ياشىن تورى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېينىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، 2015-يىلىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %48 كە يەتكۈزۈلمەكچى، شۇنداقلا نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەرلەر قۇرۇلماقچى ئىكەن.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ `ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» مۇسابىقە خۇلاسىسىنى مۇكاپاتلاش ۋە شەھەر- يېزا پىلانى شىتات خىزمىتىنى سەپەرۋەرلىك قىلىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى`دىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى شەھەر- بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ شەھەرلەرنى ئاكتىپ يېتىلدۈرۈپ، رايونلار ئارىسىدىكى ۋە چوڭ- ئوتتۇرا- كىچىك تىپتىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، 2015-يىلىغا بارغاندا، شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %48 كە يەتكۈزىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكىنى مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم شەھەرلەر توپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش، كاشغەر (قەشقەر)، غۇلجا-قورغاس ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەرنى نۇقتىلىق يېتىلدۈرۈپ، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىن چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئوتتۇرا- كىچىك شەھەرلەرنى ۋە ناھىيە شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەھەرلەر چەمبىرىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەمدە چوڭ- ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرنى تايانچ، كىچىك شەھەر- بازلارنى تىرەك قىلغان شەھەر- بازار سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانلىنىۋېتىپتۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- بازارلاشتۇرۇش تەرەقىياتىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلار بار». ئالدى بىلەن، رايونىمىزنىڭ شەھەر- بازارلىشىش سەۋىيىسى تۆۋەن، يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىنمۇ، يىللىق شەھەر- بازارلىشىش نىسبىتى %074 بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇراىچە شەھەر- بازارلىشىش نىسبىتىدىن 0.5 پوئىنت تۆۋەن بولدى. ئىككىنچىدىن، رايونىمىزنىڭ شەھەر- بازار سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، شەھەرلىشىش كۆلىمى كەمتۈك. نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەردىن ئاران ئۈرۈمچىلا بار، نوپۇسى 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە بولغان شەھەردىن بىرسىمۇ يوق. كۆپ قىسىم ناھىيە شەھەرلىرىنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوستانلىقلار بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھالەتتە بولغاچقا، بىر-بىرىگە تەسىر قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلمىقى تەس.
1992-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» مۇسابىقە پائالىيىتى بولسا يېڭى تىپتىكى شەھەر- بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر- بازارلارنىڭ تەرەقىيات سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك پائالىيەت ھېساپلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ تىجەشلىك شەھەر قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2015-يىلىغىچە، تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، سانجى ۋە قاراماي قاتارلىق شەھەرلەرنى دۆلەت دەرىجىلىك سۇ تىجەشلىك شەھەر؛ ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا، پىچان، چەرچەن، كۈنەس، ساۋەن، پوسكام قاتارلىق شەھەر- ناھىيەلەرنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇ تىجەشلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى.
خەۋەر مەنبەسى: http://news.iyaxin.com/content/2012-03/15/content_3391056.htm
ئۇيغۇرچە مەنبە: http://www.koktash.com/forum.php?mod=viewthread&tid=234
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 12:43 PM