|
|
|
|
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا سىياسەت،سەنئەت،مائارىپ،ئەدەبىيات جەھەتلەردە ھەيرانلىق ھېس قىلغان بىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ بېقىش توغرىسىدىكى سۇئاللارغا ياشلارنىڭ %45.9لىك قىسمى ئۈنۈملۈك جاۋاپ بەردى.
ياشلار ئەڭ ھەيران بولغان ئىسم %21.6بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،ئوغۇللارنىڭ باش مىنىستىر ئەردوغانغا ھەيران قېلىش نىسبىتى %24.6،قىزلارنىڭ نىسبىتى بولسا %18.7بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا ياش نىسبىتى چوڭايغانچە باش مىنىستىر ئەردوغانغا ھەيران بولغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارغان.باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كەينىدىن مۇستافا كامال ئاتاتۈرك،مىللەتچى ھەركەت پارتىيىسنىڭ رەئىسى دەۋلەت باھچەلى،جۇمھۇريەت خەلق پارتىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلى،شائىر نازىم ھىكمەت ران،نەجىپ فازىل كىساكۈرەك،تېنچلىق ۋە دېمگۇراتىيە پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئاخمەت تۈرك( كۈرت مىللىتىدىن -تەرجىماندىن)،ئەل سۆيگەن ناخشىچىلاردىن ئىبراھىم تاتلىسەس،مۇرات بوز ۋە جان يۈجەل قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.
ياشلارنىڭ بىلدۈرگەن ئىسىملىرى ئارىسىغا بىرمۇ ئايال كىرەلمىگەن.
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
مەنبە: http://www.stargazete.com/politi ... an-haber-433492.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 05:12 PM
|
|
|
|
|
|