مەن بىر ساراڭ...
مەن بىر ساراڭ، سېنى سۆيگەن ئوماققىنا بىر ساراڭ، سېنىڭ كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ قارىيالمايدىغان سەۋدا بىر ساراڭ. سېنىڭ تاتلىق كۈلكەڭ بىلەن بىللە يۈرىكىمدىن خوشال بولىدىغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىمىزدىكى شوخراق بالىلار سېنى بوزەك قىلسا، ئۇلارنى يېڭەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ سېنى قوغدايدىغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، مۆڭۈ-مۆڭۈلەڭ ئوينىغان چاغلاردا، سېنىڭ بىزنى تاپالماي جىلە بولغان ۋاقىتلىرىڭدا سېنىڭ ماڭا قاراپ بىر ئوماق كۈلۈمسىرىشىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن قەستەن ساڭا شەپە بېرىپ تۇتۇلۇپ قالىدىغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، ئۆيىمىز گەرچە خېلى يىراق بولسىمۇ، پەقەت سەن بىلەن بىللە مەكتەپكە مېڭىش ئۈچۈن، ئايلىنىپ ھارغىنىمغا قارىماي ئۆيۈڭ ئالدىدا سېنى ساقلايدىغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم سېنى قوغلاش توغىرسىدا مۇلاھازىلەرنى قىلسا، ئۇلار بىلەن سەۋەب يوقلا ئۇرۇشۇپ بىر قولۇمنى سۇندۇرۇۋېلىپ دوختۇرخانىدا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقاندا سەن بىلەن بىر ئالىي مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن كېچىللىرى كىرپىك قاقماي تەكرار قىلىپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆگىنىش ئۈستىلىدىلا ئۇخلاپ قالغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، چاقىرىق قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۆيۈڭگە يۈگىرەپ بېرىپ سېنى بۇ خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان قىلىشقا ئەھدە باغلىغان ساراڭ، ئېسىڭدىمۇ؟ ئەشۇ ۋاقىتدا ئۆيىمىز ئارلىقى 5 كىلومېتىر كەلسىمۇ سەممىيىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يۈگۈرەپ بېرىشنى توغرا تاپقان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسدىن ئاتلىغان ئۇشبۇ مىنۇتتا سېنىڭ يېنىمدا بولغىنىڭدىن ئالەمچە بەخت ھېس قىلغان ۋە ياخشى ئوقۇپ سېنى نىكاھىمغا ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن سەۋدا بىر ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، سەن ئۈچۈن توختىماي ئەسەرلەرنى يېزىپ، يەنە شۇ ئەسەرلەرنى ساڭا بېرىشكە پېتىنالماي، دوستلىرىم شۇنچە زورلىسمۇ سەن ئۈچۈن يازغان ئەسەرلەرنى خاتىرەمگە بەنىت قىلۋەتكەن ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، دەرستىن بالدۇر چۈشسەممۇ، قورسىقىم شۇنچە ئېچىپ كەتسىمۇ سەن بىلەن بىللە تاماق يېيىش ئۈچۈن سېنى ساقلاپ، سەن چىققاندا بولسا "ئەمدىلا دەرستىن چۈشكەنتىم" دەپ سېنى ئالدىغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ساڭا كۆڭلىمنى ئىزھار قىلىپ، سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئۇتىۋېلىپ، خوشال ھالدا مەكتەپ ھاياتىم بىلەن خوشلاشقان "ئەخمەق" بىر ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، "نىمىشقا كۆڭلۈڭنى ماڭا بالدۇر ئىزھار قىلمايسەن؟ مەنمۇ سېنى سۆيەتتىمغۇ؟ " دېگەن سۇئالىڭغا "مەكتەپدە ياخشى ئوقۇپ، ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىپ، سېنى بەخىتلىك قىلشقا ئىرادەم پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن سەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ئويلىغان" دەپ ساددىلارچە جاۋاب بەرگەن ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، خىزمەت ۋاقىتلىرى ساڭا گەپمۇ قىلماي، خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن سەندىن ئايرىلالماي، سېنى ئۆيۈڭكىچە ئاپىرىپ قويغان ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ، توي كۈنى ساڭا 99 دانە ئەتىرگۈلنى سوۋغا قىلىپ، كۆزلىرىڭ نەملەنگەندىن كېيىن، كۆزۈڭدىكى ياش يۇقىسنى سۈرتۈپ تۇرۇپ "كۆزۈڭدىن ئەمدى تامچە ياش ئاققۇزسام ئەركەك بولماي كېتەي" دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەن ساراڭ.
مەن بىر ساراڭ.....
2012.3.14
ۋېلىيار. ئىلھام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weliyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 10:03 PM