تاڭ قۇياشى بىلەن تەڭ «بىسمىللاھ» دەپ ئۆيدىن چىقىپ، مەھەللىمىزدىكى كىچىك باغچىغا قاراپ يول ئالدىم. قولۇمدا كىچىك بىر كىتابچە بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ئىنگىلىزچە لېرىك نەسىرلەر بار ئىدى. ھەركۈن سەھەر ئۆزۈم ياقتۇرغان بىرىنى تاللاپ يادلاۋاتقىلى تېخى بىر نەچچە كۈن بولغاچ، ناھايتتى قىزغىن كەيپىياتتا ئىدىم. شۇڭا يولدا ماڭغاچ، بۈگۈن قايسىسىنى يادلىسام بولار دەپ، مۇندەرىجىنى بىر قۇر ئارلاپ چىقماقچى بولدۇم. ۋۇي، ۋاقىت نېمىدېگەن تىز ئۆتكەن-ھە! خۇددى بىرى ئىتتەرگەندەك، باغچىغا بىردەمدىلا كەپ قاپتىمەن. سائىتىمگە ئىتتىك قارىۋەتكەندىن كىيىن، باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېلىقى چىغىر يولغا كىرىۋىلىپ، كىتابىمنى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. ئويلىمىغاندا، قاياقتىندۇر ئۆسۈپ كەلگەن بىر مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى ياغلىقىمنى ئىلىۋىلىپ، دىققىتىمنى چېچىۋەتتى. ياغلىقىمنى قايتا تۈزەپ چىگىۋاتقىچە، كۆزلىرىم دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاراچلىرىدىن ئالدىمدىكى يولغا چۈشكەن نۇر تەڭگىچىلىرىگە چۈشتى. ھەي، يەنىلا قۇياش ھەممىدىن ئادىل، سېخىيدە! ئۇ ئەزەلدىن باي-گاداي دەپ ئايرىماي، پاشىدىن ئەنقاغىچە ھەممىسىنى ئۆز نۇرىدىن بەھرلەندۈرىدۇ. تەبىئەت ئۇنىڭدىن ئايرىلسا، ھاياتلىقتىن ئۈمىد قالمايدۇ. ئەنە، ئەتراپتىكى ئەتىرگۈللەرمۇ خۇددى ئۇنىڭ ھارارىتىدىن بار مېھرى بىلەن ھوزۇر تاپماقچى بولغاندەك، نۇر قوينىدا جىمجىت قىزىرىپ تۇرىدۇ. پەقەت گۈلنىڭ ئەتراپىغا يېڭىدىن ئويغۇنۇپ ئۇچۇپ كەلگەن رەڭدار كېپىنەكلەرلا قۇياش نۇرىنى پىسەنتىگە ئالمىغاندەك، توختىماي قاناتلىرىنى قېقىشىپ، قوغلاشماق ئويناۋاتىدۇ... مەن گويا ئەزەلدىن بۇ مەنزىرىلەرگە دېققەت قىلىپ باقمىغاندەك، ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن ئۇلارنى كۆزەتتىم. بىر-بىرىنى قوغلىشىۋاتقان بۇ كېپىنەكلەر تارتىنچاق قىزلار كۈلىۋاتقاندەك، ئورمىچى يىگىت ناخشا توۋلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى:
ھايات ھالال، ھايات گۈزەل، ھايات لەززەتلىك،
لىكىن ئۇ قىس، گۆھەردىنمۇ بەكلا قىممەتلىك.
ئادەملەرمۇ بىزگە ئوخشاش قىسقا ھاياتلىق،
لىكىن نىچۈن قارىشىمىز شۇنچە پەرقلىق؟
بىز ھاياتنى، مۇھەببەتنى كۈيلەيدىكەنمىز،
ھايات بىزگە بىلىنەركەن دائىم زىننەتلىك.
نە ھاجەتتۇر ئۆز-ئارا ئۇرۇش-تالاشماق؟
ياكى ھايات ئۇلارغىلا شۇنچە مىننەتلىك؟؟؟
مانا، سەھەر ئېلىپ كەلگەن قايناقلىق بۇ كىچىك تەبىئەتكىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. شۇ سەۋەب، ھەسەل ھەرىلىرىمۇ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇ ئاۋۋال كىچىك پۇتلىرى بىلەن ئۆزىنى مەھكەملىۋىلىپ، ئاندىن ھوزۇر بىلەن گۈل چاڭلىرىنى سۈمۈرىۋاتاتتى. ھەر قېتىم گۈلدىن-گۈلگە ئالماشقاندا، ئۆز غەلبىسىدىن مەمنىۇنلانغاندەك، ئاز-تولا غىڭشىپ قوياتتى:
رەڭدار گۈللەر بەكمۇ تاتلىق، ھەسەل ئۇنىڭدىن،
تىلىمدا لىك باردۇر زەھەر، ئاچچىق ھەممىدىن.
مېنىڭدىكى بالغا ئادەم ھەۋەس قىلاركەن،
لىك دوراپتۇ دەل ئەكسىمنى، سەۋەب نېمىكىن؟
نەشتەرلىكمەن، بىراق نىشان بولماس قېرىنداش،
بەلكى بۇرچۇم: قوغداشچۈن، كېچىش جېنىمدىن.
ئەمما تىل بال، دىلى زەھەر، نەشتەرسىز ئادەم،
نەشتەر سانجىپ ئۆز-ئارا، پېتىشمايدىكەن...
ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەممە گۈلنى بىردىن-بىردىن سۆيۈپ چىقىشىغا چىدالمىغان بۇلبۇل ئاخىرى ئاۋازىنى قويىۋىتىپ، تۈگىمەس ھەم مەڭگۈلۈك تېمىسىنى، قايتا-قايتىلاپ ئېيتسىمۇ يەنىلا كونىراپ قالمايدىغان مۇڭىنى داۋاملاشتۇردى:
مۇھەببەت مۇقەددەس داستاندۇر گاھى،
تۈگىمەس، كۈيلىسەم، ئۆلگۈچە تاكى.
مۇھەببەت قۇتىسى، شېرىن ئازابنىڭ،
چىن ئاشىق سېزىدۇ، پاك مەشۇق ياكى.
بىر ئۆمۈر سايرىدىم، بىر گۈل ئىشقىدا،
ئۆزگەرمەس ئەقىدەم، ئۆلسەم مەن رازى.
لىكىن مەن بەك ھەيران، «ئىنسان» ئاتلىققا،
«ساداقەت» نېمىدۇر؟ بىلەمدۇ زادى؟
«بۇلبۇل» دەپ ئاتاپتۇ ئۇلار ئاشىقنى،
مىڭ گۈلگە بىر ناخشا توۋلايدىكىنا؟
قىزارماي، تاتارماي، چەكچىيىپ تۇرۇپ،
بىر كۈندە نى كۆڭۈل ئوۋلايدىكىنا؟؟؟
ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تاشلىدىم ۋە ئۇلارنىڭ ئۈركۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاستا ئولتۇرىۋالدىم. ئالدىمدىلا يەر يېرىپ چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يۇمران مايسىلارنىڭ مەڭزىدىكى شەبنەم مېنىڭ كۈلكەمنى تاماششا قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى. ئۆزىمىزدىكى ئەيىبلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سالغىنىمنى ئويلاپ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتتىم... شەبنەم بولسا قۇياش نۇرىدا يالتىراپ، ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى:
ئېتىم شەبنەم، لىكىن ئۆزۈم بىر تامچە سۇمەن،
ياپراقلارنى يۇيۇپ-سۆيۈپ خۇشلۇق ئىزلەيمەن.
تامچىلارغا قوشۇلغاندا، چوڭايغاندا مەن،
يەنە پەسكە ئېقىۋىرمەن، ئۈستىگە ئاقمايمەن.
لىكىن سۇئال: ئادەملەر غەلىتە ئىكەن،
ئۆسكەنسىرى غادىيىپ، ئەسلىن ئۇنتاركەن.
چۈشۈش كېرەك، چىققان ئادەم ھامان ئىگىزگە،
موللاقلامدۇ؟؟؟ ئۆزىمۇ ھەم بىخەۋەر ئىكەن...
ناخشىنىڭ ئايىغىغا كەلگەندە، ئۇ بىچارە كۈچەيمەن دەپ بىر سىلكىنىۋىدى، ياپراق ئۈستىدىن سىيرىلىپلا چۈشۈپ كەتتى-دە، ئاۋازى قېيىپ كەتتى. بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ ساپتىمەن. كۈلكە ئاۋازىم ئۇلارنى چۆچۈتىۋەتتى بولغاي، ھەممىسى تەڭلا جىمىپ قېلىشتى. مەن ئازراق ئوڭايسىزلاندىم-دە، ئۆز ۋەزىپەمنى ئەسكە ئېلىپ ئاستا كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم... مەن تېكىستىمنى يادلاپ بولغىنىمدا، ئۇلار خۇددى مېنىڭ باشقىلارغا چېقىپ قويىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك، ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. مەن جاراڭلىق ئاۋازدا دېدىم:
-خاتىرجەم بولۇڭلار. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنچىۋالا ئەسكىمۇ ئەمەس. مەن بۇلارنى چوقۇم قېرىنداشلىرىمغا يەتكۈزىمەن. بىز ئاستا- ئاستا ئىللەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمىز...
مانا قېرىنداشلار، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. مەن ۋەدەمنى ئورۇنلاۋاتىمەن. سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەركىن قېنى...
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 07:33 PM