11- مارت، 12 يىلدىن بۇيان پەقەت «ھەۋەسكار» سالاھىيىتىدىلا توپ تىپىپ كەلگەن تۇرپاندىكى پۇتبول سۆيەر ئەزىمەتلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا پۇتبولنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەزىمەتلىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان پۇتبولخۇمار مەستانىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، تۇرپان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، مۇنتىزىم يەتتە كوماندا تىزىمغا ئالدۇرغان، 100 گە يېقىن ئادەم / قېتىم بىۋاسىتە قاتناشقان تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» بىرلەشمە مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىپ، 1- ئايلانما مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. مۇراسىمدا، ھەرساھەدىن تەشكىللەنگەن پۇتبولچىلار رەت – رىتى بىلەن تىزىلىپ تۇردى، يىراق – يېقىندىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىپ، مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇنتىزملاشقان ئەل ئىچى تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشتى. ئۆز يۇرتىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇنتىزملىشىۋاتقانلىقىنىڭ شاھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە خۇشال بولۇشتى. شەھەر ئاھالىسى لى شىجې مۇنداق دېدى: بۈگۈن پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم، تۇرپاننىڭ ئۆزىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بار بولدى، بىرلەشمىنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە كەلمىكى ئاسان ئەمەس، بىزگە ئوخشاش پۇتبول مەستانىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ۋاقىتنى كۈتكىلى خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، تېخىمۇ كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دېھقانلار، مۇخبىرلار، خەلق ساقچىلىرى، قاسساپ، تۆمۈرچى، تاكسى شوپۇرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى پۇتبول سۆيەر ئەزىمەتلەر يىغىلغان بولۇپ، ئون قانچە يىلدىن بۇيان، مەيلى 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق تومۇز ئىسسىق بولسۇن ياكى قەھرىتان سوغۇق بولسۇن ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر كۈنمۇ سۇۋۇپ قالغىنى يوق. ئۇلار شۇ قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز – ئارا تونۇشتى، مەيداندا سەپداش، مەيدان سىرتىدا دوست بولۇشتى. مۇراسىمدا تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ يۇڭ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى ئىسھاقجان لىتىپلار تونۇشۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۇتبول تۇرپاندىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ئورتاق ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھەرساھە، ھەر كەسىپلەردە پۇتبولنى قىزغىن سۆيۈپ قوللاپ كېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىكىدىن تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەيدانىغا يىغىلىپ، ھەرخىل كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، تۇرپاننىڭ تۇمۇز ئىسسىق ياز پەسلىدە بولسۇن ياكى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە بولسۇن، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەيدانىدا ھەر ھەپتە ئاخىرىدا پوتبول تىپىۋاتقان ھەرخىل قۇرامدىكىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تۇرپاندىكى پۇتبولچىلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ساغلاملىق ۋە تەنھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، پۇتبول سۆيەر شەھەر ئاممىسىنى ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشىدا يەرلىك مۇسابىقىلەردىن ھوزۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەنىيەت- تەنتەربىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ھەردەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە رەھبەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە تۇرپان تەنتەربىيەسىنىڭ مۇنتىزملىشىىشغا يېڭى يول ئېچىپ، تۇرپاندىكى پۇتبول سۆيەر مەستانىلەرگە، ئۆزى سۆيىدىغان ئۆزىنىڭ كوماندىسى بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگۈسى.
مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى، بۇ قېتىمقى بىرلەشمىنى مەبلەغ بىلەن مۇستەقىل تەمىنلىگۈچى قاڭقىل تائاملىرىنىڭ غوجايىنى ئوسمان نىياز ئەپەندى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتپىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ توپ باشلاپ بېرىشى بىلەن مۇسابىقە رەسىمى باشلاندى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 1- باسقۇچتا ھەرقايسى كوماندىلار ئۆز ئارا ئۇچرىشىدۇ، 5- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ؛ 2- باسقۇچتا: شاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغۇچى چېمپىيون بولغان بولىدۇ.
پۇتبولچىلار ۋەكىلى قەسەم سۆزى قىلماقتا
ئەلقىيا كوماندىسى
ئىدىقۇت ياشلار كوماندىسى
توپ كىردى مەنبە: تۇرپان ئۇچۇر تورى (www.tlfw.net) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Atesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 06:11 PM
|