ئەركىلىتىپ، ئۆگىتىۋىلىشقا تىرىشسا، ئۇ ئىگىسىگە تېزلا كۆڭۈل بېرىپ، ھەممە ھاجىتىدىن چىقالايدۇ.
13مىڭ 290 مىسرالىق <<قۇتادغۇ بىلىك>> داستانىدا ئەرەب-پارىس سۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلگەنلىكى (ئىشلەتكەندىمۇ پەقەت تىبابەت، ئىسلام ئەھكاملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەردىكى خاس ئاتالغۇلار بىلەن چەكلەنگەنلىكى) بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك پەزىلىتى ئەلشىر ناۋائىنىڭ <<چاغاتاي ئەدەبىياتى>> دەۋرىدە ئۆز ئانا تىلىنى ياراتماي، ئەرەب، پارىس تىللىرىدا يېزىشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئەرەب تىلىنى <<ئەسەلەست>> (ھەسەلدەك شېرىن)، پارىس تىلىنى <<شەكەرەست>> (شېكەردەك تاتلىق) دەپ دەۋا قىلغۇچىلارغا قارشى <<تۈركىي ھۈنەرەست>> (تۈركىي تىل ئىلىم-سەنئەت تىلىدۇر) دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئانا تىل جەھەتتىكى بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 05:08 PM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7432
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7746 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 08:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.بالىلىرىمىزغا كىچىگىدە   ئائىلىدىن باشلاپ ئانا تىل تەربىيەسى سىڭدۈرۈش كىرەك. مەكتەپلەرگە ھەممىنى ئېتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40226
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يۇللاپسىز ئاكا ئانا تىل بولمىسا مىللەتنىڭ پۈتۈنلىكدىن ئىغىز ئىچىش بەكمۇ تەس قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنىتلىرنى ئانا تىلغا ئەھمىيەت بىرشىنى ھەم شۇنداقلا ئانا تىلنى قەدىرلەشنى  ئۈگۈتشىنى  ئۈمۈت قىلمەن.

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2520 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل راس مۇھىم!ئانا تىلىمدىن ساۋادىم چىققىنىغا يۈز مىڭ قەترە شۈكرى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 10:14:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى ئىلىپبە نى قايتا نەشىر قىلىپ چىقارسا ، باللارغا ئاناتىلنى 1- ئورۇنغا قويۇپ ئۆگەتسە ياخشى بولىدۇ . لىكىن ھازىر بەك تەس بولامىكى ..

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 10:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساۋات چىقىرىش كورسۇمنى ئاللا خالىسا مەڭگۈ تاقاپ قويمايمەن..........ھازىرنۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى خەنزۇ تىلى مەكتىپىگە بىرىپ مېنىڭ  بۇ كورسۇمنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى خىلى كۆپ.... ۋە كۇنسايىن كۆپىيۋاتىدۇ...... لىكىن  ئىچىم بەك بىئارام بولىدۇ....ھەي.......... ئانا تىلىم .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 11:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەت ياراتقان مەدەنىيەتلەر ئچىدە پەقەت تىل مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ . تىلنىڭ رولى ئۆزگەرمەيدۇ . تىل-ئنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قۇرالى .تەپەككۇر قىلىش قۇرالى . پىكىر قىلىش قۇرالى . تەرەققى قىلىش قۇرالى .ئۇيغۇر تىلىمۇ ھەم شۇنداق .

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەخلاق~ئادەم زىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11452
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:04:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم بالىلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن نۇمۇس قىلامدۇ ۋە ياكى نىمە ئۈچۈن ئادەتتە گەپ قىلىشقاندا خەنزۇچە گەپ قىلىشىدىغان ئادەتنى  يىتىلدۈرىۋاپتۇ؟!   ھەي..!؟

      تىمىڭىزغا تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76351
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:11:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى بىلىش، توغرا ئىشلىتىش، قوغداش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. باشقا تىللارنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغانلارنىڭ 32چىشىنى تۆكىۋەتكىم كىلىدۇ.
بىز ئانا تىلىمىزنى قېچىرلاشتۇرۇپ ئاياق ئاستى قىلساق، كەلەگۈسى ئەۋلاتلار نىمە بۇلۇپ كىتەر؟!
ئەجرىڭىزگە كۆپ يەشەككۈر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 10:47:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى ئۆگۈنۈش،ۋە ئۇنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش