مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14702|ئىنكاس: 106

خوتەن شەھىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇنداق قىلىشىپ ك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49444
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 10:44:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 189 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار ئۈچ يېزا، تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1500 كىلومېتىر. 1995 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 148 مىڭ 400 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 85.29% نى، خەنزۇلار 14.30% نى، باشقا مىللەتلەر 0.41% نى تەشكىل قىلىدۇ. 1984 – يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر خوتەن شەھىرى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبەرلىك ئورگىنى تۇرۇشلۇق جايدۇر. يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىك 1350 مېتىر. يۇرۇڭقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن لوپ ناھىيىسىگە ئورتاق دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى ئىككى مىليارد 240 مىليون كۇب مېتىر. خوتەن شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى – 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2610.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش – بوران چىقىش ۋاقتى 32.9 كۈن. بۇ شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 4500 گېكتار ( 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، يەنە 9300 گېكتار ( 139 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر. 4600 گېكتار ( 69 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز، مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتاتچىلىق بىلەن باغۋەنچىلىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئەڭ ئىگە. چارۋىچىلىقتا شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، توخۇ قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يېپەكچىلىك، پاختا توقۇمچىلىقى، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، يېمەكلىك ۋە سۇلياۋ بۇيۇم ئىشلەش قاتارلىقلار بار. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 – لىنىيىسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر ئەتراپىدىكى تاشيوللار گىرەلىشىپ تور شەكىللەندۈرگەن. شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان قەرەللىك ئايروپىلان بار. 4300 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلۈپ بولدى. ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە شىفىرلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.شەھەردە قۇملۇقتىكى بوستانلىق، ئۈزۈم كارىدورى، يىپەك يولى قەدىمىي ئىزى قاتارلىق ئېتنوگرافىيىلىك مەنزىرىلەر بار.

مەنبەسى: «خوتەن تەزكىرىسى»







ئومۇمىي ئەھۋالى: خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا. شەرقى بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى جەنۇبىي كەشمىر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە خوتەن شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 743 مىڭ 800 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

تەبىئىي بايلىقى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي ئېگىز ، شىمالى پەس بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش كەلگەن، جەنۇبى كۆپ چوققىلىق كوئىنلۇن چوققىسى، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئالدى يانتۇلۇق بەلبېغى، شىمالى قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى، سۇ بايلىقىدىن خوتەن دەرياسى، يۇرۇڭقاش دەرياسى، كېرىيە دەرياسى قاتارلىق چوڭ – كىچىك 36 دەرياسى بار، ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، ماگنىي، ئالتۇن، ھاك تاش، قاشتاش قاتارلىق 60 خىلدىن ئارتۇقى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن قاشتېشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا قوتاز ، تىبەت قۇلىنى ، تىبەت بۆكىنى ، كۆكيامان ، ئۇلار قاتارلىقلار بار ، ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چوڭ سۇزاپ ، تاغ لەيلىسى ، چاكاندا ، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون مۆتىدىل بەلباغ ياكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 13.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2504.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 236كۈن.
ئىگىلىك ئىقتىسادى: خوتەن ۋىلايىتى تارىخى ئۇزۇن سۇغىرىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، ئەزەلدىن‹‹ئاشلىق ئامبىرى››،‹‹مېۋە–چېۋە ماكانى›› دېگەن گۈزەل نامى بار . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ياڭاق ، ئۈجمە، ئاق ئۆرۈك، قاتارلىقلار بىر قەدەر داڭلىق. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولۇپ، توك تارقىتىش، كۆمۈر قېزىش ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يىپەك، گىلەم، توقۇمىچىلىق، قاشتېشى، ھاراق ئېچىتىش قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ھېقىق ئانىرى، سۈپەتلىك ئۈزۈم ۋە قۇملۇقتىكى ياۋا قىزىلگۈلدىن چىقىرىلىدىغان خوتەن ئانار ھارىقى ۋەكىللىكىدىكى يېشىل يېمەكلىك سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئات، ئېشەك بېقىلىدۇ، خوتەن يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قويى ئاساس قىلىنىدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئەتلەس، خوتەن قاشتېشى، خوتەن گىلىمى قاتارلىقلار بار.
قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق، دۆلەت يولىنىڭ 315 –، 219 –لىنىيەلىرى پۈتۈن ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالار ئايرودرومىدا خوتەندىن ئۇچۇپ، ئاقسۇدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھاۋا يولى ئېچىلغان. خوتەن ۋىلايىتى قەدىمىي‹‹يىپەك يولى››نىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئاددىي – ساددا ئۆرپ–ئادىتى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مول گۆھەر بايلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تەلپۈندۈرىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، راۋاق بۇتخانا خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئەندىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئۇلاچى قىيا تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قۇملۇق تاشيولى، كوئىنلۇن تېغىدىكى سىرلىق مۇزلۇق، ئېگىز تاغدىكى كۆللەر، ئارىشاڭلار، ۋولقانلار توپى ۋە ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى، يۈز يىللىق ئەنجۈر پادىشاھى قاتارلىقلار بار.

خوتەن قاشتېشى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

قەدىمىي شەھەر خوتەن تىلغا ئېلىنسا، گىلەم، ئەتلەسلەردەن بۇرۇن ئالاھىدە، بىباھا گۆھەر خوتەن قاشتېشى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئىلىمىزنىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىغا تارقالغان. جاڭ چەن غەربىي دىيارغا سەپەر قىلىشتىن 2000 يىل ئىلگىرى قاشتېشى سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىمىزنىڭ داڭلىق سودا شەھىرى لوياڭغىچە بېرىپ، خوتەن قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خوتەندىن لوياڭغىچە بولغان مەشھۇر خوتەن قاشتېشى سودا كارۋان يولىنى ئاچقان.

خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە تەزكىرىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن يېزىلغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر›› دېگەن تەزكىرىدە ‹‹ئۇدۇننىڭ غەربىدىكى دەريا غەربكە، شەرقىدىكى دەريا شەرققە ئاقىدۇ، ئايىغى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، بۇ دەريالاردىن ئېسىل قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.

يەنە ‹‹يىڭى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريالىرىدىن بىباھا گۆھەر قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئايدىڭدىمۇ پارقىرىغان جايدىن قاشتېشى تاپالايدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان. جىن پادىشاھلىقىدىكى جاڭ گۇاڭيىلارنىڭ سەپەرنامىسىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:‹‹ئۇدۇندا ئۈچ دەريا بار، شەرقتە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربتە كۆك قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ غەربىدىكى دەريا قارا قاشتېشى دەرياسى بولۇپ، ھەممىسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى سۈزۈكلۈكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق. بۇ ئۈچ دەريا قاراقۇرۇمدىن باشلىنىدۇ، كەلكۈن سۈيى ئازايغان كۈز پەسلىدە، كىشىلەر بۇ دەريالاردىن قاشتېشى سۈزىدۇ.››

تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە خوتەن قاشتېشىنى قېزىش ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى ئالاھىدە روناق تاپقان. يەنە تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر ‹‹ئۇدۇندا ئىككى دەريا بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى دەريادىن دۇنيادا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان ئېسىل قاشتېشى چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلىگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ما زۇچاڭ ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريا ياقىلىرىدا قاشتېشى سۈزۈلىدۇ، بۇ سۈزۈك قاشتاشلىرى شەرقنىڭ يىپەكلىرىگە تېگىشىلىدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان...

خوتەن قاشتېشى جۇلالىق، سۈزۈك، نەپىس، سىرلىق بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئالتۇن ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ سىمۋولى بولغاندەك، خوتەن قاشتېشى بىباھالىقى، خىسلىتىنىڭ چەكسىزلىكى، ساغلاملىققا بولغان شىپالىق رولى بىلەن ئامان – ئېسەن، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن سىماسى بولۇپ كەلمەكتە.

خوتەن قاشتېشىنىڭ راست – ساختىلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى ئايرىشتا، ھەجىمى چوڭ بولۇش، زىچلىقى چىڭ ۋە قاتتىق، سۈزۈك، پارقىراق بولۇش، داغ ، دەز، كەمتۈك ۋە ئارىسىدا يېرىقى بولماسلىق تەرەپلىرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئاق قاشتېشىنىڭ چىلان رەڭ قارا چاپىنى(خالى) بارى تولىمۇ ئەتىۋارلىق. ئادەتتە سېرىق رەڭلىك قاشتېشى ئەڭ قىس بولۇپ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك ئاق قاشتېشىدىنمۇ ئەتىۋاردۇر.


مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى»



–سېنتەبىردىكى خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى . بۇ يەر كەلگۈسىدە مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

  خەلق تورىنىڭ 8–سېنتەبىر خوتەندىن بەرگەن تېلېگراممىسى : قاشتېشى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەشۋىق قىلىپ ، خوتەن قاشتېشى كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، خوتەن شەھىرىدە مەملىكىتىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا مەركىزى قۇرۇلىدىكەن .

  خوتەن قاشتېشى — خوتەننىڭ ئالاھىدە بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە داڭلىق ماركىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . خوتەن قاشتېشىنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كونا كۆۋرۈك بىلەن يېڭى كۆۋرۈك ئوتتۇرىسىغا قاشتېشى سودا مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ ، پىلانلانغان كۆلەم تەخمىنەن 570 مو كېلىدىكەن .

  نۆۋەتتە ، بۇ مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ ، بۇ مەركەز قۇرۇلغاندىن كېيىن ، قاشتېشى سودىسى ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، باھالاپ بېكىتىش ، ساياھەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ، خوتەن قاشتېشى كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ ، بازار تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ، ئومۇمىي رىقابەت ئەمەلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن .

  ئىگىلىنىشچە ، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا بازىرى خېنەننىڭ جېنپىڭ ناھىيەسىدە بولۇپ ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 450 مو كېلىدىكەن . خوتەن شەھىرىدە بىر قەدەر نامى چىققان خوتەن قاشتېشى سودا بازىرىدىن ئۈچى بار بولۇپ ، بۇ ئۈچ بازارنى ھۆكۈمەت قۇرغان بولماستىن ، بەلكى تارىخ ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن .
ساقلانمام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 11:58 PM  


ئاجايىپ دۇنياكەن بىرىگە ئىنتىزار بىرىگە بىزار‹‹‹

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:01:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربان تۇلۇم ھىكايىسى بەك قىززىق جىما،بىيجىڭغا ئىشەك بىلەن بارىمە دەپ،بەك جاھىل ‹‹ ئادەم›› !

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:26:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەننىڭ ھازىر يەنە يىڭىدىن قۇشۇلغان ئىككى نامى بار ، جۇڭگودىكى 2. چوڭ ماشىنا بازىرى ،ھەم قول تېلفۇن بازىرى دىگەن نامىمۇ يىڭىدىن پەيدا بولدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:29:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10-ئايلاردا بارغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنى شۇنداق كولاپ ۋەيران قىلۋىتىپتىكەن

nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:29:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:35:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:42:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:51:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:59:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپرەت، بۇ تېمىدا ھېچكىم خوتەن خەلقىنى قالاق دېگىنى يوق ، ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز قايناپ كېتىپسىز بىكاردىن.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:13:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش