سىڭلىمغا ئىلتىجا
سىڭلىم !
قاراپ باققىنا ،ئاناڭنىڭ ھەسرەت ۋە ئەلەمدىن بىچارىلارچە پۇكۇلگەن ،ۋاقىتسىز ئىگىلگەن قەددىگە،قارىغىنا ،ئۇنىڭ خۇنى قاچقان نۇرسىز كۆزلىرىگە ،سىنچىلاپ يەنە قاراپ باققىنا ،بىچارە ئاناڭنىڭ ئۆڭ-سۆلى يوق سۇلغىن چىرايىغا ۋە ئۇنىڭ خۇدۇكسىنىش،گاڭگىراش ،ۋەھىمىلىك ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆرتەنگەن ئاجىز جىسمىنىڭ ھېلىلا يېقىلىپ كىتىدىغاندەك تىترەپ تۇرىشىغا،غەمدىن سىقىلىپ زەرداپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان يۇرىكىنىڭ كۆكسىگە پاتماي پارتىلاپ كىتىدىغاندەك شىددەت بىلەن سۇقۇپ ،نەپسىنى بۇغۇپ قۇيىۋاتقانلىقىغا ،سەن تېخى بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراۋاتامسەن؟
بىلمىدىڭمۇ سىڭلىم ،ئۇلار سىنىڭ تىنىمسىز بىنۇرمال قاتراشلىرىڭدىن ھاسىل بولغان تۇمانلىق چاڭنىڭ بىر كۈن بولمىسا بىر كۇنى سىنىڭ ياشلىق شىجائىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان كىرسىز پاك ۋۇجۇدىڭنى بۇلغاپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۈنسىز سۈكۇت ئىچىدە ساڭا قاراپ قېتىپ قېلىشماقتا ...... ئۇلار سىنىڭ ئەسەبى تۇرقىڭدىن ئۆزلىرىگە يات بولغان نامەلۇم قورقۇنۇشلۇق سايىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرگەندەك ۋە بۇ قارا سايىنىڭ سىنى يۇتۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك قىلىدۇ ،چۇنكى سىنىڭ سۈيۈملۇك ئاتا -ئانىلىرىڭ بەختىڭنىڭ دىيانەت،ئىتىقاد تەختىدە قارار تاپىدىغانلىقىنى،نۇمۇس ۋە ھايانىڭ بىغۇبار نۇرىدا پارلايدىغانلىقىنى،ئومۇرلۇك ئىشلىرىڭنىڭ ھايا بىلەن يەكۇنلىنىدىغانلىقىنى،ئۆز نۆۋىتىدە يەنە،سىنى چۇشكۇنلۇك،باشبالتاقلىق ۋە ھاياسىزلىقنىڭ شاللاق سەۋدايىلارچە بورىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ ،پەسكەشلىكنىڭ خار-زەبۇنلۇق ئازگىلىغا تاشلاپ نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقىنى،ياشلىق گۈللىرىڭنىڭ يېشىڭدىن بۇرۇن خازان بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ-دە!
سىىڭلىم،ئاخىرقى يول -قاباھەتلىك،بارسا كەلمەس يول،بۇ چاغدا سەن خۇددى ئەتىۋارسىز توزغاقتەك رەھىمسىز تۇرمۇش رىئاللىقىنىڭ ئازغىنا سەلكىن شامىلىغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي،ئۇچۇپ- ئۇچۇپ ۋاقىتسىز تۇزۇپ كەتكىنىڭدە،ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى ئۇرۇنسىز ئەيىپلىشىپ،ئۆكۇنۇپ ياش تۈكۈشىدۇ...چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانا-دە!
ئەي،سىڭلىم،كىچە-كىچىلەپ مۇدۇرۇپ-چۇقۇرۇپ سىنى ئىزدەش ھەلەكچىلىكىدە پايپاسلاپ ،پايپىتەك بۇلۇپ كىتىۋاتقان بىچارە ئاتا-ئاناڭنى ئۇنتۇما !سەن شۇنى بىلىۋالغىنكى،<ئالى مەدەنىيەت > دەپ ئاتىۋېلىشقان،كىشىنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىپ،نىرۋىلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ھىسيات قوزغىتىپ،شەھۋانىيلىق ۋە نۇمۇسسىزلىققا يول ئاچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش بەزمىللىرىنىڭ غۇۋا يۇرىقىدا يېرىم يالىڭاچ ھالىتىڭ بىلەن مەجنۇنلارچە سەكرەۋېرىپ،خۇدىڭنى بىلمەي ئالۋاستىدەك قىقاس سېلىۋاتقان ياۋايىلارچە تۇرقىڭدىن گاڭگىراپ،ئازاپ ئوتىدا پۇچۇلىنىۋاتقان ئاتا-ئاناڭ غەمنىڭ چېكى كورۇنمەس چوللىرىدە ھېرىپ ئەمەس،نۇمۇستىن ھالسىراپ ھالىدىن كەتتى ......
قايتىپ كەل سىڭلىم،ئاناڭنىڭ ئىللىق باغرىنى ئۈزىڭنىڭ ئاشىق بولغان ئاشۇ رەڭدار كەسپىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىن،چۇنكى ،مىھرىبان ئاناڭ يەنىلا سىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە كۈتىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ،جاپاكەش ئاتاڭمۇ سىنىڭ بالدۇرراق ئۇ ئازغۇنلار يولىدىن قايتىپ چىقىپ ئۇزىڭنىڭ بەخىت ،كارۋان يوللىرىڭغا دادىل قەدەم تاشلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
قايتىپ كەل سىڭلىم ،ئاتا-ئاناڭ ھايات ۋاقتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىللىق مىھرىغا بىر قېنىۋال،ئۇلارنىڭ ئىللىق باغرىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئەركىلىۋال ،بەلكىم بۇ ساڭا بىرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەت بۇلىشى مومكىن ......
ئەسكەرتىش:تۇنجى يوللىغان تېمىڭىزكەن،تېمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئىنكاس شەكلىدە ئەسكەرتىڭ،بولمىسا،تېمىڭىز ئۆچۈرىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 01:42 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-17 07:26 PM):
مەنبە':بۇ مىنىڭ ئۆز قەلىمىم ،تۇنجى يوللىشىم بولگاچكا مەنبە ئەسكەرتىشكە
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-17 07:26 PM):
مەنبە':بۇ مىنىڭ ئۆز قەلىمىم ،تۇنجى يوللىشىم بولگاچكا مەنبە ئەسكەرتىشكە