مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6327|ئىنكاس: 0

[بوزقىر]پايتەخىت قەشقەرگە كۆچۈرۈلەمدۇ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاڭ خوڭتاۋ : «پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈش كېرەك»


بوزقىر تەرجىمىسى


خېنەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى  ۋاڭ خوڭتاۋ2012 -يىلى 3-ئاينىڭ11-كۈنى «www.chinaelections.org» تورىدا « قەشقەردىكى قىيىن تېما ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىتراتېگىيىسى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىغان. ئاپتور ماقالىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە مۇنداق يازغان :

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنى قەشقەر ۋە خوتەنگە يۆتكەش كېرەك. جۇڭگودا قەدىمدىن بۇيان «چېگرانى تەڭرىقۇتلار ساقلايدۇ» دېگەن ئەنئەنە  بار. شۇڭا پايتەخىتنى بېيجىڭدىن قەشقەرگە يۆتكەشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك.سۇن جوڭشەن ئەپەندىمۇ پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈشنى ئويلىشىپ باققان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قەشقەر پامىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان ، ئاسىيانىڭ يۈرىكى ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئاسىيانى چۈشەنگىلى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.قەشقەر شىمالدا شىمالىي يىپەك يولى لىنىيىسىگە؛ شەرىقتە جەنۇبىي يىپەك يولى لىنىيىسىگە ؛ غەرىبتە غەربىي يىپەك يولى لېنىيىسىگە تۇتىشىدۇ. غەربىي يىپەك يولى لېنىيىسى ئارقىلىق غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا بارغىلى بولىدۇ.جەنۇبتا پاكىستانغا تۇتىشىدىغان جەنۇبىي يىپەك يولى تارماق  لېنىيىسىگە تۇتىشىدۇ. قەشقەرنى ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چاسا يول ئېغىزى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.جۇڭگو تارىخدا تېخىچە غەيرى يۇرت مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىدىغان پايتەخىت بېكىتىلىپ باقمىدى.ئەمما دۇنيا تارىخىدىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن قەدىمقى دەۋىردىكى ھون ئىمپىرىيىسى ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى دېگەندەك. ھازىرقى زاماندا قازاقىستان بېلەن بىرازىلىيىمۇ غەيرى يۇرت مەدەنىيىتى رايونىنى پايتەخىت قىلىپ بېكىتىش ئۇسۇلى بېلەن ئەشۇ زېمىنلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇستەھكەم قوغداشقا ئىرادە قىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، كونىستانتونپول ئەسلى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولۇپ، خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى.سۇلتان مۇھەممەد ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆز پايتەختىنى قوغداپ قېلىش ئۇرۇشىدا گەرچە ئىمپىرىيە مەغلۇپ بولۇپ زېمىنىنىڭ يېرىمى قولدىن كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئىستانبولنى ساقلاپ قالغان . ئىستانبول ساقلاپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈنلا تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ ئوخشاشلا ساقلاپ قېلىنغان. مۇبادا قەشقەر پايتەخىت قىلىنسا زاۋۇدلارنىڭ ھەممىسى پايتەخىتكە كۆچىدۇ.يالغۇز مەمۇرى مەركەز بولۇش سۈپىتى بېلەنلا نوپۇسنىڭ 100مىليوندىن  كۆپىيىپ كەتمەسلىك ھالىتىنى  ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى  بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا سۇ بايلىقىمۇ ئىشلىتىشكە تامامەن يېتىدۇ. پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈش تەكلىپىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى ئاددى. مۇبادا پايتەخىت كۆچۈرۈلمىسە مەركىزىي ھۆكۈمەتتە زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ (ھازىرقى ھالەتتىن قارىغاندا بۇ خىل ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ) جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بولغان شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ رايون ئەڭ ئاخىردا قولدىن كېتىشى مۇمكىن.

(ئەسكەرتىش: ئاپتورنىڭ ئىزاھاتىچە بۇ كۆز قاراش پەقەت ئاپتورنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىكەنكى تور مۇنبەرلىرىنىڭ مەيدانى ياكى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدىكەن)


http://www.chinaelections.org/NewsInfo.asp?NewsID=224532

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 02:08 AM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 10 مەن ئۆلگىچەئۇنداقبول.
ئەسلىمە + 10 مەقسەتلىك پىلانلانغا.
sarsan0995 + 20 ماۋۇ تېىمىنىمۇ تاقىدى.
kapsiz + 10 ھارماڭ ئاكا...
atux-0908 + 10 مۇشۇنداق تىمىلارنى بى.
ئۈمىد + 30 ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 90   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش