. دىللا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن . ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىسلام ئەھلى مۇنبەرداشلار ! ئىسلامنىڭ (يەنى ئاللاھ نىڭ ھەق دىننىڭ )ئاچقۇچى تەۋھىت بولغۇنىدەك ، تەۋھىتنىڭ ئاچقۇچى ئىماندۇر ، ئىماننىڭ ئاچقۇچى ئەقىل بىلەن پىكىر تەپەككۇردۇركى ، ئەمما ئىنسان خاس ئەقىلگە تايىنىپلا ئۆزلىردە ئىمان ھاسىل قىلالمايدۇ . بىراق ئىنسان ئىماننىڭ ئاچقۇچىنى قۇلىغا ئالماي تۇرۇپ ئۆزلىرگە ئەبەدى بولغان توغرا يولنى تاپالمايدۇ . چۈنكى ئىمانسىز ئىنسان خۇددى قاراڭغۇ كىچىلەردە نۇرسىز مېڭىۋاتقان ، چۆللەردە يول باشلىغۇچىسىز قەدەم بېسىۋاتقان ، دېڭىز ئوكيانلاردا كۇمپاتسىز كىتىپ بارغان يۇلۇچىغا ئوخشايدۇ . دىمەك دىنسىز ھايات تەبىئەت بىلەنمۇ قارشىلىشىپ قالىدۇ . چۈنكى تەبىئەتنىڭ قۇشۇنلىرى ئۇ ئاللاھ نىڭ قۇشۇنلىرىدۇركى ، دىمەك كائىناتتا ئىنسانلار دۇچ كىلىۋاتقان بالايى ئاپەتلەرمۇ مۇشۇ ئىمانسىزلىقنىڭ كاپارىتىدىندۇر . ئەمما ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى ئىماننىڭ بۇنداق ھەقىيقەتلىكىنى تۇنۇپ يىتەلمەيدۇ . ئەگەردە ئىنسان ئىماندىن ئىبارەت بۇ ھەقىيقەتنى تۇنۇپ يىتەلىگەن بولسىيتتى ئىمانغا، مال -دۇنياغا ھېرىسمەن بۇلۇپ سۇقۇشقاندەك ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكىرەك ھېرىسمەن بۇلۇپ ، بىر بىرىنىڭ جېنىغا زامۇن بۇلۇشقاندەك . ئىماننى بىر بىرىدىن تالىشىپ سۇقۇشۇپ ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقان بۇلاتتى . ئەمما ئىنسان ئۈچۈن ئىماننىڭ ئاچقۇچى ئەقىلدۇركى ، بىراق ئىنسان خاس ئەقىلگە تايىنىپلا ئۆزلىردە ئىمان ھاسىل قىپ كىتەلىشى ناتايىن . چۈنكى ئىنسان ئەقلى ماكان ،زامان ۋەزىيەتلىرنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچىرايدىغان ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي بۇلالمايدىغان نەرسە بۇلۇپ. ئىنسان ھەر قانچە تىرىشىپمۇ بۇنىڭدىن خالى بۇلۇشقا ئۇرۇنسىمۇ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۆزى ھېس قىلىپ قىلماي تەسىر قىلغۇچى ئامىللارنىڭ (يەنى گورۇھ ،مەززەپ ، مىللەت ) ماھىلجانلىقىنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ قالىدىكەن . ئامما ئىسلام ئىنسان ئەقلىنىڭ يۇقارقىلاردەك ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . چۈنكى ئىسلام ئۆزىگە خاس بولمىغان يۇقارقىدەك ئامىللاردىن خالىي بۇلغان. شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشقا ھۈكۈم قىلىشتا قۇرئان كەرىمنى ئاساس ، كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىقنى دەلىل ئىسپات قىلىدىغان ھەق دىن بۇلۇپ . دىمەك ئىسلامدا بۈگۈن بىلەن ئەتىنى تەكىتلەشكە بۇلۇدىكى ، ئەمما ئۆتمىشنى تەكىتلەپ يۈرىشىمىزنىڭ زۆرىريىتى يوق . ئەمدى ئۇنداق دىسەم ئىبىرەت ئېلىش ئۈچۈن ، ۋەز -نەسىيئەت ئاڭلاش ئۈچۈن ئۆتمىشنى ئاز تۇلا تەكىتلىمەي بولمايدۇ دىيىشىڭلار مۈمكىن . توغرا بىز ئىبىرەت ئالساق ، ۋەز -نەسىيئەتنى ئاڭلاپ ھەقنى قۇبۇل قىلساق بۇلىدۇ . بىراق بۇلارنى ئىسلامدىن (يەنى ھەق قۇرئاندىن )چەتنەپ قىلمايمىز . دىمەك شۇ ھەقىيقەتلەر ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ، بىزنىڭ ئىبىرەت ئېلىشىمىز ۋە ياكى ۋەز -نەسىيئەتلەرنى ئاڭلاپ ھەقنى قۇبۇل قىلىشىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىن باشقا (يەنى ئاللاھ نىڭ ھەق سۆزلىردىن باشقا )ھېچقانداق نەرسە بىز ئۈچۈن فىر ئۇستاز بۇلالمايدۇ . شۆبھىسىزكى ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە : پەقەت قۇرئان كەرىمدىكى ، ئىبىرەت ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بايان قىلىنغان نۇرغۇن قىسەلەر ، ۋەز - نەسىئەتنى ئاڭلاپ ، ھەقنى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بايان قىلىنغا نۇرغۇن ھەق تەۋسىيەلەر يىتەرلىكتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەر تۈرلىك ھايات مۇساپىلىردە ئىشلىرى ئاستىن -ئۈستۈن بۇلىۋاتقان چاغلىردا توغرا يولغا باشلايدىغان ئەقىل نۇرىدىن كۈشلىك بولغان باشقا بىر نۇرغا مۇھتاچ بۇلىدۇ ، ئۇ نۇر بولسىمۇ قۇرئاندىن ئىبارەت ئىلاھى ۋەھى (يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى ) بۇلۇپ ، ئىنسانلار ئىمانغا پەقەت ئەقىل ، ئەمەللىرنى شۇ ئىلاھى نۇر بىلەن بىرلەشتۈرەلگەندىلا (يەنى ئىنسان جانابى ئاللاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن كاتتا رەھمەت قىلىپ بەرگەن شۇ ئەقلىنى پىكىر تەپەككۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، بارلىق ئەمەللىرنى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق تەۋسىيەلىرى بۇيىچە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىقلا )ئىرىشەلەيدۇ . مەنبە : رەببىمنىڭ خالىشى بىلەن رىئاللىقتىن .
پاش قىلىش
فورمات
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
قىلالمايمەن دىي
تىرىشچان ئەزا
مەخەتجان
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
مىسرانىم مەستانىسى