|
|
|
|
يۇكۇ بىلەن ياڭيو توربىتى پاي ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىرلىشىدىكەن.يۇكۇ تورى 71.6% پاي ھوقۇقىنى ئىگىلىدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۈگۈن(3-ئاينىڭ 12-كۈنى) چۈشتىن كىيىن يۇكۇ تورى بىلەن ياڭيو تورى 100%پاي ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلەشكەنلىنى رەسمى جاكارلىدى. بىرلەشكەندىن كىيىن يۇكۇ پاي چىكى تەخمىنەن 71.5%ىنى ئىگەللەيدىكەن.ياڭيونىڭ پاي چىكى تەخمىنەن 28.5%ىنى ئىگەللەيدىكەن.بىرلەشكەندىن كىيىن يىڭى شىركەتنىڭ ئىسمى يۇكۇتۇدۇ پايچەك مەسئولىيەت شىركىتى (Youku Tudou Inc)بولىدىكەن.يۇكۇنىڭ پايچەكلىرى داۋاملىق نىيۇيورك ئاكسىيەسىدە سودىلىشىدىكەن.كودى YOKUبولىدىكەن. كىلىشىم ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندا،بىرلىشىش كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ياڭيو شىركىتى تارقاتقان ۋە ئىقىپ يۇرگەن بارلىق Aخىلدىكى ئادەتتىكى پايچەكلىرى ۋە Bخىلدىكى ئادەتتىكى پايچەكلىرى بازاردىن چىكىندۈرىلدىكەن.ياڭيو شىركىتىنىڭ پايچەكلىرى(Tudou ADS)بازاردىن چىكىندۈرۈلۈپ 1.595نىسبەت بويىچە يۇكۇنىڭ پايچىكىگە(Youku ADS) قوشىۋىتىلىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،بىرلىشىش تاماملاندىن كىيىن ياڭيو شىركىتى ماركا ۋە سۇپىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالىدىكەن،يۇكۇتۇدۇ (Youku Tudou Inc) توربىتىنىڭ فىلىملىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ياردەم بېرىدىكەن.بۇ قىتىمقى بىرلىشىش ئىككى تەرەپ شىركىتىنىڭ مۇدىريەتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ،لىكىن يەنىلا تاماملىنىش ئەنئەنىۋى پۈتۈشۈش شەرتلىرى ئاساسىدا بولىدىكەن.ئىككى تەرەپنىڭ پايچەكلىرى تەستىقلىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن بىرلىشىش تاماملىنىدىكەن.ئىككى تەرەپ پايچەكلىرى مۇدىرىيەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قىتىمقى بىرلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.بۇ قىتىمقى بىرلىشىش 2012-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسىلىدە تاماملىنىدىكەن.
ئەسلى تېما ئادرىسى:http://tech.qq.com/a/20120312/000388.htm
تەرجىمىدە خاتالىق بولسا توغرا چۈشىنەسىلەر... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 03:54 AM
|
|
|
|
|
|