مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 17

چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا (داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 09:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا


     مەزكۇر تېما ئالدىنقى تېما يەنى «چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا»ناملىق يازمىنىڭ داۋامى. مىسرانىمدىكى ئۇلىنىش ئادىرسى:

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-73516-1-1.html

-------------------------------------------------------------------------

     ئاساسلىقى بەزىبىر چېكىدىن ئاشقان ۋاستىچى شىركەتلەرئارقىلىق ئەكەلتۈرۈپ ئارتۇق چىقىم قىلىۋالماسلىققا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلاي ھەمدە ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ئۆزىنى قايتىدىن بىر دەڭسەپ بېقىش،كېيىنكى نىشان،پىلان،ئىقتىساد مەسىلىسىگە كۆز قاراش تىكلەش..... دېگەن مەقسەتتە يوللاندى.

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش، گاھىدا ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى پەش،چېكىت قاتارلىقلارنى دەل جايىدا ئىشلىتەلمەي قالىمەن.شۇ سەۋەب تۈپەيلى مەزكۇريازمىنى ئوقۇغاچ پەش چېكىتلەرنى دىلىڭىزدا قويۇپ ئوقۇسىڭىزمۇ ياكى ئاۋال چوڭقۇر تىنىۋېلىپ ئاندىن كېيىن بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تېز سۈرئەتتە پەش ۋە چېكىتلەر بار يەرگىچە ئوقۇڭ( چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش ، ماتېرىيال كۆرۈش ناھايىتى جاپالىق بىر جەريان، تېمىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ھەمدە ئوقۇۋاتقاندا ئاز تولا چاقچاق پاراڭلار ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىڭ،شۇندىلا چارچاش ھېس قىلمايسىز.)

--------------------------------------------------------------
نۇرغۇن خەتلەرنى تاپشۇرىۋالدىم، نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە ناھايىتى ئەستائىدىللىق بىلەن بىلىشىمچە مەسلىھەت بەردىم ھەمدە مالايسىيا توغرىسىدا ئۇچۇرلاردىن تەمىن ئەتتىم...لېكىن ئارىمىزدا «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن» دەيدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان سۆز ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، شۇسەۋەب تۈپەيلى ئىنتايىن كۆپ ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتتى،مەنمۇ ئوقۇغۇچى،ئوقۇشتىن سىرت ۋاقتلاردا مېنىڭمۇ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ،شۇ سەۋەب تۈپەيلى كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سۇئاللىرى بولسا ئالدىنقى ۋە بۇ قېتىمقى تېمىنى ئەستائىدىل ئوقۇپ،ئاۋال ئۆزى ئىزدىنىپ بېقىشىنى بەزى سۇئاللارغا قەتئىي جاۋاب تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ياردەم سورىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.مۇشۇنداق بولغاندا بۇ ئىشنىڭ تېگىنى،ماھىيىتىنى،قانۇنىيىتىنى،تەرتىپىنى توغرا ھېس قىلالايسىز.
ھېس قىلىشىمچە ئارىمىزدا چاقىرىق،پاسپورت،ئوقۇش ۋېزىسى،كەسپ ...قاتارلىقلاردا نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارمەۋجۇد ئىكەن،تۆۋەندە مەن ئەڭ كۆپ تاپشۇرىۋالغان سۇئاللار ھەمدە مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلار توغرىسىدا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قالدۇرىمەن.

ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان سۇئاللارنىڭ باش قوماندانى:

مەن پاسپورت بېجىرمەكچى ئىدىم،ماڭا پاسپورت بېجىرىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
جاۋاب: كەچۈرۈڭ،پاسپورتنى مەن بېجىرىپ بېرىشكە ئامالسىزمەن،پاسپورتنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى(ج خ ج) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن(ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن) ئىلتىماس قىلىسىز.

مالايسىيادىن ئوقۇش چاقىرىقى ئەكەلتۈرۈپ پاسپورت بېجىرىپ باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەت ياكى ئوقۇشقا ياكى خىزمەت ۋە ياكى باشقا ئىشلارغا چىقسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ،پاسپورت چىگرىدىن ھالقىش ھوقوقىغا ئېرىشكەنلىك ئىسپاتى خالاس، پاسپورت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن باشقا باشقا دۆلەتلەرنى ئىلتىماس قىلىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش.

مېنىڭ پاسپورتىم بار، چەتئەلگە قانداق چىقىمەن؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن چىقماقچى بولغان دۆلەتنى بېكىتىڭ
ساياھەتكە چىقامسىز ياكى ئوقۇشقىمۇ ۋە ياكى خىزمەتكىمۇ؟
شۇ دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىسىز،ئاندىن ساياھەت ياكى ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ياكى خىزمەتكىمۇ ۋە ياكى باشقىغىمۇ؟
ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ساياھەت ۋېزىسىنى پاسپورتىڭىزغا چاپلىتىسىز،بۇ ھەقتە ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە شۇ دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئوقۇشقا چىقماقچى بولسىڭىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىسىز
خىزمەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىز ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىسىز
باشقىلارمۇ شۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ،ساياھەت ۋېزىسى نورمال ئەھۋال ئاستىدا بىر ئايلىق چىقىدۇ،ۋېزىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋېزا كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرالايدۇ،ۋېزىنى چاپلاپ بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ساياھەتكە ماڭسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ...ئوقۇش ۋېزىسى ۋە خىزمەت ۋېزىسىنى مەكتەپ ۋا ياكى خىزمەت ئورنىڭىز بېكىتىپ بېرىدۇ...
ۋېزا ھەققى ئادەتتە چىقىش تېزلىكى بويىچە ئېلىنىدۇ،ساياھەت ۋېزىسىنى بىر كۈن ئىچىدە چاپلىتىمەن دېسىڭىز 400-500گىچە،3كۈن ئىچدە 300-400 گىچە ....ۋە باشقىچە

مەن پاسپورت بېجىرىش بەك تەس دەپ ئاڭلىدىم،راست شۇنداقمىدۇ؟
جاۋاب: پاسپورت بېجىرىش ئوڭاي ياكى تەس دەپ مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، بۇھەقتە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەترىتى خەنزۇچە( 国保大队 ) گە بېرىپ مەسئۇل ساقچى خادىملاردىن بۇھەقتە سورىسىڭىز بولىدۇ( دۆلىتىمىز قانۇنىدا دۆلىتىمىز ھەر بىر قانۇنلۇق پۇقراسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى بار،بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا)
قىسقىسى- تەۋەككۈل قىلىپ باقمايمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

چەتئەلدە ئوقۇشقا قانداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن پاسپورت بېجىرىشىڭىز كېرەك،ئاندىن كېيىن ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ،كەسپنى،ئوقماقچى بولغان ئۇنۋان قاتلىمىنى بېكىتىشىڭىز كېرەك.
1.پاسپورت ھەققىدە ھەمدە بېجىرىش يول،تەرتىپلىرى ھەققىدە
پاسپورت بولسا دۆلەت چىگرىسىدىن قانۇنلۇق يول بىلەن ھالقىش ئۈچۈن بېرىلگەنلىك ئىسپاتى،دۆلەت چىگرىسىدىن ساياھەت ياكى ئوقۇش ياكى تۇغقان يوقلاش ۋەياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلەت چىگرىسىدىن قانۇنلۇق ھالدا ئاتلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن پاسپورت بولمىسا بولمايدۇ( پاسپورت چىقىپ بولغانلار دىققەت،مېنىڭ پاسپورتىم بار دەپ چىگراغا يېقىن جايلاردىكى تاغلىقلاردىن ئارىلاپ يۈرسىڭىز ئېتىلىپ كېتىسىز جۇمۇ....ھې ھې ھې ...پاسپورتنى ئېلىپ بولغاندىكىن قورقماي ئايروپىلان،راكىتا بىلەن ماڭىمىز دەيمە...)

پاسپورت بېجىرىش يوللىرى؛ نوپۇسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە بولغانلار( ھەممىمىزغۇ شىنجاڭغا تەۋە لېكىن شۇنداق بولسىمۇ نوپۇس نەدە بۇنى بىلىپ باشلىمىساق بولمايدۇ،ھەممىڭلار كىملىكىڭلارغا قاراڭلار،كىملىك نومۇرىنىڭ بېشى 65 بىلەن باشلانغانلارنىڭ نوپۇسى شىنجاڭدا دېگەن گەپ،بېندى شىنجاڭلىق.... ھې ھې ھې )
شىنجاڭدا ھازىر پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن مەلۇم ئىش ياكى سەۋەبىنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك(ئىچكىرى نوپۇسىدىكىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشى بىر قەدەر ئوڭاي،ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ  تاپشۇرىۋەتسىڭىزلا 1 ئاي ئىچىدە كاشىلىسىز قولىڭىزغا تېگىدۇ،ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار 200 كوينىڭ مەرىدىن كېچىپ پاسپورت بېجىرىپ قويۇڭلار)، مەسلەن سىز پاسپورت بېجىرمەكچى، ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ ماڭا پاسپورت كېرەك ئوقۇشقا چىقىمەن دېيىشىڭىز مۆمكىن،لېكىن ئۇلار سىزگە قاراپمۇقويماسلىقى مۆمكىن،چۈنكى سىزدە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق باشقا ماتېرىياللار يوق، ئوقۇش چاقىرىقى دەپ دائىم تىلغا ئېلىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇ...

تەلەپلەر ؛
1؛چەتئەلدىكى مەلۇم مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى
2؛مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشۇ مەكتەپكە تىزىملىتىش ھەققى ۋە ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى
3؛ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا پۇل سالغانلىق ئىسپاتى(ئادەتتە بۇ تالوننى يوقىتىپ قويدىم ياكى ئاشۇ دۆلەتتىكى بىرەر ئاغىنەم ماڭا ۋاكىلىتەن پۇلۇمنى تاپشۇرىۋەتتى دەپ باھانە كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ،لېكىن بۇنى ئورۇندىيالمىغاندىكىن باشقىلىرىنى چوقۇم ئورۇنداڭ)
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ماڭا پۇل سالغانلار مېنىڭ كارتامغا پۇل سالغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ يۈرمەڭ جۇمۇ ھې ھې ھې
4؛شۇ دۆلەتتىكى جوڭگو كونسۇلىنىڭ مەزۇر مەكتەپ قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇلغان،دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ياكى شەخسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپ دېگەندەك ئىسپات
5؛چاقىرىقنى سالغان كونۋېرت(بۇ ناھايىتى مۇھىم نەرسە،چۈنكى بۇ ئارقىلىق چاقىرىقنىڭ ھەقىقىي چەتئەلدىن كەلگەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايسىز،چاقىرىقنى مەندىن تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلار چاقىرىق كەلگەن كونۋېرتنى ناھايىتى ئوبدان ساقلاڭ،ساقچىخانىغا تاپشۇرىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ بىرى مۇشۇ)
6؛نوپۇس دەپتىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسى، نوپۇس دەپتىرىنىڭ بىرىنجى ۋارىقى ۋە ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋارىقى بىر ۋاراق ئۈستىگە چۈشىشى كېرەك،ۋاقتى كەلگەندە ج خ ئورۇنلىرى بۇ تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ
7؛ چەتئەلدىن كەلگەن ھەر بىر ماتېرىيالنىڭ ج خ ئورۇنلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن ئورۇنلارنىڭ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ھەمدە تامغىسى
يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇش، يۇقارقى ماتېرىياللارنى چوقۇم بىر ياكى ئىككى پارچە كۆپەيتىۋېلىڭ
پاسپورت ھەققىدىكى مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلار يۇقارقىدەك،ئەمدىكىسى مەكتەپ تاللاش
مەكتەپ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى توردىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ،مەن ئۆزۈمگە تونۇشلۇق ھەمدە ئوقۇش چاقىرىقىنى تېز سۈرئەتتە چىقىرىپ بېرەلەيدىغان مەكتەپنى كۆرسىتىمەن،لېكىن بۇلارنى تاللىشىڭىز شەرت ئەمەس،ناۋادا ھەقىقەتەن مالايسىيادا ئوقۇش نىيىتىڭىز بولسا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىپ كۆرۈڭ،ناۋادا پاسپورت بېجىرىپ بولۇپ بولۇپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقماقچى بولسىڭىز ھەمدە مەندىن چاقىرىق ئەكەلتۈرمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ مەكتەپتىن ئەۋەتىپ بېرىمەن،باشقا مەكتەپ دەپ قالسىڭىز ئايرىپ ئىزدىنىپ جاۋابىنى بەرسەم بولىدۇ
U.C.T.I
خەنزۇچىسى 亚太科技大学
كەسپلەرنى مۇشۇ مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ
مەكتەپنىڭ تىزىملىتىش ھەققى 2500يۈەن خەلق پۇلى ( بۇندىن بۇرۇن ئالاقىلەشكەنلەرگە 2900 يۈەن دېگەن ئىدىم،بۈگۈن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى  مۇناسىۋەتلىك كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ ئېلخەت ئادىرسىمنى ئېچىپ كەلگەن خەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى،ئەرزانراق قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرسەم ئۇ ماڭا يېڭى باھانى ھېسابلاپ چىقىرىپ بەردى«بۇرۇن مەن جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن»،ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىش ھەققىم يەنىلا بۇنىڭ سىرتىدا، بۇپۇلنى شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى بىر كىشى ماڭا بېكىتىپ بەرگەن،مەن ئۆزۈم بېكىتىۋالغان ئەمەس،مېنىڭ ئىش ھەققىم 200 يۈەنلا خالاس،200 يۈەن بۇيەردە 100رېنگىت قا تەڭ بولىدۇ،100 رېنگىت ئانچە كۆپمۇ ئەمەس...)
مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى ئەكەلتۈرۈش شەرتلىرى؛
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومىنىڭ ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى،قەيەردە تەرجىمە قىلىمەن؟ جاۋاب؛ ج خ ئىدارىسى بەلگىلىگەن تەرجىمە قىلىش شىركەتلىرىدە،公证所قاتارلىق ئورۇنلاردا.
تولۇق ئوتتۇرا 1-2-3-يىللىقتىكى ۋاقتىڭىزدا مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىڭىز ئىسپاتىنىڭ ئېنگىلىزچىسى؛ سىنىپ مەسئۇلىڭىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز چىقىرىپ بېرىدۇ
------------------------------------------------------------
مەن دە تولۇق ئوتتۇرا دېپلوم يوق،پاسپورت بېجىرمەكچى ئىدىم،قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب؛ سىزدە تولۇق ئوتتۇرا دېپلوم يوق بولغان ئىكەن،تولۇق ئوتتۇرا دېپلوم بولىشىنى تەلەپ قىلمايدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى ئەكەلتۈرۈش كېرەك.
بۇنىڭ تىپىك مىسالى تىل تەربىيىلەش مەكتىپى
تىل تەربىيىلەش مەكتىپى ئارقىلىقمۇ پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ،بېجىرىلىش قانۇنىيىتىمۇ ئوخشاش.
تىل تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنىڭ باھاسى مەكتەپكە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ،تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا،كېرەك بولسا ئالاقىلەشسىڭىز ئەھۋالغا قاراپ مەكتەپ ئۇقۇشساق بولىدۇ
------------------------------------------------
بەزى كۆپ سورالغان سۇئاللار يۇقارقى مەزمۇنلاردا قوشۇمچە ھالدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈلدى.
قالدى تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار بولسا مۇشۇ تېمىدىكى بىرىنجى ئىنكاس ئورنۇمغا ئولتۇرغۇزۇپ قويىمەن...
---------------------------------------------------
ئاخىرىدا دوستلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم مەنمۇ ئوقۇغۇچى،ئوقۇشتىن سىرت مېنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىم بار ئەلۋەتتە،ئۆز يۇرتۇمدا 1گە 1 نى قىستاپ ئۆگەنگەن بولسام كىشى يۇرتىغا كەلگەندە 1گە 2نى ئەمەس 3نى قىستاپ تۇرۇپ ئۆگەنمىسەم ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىسام بولمايدۇ،ۋەتەندىكىدەك دائىم تورغا چىقىىپ قۇرۇق پاراڭ سوققىلى ۋاقت بولمايدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقت پەرقى مەۋجۇد،گاھىدا بەزى تورداشلاربىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلىشىۋېتىپ باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇخلاپ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالىدىكەنمەن....شۇ  سەۋەب تۈپەيلى كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە ئالدىنقى ۋە بۈگۈنكى تېمامنى سېلىشتۇرۇپ بېقىپ ھەمدە گوگېل بىلەن بەيدۇنى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئاختۇرۇپ كۆرۈپ يەنە جاۋاب تاپالمىغاندا ئاندىن ئېلخەت ئادىرسىمغا خەت يېزىشىنى سورايمەن.ئېلخەت ئادىرسىم:
AlkamAnwar@Yahoo.com

ناۋادا چاقىرىق كېرەك بولسا ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياكى باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى مۇقىم قىلىۋېلىڭ،يەنى ئاۋال يېقىن دوست بۇرادەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئامال قلىشپ بېقىڭ،ۋاستىچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقەقىلىپ بېقىڭ، چوقۇم مەندىن ئەكەلتۈرۈڭ دېمەكچى ئەمەسمەن، مېنىڭ بۇلارنى جاپا تارتىپ يېزىشىمدىكى مەقسىدىم بىر ئادەمدىن  200 كويدىن پۇل تېپىۋېلىش بىرىنجى مەقسىدىم ئەمەس،چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئاز بولمىغان پۇل كېتىدۇ،شۇ سەۋەب تۈپەيلى كۆپچىلىكنىڭ بىھۇدە خەجلىۋېتىدىغان پۇللىرىنى ئىقتىساد قىلالىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن ھەمدە ياخشى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلالىسام ئاخىرەتتە زەرىچە بولسىمۇ ياخشىلىق كۆرسەمكەن دەيمەن

ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسان قىلىشىنى،ئۆزىگە يېقىن كىشىلەردىن قىلىشىنى تىلەيمەن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 11:27 PM  


foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:08:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى تېمىنىڭ كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى ئۇلىنىش ئادىرسى:
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-18418.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76816
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:33:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالايسىيا ئىنگىلىزچە ئۈگىندىغانلارغا ياخشى يەر جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:51:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur-biz يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 12:33 AM
مالايسىيا ئىنگىلىزچە ئۈگىندىغانلارغا ياخشى يەر جۇمۇ {: ...

سىز تۈركىيەدىمۇ؟مۆمكىن بولسا facebook ئادىرسىڭىزنى ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 03:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-3-13 11:48 PM
رەھمەت ، مەنمۇ چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدا قايتا بىر ئويل ...

جاھان كۆرسىغۇ كۆزى ئېچىلىدۇ،بىلمىگەننى بىلىدۇ،لېكىن جىق دەسمى كېتىدىكەن شۇ....
پۇلنى جىق تېپىپ چىقسا بولىدىكەن ئەسلى، بولمىسا جىىىىىىىىىىىىق جاپا تارتىۋالىدىكەن....

wolves بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 07:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 09:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     زادى نەزەر دەئىرىسىنى كىڭەيىتىپ تۇرغۇلۇق. بىلىم،تەجرىبە-ساۋاق دېگەن ئەسقاتىدۇ، مىنىڭمۇ چىققۇم بار، ئالدىرىماي پۇختاراق تەييارلىق قىلاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 09:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاسپورت بېجىرىشكە بەك جىق يول،بەك جىق ۋاقىت كېتىدۇ دەپ ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئەندىشە بار خۇددى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئوقۇش ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەكلا...مېنىڭ چۈشەنمەيۋاتقىنىم بىز تۇرۇشلۇق ئورنىمىزدا تۇرۇپ چەت ئەلدىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرەلەمدۇق؟ ئۇنداق بولمىسا قانداقلارچە قۇبۇل قىلىش قەغىزىگە ئېرىشەلەيمىز؟

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 03:15:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nawruzay يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 09:47 PM
پاسپورت بېجىرىشكە بەك جىق يول،بەك جىق ۋاقىت كېتىدۇ دەپ ...

بەزى نۇقتىلىق مەكتەپلەر بار،تور يۈزىدە ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان ئېلىپ ئاندىن كېيىن قاراپ ئەۋەتىدۇ....لېكىن مالايسىيادا بۇنداق مەكتەپنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،بۇ يەردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تولۇق ئوتتۇرا دېپلوم ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتتىكى نەتىجىلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ...
لېكىن پاسپورت بېجىرىشكە بەك جىق يول،بەك جىق پۇل كېتىدۇ دېگەن گەپنى ئانچە دۇرۇس دەپ كەتمىدىم.
نېمىلا بولمىسۇن نىيەت بولغان ئىكەن ئۇرۇنۇپ كۆرۈش كېرەك،مەغلۇب بولسا نېمە سەۋەبدىن مەغلۇب بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك(ناۋادا مەسىلە بېجىرگۈچى ئورۇنلاردا بولسا ئاندىن يول قىلىپ باقسىڭىز بۇمۇ قاملىشىدۇ)
لېكىن تورداشلارنىڭ پاسپورت ئۈچۈن ئاۋال ماڭىدىغان ئارقا ئىشىك ئىزدىمەي ئامال ئىزدىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن! ئاۋال ئارقا ئىشىك ئىزدەپ سالسىڭىز كەينى دەرۋازىدا «ھەق ئېلىش پونكىتى» بار ئەمەسمۇ؟
ئارىمىزدا يول ماڭماي تۇرۇپمۇ پاسپورت بېجىرگەنلەر نۇرغۇن، يول مېڭىپ تېز ھەل قىلغانلارمۇ نۇرغۇن.....
قىسقىسى ئۆزىمىز ئۇلارنىڭ قارنىنى يوغانتىۋەتمەيلى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش