ئاھ! كۆز چاناقلىرىمغا تۇلۇپ كەتكەن ئەلەملىك ياشلىرىمنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتۈشكە ئاجىزلىق قىلۋاتمەن.قۇلۇممۇ خۇددى كەچكۈزدىكى ئۈشۈك تەككەن مايسدەك قېتىپ كەتكەن.ئەمما ،تەنتەك ياشللىرىم منىڭ رايمىغا باقدىغاندەك ئەمەس.يغلاۋاتمەن.ئىچ ئىچمدىن ئوخچۇپ چىقۋاتقان بۇ ھەسرەتلىك ياشلىرىمنى مەيلىگە قۇيۋىتىپ يىغلاۋاتمەن.قانداق قىلاي؟نىمشقا ،پ سوراۋاتامسىز؟-چۈنكى ئاشۇ مىھىر،ئاشۇ ئىللىق كۈلۈمسرەش،پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ماڭا تىلەنگەن ئاق ھەم ساپ تىلەكلەر منى يىغلاتماقتا .تېخى بۇندىن ئىككى يىل مۇقەدەم پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ تىلەنگەن تىلەكلەر ،مىنى بۇ يات شەھەردە چەكسىز ھەسرەت ھەم پۇشايمان بىلەن يىغلاتماقتا ....!
مۇشۇ تاپتا بار ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ:"ئانا منى كەچۈرگىن."دەپ نالە قىلۋاتمەن.كۆز ئالدىمدا ئۆمۈر بۇيى راھەت كۆرمەي .ئالتە بالنڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ ،تۈمەنلگەن ئېغىر كۈنلەرنى بېشدىن ئۆتكۈزگەن ،بەللىرى ئىگىلىپ ،كۆز چاناقلىىرى ئولتۇرۇشقان.كۈلكە كەتمەيدىغان ئاشۇ مھرىبا ن يۈزلىرنى جاپا -مۇشاقەتىنڭ شاھىدى بولغان قورۇقلار باسقان.كۆزلىرىدىن ئىغىر مۇڭ ھەم ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرغان مھىرىبان ئانام كەلدى .باھارنىڭ ھىدى زىمستان قىشتىن كىين كىلدۇ.مھىر-مۇھاببەتىڭ،چەكسىز كۆينىشنىڭ قەدىرى،ئاچچىق سىناقتىن ،ئېغر كۈلپەتىن كىيىن بىلىندۇ. ئانامنىڭ ئاشۇ سۇلغۇن چىراينى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرسەم يۈرەكلىرىم كەچكۈزدىكى ياپراقتىەك تىتىرەپ كىتىدۇ.ئۆز-ئۆزۇمدىن ،بەڭۋاش،نادانلىقمدىن،قىسقىسى شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ يوقاتقان ۋىجدان غورور ئورنىغا ئىرشكەن بۇ لەنتى قارا قسمەتىن نەپرەتلىنمەن.
ئالىي مەكتەپ ھاياتمىنڭ تۇنىجى قەدىمى تۇلمۇ ئوڭۇشلۇق بېسلغان ئىدى.شۇنچە تىرشىپ ئاخىر بۇ ئىلم -ئېرپان باغچىسغا كەلگىنىمدىن چەكسىز خوشال ئدىم،كۈلەتتىم ،قىسقىسى ،بەختىلىك ئىدىم .بەختيار ئدىم.خۇددى ھەسەل ھەرسى بال يىغقانغا ئوخشاش،مەنمۇ بۇ بىلم كاندىن بال يىغماقتا ئىدىم .كۈنللۈرۈم ئۆگىنش ،ئىزدنىش،خاتىرجەمىلك ئىچدە ئۆتمەكتە ئىدى.ھەر قاچان ئاشۇ جاپاكەش ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپاسنى ئويلغىنىمدا ،پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ تىلگەن تىلەكىلىرنى ئويلغىنمدا ،ماڭا يەنمۇ بەكرەك غەيرەت ۋە تىرىشچانلىق كۈچى قۇشۇلاتتى .تېخمۇ تىرشىپ ئۇقۇشقا بەل باغلايتىم .كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتەتتى .بىر كۈنلەر كىلپ ئەزەلدىن ئەتراپمىغا نەزەر سالمغايدغان مەن .ئەتراپمغا دىھققەت قىلشقا باشلىدىم.ئەنە_ئەتگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىرايلىق ياسىنپ نەلەرگىدۇر چىقىپ كىتۋاتقان ياتاقداشلىرىم.ھەر ھەپتىدە بىر ئۇچسىدا پەيدا بولدىغان مۇدا كىيملەرنى پار قىلىپ كىيۋالىدىغان قىز ساۋاقداشلىرىم.ئۇلارنىڭ ئۆزىچە دېيشىپ كىتىدغان قايسدۇدر ئىسل رىستۇراندىكى مەن ئەزەلدىن ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمغان ئېسل تاماقلار...............................!
بارا -بارا ئۆزۈمنى كەمستىشكە ،ئۆز-ئۆزۈمنى تۆۋەن كۈرۈپ ئۇلاردىن ئۈزۈمنى ئېىلىپ قېچىشقا باشلدىم .ئەمما ،مەن قاچقانسرى ،ماڭا خۇددى كاندەك چاپلاشقان ئاشۇ شۆھرەتپەرەسلىك منى ئۆزىگە تەسلىم قىلدرۇردى .مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئۇلارنى دوراشقا ،بىچارە ئانام تاماق ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئازغنە پۇللارغا كىيم-كىچەك ئېلىپ كىيشكە ،دەرسكە چىقشىنىڭ ئورنغا تورخانلارغا كىرشكە باشلدىم.توۋا ،ئىلگىرى شۇنچە ئېسل ھايات ھۇزۇرنى ئەجەپ سۈرمەپتكەنمەن دېسە-؟
مەن چوڭقۇرلاپ كېتۋاتقان بۇ ھاڭ مىنى كۈندىن كۈنگە ئەسلىمدىن ھەم ئارزۇ- ئارمانلىرىمدىن ئايرۋەتتى . ئويندۇم،دەرس تاشلىدم .ئلىگىرى سىنپتا ھەممىڭ ئالدى بولسام ،مانا ئەمدى ئەڭ ئاخىرغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم.ئايلىق ئەۋەتلىگەن پۇلۇم يەتمەي.بىچارە ئانامغا قانداقتۇر ئاتالمش ماتىريال پۇلى ئۈچۈن پۇل سالدۇرۇپ خەجلەشكە باشلىدىم.مەندىكى بۇ ئۆزگۈرۈش، ئاددى-سادىللققا ،سەمىميلىكە .كۈيۈمچانلىق.غورور ۋە ئىتقادقا تولغان بىر قەلىپ ئىگسىنى ئاسمان -زىمىن ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.كۈنلەر ئۈتۈپ مۇئەللىم مەنىدىكى بۇ ئۆزگۈزۈشلەرنى بايقاپ مىنى نۇرغۇن نەسھەتلەر بىلەن ئشخانسىدن چىقاردى .مەن ئۆزۈم ئۈستىدە قايتىدىن ئويلنىشقا .ئىرشمەن دەپ يوقاتقان نەرسىللىرمنى ئىزدەشكە باشلدىم .قانچە ئويغانسىرى ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ،كۆز چاناقىلىرىم ياشلار بىلەن تولماقتا ئىدى.كەينىمگە قايرىلىپ قاراپ ،ھايات بەتللىرمگە تۇلۇپ كەتكەن سان-ساناقسىز سوئال بەلگىلىرگە قاراشقا ،ئادىميلىگىم بىلەن بىچارە ئاپامىڭ:"قىزىم ئوقۇشىڭىز قانداقراق ؟"دەپ سورغان سۇئاللىرغا جاۋاپ بىرشكە ئاجىز ئىدىم.ئاجىز ئەمەس يۈزۈم يوق ئىدى.
يىل ئاخىرىدا مۇئەللىمنىڭ ئالدىمغا زەردە بىلەن ئاتقان نەتجە كۆرسەتكۈچى منى قاتتىق چۆچىتۋەتتى.توپتوغرا بەش پەندىن ئۆتەلمگەن ئىدىم...!ئەمدى بۇنۇڭغا نىمە دەي؟ئىلگىرى مەن قانداق قىز ئدىم؟ئەمدى مەن نىمە بولدۇم؟قېىنى مەندكى ئاشۇ ساپ ھەم پاك ئۇلۇلغۋار غايلەر ؟قېنى مەندىكى ئاددى دېھققان قىزدىكى غورور ۋە ئتقاد؟كۆز ئالدىمغا دادام رەھمەتلىكنىڭ:"قىزىم ،قىز بالا دىگەن ئاجىز بۇلدۇ،شۇڭا ياخشى ئۇقۇشى كېرەك .ئۆزنىڭ نېنىىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلگدەك ئادەم بۇلۇشى كېرەك"دېگەن سۆزى كىلىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ،كۆز چاناقلىرىمغا ياش تولۇپ .ئوپكەم ئۆرۈلۈشكە باشلىدى،ئانامغا تىلفۇن قىلدىم.ئاھ! مىنى،مەندەك بىر نادان قىزىڭنى ئالاھ ئۇرسۇن .ئانام ئېغىر كېسەل بۇلۇپ قېىلىپ ،داۋالنىشقا كۆزى قىيماي ئۆيدە كېسەل بىلەن جان تالشىپ يېتىپتۇ.ئانامدىن نىمشقا دوختۇرخانغا بارمغانلىقنى سورسام،:"سزنى قىينىلپ قالمسۇن دەپ پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ بارمدىم "دەپ جاۋاپ بەردى.
ئاھ!..ئانام منى دەپ ،مەندەك ئەقىلسىز قىزنى دەپ كېسەل كارۋىتدا ئېغىر ھالسراپ يېتىپتۇ.بىراق مەنچۇ..؟؟.......
بىردىنىلا بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىردىم.........منى كەچۈرۈڭ ئانا...........!!!ئەقىلىسز نادان قىزىڭىزنى كەچۈرۈڭ.............!!!
2012يىل3-ئاينىڭ14-كۈنى
مەنبە:ئۆز قەلىمم
نەفسىي يازدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbelik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 06:13 PM