ئاۋات ،شايار ناھىيەلىرى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىدى
ئاقسۇ گېزىتى 12-مارت خەۋىرى ،ئىگللىنشچە ،خوتەن ۋىلايىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن6.0بال يەر تەۋرەشتە (تەۋرەش مەركىزى ئاۋات ناھىيىسىگە يېقىن)،ئاۋات ناھىيەسىدىكى 10026ئائىلىك ،42116كىشى يەر تەۋرەش ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ،ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامما 6849 نەپەر ،قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئامما 9720 نەپەر ،720 ئائىلىكنىڭ 1411ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۇپ چۈشكەن ،8814دېھقان ئائىللىرىنىڭ ھويلا تېمى ،2587قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .
30033ئېغىز ئۆي ،5536كۇۋادىرات مېتېر يېزا شىپاخانىسى بىناسى ،6500كۇۋادىرات مېتېر مەكتەپ بىنالىرى زەخمىلەنگەن ،بىۋاستە كەلتۇرگەن زىيىنى بىر يۈز ئاتمىش مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن .
شايار ناھىيەسىدە2886ئائىلىك 12121كىشى يەر تەۋرەش ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ،ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامما 2083 نەپەر ،قۇتقۇزۇشقا ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئامما 2937 نەپەر ،224 ئائىلىكنىڭ 439ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۇپ چۈشكەن ،2674دېھقان ئائىللىرىنىڭ ھويلا تېمى ،1132قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .
8600ئېغىز ئۆي ،2420كۇۋادىرات مېتېر يېزا شىپاخانىسى بىناسى ،4155كۇۋادىرات مېتېر مەكتەپ بىنالىرى زەخمىلەنگەن ،بىۋاستە كەلتۇرگەن زىيىنى قىرىق بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن .
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىيە رەھبەرلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ ،زىياننى ئازايتىش خىزمەتلىرىنى ئاكىتپ قانات يايدۇرغان ، 3-ئاينڭ 11-كۈنى ۋىلايەتلىك پارتىكومىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ ئاپەتكە ئۇچىرىغان رايونلارغا بېرىپ ئاممىدن ھال سورىدى ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hadsen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 11:24 AM