ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ھەر ساھەدىكى شىركەت خوجايىنلىرى،كارخانىچىلار،باش دىرېكتور ۋە كارخانا خادىملىرى ۋە ئىقتىساد ئىگىلىرى
بىر تىللا تور دۇكىنىمىز پارلان شىركىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پارلان لېكسىيە بىلتىنى توردا سېتىش ۋاكالەتچىسى بولدى،ئۇيغۇر شىركەت، كارخانا خوجايىنلىرغا قولايلىق يارتىش ئۈچۈن تور دۇكىنىمىزدا پارلان شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قېتىملىق لېكسىيە بىلتىنى توردا سېتىشنى رەسمى يولغا قويدۇق..
تور دۇكىنىمىز بىر تىللا تور دۇكىنى تور ئادىرسى:
http://1tilla.taobao.com
بىلەتنىڭ ئەسلى باھاسى 180 يۈەن،تور دۇكنىمىزدىن سېتۋالسىڭىز 130 يۈەن،يەنى 50 يۈەن تېجەپ قالالايسىز.
بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
لىكسىيە تېمىسى:
1.قەرەللىك مال سودىسى توغرىسىدا چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ يېزا -ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا
تەكلىپ قىلىنغان مېھمان:
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتۇر، شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گوروھىنىڭ مۇستەقىل لىدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى سۇلايمان ئىسلام دوكتۇر
2.ئەنگلىيەدىن كەلگەن نىجات ئەپەندى بىلەن خەلقئارا سودا ئانالىزى ھەققىدە سۆھبەت
نىجاد ئەپەندىنڭ تەرجىمھالى
پۈتتۈرگەن مەكتەپ: ئەنگىليە لوندون ئۇنىۋىرىسىتى، ئەنگىليە ۋولۋىرخامپتون ئۇنىۋىرسىتى
كەسپى: پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا باشقۇرۇش ئانالىزى(ماگىستىر)، ئۇچۇر ۋە بازار (باكلاۋۇر)
37-قېتىملىق پارلان لېكسىيە بېلىتى بىر تىللا تور دۇكىنىدا سېتىلىدۇ
ئالاھىدىلكى: بازارئىچىش ۋە ئانالىز قىلىشتا ۋە شىركەت ئسىتراتىيىگىلىك تەرەققىيات پىلان تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش ئانالىز قىلىشتا ئىنتايىن ياخشى
ئىش-پائالىيەتلىرى: مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان. 3 يىللىق ئوقۇشنى 2 يىلدا تاماملاپ، ئەنگىليەگە بىرىپ ئوقۇغان ۋە ئىشلىگەن. ئەنگىليە شوتلاندىيە بانكىسىدا "سودا ئانالىزچىسى" بولغان. ئەنگىليە ئۇنىۋىرسىتىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان. لوندوندا ئىمپورت-ئىكىسپورت شىركىتى قۇرغان. لوندون ئۇنىۋىرسىتىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان. لوندوندا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى قۇرغان.
لىكسيە ئورنى: شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى 8- قەۋىتى
ۋاقتى:2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:20 دە (دەل ۋاقتىدا باشلىنىدۇ)
توردا سېتىشقا مەسئۇل مۇلازىمەتچى: يۇسۇپجان، تېلفۇن:15199009412
تور دۇكىنىمىز بىر تىللا تور دۇكىنى تور ئادىرسى:
http://1tilla.taobao.com
نېمە ئۈچۈن توردا ساتىمىز؟
1.بۇ قېتىم توردا سېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر شىركەت، كارخانا خوجايىنلىرنىڭ تور سودىسىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ۋە ئۆز مەھسۇلاتلىرنىڭ تور سودىسىدىكى كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش.
2.ئەمەلىي باھادىن ئەرزان سېتىپ تور سودىسىنىڭ ئارتۇقچىلقىنى نامايەن قىلىش.
3. جەمئىيەتىتكى تېخمۇ نۇرغۇن ئادەملەرنى تور سودىسى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە قىلىش.
ئەمىليەتتە، تور سودىسى ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس ،ئۇيغۇرلار سودىغا ماھىر مىللەت بولغىنى بىلەن تور سودىسى جەمئىيەت ئارىسىدا تېز راۋاج تاپمىدى، يەنە بىر سەۋەب تور سودىسى توغرىسىدا ماتىرىياللار ئاز. مەخسىتىمىز توردا سېتىش ئارقىلىق ئادەملەرنى تور سودىسى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە قىلىش.
تور دۇكنىدىن بىلەتنى قانداق سېتۋالمىز؟
تاۋباۋ تورى (
http://www.taobao.com)غا تىزىملىتىسىز،ئەگەر تاۋباۋ تورىدا نۇمۇرڭىز بولسا تېخى ياخشى.بىر تىللا تور دۇكىنى (
http://1tilla.taobao.com)مىزغا كىرىپ پارلان شىركىتىنىڭ لېكسىيە بىلتىنى زاكاس قىلسىز ۋە بىزگە ئىسىمىڭىزنى ۋە تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىز ئاندىن بىز سىزگە ئۇچۇر قىلمىز،سىز ئالپاي ئارقىلىق پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن بىز سىزگە پۇل تۆلەپسىز دەپ ئۇچۇر قىلمىز،سىز 3-ئاينىڭ29-كۈنى لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان تۇمارىس مېمانخانىسىغا بارسىڭىز تور دۇكنىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئورنى بار ،بىز شۇ يەردىن توردىن سېتۋالغان ئىسىم ۋە تېلفۇن نۇمۇرىغا ئاساسەن بېلتىڭىزنى ئۆز قۇلڭىزغا بېرىمىز.
توردا سېتىشقا مەسئۇل مۇلازىمەتچى: يۇسۇپجان، تېلفۇن:15199009412
تور دۇكىنىمىز بىر تىللا تور دۇكىنى تور ئادىرسى:
http://1tilla.taobao.com