يۈرىكىم نىداسى...
ئەي جانان، قۇلاق سالغىن، يۈرىكىم ساڭا ئېچىنىشلىق ھالدا خىتىاب قىلۋاتىدۇ، مەن بارچە كۈچۈم بىلەن سېنىڭ مۇھەببەت دەرۋازاڭنى چەكمەكتىمەن. ئەجىبا سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇنچىلىك تاشمۇ؟
سېنى سۆيۈش ماڭا نۇرغۇنلىغان تاتلىق ئازابلارنى ئېلىپ ئېلىپ كەلدى، ئەمما مەن بۇ ئازابلارنى تارتىشقا رازىمەن.چۈنكى، تىكەنسىز گۈل چىرايلىق كۆرۈنمىگىنىدەك، ئازابسىز مۇھەببەتمۇ تاتلىق بىلىنمەيدۇ ئەمەسمۇ؟
تاڭ سابالىرى قاراڭغۇ كېچە ۋەھىمىسنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەقەت سەنلا بولىدىكەنسەن،مەن ئۈچۈن بەخىت دېگەن دەل ئەنە شۇ...
ئەي پاكلىقىتىن لىباس كىيگەن،ئاي نۇرىدىن يۈزىگە نۇر ئالغان، ھايانى ئۆزىگە قالقان قىلغان ئەمبەر پۇراقلىق گۈلۈم، سېنىڭ ئىسمىڭ، ئىسمىڭدىكى ھەربىر ھەرپ يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە ئەبەدىي بېسىقلىق، دېڭىزلار قاغجىراپ، تاغلار ئۇپراپ كەتكەن تەقدىردىمۇ كۆڭۈل ئەينىكىمدىكى ئەشۇ غۇبارسىز سىمايەڭ مەڭگۈ ساقلاقلىق...
نىگارىم، كۆزۈڭنى يۇمۇپ. كۆڭۈل كۆزىڭ بىلەن مۇھەببىتىمگە نەزەر سالغىن، قەلبىڭ بىلەن مۇھەببەت قەسىدىللىرىمنى ئاڭلىغىن، يۈرىكىڭ بىلەن مېنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئالەمچە بەخىتنى قوبۇل قىلغىن.
كۆز ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، يۈرەكنىڭ سۆزلىگۈچىسى، چىن يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان چىن مۇھەببەت پەقەت كۆز ئارقىلىقلا ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ. كۆزلىرىڭ بىلەن كۆزۈمگە باققىن، ئۇ سۆزلەۋاتىدۇ، پەقەت ساڭىلا تەئەللۇق بولغان رىشتەمنى كۈيلەۋاتىدۇ.
دىلبەر، سەن سۆيگۈ ئېتىزىمنىڭ باغۋىنى، مۇھەببەت كۈيلىرىمنىڭ ئىجادچىسى، ئاشىقلىق ئاسمىنىمنىڭ قۇياشى. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاتەش كەبى مېھرىڭ بىلەن يۈرىكىمدىكى سۆيگۈ ئۇرۇقىغا ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭ. سەندىن ئۆتۈنەي، يۈرىكىمدىكى پەيدا بولغان بۇ بىخنى پەرۋىش قىلىپ تۇرغىن، بىز بىرلىكتە سۆيگۈ دەرىخىمىزدىن مول-ھوسۇل ئالايلى.
ئەي جانان، مېنىڭ بۇ ئاجىزانە روھىيتىم ۋە جېنىم سەن ئۈچۈن مەڭگۈ ياشناپ تۇرغۇسى...
ۋېلىيار.ئىلھام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weliyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-12 09:21 PM