دېھقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى بېجىرىشتە، دېھقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى ھېسابلاش كۆپرەك تالاش-تارتىش بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بەزى سوت مەھكىمىلىرىدە دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىگە ئاساسەن، ھەر كۈنلۈك ئىشتىن قېلىش ھەققىنى 8-10 يۈەن بېكىتىپ قويغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىشتىن قېلىش ھەققى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ۋە كىرىم ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
ئىشتىن قالغان ۋاقتىنى بېكىتىشتە بەلگىلىمە ئېنىق بولۇپ، ئىشتىن قالغان ۋاقتى زىيانلانغۇچى داۋالانغان داۋالاش ئاپپاراتى بەرگەن ئىسپاتقا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. زىيانلانغۇچى يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئۇدا ئىشتىن قالغان بولسا، ئىشتىن قالغان ۋاقتى مېيىپلىقى بېكىتىلگەن كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە ھېسابلانسا بولىدۇ. ئەگەر ئىشتىن قېلىش ۋاقتى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا، تېنى زەخمىلەنگەنلەرنىڭ ئىشتىن قېلىش ۋاقتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە باھالاپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
تالاش-تارتىش بولىدىغىنى زىيانلانغۇچىنىڭ كىرىمىنى بېكىتىش. زىيانلانغۇچىنىڭ كىرىمىنى بېكىتىشتە، ئاۋال مۇقىم كىرىمى بار-يوقلۇقىغا قارايمىز.
زىيانلانغۇچىنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولسا، ئۇنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى ئەمەلىي ئازلاپ كەتكەن كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، دېھقانلار ھەر يىلى يازلىق-كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە ھوسۇل ئالىدۇ، دېھقانچىلىق ئارىسالدى چاغلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ ياكى قوشۇمچە كەسپتىن كىرىم قىلىدۇ، كىرىمى تۇراقسىز بولىدۇ. بەزى يىللىرى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ قالسا، دېھقانچىلىقتىن ھېچقانداق كىرىم قىلالمايدۇ، مۇقىم كىرىمى بارلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، مۇقىم كىرىمىم بار دېگەنلىرىمۇ مۇقىم كىرىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، دېھقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى ئەمەلىي ئازىيىپ كەتكەن كىرىمى بويىچە ھېسابلاشتىن ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىنىڭ مۇقىم كىرىمى بولمىسا، ئۇنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى» ۋىلايەت ياكى ئاپتونۇم رايون بويىچە دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بولماستىن، بەلكى زىيانلانغۇچى بولغان شۇ كىشىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئەمەلىي ئوتتۇرىچە كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ. كىرىم-چىقىمىغا مەخسۇس ھېساۋات تۇرغۇزمىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالىنى ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان زىيانلانغۇچىلارمۇ يوق دېيەرلىك. ئىسپات كۆرسەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى بېكىتىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە، يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بويىچە ھېسابلاشقىمۇ ئىمكان بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق ھېسابلاش كېرەك؟
زىيانلانغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالىنى ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئىشتىن قېلىش ھەققى ئەرزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش كەسپ ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. «ئەرزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش كەسپ ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى» دېگەندە، ئەرزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى ۋىلايەتنىڭ ئوخشاش كەسپ ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى ئەمەس، بەلكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوخشاش كەسپ ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى كۆرسىتىدۇ. دېھقانلار شۇغۇللىنىدىغان تېرىقچىلىق دېھقانچىلىق كەسپى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 2010-يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 20 مىڭ 174 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، دېھقانلارنىڭ ھەركۈنلۈك ئىشتىن قېلىش ھەققىنى 56.04 يۈەن بويىچە ھېسابلاشقا بولىدۇ. (بۇ سان ھەر يىلى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ). بەزى زىيانلانغۇچىلار بۇ سان-سېفىرلارنى بىلمەي، كۈنلۈك ئىشتىن قېلىش ھەققىنى 40-50 يۈەن ھېسابلاب تەلەپ قىلغان بولسا، دەۋا تەلىپىدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈم قىلماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەلەپ قىلغىنى بويىچە ھېسابلاشقا بولىدۇ.
«ئالدىنقى يىل» دېگەندە، دېلو يۈز بەرگەن ۋاقتنىڭ ئالدىنقى يىلىنى ئەمەس، بەلكى 1-سوتنىڭ مۇنازىرىسى ئاياغلاشقان چاغدىكى ئالدىنقى بىر ئىستاتىستىكا يىلىنى كۆرسىتىدۇ.
قىسقارتقاندا، دېھقانلارنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققىنى ھېسابلاشتا، مۇقىم كىرىمى بولسا، ئۇنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى ئەمەلىي ئازلاپ كەتكەن كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. مۇقىم كىرىمى بولمىسا، ئۇنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. زىيانلانغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالىنى ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئىشتىن قېلىش ھەققى ئەرزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش كەسپ ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=559
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 12:34 PM