مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4049|ئىنكاس: 92

يەنە شۇ يۇرتۋازلىقمۇ؟ (ئوقۇپ بېقىڭ)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61274
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 466 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 11:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا يۇرتۋازلىق قىلمايدىغان مىللەتمۇ بارمۇ ؟ ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەممۇ  ئانچە مۇنچە ئۇچرايدۇ شىماللىق ، غەرىبلىك ، ئۇ يەر بۇ يەرلىك دەپ . ئاتۇشلۇقنى ئاتۇشلۇق ، قەشقەرلىقنى قەشقەرلىق ، غۇلجىلىقنى غۇلجىلىق دىمەي نىم دەيدۇ ئەمسە . بۇنداق ئاتاشنى نۇقۇل ھالدا يۇرتۋازلىق جۈملىسىگە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز قاملاشمايدۇ. ئۇنداق دېگەن بىلەن ھازىرغا قەدەر بىرەر ئاتۇشلۇقنىڭ جاھاندا ئاتۇشلۇقتىن باشقىسى ياخشى ئەمەس دەپ جار سالغىنىنى كۆرمىدۇق ھەم ئاڭلاپ باقمىدۇق. بۇندىن كېيىن ھەم شۇنداق بولغۇسى . يۇرتقا بولغان مۇھەببەت ھېسياتى بەزىدە  ھازىر ئومۇمىي ئاتالغۇ بولغان يۇرتۋازلىق نامى ئاستىغا چۆكتۈرىۋىتىلدى.ئاتۇشۇم ياخشى دېسە سەن يۇرتۋاز دىسە، بىرى قوپۇپ قەشقەرنى ، بىرى قوپۇپ غۇلجا تۇرپان خوتەننى داڭلىسا بىز قوپۇپ ئۇنى يۇرتۋازلىق قىلدىڭ دېسەك توغرا بولمايدۇ. كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىنى ماختىسا نىم بوپتۇ . ماختىسۇن. تازا ماختىسۇن . توغرا دەيسىز ھەممىمىز ئۇيغۇر تۇرساق نىمىشقا ئۆزىنىلا ماختايدۇ دەپ ~! كىملىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ. مىللىتى ئۇيغۇر دەپ يازىدۇ . تۇغۇلغان ،تۇرۇشلۇق جايىڭىزنى يازىدۇ .ھېچقايسىمىز تا مۇشۇ چاغقىچە مىللىتى دېگەن جايغا قەشقەرلىق، غۇلجىلىق ، ئاتۇشلۇق دەپ يېزىپ قويغاننى كۆرۈپ باقمىدۇق. شۇنداق . مىللەت باشقا، يۇرت نامى باشقا. ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەربىرىمىز بۇ نۇقتىنى ئوبدان ئايدىڭلاشتۇرىشمىز ، چۈشىنىشىمىز كېرەك. مىللەت بۇ بىر چوڭ ئېتنىك ئۇقۇم . مەن ئۆزەم ئاتۇشلۇق. ئۆتكەندە بىرى مەندىن قەيەرلىك دەپ سوراپ قالدى .ئاتۇشلۇق دېسەم ئۇ دەيدۇ سەن يۇرتۋازلىق قىلدىڭ ،ھەممىمىز بىر ئۇيغۇرغۇ؟ نىمىشقا مەن شىنجاڭلىق دېمەيسەن دەيدۇ. كۆردىڭىزمۇ بۇ ئىشنى ؟ مۇشۇنداق چوققىسىدىن كەتكەن ئادەملەرنى داۋالىسا بولاتتى دە .شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىپ كەتسەك شىنجاڭلىق دەيمىز ، چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتسەك جوڭگۇلۇق ياكى جوڭگۇ شىنجاڭلىق دەيمىز ..
شۇنداق ئىكەن ئاتۇشلۇق دىمەي نىم دىسەم توغرا بولاتتى. مانا بۇ ھازىرقى كۆپىنچە كىشىلىرىمىزدىكى ساختىلاشقان مىللىي ھېسسىياتتۇر. بەزىلەرگە  ئاكتىپ ئوي-پىكىرلەر سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئويلايلى، جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ 《ناتىۋانلار》رومانى مەخسۇس بىزدىكى يۇرتۋازلىق ئىللىتىنى سۆكۈش ،باشقىلارغا ئىبرەت-ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى.
چۈشەنگەنلەر چۈشەندى . چۈشەنمىگەنلەرچۇ ؟ئۇلار نىم دەپ ئويلايدۇ؟ ئەسلى غۇلجىلىق بىلەن قەشقەرلىق، جەنۇبلۇق بىلەن شىماللىق ئۆز-ئارا چىقىشالمايدىغان كىشىلەركەنتۇق دەپ ئويلايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە غۇلجىلىق بولسا قەشقەرلىق ناچار خەق دەيدىغان ، قەشقەرلىق بولسا غۇلجىلىق ناچار خەق دەپ ئويلايدىغان ئاڭ پەيدا بولىدۇ. ئاڭ ئۆز نۆۋىتىدە تەپەككۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇرنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
مەيلى قەيەرلىك بولايلى ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر .ئاتۇش، قەشقەر غۇلجا ، خوتەن، تۇرپان،،،،،،ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارى .10 مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇشۇ مېھېرلىك زىمىندا ياشاۋاتىدۇ. ھە دېسىلا ھەممىنى يۇرتۋازلىق تايىقى بىلەن ھەيدىمەيلى.ئۆز نۆۋىتىدە نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مىللىتى بۇندىن كېيىنمۇ ئاللا خالىسا شانلىق تارىخلارنى ياراتقۇسى .جانابىي ئاللا ھەممىمىزگە ئىناقلىق ، بەرىكەت،ئىنساپ دىيانەت ،تەۋپىق ئاتا قىلغاي.
تاپشۇرۇق بار ئىدى .يازمىنى مۇشۇ يەرگىچە تاماملىيالىدىم.
تەنتەكلىك بىلەن قايناپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىزلەر.













ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
浪漫的回忆 + 50 توغرا پىكىر بوپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كۆرۈنگەن تاغ يىر

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3983
يازما سانى: 690
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 4426 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 12:27:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قىلىقىمىز تۈپەيلىمۇ ھېلىھەممۇ تارتىۋاتىۋاتىمىز تارتقۇلۇقنى ، مۇشۇ قىلىقىمىز ئۆزگەرمەيدىكەن يەنە تارتقۇلىقىمىز بار ....
تېخى خۇدا بەرمەيدۇ دىيىشلىرىمىز بار ، مۇشۇنداق يۇرتۋازلىق قىلساق خۇدا نېمىنى بىرىدىكىنتاڭ؟ ،
ئۇلۇغ ئاللاھ قەۋمىزنى مۇستەككەم، دىلىمىزنى ، دىنىمىزنى مۇستەككەم قىلغايسەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dil@wur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 12:33 AM  


شېرىن خىيالنىڭ ھەۋەسكارى بولغۇچە ، كۈرەشچان يىللارنىڭ ئىجادكارى بول .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4619
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 12:39:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ، ھارمىغايسىز

‹ھېتلىردەك ياشاپ›

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34612
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 01:02:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
......................................................................

داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇق؟

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27357
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 01:08:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزلىگەن يىللار ئاۋۋال دىيارىمىزدا جەڭگى جىدەل قۇرىماي،ھەممە يەرلەر ئىچكى دۈشمەنلەردىن قوغدىنىپ،ئېھتىياتچانلىشىپ،سېپىللىرىنى تاقىشىپ،تا يېقىنقى بىر دەۋىرلەرگىچە ھەممە يەردىكى ئۇيغۇر خەلقى شۇ يەر نامى بىلەن:ئېلى تۈركلىرى،قەشقەر،خوتەن،ئاتۇش،ئاقسۇ،كۇچا ئۇيغۇرلىرى...دەپ بىراۋلار تەرىپىدىن ئاتالغان.ئەمدى كۈنلۈكتە بىز پەقەت قەيەردە تۇغۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە،ئۆز ئاناتىلىمىز،ئۇيغۇر تىلى بىلەن«مەن پالانى يەرلىك»دەيمىز.خۇدايىم ساقلىسۇن يۇرتۋازلىقتىن.ئىش قىلىپ ئىناق ئۆتەيلى ئاكا-ئىنىلەر.ھەدە-سىڭىل مىللەتلەرمۇ ئىناقلىقىمىزدىن زوقلانسۇن.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 01:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر چاغدا بىر جەدۋەل تولدۇردىغان ئىش چىقىپ قېلىپ : مىللەت دىگەن يەرگە:« غۇلجا » دەپ يېزىپ قويۇپىكەنمەن ..ھېلمۇ باشقلار ئەسكەرتىپتۇ..بولمسا ئەلۋەتتە بۇ ئۇقۇشماسلقتىن بولغان .....تۇغۇلغان جايىنى ماقتاش كېرەك ...ئەمما بەزىلەر بەك ئاشۇرۋىتدۇ ...ئۇلارىنى يۇرۇتۋاز دەيمىز شۇ

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4542
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 7148 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 04:08:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوچوق كاللا ، توغرا پىكىر ، تېمىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ناھايتى جانلىق ئېچىپ بىرىلىپتۇ .
قېنى تېما ئىگىسى سىزدىن قوقماي سوراپ باقاي ، سىز نەلىك

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13984
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5489
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 06:38:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت بىر ئىغىز لا گەپ . دىيارىم شىنجاڭ، مىللىتىم ئۇيغۇر ، .............................................

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42009
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2011-5-25
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 07:16:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

‹ھېتلىردەك ياشاپ›

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34612
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 08:40:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچى پۇشۇپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئولتۇرغانلار بىرەر ئىنكاسىنى قوزغىغان تېمىنى كۆرۈپ قالسا ئۆىچىن بىر نىملەرنى جۆيلۈپ قويۇپ چىقكىتىدىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naoruz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 08:43 AM  


داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇق؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش