|
|
|
|
| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.ساق-سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟ئۇزۇن بىر مەزگىل باشقۇرغۇچى بولۇپ،ۋەزىپەمنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماي،كۆپلىگەن مۇنبەرداشلارنىڭ ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ،دىلىغا ئازار بەرگەن يەرلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.ئىلگىرى توختىماي فوتو سۈرەتلىرىمنى دىل ھوزۇرىڭلارغا يوللاپ كەلگەنىدىم.ئەمدى بۇقېتىم،رۇسىيەدىكى سانت-پېتىربۇرگ دۆلەتلىك ھاۋارايى ئۇنۋېرسىتېتى،ۋلادىمىر دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتى،تۆۋەنكى نوۋگوراد تىل تەتقىقات ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قانچە چوڭ ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ھەرقايسى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغان،ھاۋارايى ئۇنۋېرسىتېتى،ۋلادىمىر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ھەپتىلىك خەۋەرلەر سەھىپىسىنىڭ باش تېمىسى سالاھىتىدە ئۇنۋېرسىتېت بىنالىرىدا قويۇپ تارقىتىلغان،تىل تەتقىقات ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئازسانلىق مىللەتلەر تەشۋىقات فىلىم-ئالبوم مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن تەشۋىقات ئالبومىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ئالبومغا كىرىشتۈرۈلگەن ناخشا - ئەل سۆيەر ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىجراسىدا «مەشرەپ».
ئالبومدىكى سۈرەتلەرنىڭ بىر قىسمى تور دۇنياسىدىن ئېلىنغان ئەلۋەتتە.ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەررۇز قىلىنغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار،ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ.فىلىم چۈشەندۈرۈلىشى رۇسچە.بىرقانچە پروففېسسورنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن ۋە قىلچە سىياسىي مەزمۇن بولمىغانلىقتىن ئالاھىدە تەستىقلانغان.رۇس زېمىنلىرىدىكى ئوقۇغۇچى،بىلىم ئاشۇرغۇچىلار قورقماي ئىشلىتىۋەرسە بولىدۇ.
ئالبوم،بېشىدا رۇس تىلىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.ئالبوم،تەلەپكە ئاساسەن ئۇيغۇر قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش،مىمارچىلىقى؛ئۇيغۇر مەدەنىيىتى؛داڭلىق كىشىلەر؛داڭلىق ھايۋاناتلار قوغدىلىنىدىغان رايون؛ئۇيغۇر سەنئىتى؛ئۇيغۇر تەبىئەت مەنزىرىلىرى...قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ئىشلەندى.
قېنى،فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن.
ئىشلىگۈچى:ئۇيغۇرشاھ
ۋە ياكى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzM0NDg1MDI4/v.swf
http://v.youku.com/v_show/id_XMzM0NDg1MDI4.html
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 06:09 AM
|
|
|
|
|
|