«ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر»مۇ؟
توقماق
بۇگۇن تور ئارىلاپ يۇرۇپ «
پەن تەتقىقاتىدا ماتىماتىكا ھەممىگە قادىرمۇ ياكى قادىر ئەمەسمۇ؟» دىگەن بىر تېمىغا كۇزۇم چۇشتى.بۇ يازمىدا ماتىماتىكىنىڭ پەن تەتقىقاتىدىكى مۇھىم رۇلى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن.دەرۋەقە ماتىماتىكا ھەرقايسى پەنلەر ۋە كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم قۇراللىق رولىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.لىكىن شۇنداقتىمۇ «ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر»دەپ ئىتىشقا بولامدۇ؟.
بۇ سۇئالغا يۇقۇرقى تېمىدا ئىنكارى جاۋاپ قايتۇرۇلغان.تىما يازغۇچى ئۇز سۇزىگە نىيوتۇننىڭ ئۆچىنجى قانۇنىدىكى f=ma دىگەن تەڭلىمىنى مىسال قىلىپ كۇرسەتكەن.
تېما يازغۇچىنىڭ نىيوتۇننىڭ 3-قانۇنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر«ماتىماتىكا ھەممىگە قادىرمۇ؟»دىگەن بۇ سۇئال ئۇستىدە ئۇيلۇنۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
تورداشلار مۇشۇ مەسىلە ئۇستىدە كۇزقاراشلىرىمىزنى ئۇتتۇرىغا قويۇپ،تالاش-تارتىش قىلىپ باقساق.مەن «ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر»دەپ قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ دىگەن مەيداندا تۇرىمەن.بۇنداق دىيىلسە باشقا پەنلەرنىڭ ۋە باشقا تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ماتىماتىكا ـــــــ پەقەت ئىنسانىيەت كەشىپ قىلغان زۇرۇرئىلمى قوراللار ئىچىدىكى بىرقۇرال،ئۇ باشقا قۇراللارنىڭ ئۇرنىنى باسالمايدۇ.ئۇ باشقا ئىلمى قۇراللار بىلەن ئۇنۇملۆك بىرلەشتۆرۇلگەن،بىر-بىرىنى ئۇزئارا تولۇقلىغاندىن كىيىنلا ئاندىن رولىنى جارى قىلالايدۇ.
مەرھەمەت كۇز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 12:45 AM