مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 26

كۈنلەمچىنىڭ خوتۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2079
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17681
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6715 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 01:49:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈنلەمچىنىڭ خوتۇنى

‹‹1››

-ھەي باتۇرجان، بامۇ سەن؟!

-ۋاي مەن با،كەڭرىچىلىك.بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟

-كۆرۈنمەس بوپ كەتتىڭ ،ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىستەك يۈتۈپلا كەتتىڭ شۇڭا دەيمە!

-مەنغۇ كۈندە با ،لېكىن سەن دېگەن ئەرلىك ئايال،دوستۇمنىڭ ئايالى،كۈندە سېنى چۆگىلەپلا يۈسەم ياخشى بومماس!؟

-ئانچە -مۇنچە چۆگىلەپ قويساڭ نىمە يامىنى؟!

-‹‹توشقان جېنىدا ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوتنى يىمەيدۇ›› دىيىشىدىكەن! سەن دېگەن دوستۇمنىڭ خوتۇنى تۇساڭ،ساڭا كۆز قىزاتسام دوستۇمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن!؟

-ۋاييەي ما كالۋانى،سەنچۇ ئۇنى دوستۇم دەپ بېشىڭدا كۆتۈگىدەك قىپ كەتكەن بىلەن، ئۇ سېنى قىلچىمۇ دوستى قاتارىدا كۆمەيدۇ ئەمەسمۇ؟

-نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟! نىمە ئىش بولدى؟

-سەن بىلمەيسە ،ئۇ مېنى دائىم ئۇرىدۇ!

-نىمىشقا ئۇرىدۇ؟!

-كۈنلەپچۇ؟!

-كۈنلەپ؟ كىمدىن كۈنلەپ؟!

-سەندىن!

-مەندىن!؟ مەندىن نىمىشقا كۈنلىگۈدەك؟! مەن يا ساڭا گەپ قىممىسام؟!

-شۇ ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنى ئاياپ ماڭا  گەپ قىممايسەن،لېكىن ئۇ دائىم مېنى قاتتىق ئۇرۇپ‹‹ يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلى››نى ئالىدۇ.نەدىمۇ ئاممىغان مالغا پۇل تۆلەيدىغان ئىش با؟

-توغرا دەيسەن،ساڭا راستىنلا ئۇۋال بوپتۇ،مەن دوستۇمغا نەسىھەت قىلىپ ساداقىتىمنى چۈشەندۈرۈپ ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىۋېتەي. شۇندىلا ناھەق تاياقتىن قۇتۇلۇپ قالىسەن

-دۆت نىمىكەنسەن،ئىسىت ساڭا گەپ قىلغان ئاغزىم!

-قانداق دۆتلۈك قىپتىمەن؟ ئادەمنى تىللىماي گەپ قىلە!

-ئۇنىڭغا بۇ توغرىلىق گەپ قىلساڭ ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىنىمىز ئاشكارا بوپ قاممامدۇ؟ ئاران تۇرىدىغان كۈنلەمچى مېنى يەنە ئۇسۇنمۇ؟!

-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟

-يىمىگەن مانتا ئۈچۈن ئۇرغان تايىقىغا بەدەل تۆلەتكۈزىمىز !ناھەقچىىك تۈگىسۇن!

-قانداق بەدەل تۆلەتكۈزىمىز؟ ئۇنى ئۇرامدىمەن؟

-سەن راستىنلا ئۆتەپ كەتكەن ئەخمەقكەنسە! ھەي، بۇ دۇنيادا ئۆچ ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى دېگەن كۆپ دەيمە .

-ئۇغۇ شۇنداق،قېنى دېگىنە؟ قانداق ئۆچ ئالىمىز؟

-ئۇ بىز قىممىغان ئىشتىن گۇمانلاندى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بىزنى ‹‹قىلدى››دىگەن ئىشنى قىلىمىز! شۇنداق قىلساق ئۆچۈم چىقىدۇ .ناھەقچىلىك تۈگەيدۇ!

-ياق مەن ئۇنداق ئىشنى قىلاممايمەن!

-مەن تېخى سېنى راۋرۇس ئوغاۋالا دەپ يۈرۈپتىمەن .سەممۇ چاغلىقكەنسەن! بوپتۇ ئىشىڭنى قىلىۋە .

       ‹‹2››

-ئايپاشا نىم بولدۇڭ؟ ماسكا تاقىۋاپسەنغۇ؟

-‹‹شوجاڭ قوچقا›› ئۈسسىۋەتتى.

-قايسى ‹‹شوجاڭ قوچقا››؟ سىسلىنىڭ ئۆيدىكى قويلىنىڭ ئەمەل مەنسىپى با ئوخشىمامدۇ؟! ‹‹شاڭجاڭ›› ‹‹شۇجى›› مەنسەپتىكىلىرىمۇ با ئوخشىمامدۇ؟!

-ماڭغىنە نېرى كاسكى گەپچىلىك قىمماي،مەن سېنى دەۋاتىمەن!

-سەن مېنى ‹‹شوجاڭ قوچقا››دەپ ئاتاۋاتامسە؟

-ھەئە!

-مەن يە شوجاڭ بوممىسام؟

-سەندەك يارامسىز ئەرلەنى ‹‹شوجاڭ قوچقا››دەپ ئاتايمىز بۇنى بىلمەمسە؟!

-بۇنىغۇ بىلمەيدىكەنمە.تۇرقۇڭدىن قارىسام  يەنە تاياق يىگەندەك تۇرىسە،ئېرىڭ ئۇدىما؟!

-ئەمىسە باشقا بىرسى ئۇرالامتى؟ ھەممىگە سەن سەۋەپچى!

-ھەي سەن بۈگۈن ساپلا ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلىنى قىلغىلى تۇدۇڭغۇ؟ مەن يا ساڭا گەپ قىممىسام،يا نىيىتىمنى بۇزمىسام يەنە قانداقچە تاياق يىيىشىڭگە سەۋەپچى بوغۇدەكمەن؟

-سەنغۇ كالۋا ئەدەم،يىشىپ چۈشەندۈمىسە بىلمەيدىغان،ئۈلۈشكۈن ساڭا دەت ئېيتسام گەپ تىڭشىمىدىڭ شۇندامۇ؟

-شۇندا

-سەن بەغەرەز شۇنچە ئۈمۈت كۈتسەم دەدىمنى ئەپبەمەي كېتىپ قالدىڭ،لېكىن مەن سەن بىلەن شۇ كۆرۈشكەننىڭ دەدىنى تاتتىم.ئېرىم دىگەن لاتا ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇغىنىنى كۆرۈپ قاپتىكە ئۆيگە سولاپ تازا سالدى!

-ئۇندا بوسا بومماپتۇ،تېزراق كېتىلى يەنە پاراڭلىشىپ تۇماي،بۇدا يەنە كۆرەپ قاسا پاچىقىڭنى چېقىۋەتمىسۇن!

-قوقما توخۇ يۈرەك،ئۇ دېگەن بۈگۈن ئۆيدە يوق.

-نەگە كەتتى؟

-ناھىيە بازىرىغا .

-ئۇندا بولسا پاراڭلاشساق بولىدىكەن،مەنغۇ ئېرىڭدىن قوقمايمە،سېنىڭ يەنە تاياق يەپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرىدىم شۇ!

-مەنمۇ قوقمايتقان بوپ كەتتىم، تولا يەپ تايىقىنى

-كونىلا ‹‹شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس››دەيدىكەن،تولا تاياق يىگىنىڭدىن قالىغاندا سەنمۇ شوخ چوكان ئوخشىمامسە ؟ نەچچە ئوينىشىڭ با؟

-بىرىمۇ يوق،بىرە- ئىككى ئوينىشىم بوغان بوسا، ئوينىغاندا تازا ئوينىۋېلىپ كېيىن  ئېرىمدىن ئۇنىڭ تايىقىنى يىگەن بوسام يىگەن تاياققا رازى بولاتتىم،لېكىن ھازىر تاياقنى ناھەق يەۋاتقان تۇسام؟

-سەندىمۇ گۇنا بادۇ؟!

-سەن مەن بىلەن ئوينىدىڭمۇ ياق؟

-ئوينىمىدىم!

سەن مەن بىلەن ئوينىمىغان تۇرۇپ مۇشۇنىڭ بىلەن بەش قېتىم بولدى سەندىن كۈنلەپ قاتتىق ئۇغىلى،ھەق يەپتىمەنمۇ ناھەقمۇ؟

-راست ناھەق تاياق يەپسە!

-ئەمىسە ئەنتىمنى ئەپ بېرەمسە؟!

-قانداق ئالىمىز؟ ئېرىڭنى ئۇرىمەنمۇ؟!

-ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭمۇ دەدىم يەنە چىقمايدۇ.

-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟

-مەن بىلەن ئاشنا بولۇپ دەدىمنى ئەپبېرىسەن!

-ئۇنى كېيىن بىرنىمە دىيىشەيلى،سەن بايا مېنى ‹‹شوجاڭ قوچقا›› دەپ غەلىتە بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىدىڭ،بۇ ئاتالغۇ نەدىن چىقتى؟ئەجەپ مەن بۇرۇن ئاڭلىماپتىكەنمەنغۇ؟

-بۇ دىگەن قىزىق بىر ھىكايىدىن چىققان ئاتالغۇ،تەلىپىمگە قوشۇلساڭ ئاندىن دەپ بېرىمە!

-بىر ھىكايىنى دەپ دوستۇمنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلسام قانداق بولىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن خەتىرى با ئىش ،ئىش ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قاسام جاننى سەپ بېرىدىغان ياكى مېيىپ بولىدىغان گەپ!

-قوقما،ماڭىمۇ جان تاتلىق،گىپىمگە قوشۇلساڭ ئويۇننى خەتەر چىقمايدىغان ۋاقىتقا توغرىلايمە!

-بوپتۇ ئەمىسە،گېپىڭگە كىرەي،ئەمدىغۇ ھېلىقى ھىكايىنى سۆزلەپ بېرەسەن؟!

-ئەخمەق بومما، ھىكايە ئاڭلايمە دەپ تۇغىچە مەن بىلەن ئۆيگە كىرىپ ‹‹ئەمىلى ھىكايە››ئاڭلاپ چىقمامسە؟

-ھازىر كۈپ-كۈندۈزدە‹‹ ئەمىلى ھىكايە ئاڭلايمەن››دەپمۇ يۈرمەيلى،ئۇنىمۇ كېچىلىرى پۇرسەت چىققاندا قانغۇچە ئاڭلىشامىز،ھازىرچە ھېلىقى‹‹شوجاڭ قوچقا››نىڭ ھىكايىسىنى دەپ بېرە بەك قىزىقىپ قالدىم!

-ھى،ھى،ھى...،بۇ ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىرھىكايە،ئەمىسە ئاڭلا،مەلۇم بىر مەنزىرە  ساياھەت ئورنىغا يېقىن تاغدا بىر جۈپ ئەر ئايال ياشايدىكەن،ئۇلار بىر تەرەپتىن قوي بېقىپ كىرىم قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن كەچ قالغان ساياھەتچىلەرنى ئاتۇق ئۆيلىرىدە قوندۇرۇپ قېلىپ ئانچە مۇنچە كىرىم قىلىۋالىدىكەن.بۇ ئۆيدىكى ئەر ساددا، يۇۋاش كەمسۆز كىشىكەن،ئايالى بولسا چىراي تۇرقى قاملاشقان،گەپ- سۆز ھەزىل چاخچاققا چاققان،شوخ ئايال ئىكەن.ئۇلارنىڭ پەقەت4-5 ياشلارغا كىرگەن كىچىك بىرلا   ئوغلى بار ئىكەن. ئادەتتە ئۇلار ئۈچى  بىللە تۇرىدىكەن. ئېرى بىراز گالۋاڭمۇ ياكى خوتۇنىغا بەك ئىشىنەمدۇ مېنىڭ ئېرىمدەك كۈنلەمچىلىك قىممايدىكەن.مەلۇم بىر كۈنى ئېرى شەھەردىن مال سېتىۋالغىلى چىقىپ كېتىپ ئىشى تۈگىمەي شەھەردە قونۇپ قاپتۇ. بۇ يەتتىنچى ئايلاردىكى ئىش  بولۇپ دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى ئىكەن.دەل شۇ كۈنى كېچىدە خېلى سالاپەتلىك،تەققى- تۇرقى قاملاشقان، ئوتتۇرا ياشلاردىكى كادىر سۈپەت بىر كىشى كېلىپ ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىنى چېكىپتۇ.ئايال ‹‹ئېرىم كەلگەن ئوخشايدۇ››دەپ چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قارىسا ياتلا بىر ئادەم تۇرغۇدەك،ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇنداق سۆزلەر بولۇنۇپتۇ:

-نىمە ئادەمسىز؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟

-مەن بىر مائارىپچى،تاغدىكى كۆل ۋە مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلغىلى خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە كەلگەنئىدىم.ئورمانلىقتىكى مەنزىرىلەگە قىزىقىپ كېتىپ كەچكە يېقىن ھەمراھلىرىمدىن ئازغىشىپ كەتتىم.قانچە ئىزدىسەممۇ ئۇلارنى تاپالمىدىم،مېڭىپ-مېڭىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم.سىرتتا قوناي دېسەم تاغ ھاۋاسى سوغاق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرىلەردىن قورقۇدىكەنمەن،شۇڭا سىلەردىن قونالغۇ سوراپ كىردىم.مۈمكىن بولسا بىر كېچە قوندۇرۇپ قالغان بولساڭلار!

ئايال كىچىك بالىسى بىلەن يالغۇز بولغاچقا ئەسلى ئۇ كىشىنى قوبۇل قىلمىسا توغرا بولاتتىكەن.لېكىن بىر تەرەپتىن ھاجەتمەن مېھماننى رەت قىلغىسى كەلمەپتۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمۇ شوخ ۋە سۇيۇقراق بولغاچقا مەلۇم غەيرى نىيەتنىمۇ كۆڭلىگە بۈكۈپ بۇ كىشىنى ئۆيىگە كىرگۈزۈپتۇ.بۇ چاغدا بالىسى ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغان ئىكەن.ئايال ئۇ مېھماننى ئىسىل ئۆيلىرىدىن بىرىگە باشلاپ كىرىپ ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىپتۇ،ئىسىل تاماقلارنى ئېتىپ بېرىپ كاتتا مېھمانلاردەك كۈتۈپتۇ.ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ.ئانچە- مۇنچە چاخچاقمۇ قىلىشىپتۇ. سۆھبەتتىن مەلۇم بولىشىچە كەلگۈچى مەلۇم بىرئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىكەن.قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ساياھەتكە كەلگەن ئىكەن.تاماقتىن كېيىن ئايال ئۇ كىشىگە تۆشەك راسلاپ بېرىپ ئۆز ھوجرىسىغا چىقىپ كېتىپتۇ.مېھمان بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغدا ئەسقېتىپ ئىسسىق ئۆي،مېزىلىك تاماق بېرىپ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ كاتتا مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋالغان بۇ قىزغىن ساھىپخاندىن تەسىرلىنىپ مىننەتدارلىقىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەممەي قاپتۇ.شۇڭا ئەدەپ ساقلاپ ئايالغا يامان نىيەتتە بومماپتۇ.لېكىن ئايالنىڭ نىيىتى باشقا بوغاچقا ئۇنىڭدىن رەنجىپ قاپتۇ.ئايال كىشى شەرمى -ھايالىق كېلىدۇ.ھەرقانچە تەشنا بولۇپ كەتسىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپ ئەركىشىدىن يېقىنچىلىق تەلەپ قىممايدۇ.شۇنداق قىلىپ بىر كېچە تىنىچ –ئامان ئۆتۈپ كېتىپتۇ.ئەتىگەندە ئايال ئاخشامقىدەك قىزغىن بومماپتۇ،تاماقمۇ ئىتىپ بەمەپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز يۈئەن ياتاق پۇلى ئاپتۇ.مېھمان قىلچە ئاغرىنىش ھىس قىمماپتۇ.بەلكى قايتا -قايتا  رەھمەت ئېيتىپتۇ.ئۇلار خوشلىشىۋاتقان چاغدا ئايال قويلىرىغا يەم بېرىۋاتقان ئىكەن.مېھمان قارىسا قوتاندىكى يەتتە قوينىڭ ئۈچى ساغلىق،تۆتى قوچقار ئىكەن.يېزىلاردا ئادەتتە بىر قوتان قويغا بىرلا قوچقار ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ شۇڭا مېھمان بۇ ھالدىن ھەيران قېلىپ سوراپتۇ:

-خانىم سىلە تاغلىقلار چارۋا بېقىشنى بىلمەيدىكەنسىلە جۇمۇ؟!

-قانداق دەيلا؟!

-مەنمۇ شوجاڭ بولغىنىم بىلەن قوشۇمچە قوي باقىمەن.ئۆيۈمدە ئىسىل سورتلۇق قويلار خېلى كۆپ.بىز چارۋا باقساق قوچقارنى كۆپ قىممايمىز.بىر قورا قويغا بىر قوچقار يېتىدۇ.لكىن سىلەرگە ھەيران قالدىم.ساغلىقىڭلاردىن قوچقىرىڭلار كۆپ ئىكەن.بۇ قوچقارلار سۈگۈن تالىشىپ بىر بىرىنى ئۈسسىشىپ يارىدار بوممامدۇ؟!

-ھە بۇ قوچقارلارنى دەمسىز؟بۇ قوچقارلار تۆت بولغان بىلەن پەقەت بىرىلا ھەقىقى قوچقار،قالغان ئۈچى‹‹ شوجاڭ قوچقار›› ئۇلار ساغلىققا كارغا كەممەيدۇ!

ئۇلاپ چاخچاق قىلىشقا تەمشىلىپ تۇغان شوجاڭ لاپپىدا قىزىرىپ زۇۋانى تۇتۇلۇپ ئايالنىڭ دېگىنىنى بېرىپ ھويلىدىن غىپپىدە چىقىپ كېتىپتۇ.

-ھا،ھا،ھا...بەك قىزىق  ھىكايىكەن.مېنى ئۇ شوجاڭغا ئوخشاتماڭ جۇمۇ ،مەن دېگەن راۋۇرۇس ئەكىشى،بىرنەچچە خوتۇنغا تېتىغۇچىلىكىم با !

-مەنغۇ سىزنى شۇنداقراقمىكىن دەپ ئويلىغان زادى،لېكىن ئۆتكەن كۈنى مېنى نائۈمىت قويدىڭىز ئەمەسمۇ؟!

-سەن دېگەن مېنىڭ دوستۇمنىڭ خوتۇنى بوغاچقا ئۇنى ئايىغانتىم،مەن ئۇنى ئايىغان،‹‹ يېقىن دوستۇم ››دەپ چوڭ بىلىپ يۈگىنىم بىلەن ئۇ مېنى دوست قاتارىدا كۆمەيدىكەن.مېنى چىن دوستى دەپ بىلسە مەندىن گۇمانلىنىپ ھە دېسە سېنى ئۇرۇپ خارلىماستى،بوپتۇ،بىزمۇ يىمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ يۈمەي مانتىنى يەپراق پۇل تۆلەيلى،كەچتە ئوخشىتىپ مانتا ئىتىپ قويالامسەن؟

-ئۆتەپ بارە قېلىن،ساڭا نەدىكى مانتىكەن؟!

                ‹‹ 3››

-ھەي باتۇ،كەچتە يەنە تېپىشىۋالامدۇق؟!

-ئېرىڭدىن ئۆچ ئەپ بوغانسەن؟! ئەمدى بولدى قىلساڭ بولامىكىن؟

-سەن ئېرىمدىن نوچىكەنسەن، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،مەن ئەمدى سېنى تاشلىۋەتمەيمە .ساڭا يېپىشقىنىم يېپىشقان!

-مەنمۇ يۈزى قېلىن چىۋىن جۇمۇ،شىرى با يەگە قونغىنىم قونغان!ھا،ھا،ھا...بۈگۈن قانداق كۆرۈشىمىز؟ ئېرىڭ يوقما؟

-ئېرىم ئۈچ كۈنلۈك ھاشارغا كەتتى،ئۆي بىزگە ئوڭچە قالدى،قوقماي كېلىۋە ئامرىقىم!

-باللىرىڭچۇ؟

-باللىرىم بالدۇرلا ئۇخلايدۇ،سائەت ئوندىن كېيىن كىلىپ دەرۋازا چەكسەڭ مەن چىقىمەن !

               ‹‹4››

-تاك،تاك،تاك،...

-كىم؟

-مەن،باتۇ.

-نىمە ئىشىڭىز با؟!

-سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەگەن؟

-ئېرىم ئۆيدە يوق،گېپىڭىز بوسا ئەتە كۈندۈزدە دەڭ!

-ئېرىڭ ئۆيدە بوممىغاچقا  كەلدىم،ئىشىكنى تېز ئاچە؟

-ۋۇي نومۇسسىز ھەزلەك،مەن سېنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ يۈرسەم،خوتۇنۇمغا كۆز قىزاتقۇدەك بولدۇڭما؟! بۈگۈن مەن سەن بەدبەخنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بوسام!

- ھا،ھا،ھا...تە بولدۇڭمۇ؟ مەن سېنىڭ ئۆيدىلىكىڭنى بىلەتتىم،مەن سەن بىلەن قاۋاققا بېرىپ تازا بىر پىۋا ئىچىشىپ كېلەيلى دەپ ئىزدەپ كەلگەن. لېكىن مەن سېنى ئوبدان  بىلىمەن،كەچتە  خوتۇنۇڭغا چىدىماي تالاغا چىققىلى ئۇنىمايسەن،خوتۇنۇڭغا ‹‹باشقىلار مېنى ئىزدەپ كەلسە مېنى ئۆيدە يوق دە››دەپ گەپ ئۆگىتىسەن.مانا دەل ئويلىغىنىمدەك بولدى.مەن شۇ خۇيۇڭنى بىلگەچكە قەستەن چىشىڭغا تەگدىم.شۇنداق دېمىسەم سەن سىرتقا ھەرگىز چىقمايتتىڭ!

-راستمۇ؟!رست كاززاپلىق قىلمىدىڭمۇ؟

-ۋاي ئاغىنە،مېنى تېخىچە چۈشەنمەمسەن؟ مەن شۇنداق ئەسكى ئادەممۇ؟

-مەنغۇ ساڭا ئىشىنىمەن،سەن خېلى بولىدىغان ئاداش،باشقا كۈنى ئولتۇرۇشمايلىمۇ؟بۈگۈن مەن سەل چارچاپ قاپتىمە !

-ئاداش مېڭلى دەيمە،مەنمۇ تازا چارچىغان، چارچىغان چېغىمىزدا قانغۇدەك پىۋا ئىچسەك ھاردۇق چىقىرىدۇ .غەملەر ئۇنتۇلىدۇ.يالغۇز ئىچكىم كەممەي،سىلىنى كۆڭلۈم تارتىپ ئالايىتەن ئىزدەپ كەلدىم.زىيان تارتمايسىلەر،‹‹قارا توخۇ قورۇمىخانىسى››غا داستىخان راسلاپ،روزى دۇتتارنىمۇ چاقىرىۋېلىپ تازا بىر ياشاپ كېلىمىز دەيمە!

-ماقۇل ئەمىسە،سەل ساقلاپ تۇر،جابدۇپ چىقاي!

‹‹5››

-ھەي خوتۇن،ماڭا ئاۋۇ پۇل كارىمنى ئەچقىىقىپ بېرىڭلا ،شەگە بېرىپ كېلەي!

-نىمىدەپ شەگە بارىدىغان بوپقالدىڭلا،ئۆيدە جىم ئولتاساڭلا بوممامدۇ؟!

-غەرەز ئۇقمايدىغان خوتۇنسەن –دە سەن.ھېي! نەدىمۇ بىكاردىن -بىكار شەگە بارىدىغان ئىش بوسۇن؟ ئاغىينەم قاسىم موتودىن يىقىلىپ شەدە چوڭ دوختۇرخانىدا بولۇپ قاپتۇ،ئەتە ئوپىراتسىيە قىلىدىكەن،شۇڭا ئەل-ئاغىينىلە بىلەن بىللە بېرىپ يوقلاپ كېلەي دېگەن.

-كەچتە قايتىپ كەپ بولاسىلە؟!

-ھېي ئەخمەق، شە دېگەن بەكمۇ يىراقتا تۇسا،قانداقمۇ بىر كۈن ئىچىدە بېرىپ قايتىپ كەپ بوغىلى بولىدۇ دەيمە! بۈگۈن بىز شەدە مېھمانخانىدا قونۇپ، ئەتە قاسىم ئوپىراتسىيەدىن چىققۇچە ساقلاپ تۇرۇپ ئۇنى يوقلاپ بوغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلىمىز.

-كەچتە سىز ئۆيدە بوممىسىڭىز قوقۇم كەلسە قانداق قىلىمە؟!

-ئوغلىمىز باغۇ؟ قوقما،ئوغلىمىزمۇ ئون ياشلاغا كىرىپ قالدى،ساڭا ھەمراھ بولالايدۇ!

                  ‹‹6››

-ھەي ئامرىقىم،ئويغىنىڭە،بىرسى ئىشىك تاراقلىتىۋاتىدۇ؟ ئېرىڭىز قايتىپ كەلدىمۇ نېمە؟!

-ئۇ دېگەن قونۇپ ئەتە كېلىمەن دېگەن،بۈگەن كەپ بولاممايدۇ،ئەنسىرىمەي يېتىڭە!

-كېچىدىن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرىكىم ئېغىپ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك قىلىۋاتىمە. ھەر ھالدا ھۇشيار بوغىنىمىز ياخشى!

-ھەي پاشەك،پاسكىنا رەسۋا ئىشىكنى ئاچ،مەن بۈگەن سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمە! ئاشنا ئوينىغانغا،يۈزۈمگە پۈت قويغىنىڭغا تويغۇزىۋېتىمە! ياىشىلىقچە ئىشىكنى ئاچ!

-ھە،ھە،..مانا..مانا...سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ،كىيىمىمنى كىيىۋالاي!

-كاززاپلىق قىلىمە دېمە،مەن جىمى ئەسكى ئىشىڭنى بىلىمە! چىرايلقچە ئىشىكنى ئېچىپ يۇۋاش تۇساڭ ساڭا چېقىلمايمە،بوممىسا تېرەڭنى تەتۈر سويىمە! تېز بول،تېز!

-ھەي باتۇ،بۇ ئوغرى ھەممە ئىشنى بىلىپ بوپتۇ،ھازىر ئۆزى يالغۇز كەممىگەندەك قىلىدۇ.ئۆگزىلەردىمۇ ئادەمنىڭ ئاياق تىۋىشى بار،قانداقمۇ قىلامىز؟

-مېنى يوشۇرۇپ قويغۇدەك يەر يوقمۇ؟مەن يوشۇرۇنىۋالالىساملا سىزگىمۇ ھىچ ئىش بوممايتتى.

-يوشۇرغىدەك يەغۇ با،ئەممازە بۇ گۇمانخور ئوغرى ئىزدەپ تېپىۋاسا ھەر ئىككىمىزنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

-‹‹يېتىپ ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆل›› دەپتىكەن،بىر ئامال قىپ باقمامدۇق؟!

........

             ‹‹7››

-ھەي غوپۇراخۇن،نەگە بېرىپ كەلدىڭلا؟

-ناھىيەگە سوتقا بېرىپ كەلدىم.

-سوت؟ نىمە سوت؟

-ئۆتكەن ئايدا ،خوشنىمىز سۇلتان خوتۇنى پاشانى يۇقاقى مەللىدىكى باتۇ بىلەن تۇتۇۋېلىپ ئاغىينىلىرى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمىدىمۇ؟شۇ ئىشقا سوت ئېچىپتىكە، بېرپ شۇ سوتقا قاتنىشىپ كەلدىم.

-قانداق ھۆكۈم چىقاردى؟

-ئىككى ئاغىينىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى،سۇلتانغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپتۇ.

-سۇلتانغىغۇ ئۆلۈم ھەق،بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالغان ئاغىينىلىرى بىلەن سۇلتاننىڭ باللىرىغا ئۇۋال بولدى.بىچارىلەر قانداقمۇ قىلار؟!

-راست دەيسىز،بىچارە بالىلار كىچىك تۇرۇپ يىتىم قالىدىغان بوپتۇ-دە؟! ئەمدى ئۇلارغا سۇلتاننىڭ دادىسى سۇلتانغا قارىغان كۆزىدە قاراپ قىينالسىمۇ بېقىپ چوڭ قىمماي باشقا ئامالى يوق.

- شۇنداق ،‹‹بىرنىڭ بالاسى مىڭغا ››دېگەن شۇدە؟!

مەنبەسى ئۆز قەلىمىم

يېزىلغان ۋاقتى: 2012-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 06:20 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 02:29:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hay ras gap ni kilsam nima diyix ni ukmudum
buzuk qilik adam ga bala bulidu allah sak lisun

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:44:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىمىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىن كىيىنكى  تىمىللىرىغا يەنە  ئىشتىراك  بوپتۇق دە.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3783
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3037 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 07:10:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە سوتنىڭ ھۆكىمى بەك ئېغىر بولۇپ كىتىپتۇ......

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

فىلىم ئشلەش ھەۋە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5405
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4362 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 09:18:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5678
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 3176 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 09:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىدە قانداق ئىدىيە ئالدىغا سۈرۈلمەكچى ؟نىمە دىگەن ئوچۇق ،نىمە دىگەن نۇمۇسىسز يىزىلغان تىما بۇ ؟

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 09:59:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
begana يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 09:22 AM
بۇ ھىكايىدە قانداق ئىدىيە ئالدىغا سۈرۈلمەكچى ؟نىمە دى ...

بۇ ھېكايىدە مېنىڭ ئىسمىمدەكلا ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن ... سىزگە ئايرىم چۈشەندۈرۈپ يۈرمەيمەن ..

باشلىنىش نۇقتىمىز ھەم نۆل ، ئاخىرلىشىش نۇقتىمىزمۇ ھەم نۆل ،  شۇڭا ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز نۆل .

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8977
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4119 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 10:37:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق اللاھ بارلىق ئەر ئاياللىرمىزنىڭ كوڭلىگەئىنساپ توپىق بەرگەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4051
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6888
تۆھپە نۇمۇرى: 278
توردا: 5344 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 11:18:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيتان ئايال بىر ئادەمنىڭ بىشىغا چىقىپ تۇختاپتۇدە ئاخىرى .ئاۋۇ ئاخماقمۇ راسلا ئاخماق ئىكەن

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9251
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4768 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بارلىق ئىپلاسلىقلار ئىچىدە ئاياللارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىپلاسلىقى ئەڭ رەزىل بۇلىدۇ !
   ياراتقۇچى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش