مېڭىۋېرىڭ
ياقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن بىر شوپۇر ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ،قىزىل چىراقتا توختاپتۇ،دەل شۇ چاغدا ماشىنىنىڭ كەينىگە بىر ماشىنا ئۇرۇلۇپتۇ.ھېلىقى ياقا يۇرتتىن كەلگەن شوپۇر يەرگە چۈشۈپ ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قارىسا كەينىدىكى ھېلىقى ماشىنىنى خىزىر سۈپەت،ئاپپاق ساقاللىق بىرىنىڭ ھەيدىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.
"بولدىلا،زىياننى ئۆزەم تارتاي"دەپ ئويلىغان ياقا يۇرتلۇق ئوشۇق گەپ قىلمايلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قاپتۇ.يەنە بىر كوچا ئېغىزىدىكى قىزىل چىراقتا توختىغاندا ماشىنىنىڭ كەينىگە يەنە سوقۇلغان ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئاچچىقىدا يەرگە چۈشۈپ ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قارىسا يەنە ھېلىقى ساقاللىق كىشى،ياقا قۇرتلۇق نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرسا ھېلىقى ساقاللىق شوپۇر دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ:مېڭىۋېرىڭ ئۇكام،بۇ مەن،_ دىگۈدەك.
ۋۇفا جيې توڭ
بىرسىنىڭ 7ياشلىق بىر ئۇكىسى باركەن،بۇ بالا دائىم تېلېۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنى يان تېلېفون قىلىپ سۆزلىشىپ باشقىلارغا ھىچ ئارام بەرمەيدىكەن.ئارىدىن بىر كۈنى قارىسا ھېلىقى كىچىك بالا تىزگىنەكنى قولىدا تۇتۇپ جىم ئولتاغىدەك.بۇنىڭدىن خوش بولغان ئاكىسى:بۈگۈن ھەجەپ تېلېفونىڭدا سۆزلەشمىدىڭغۇ؟دەپ سوراپتۇ ئۇكىسىدىن.
ئۇكىسى:بۈگۈن تېلېفونۇم ۋۇفا جيې توڭكەن.
ئوت كەتمىگەن بولسا
بىر كۈنى كەچلىكى روھى كىسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبىرىغا ئوت كىتىپتۇ.دوختۇرخانا بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە كىسەللەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئوت ئۈچۈرۈشكە كىرىشىپتۇ.ھەممەيلەن جىددى ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا بىر كىسەل يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ ھەدەپ"شۈكرى خۇدايىم،خۇداغا مىڭ شۈكرى"دىگۈدەك.
بىر دوختۇر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەممەيلەن ئالدىراش ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا سەن نىمىگە شۇنچە شۈكرى قىلىپ كەتتىڭ؟ دەپ سوراپتۇ.
ھېلىقى كىسەل دوختۇرغا قاراپ:ئەگەر ئوت كەتمىگەن بولسا قاراڭغۇدا ئوتنى قانداق ئۈچۈرەتتۇق؟ دىگۈدەك.