مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3540|ئىنكاس: 51

بۈگۈن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قۇربان بولغان خاتىرە كۈن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ناداندىن دوستۇڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68292
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4588
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 02:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            بۈگۈن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قۇربان بولغان

خاتىرە كۈن 
  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ،بۈگۈن 13-مارت كۈنى ، بۇندىن 79يىل مۇقەددەم ، يەنى 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەردلەرچە قۇربان بولغان خاتىرە كۈن ......|بۈگۈن تور دۇنياسىدا شائىرنى ئەسلەيلى ،ئۇنىڭغا دۇئالار قىلايلى ........   
ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ نىسبەتەن ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩب، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ
1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋۆﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚگىنىدۇ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴ, ﯩﺪﯨﻤﯘﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍتقا ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ- ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ «ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ» ، «ﻗﯩﺰﯨﻞﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ» ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩېمۇگرﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ فېئوﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﻨﻰﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .
1923 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مەخسۇت مۇھىتى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 – ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . 1926 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭست ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴۇﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ خوﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ . . .  
ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋۆﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .   
ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ تېز  ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 – ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ » ، « ﺋﺎﭼﯩﻞ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . 1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 3 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ…
                                                                                          
بىرقىسىم شېئىرلىرى:  
  

ئويغان  
ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.  
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،  
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.  
قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!  
رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!   
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،  
ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.  
ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ، 
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟  
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،  
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟   
كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،   
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.  
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،   
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.  
ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،  
سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.  
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،  
ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!   
كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،  
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.  
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر، 
شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.  

ئاچىل 
(بۇ شېئىرىنى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھارپىسىدا  يازىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ شېئىر خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ ، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ)  
گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،  
باشقا سانچىلاي دەيدۇ.  
يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى، !
تەنگە يامىشاي دەيدۇ.  
يارىم ماڭا ناز قىلۇر،  
كۈلۈپ مېنى ماز(مەست)قىلۇر.  
يار قەدرىنى بىلمەيسەن،

زېمىستاننى ياز قىلۇر  
يار دەردىدە خۇن بولدۇق،   
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.   
قورقۇنچىڭدىن قاتتىق تاش،  
بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.   
ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما  
يار يولىدا پۇتلاشما.   
يارىم ئۈچۈن جان پىدا،
قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.   
غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،  
ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىل
يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،  
قاچان بولسا بىر ئۆلۈم..
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم،  
يارىم ئاچىلغىن.  
  
مۇزلىدى     
(بۇ شىئېر 1933-يىلى 1-ئايلاردىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شۇ يىلى 2- ئايلاردا يېزىلغان)  
سوغ زىمىستان قەھرىتاندا يولدا داۋان مۇزلىدى،  
پوتلا چېرىك يولغا چىقتى، چىقتى بوران مۇزلىدى.  
قار _ شىۋىرغان ئۇردى_ سوقتى، بولدى سەرسان مۇزلىدى،   
لىيەنجاڭۇ يىڭجاڭى جىڭگوك بولدى ۋەيران، مۇزلىدى.   
پاختىلىق تامبال ئىچىدە جايى پىنھان مۇزلىدى.   
جىڭ شۇرېن غەزەپ بىلەن ھەربىيگە بۇيرۇق قىپتۇمىش،
<< تۇرپانلىق زىۋازىلار >>نى جادۇغا باس دەپتۇمىش.     
ئەللىك ھارۋا دادۈي _ رىنما جادۇلارنى ئاپتۇمىش،  
بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا بەشيۈز چېرىك كەپتۇمىش،   
ياۋغا قارشى سوغ كۈچەپ نەچچە چەندان مۇزلىدى.   
مۇسۇل مۇھىت ئاڭلاپ بۇنى، ئۈرۈمچىدىن ماڭدى شۇئان، !  
چىقتى چىغ دەڭدىن چېرىك سايئوپىدا سوقتى بوران.  
كەلدى تۇرپانغا خەۋەر، چېرىك ئاشقۇنچە داۋان،  
رۇسلىنىپ <<قارشى ئېلىش >>قا چىقتۇق ئالدىغا تامان،   
تاڭ سەھەر يارغۇل ئارا بۇ ھەربىي پەرمان مۇزلىدى.   
تاقاببىل تۇرۇشقا بىزدە نەيزە_ ئورغاق تەييار ئىدى،   
جاللاتلارنىڭ ئالدىدا بىزگە ھەقىقەت يار ئىدى.     
جان تىكىپ ئاتلاندى يۇرت، توسماق ئۇنى بېكار ئىدى،  
<. توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ>> دېگەن قەدىم سۆز بار ئىدى،   
ئالدىدۇق دۈشمەننى بىز، ئۇر- ئۇردا چاشقان مۇزلىدى.
بامدات بىرلە رەپىق ھېسامىدىن بولدى شېھىت،
<< رەكەفا بىللا شېھىت>> دەپ رۇسۇلۇم ئاللاغا ئېيت.
ئەھلى تۇرپان ھازىدا، ئايرىلدى سەندىن ھەي ئىسىت،   
ھەقىقەت قۇربانىسەن، ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن بېھىشت،   
كۈنگىمۇ بولدى مۇسىبەت، تۇتۇلدى ئاسمان، مۇزلىدى.  
ئاقارغان تاڭ سۈبھىگە چۈشتى قىزىل قان جىلۋىسى،   
ئۇجۇقۇپ بولدى شۇ كەم پالەچ چېرىكنىڭ ھەممىسى،  
پاك _ پاكىز چۈشتى قولغا ئوق ۋە مىلتىق جەمئىيسى،   
قالدى جان قايغۇسىدا لويى_ ئامبال، توڭچىسى،   
مىسلى كەچ كۈزدە چىۋىندەك ھالىي پەرىشان، مۇزلىدى.   


ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ  
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ،   
ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﯜﭼﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.   
ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎ  
ﺗﯩﻨﭻ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻘﯩﺮ-ﭘﯘﻗﺮﺍ،  
ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻧﻰ.
ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ،  


  
ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ  
ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ،ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،
ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.  
ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،   
ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ  
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ   
ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.   
ﻧﻪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،   
  
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،  
ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.   
  
ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.  
  
ئوغۇل بالا ئەلنى تاشلاپ قاچمايدۇ  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ئەكسىيەتچى ھۈكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى بىر نەچچە قىتىم يامۇلغا چاقىرىپ كىرىپ سوراق قىلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ تەغدىرىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنى چاتقال دىگەن جايغا كىتىپ ۋاقتىنچە شۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ لەۋزىنى يىرالماي ، ئىگەرلىنىپ ئالدىغا ئەكىلىنگەن ئاتقا مىنگەن بولسىمۇ ھويلا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ يىغا-زار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:   
- مەن قېچىپ كەتمەي!  ئەل-يۇرت جامائەتلەر بۇ يەردە يىغا-زار قىلىشىۋاتسا مەن كەتسەم بولمايدۇ، مەن ئۈچۈن ئەل-يۇرت ئازاپ تارتمامدۇ؟   ئوغۇل بالا ئەلنى تاشلاپ قاچمايدۇ، مەن ئۆلسەممۇ ئەل-يۇرتۇم بىلەن بىللە ئۆلىمەن، دەپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۆزى ئۈچۈن يىغا-زار قىلىشىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىرىپ كىتىدۇ.   
ھەر بىر ۋارىقىدىن گۆھەر چىقىدىغان كىتاب >  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كىتابخانىسىدا مىڭ پارچىدىن ئارتۇقراق كىتاب- ژورنال ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەر تىل-يېزىقىدىكى كىتابلاردىن باشقا ،روس،خەنزۇ ۋە مۇڭغۇل يېزىقىدىكى كىتابلارمۇ بولۇپ، بۇلار شائىرنىڭ قىممەتلىك روھىي ئوزۇقى، بىلىم مەنبەسى ئىدى.   
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ << سۆز دېڭىزى>> ناملىق خەنزۇچە بىر چوڭ كىتابنى ئۈچ يۈز سەر تەڭگىگە سېتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇدۇ. بىرقانچە ياراملىق ئاتنىڭ پۇلىغا بىر كىتاپ سېتىۋالدى دىگەن زادى قانداق گەپ؟!  
بەزىلەر:<< كىتابنىمۇ شۇنداق قىممەت باھادا  سېتىۋالغان بارمۇ؟>> دەپ سوراشقىنىدا ، شائىر ئىپتىخارلىق بىلەن، ھىلىقى كىتابىنى سىلاپ تۇرۇپ :  
- بۇنىڭ ھەر بىر ۋارىقىدىن گۆھەر چىقىدۇ!-  
دىگەن جاۋابنى بېرىدۇ.  
     
ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆز  
   
1933- يىلى ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە،خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن چىققان شىڭشىسەينىڭ باندىت قوشۇنلېرى ئون يەتتە  نەپەر كىشىنى تۇرپان يىڭى شەھەر بۇتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارقان بىلەن جازا تۈۋرۈكلەرگە باغلايدۇ. بۇلار تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئالىي تەشكىل ئورگىنى-<< ئىنقىلاب ھەيئەت>> نىڭ ئەزالېرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى.
كۈن پېتىش مەزگىلىدە جاللاتلار قىلىچلېرىنى يالىڭاچلاپ، ئىنقىلاپچىلارنىڭ كاللىسىنى كېسىشكە تەييارلىنىدۇ، شائىر ئالدىغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن جاللاتلارغا قاراپ، مەردانا ئاۋاز بىلەن خىتاپ قىلىدۇ:
- كۈن ھازىر ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. جاھاننى قاراڭغۇچىلىق باسىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەتە يەنە تاڭ ئېتىپ كۈن پارلايدۇ!...  

شائىرنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىمۇ تېز پۈكمەيدىغان ئىنقىلابىي جاسارىتىدىن قورقۇپ تىترىگەن جاللاتلار غالجىرلاشقان ھالدا شائىرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇبارەك كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.   
  
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 07:01 PM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

baburxah بۇ ئىنكاسنى 12-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئائىت بىر قىسم رەسىم ۋە كىتابلار
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 313 مەرھومنى مەنگۈ ئەسلەي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 313   باھا خاتىرىسى

ئىېشكى يوق موللامنڭ ،قۇلقۇقى تىنچ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىممىتىڭدىن،غەيرىتىڭدىن ئۆل لىكىن ئايرىلمىغىن.
ھەق بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر قايرىلمىغىن.
                   .
                   .
                   .

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي...

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلەك يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 03:07 PM
خاتىرەكۈن ئەمەس ئۇنۇتۇلماس ماتەم كۈنى دېسەك توغرا بول ...

بۇ بىر ئىچىنىشلىق كۈن،ئەينى دەۋىردە ئابدۇقادىر داموللام،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىدەك بىلىملىك كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئىدى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77392
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى تىمكەن، ھازىرقى بالىلار ئاشق-مەشۇق بايرىمى روجستۋا بايرىمنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ لىكن ئاتا -ئانسنڭ توغۇلغان كۇننى ،ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ خاتىرە كۇننى بىلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلەك قېرىندىشىمىزنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق. بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ماتەم، مۇسىبەت كۈنى. ئۇيغۇر ئاسمىنىدا يېڭىدىن چاقنىغان نۇرنىڭ ئۆچۈرۈلگەن كۈنى. ئەمما شۇ نۇر يورۇتقان جايلار ھازىرمۇ ھەم باردۇر دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭغا ئوخشاش خېلى كۆپ نۇرلار ۋاقتسىز غايب بولدى. بۇلاردىنمۇ ئۆتكۈر نۇرلارنىڭ چىقىشىنى، ئۇيغۇر ئاسمىنىنى يورۇتۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، دۇئا قىلىمەن.

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11454
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2005-يىلى تۇرپانغا بارغىنىمدا بۇ ئۇستازنىڭ مەقبەرىسىگە ئاتايىن بېرىپ پاتىھە قىلىپ كەلگەنىدىم....

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

لا الەالا اللە محِمدرسول اللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12198
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9224
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 9818 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
       
                                                           غەزەپ ۋە زار

                                                     ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
  
                                     ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا  بىزارىمەن،
                                     ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.  

                                     ئاتا -بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،   
                                     گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بىرى ئاۋارىمەن.   

                                     بىر پۇراپ ئۆلسەم نە ئارمان،بېغىم باھارى گۈلىنى،   
                                     ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

                                     دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،
                                     قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

                                    يۈزمۇ يۈز قىلماس تەئەررۇز ،كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
                                     كۆرمىسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

                                     لا ئەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،   
                                     يېڭىلىپ كەتتى  ئۇلار  كۆپتىن  بىرى  ھۇشيارىمەن.  
                                      
                                     قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش، دەپ دائىم غىدىقلايدۇ مىنى،
                                     مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ بەك خۇنبارىمەن.
  
                                     پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ،كاپىر، جەدىت،دەپ قارغىشۇر،
                                     بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.

                                     چۆل-جەزىرە،دەشتۇ سەھرا ئىچرە قالدىم نا ئىلاج،   
                                     ئاھ  قاچان  بىر يول تېپىپ، قوشۇلاي  قاتارىمەن.

                                     سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت يېرى،   
                                     مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.

                                     ئويغۇنۇپ كەتتى جاھان مەغرىبى-مەشرىق تامام،
                                     مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
         
                                     باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يېراق،
                                     مەن مىسالى يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
                                   
                                     ئېلىم-پەندىن يوق خەۋەر،باستى غەپلەت خەۋپ-خەتەر،   
                                     ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن؟
  
                                       تىل-ھاقارەت،تەنە-دىخمار،ۋاي داد!.... بۇ جاننى قىينىدى،
                                     ئەمدى نە قىلماق كىرەك، ئەجەبمۇ بولدۇم خارىمەن.
  
                                     زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
                                     تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
   
                                     دەۋرى جەبرىدىن ئېست ! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
                                     جاننى ئالىقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن!
  
         مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>>ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.  
  

ئۆزۈڭنى تونۇساڭ،ئىگەڭنى تونۇيسەن.

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14283
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1964 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي...

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش